- تىزىملاتقان
- 2013-3-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 554
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
10.8%
|
بىر يېرىم سائەتكە سوزۇلغان يېزا سەپىرى داۋامىدا رىزۋان ناھايىتى ھاياجانلىق بىر خىل چىراي ئىپاسىنى ئىزچىل ساقلاپ ،ئۆز يېزىسىغا قاراپلا تۇردى.ئەلۋەتتە مەندەك <<يۇرتۇم>>دىگەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىپ باقمىغان ئادەم بۇ خىل ھېسياتنى چۈشىنىشكە ئەجىزلىق قىلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مەنمۇ ئۇنىڭ كەيپىنى بۇزماي جىمجىت ئولتۇرۇپ ئەتراپتنى كۈزىتىپ ئولتۇردۇم.ئاخىرى جىمجىتلىققا تولغان سەپەرمۇ تۈگەپ ،رىزۋان تەقەززا بولغان يېزىغا يىتىپ كەلدۇق.يېزىنىڭ ئېغىزىدا 50ياشلار چامىسىدىكى تەمبەل كەلگەن بىر كىشى ئاستىغا ئەديال سېلىپ ئولتۇرغانىكەن ماشىنىنى كۆرۈپلا ،ئەدىيالنىڭ قېشىغا قويۇپ قويغان ئايىقىنىمۇ كىيمەي يالىڭاياق بىز تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى.رىزۋانمۇ ماشىنىدىن ئېتىلىپ چۈشۈپ <<دادا!!!>>دىگەچ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.مەن ماشىنىنى توختۇتۇپ ،يۈك تاقلارنى چۈشۈرۈپ ئۇلارنىڭ قېشىغا كىلىپ جىمجىت تۇردۇم.ئۇلار بىر ھازا قۇچاقلىشىپ يىغلاشقاندىن كىيىن ئاران ئۆزىنى توختىتىۋالدى.مەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ:
-زۇنۇن دادا،مەن رىزۋاننىڭ يىگىتى بولىمەن،-دەپ قول ئۇزارتتىم <<بولغۇسى قېيناتام>>غا.
-ھە!!!~~~ئوغاۋالا!!!...ئوبدان كەپلا!..تۆشۈكتەك قايلاپ تۇماي ،كۆتەسىلە بوغجۇمىلىنى~~ رىزۋان خېنىمنىڭ قوسىقى ئېچىپ كىتىدا،-دىدى ئۇ سالامغا ئۇزارتقان قولۇمنى جاۋاپسىز قالدۇرۇپ.قارىغاندا ئۇ <<بولغۇسى كۈيئوغلى>>نى تازا ياقتۇرمىغان بولسد كېرەك....
مەن ئوڭايسىزلىق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ يۈك تاقلارنى كۆتەرگگچ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.ئىككى يېنى يىشىللىق بىلەن تولغان يېزا يولىدا ئىككەيلەن قىززىق پاراڭلىشىۋاتاتتى.
-يائاللا خېنىم،دادىلىرىمۇ ئەستە بارىكەن ھە؟!!،-دىدى زۇنۇن ئىنتايىن ھاياجانلىق ئاۋازدا.
-ھەرگىز ئېسىمدىن چىقمايلا دادا،لىكىن خىزمەت بەك ئالدىراش ئۆزلىرىنىمۇ يوقلىيالمىدىم،-دىدى رىزۋان خىجىللىق بىلەن.
-ياخشى قىزىم.تىرىشىپ ئىشلىسىلە.مەئەللىملىك دىگەن ياخشى خىزمەت.باللىغا ئىلىم بەسىلا چوڭ ساۋاپ بولىدا.لىكىن مىنىما تاشلىۋەتمىسىلە بولامدۇ خېنىم؟،-دىدى زۇنۇن ئۆزىگە ياراشمىغان ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا.
-ماقۇل دادىكا ،مانا سىزنى دەپ كەلدىمغۇ مانا،-دىدى رىزۋان ئەركىلەپ.ئۇنىڭ ۋەزىپىنى دەپ كىلىپ سەۋەبىنى دادىسىغا ئۇستۇلۇق بىلەن ئىتتىرىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ ،ئاياللارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولدۇم.
-ئىشقىلىپ كەگەنلىرى غەنىمەت.ئۆزلىرى بىلىملىك ،زىممىلىرىدا مەسئۇلىيەت ئېغىر.شۇڭىمۇ ئۆزلىرىنى چۈشىنىدىغان بىلىملىك ئادەملەر بىلەن ئارلاشسىلا بولاتتى.بۇنداق كۈندە ئاياغنىڭ پىتىكىگە سەژدە قىلىدىغان ئوغال بالا سىلىگە ياراشمايدا،-دىدى زۇنۇن ماڭا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ.
-دادىكا،..قالغان گەپنى ھېلى قىلىشايلى،توختىنى خىجىل قىلمىسىلا،-دىدى رىزۋان ماڭا يالغاندىن ھېسداشلىق قىلىپ.ھىم....ماڭا بىلىملىك سالاھىيەت ياراشمايدىغاندەك موزدوز قىلىپ قويغىنى ئۆزى ئەمەستەك.
-خىجىل بولمايدا!!!چەم بىلەن ھەپىلىشىدۇ ئەمەسما،-دەپ قويدى زۇنۇن دوق قىلىپ. شۇنداق يەرلىك پاراڭلار بىلەن ئاخىرى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە يىتىپ كەلدۇق.زۇنۇن ئىككى قات قۇلۇپنى ئاۋايلاپ ئاچقاندىن كىيىن:
-چىسىلە خېنىم،ما كونا ھويلىمۇ سىلىگە زار بولۇپ كەتتى جۇما،-دەپ ھويلىغا بىزنى باشلىدى.رىزۋان كىرىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىۋېدىم زۇنۇن ئالدىمغا شاققىدە ئۆتۈپ:
-ئوغاۋالا!!..چوڭلا ئالدىدا ماڭىدا جۇما ما بىزنىڭ ژۇرتتا،-دەپ ماڭا ئالىيىپ قويۇپ ھويلىغا كىرىپ كەتتى .مەن ئۈن سۈرمەي ئۇنىڭ كەينىدىن ھويلىغا كىرىدىم. قارىسام بۇ ھويلا خېلىلا چوڭ بولۇپ ھويلىنىڭ يېرىمىغا لىق كەلتۈرۈپ ئانار دەرىخ سېلىنغان،يەنە بىر تەرىپى پىشايۋان چىقىرىپ،ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن خېلىلا چىرايلىق قىلىپ سېلىنغان ئاسماق ياغاچ ئۆي ،ھويلا بىلەن ئانارلىق باغنى پاكىز سۈپۈرۈپ سۇ چېچىلغان توپا يول ئايرىپ تۇراتتى.رىزۋاننىڭ ھويلىدىكى قەدىمى بارغانسىرى ئىتتىكلەپ،ئەڭ ئىچىدىكى بىر ئېغىز ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن زۇنۇنغا ئەگىشىپ رىزۋان كىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىۋېدىم .زۇنۇن كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ:
-ئۇغاۋالا..ما ئۆي رىزۋان خېنىمنىڭ ھوجرىسى،موزدوزنىڭ بىگىزىدەك ئۇتتۇ كەلگەن يەگە چىرىۋەمەي،پەدىشەپ دىگەننىمۇ بىلىپ قويسىلا جۇما،ماڭسىلا،ئى ~~ئانارلىقنىڭ قېشىدا پىشكە ئارام ئالسىلا، -دىگەندىن كىيىن رىزۋاننىڭ كەينىدىن كىرىپ كەتتى.مەن ئاخىرى ئۇزۇن تەشنا بولغان يلغۇزلۇققا ئېرىشىپ،يۈك تاقنى قويۇپ قۇيۇپ،ۋەزىپىگە نەدىن قول سېلىش توغرىسىدا پىلانغا كىرىشىپ كەتتىم.يېزىنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا نوپۇس ئانچە كۆپ ئەمەستەك قىلىدۇ.دىمەك بۇ زەھەر سودىسىدا چوقۇم يەرلىك كىشىلەرنىڭ قولى بار.يولدا ئۇچرىغانلىكى ئادەم زۇنۇنغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلغىنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ يېزىدا خېلى ھۆرمىتى باردەك قىلىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم ئاۋۋال زۇنۇننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىم كېرەك.شۇلارنى ئويلاۋاتاتتىم زۇنۇن رىزۋاننى باشلاپ ھېلىقى ئۆيدىن چىقىپ كەلدى.
-ئوغاۋالا!!~~~~ھويلىدا بىژ كۈن تۇسىلىما ھېچ كىم سىلىگە كالاچ تىكتەتمەيدا~~بوغژۇمىنى ئېلىپ،ما يەگە چىسىلە،-دىدى زۇنۇن يەنە مەنسىتمەسلىك بىلەن.
-ماقۇل دادا،-پىلانىمنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئۇنىڭ سېسىق گېپىگە مۇلايىملىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ ئۇ كۆرسەتكەن ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.بۇ قېتىم ئالدىراقسانلىق قىلماي ئۇ ئىككەيلەن كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئىشىكتىن كىرىدىم.بۇ ئۆينىڭ يېرىمى بىكار قالدۇرۇلۇپ،يېرىمىغا بەلگە كەلگۈدەك سۆكە چىقىرىلغان بولۇپ،سۆكىنىڭ ئۈستى ۋە سۆكىنىڭ كەينىدىكى كەڭرى تام ئانار گۈللۈك گېلەم بىلەن لىق توشقۇزۇلغانىدى.ئۆي شۇنچىلىك پاكىز تۇتۇلغانىدىكى مۇشۇ ئۆينى زۇنۇندەك بىر ئەر كىشى تۇتتى دىسە خېلى خېلى ئادەملەرمۇ ئىشەنمەي قېلىشى مۇمكىن.
-چىقسىلا قىزىم،كۆپىدە پۇتلىرىنى سوزاپ ئاراملىرىنى ئالسىلا،سۇيقاش تەييار قىلىپ قويغان ھازىرلا پىشىدۇ،-دىگەچ قىزىنى سۆكىگە كەڭ قىلىپ سېلىنىپ،لىق مىۋە-چىۋە بىلەن تولدۇرۇلغان دوستىخانغا باشلىدى زۇنۇن.قارىغاندا قىزىنى دەپ خېلى تەييارلىق قىلغان بولسا كېرەك..
-ياق دادىكا،تاماقنى مەن ئىتەي،ئۆزلىرى توختى بىلەن پاراڭلاشقا ئولتۇرسىلا،مەن تۇرغۇچىدا سىلى ئاش ئەتسىلە بولمايدا،-دىدى رىزۋان ماڭا تونۇش سۆز ئۇسسۇلىنى بىراقلا يەرلىك شىۋىسىگە ئالماشتۇرۇپ.
-ئۇمۇ توغرا ~لىكىن سىلىگە ئايرىم دەيدىغان گېپىم بار ئىدى،قولىنىڭ پەنجىسى بەش بولسا مونۇ ئوغاۋالا تاماقنى تەييار قىلسۇن ،بىز بىردەم مۇڭدىشىۋالايلى،قانداق دىدىم ئوغاۋالا؟؟،-دىدى زۇنۇن ماڭا مەنسىتمەسلىك بىلەن تىكىلىپ.
-ماقۇل دادا.چاتاق يوق.سىلەر مۇڭدىشىڭلار،-دىگەچ كەينىمگە بۇرۇلۇپ تاماق ئىتىشكە ماڭدىم.تاماق ئىتىش ئەلۋەتتە مەن ئۈچۈن ناھايىتى تونۇشلۇق ئىش. چۈنكى بۇ جاسوسلۇق قوللانمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم دەرس.كۆپ ھاللاردا چۆمۈچ كىمنىڭ قولىدا بولسا،تاماق يىگۈچىلەرنىڭ جېنى شۇنىڭ قولىدا بولىدۇ ئەمەسمۇ.ئۆتكۈر زەھەرنى تاماقنىڭ شېرىن تەمى بىلەن يۇشۇرۇپ،رەقىپنى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا ئۇ ئالەمگە ئۇزىتىش جاسوسلار ئۈچۈن ناھايىتى خوشاللىنارلىق بىر ئىش.
-ھويلىدىن كىرگەندىكى ئىككىنچى ئۆي ئاشخانا.يىرتىق كەش بامىكى دەپ قازناققا كىرىپ كەتمىسىلە يەنە،-دىدى زۇنۇن ماڭا بولغان قوپال مۇئامىلىسىدىن يانماي.
مەن ئاددىلا قىلىپ <<ماقۇل دادا>>دىگەندىن كىيىن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتىم.قارىغاندا مىنىڭ زۇنۇن دىگەن بۇ ئادەمگە بەرگەن تەسىرىم بەك ناچار بولسا كېرەك.ھايال ئۆتمەي بىر قازان سۇيقاشنى دۆلەت دەرىجىلىك ئۆلچەمدە ئېتىپ ،ئوچاقنىڭ يېنىدىكى ئىشكاپتىن قاچىلارنى ئېلىپ ئۇسسۇپ،ئۇلار ئولتۇرغان ئۆيگە ئېلىپ كىردىم.ۋە ئەدەپ بىلەن ئاۋۋال زۇنۇننىڭ ئالدىغا ،ئاندىن رىزۋاننىڭ ئالدىغا قويۇپ ،ئاخىرىدىكى يېرىم ئۇسسۇلغان چىنىنى ئۆزەمنىڭ ئالدىغا قويۇپ سۆكىنىڭ گىرۋىكىدىلا پۇتۇمنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇردۇم.ھەممەيلەننىڭ قورسىقى خېلى ئاچقان بولسا كېرەك قاچىلاردىكى مەززىلىك سۇيقاش بىردەمدىلا قۇرۇقدالدى.بىكار ياخشى تەسىر قالدۇرىمەن دەپ ئاشنى ئۆزەمگە ئازراق ئۇسقانلىقىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ قالدىم.
-ھە~~~تاماق دېگەن ئوتياش ياخشى بولىسلا دىۋەڭ ئەتسىمۇ مۇشۇنداق ئوخشايدا،قاندا ئوغاۋالا يۇرتىمىزنىڭ ئوتياشلىرى بولامدىكەن يا؟،-دىدى تۇنجى قېتىم خېلى سىپايە ئاھاڭدا.مەن راسا بىر ماختىۋىتەي دەپ ئەمدى ئاغزىمنى ئۆمەللىشىمگىلا،زۇنۇن <<ئامىن!!!!>>دەپ مەغرۇرلۇق بىلەن دۇئاغا قولىنى كۆتۈردى.بوغۇزۇمغا كىلىپ قالغان گەپلەرنى زورىغا يۇتىۋېتىپ،قولۇمنى ئۇنۇڭغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈپ ،ئىچىمدە ئۇنى تىللاشقا باشلىدىم.<<ھۇ ھىلىگەر قېرى،ۋەزىپىنى دىمىسەم سەن قېرىنىڭ تامىقىنى ئىتىپ،بىشەم قىزىڭغا ھەرگىز مابەت بولمايتتىم.خەپ~~~ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولۇپ،ساڭا مىنىڭ قانداق ئوغاۋالا ئىكەنلىكىمنى بىر تونۇتۇپ قويمىسام>>.شۇنداق ھوزۇرلۇق <<دۇئا>>قىلىۋاتاتتىم.ئۇ خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىپ قالغاندەك <<ئاللاھۇ ئەكبەر!!>>دەپ دۇئادىن قولىنى چۈشۈردى.ھەممەيلەن قولىمىزنى چۈشۈرۈپ بولۇپ،چىش ماتىلىغۇچنى ئېلىپ ،چىشىمىز ئارىلىقىدىكى گۆشلەرنى تازىلاشتۇق.
-قايلىسىلا ئوغاۋالا....ئى قاچىغا ئاشنى ئۆزلىرى ئۇسقاندىكىن ،ئى ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىققا ئاچىقىپ پاكىز يۇيۇۋەتسىلە.ئۈچ قېتىم چايقىسىلا.بىزنىڭ ئۆيدە تاماقنى پاكىز يەيمىز.شۇڭا مىھرىبان خېنىم موزدوز ئاقتى-كۆكتى بولۇپ قامماي ،ئوقۇتقۇچى بولدى،-دىدى ئۇ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا.ئىچىمدە نەچچە قېتىم <<خەپ!!>>دەپ بولغاندىن كىيىن قاچىنى يۇغۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈلۈمسىرىگىنىمچە ئورنۇمدىن قوپتۇم.
-بولدى دادىكا ~~قاچىنى ئۆزەم يۇياي.ئىشىك ئالدىدا قاچا يۇيۇپ ئولتۇرسا توختىنى قوشنىلار مازاق قىلمامدۇ؟،-دىدى رىزۋان ماڭا ھاياتىدىكى تۇنجى ياخشىلىقىنى قىلىپ.
-ياق~~ياق ~~خېنىم..سىلى مىنىڭ قىزىم بولغان بىلەن سىلىنى مەن ئانامدەك كۆرىمەن.ئۆزەم يۇيىۋېتىمەن.ئاباي چاقچاق قىلىپ قويدۇم،موزدوزنىڭ يۇغان قاچىسىدا تاماق يىگىلى بولمايدا،-دىدى زۇنۇن يەنە قەستەن مىنى چېقىپ.ئىچىمدە<<خەپ پوق ساقال قېرى!!سۇيقاشنى ئىتىپ بەرسە،چوشقىدەك خالاپشىتىپ ئىچىپ ئەمدى مىنى مەينەت كۆرىۋاتقىنىنى قارا!!>>دەۋەتكەندىن كىيىن :
-رىزۋان سىز دادام بىلەن ئارام ئېلىڭ ،مەن يۇيىۋېتىمەن،ئاياقنىڭ چەمىنى قۇم قەغەزدە تۈزلىگەن پەدىدە قاچىنى پاكىز يۇيىۋېتىمەن ،-دىدىم چاقچاق قىلىپ كەيپىياتنى ئوڭشىماقچى بولۇپ.
-رىزۋان خېنىم دىسىلە جۇما!!!بېشىمىزدا كۆتۈرەپ چوڭ قىلغان خېنىم بۇ!!،-دىدى زۇنۇن تۇيۇقسىز چالۋاقاپ.مىنىڭمۇ سەۋر قاچام توشقان بولسا كېرەك .ئۇنىڭغا گەپ قايتۇرۇشتىن مەرىم يېنىپ كۈلۈمسىرەپ قويۇپ جىم ئولتۇرىۋالدىم.
-بولدى دادىكا،ئەمدى مېنى ئىش قىلغىلى قويمىسىلا،مەن ھازىرلا كىتىمەن.نەدە دادىسىنى ئىشقا سېلىپ قويۇپ قىزى ئارام ئالىدىغان ئىش باكەن؟،-رىزۋان شۇنداق دىگەچ دادىسىنىڭ تالاشقىنىغا ئۇنىماي قاچىلارنى يىغىپ چىقىپ كەتتى.ئۆيدە زۇنۇن بىلەن ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
-ھە~~ئوغاۋالا،ئاباي مىھرىبان خېنىمنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ گەپلىرىگە ھە دەپ قويدۇم.تولا مىنى دادا،دادا دىمىسىلە ،مەن مىھرىبان خېنىمنى تاماق ئېتىپ قاچا ،يۇيىدىغان،يۈزىدىكى تىرىنى شىلىپلا ،ئاياغنىڭ چەمىنى يامايدىغان،ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىنى يوق موزدوزغا ھەرگىز بەرمەيمەن.مەن قىزىمنى ئوغال بالىنىڭ خۇۋاينىسىغا ئاتاپ باققان،ئەڭ ياخشىسى ئۇخلىماي چۈش كۆرمىسىلە،-دىدى زۇنۇن ناھايىتى ھاكاۋۇرلۇق بىلەن سۆز ئېچىپ.
-مەن رىزاننى،ياق رىزۋان خېنىمنى ياخشى كۆرىمەن دادا.ئۇمۇ ھەم شۇنداق.قولۇمدا گۈلدەك ھۈنىرىم بار ئۇنى ھەرگىز خار قىلمايمەن،-دىدىممەن سەمىمى قىياپەتتە.بۇ تېمىدا ئۇتتۇرىۋېتىشكە قەتئى بولمايتتى.چۈنكى سالاھىيەتنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ۋەزىپىنىڭ بىرىنچى قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
-قۇرۇق گەپنى قوي.كونا تۈگمەننىڭ ئۆز چېغىدا نورى بار.قىزىمغا چاپلىشىۋالماي،ئۆز خىلىڭدىكى بومو بولامدۇ،تازلىقچى بولامدۇ بىرەرسىگە چاپلاش.سىنى ئۇنداقلارمۇ ياراتمىسا يولدىن چىكەتكەن بىرەرسىنى ئېلىپ،جەمىيەتنى تۈزىسەڭ ساۋاپ بولىدۇ،بىلدىڭما ئوغاۋالا؟!!!،-دىدى ئۇ بىراقلا قوپاللىشىپ.قارىغاندا ئۇنىڭغا سىلىق ۋاستىلەر كار قىلىدىغاندەك قىلمايتتى.بۇ مىنىڭلا ۋەزىپەم بولمىغاندىن كىيىن توپنى ئاۋۇP0خېنىمغا تېپىپ بېرىشنى قارار قىلىپ:
-سىلىنىڭ گەپلىرى ناھايىتى توغرا دادا،لىكىن رىزۋان خېنىم ئۇنىماسمىكى.....دەپ كەلسەك ئىككىمىزنىڭ ئىشىدا رىزۋان خېنىم كۈچەپ ۋۇجۇدقا چىقارغان،-دىدىم يەرگە قاراپ ئامالسىز بۇ گەپلەرنى دىگەن قىياپەتتە.
-چەم چاينىغاندەك ،تىللىرىنى چاينىماي گەپنى ئوچۇق قىسىلا!!،مىھرىبان خېنىم كۈچەپ قاندا قىلدە؟؟؟؟،-دىدى زۇنۇن غەزەپ بىلەن ماڭا تىكىلىپ.
-شۇ..شۇ...دىسەم خاپا بولۇپ قالارلىمىكىن،-دىدىم يەردىن بېشىمنى ئۈزمەي يالغان دۇدۇقلاپ.
-تىلىڭنى چاڭينىماي گپ قىلاۋا،-دىدى زۇنۇن يەنە غەزەپ بىلەن.
-شۇ..شۇ..بىر كىچىسى رىزۋان...ياق..ياق رىزۋان خېنىم مىنى تىكىدىغان ئاياق بار دەپ ياتىقىغا ئاپىرىپ....ياتىقىغا ئاپىرىپ،-مەن شۇنداق دىگەچ ئاۋازىمنى بارغانسىرى پەسەيتىپ گەپتىن توختىۋالدىم.
-نىمە بولدى،-دىدى ئۇ كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئېچىپ ماڭا تىكىلىپ.ئاچچىقتىن ئۇنىڭ ساقاللىرى لىك-لىك قىلىپ سەكرەيتتى.
-سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ....شۇنداق دەپ....،-يەنە ئابايقىدەك گەپتىن توختىۋالدىم مەن.
زۇنۇن ئورنىدىن سەكرەپ قوپقانچە ياقامدىن ئېلىپ،يەرگە قارىۋالغان يۈزۈمنى مەجبۇرى ئۆزىگە قارىتىپ:
-ئەمدى تىلىڭنى چاينايدىغان بولساڭ بوينۇڭنى ئۈزىۋېتىمەن،-دىدى غەزەپ بىلەن.ئۇنىڭ شۇنچىۋالا تېرىككىنى كۆرۈپ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكى،
ۋەزىپىنى دېمەيدىغان بولسام چوقۇم راسا بىر ھوزۇرلىنىپ كۈلىۋالغان بولاتتىم.
-شۇ...شۇ...سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ ماڭ ئېسىلىۋالغانتى..مەن ئوغال بالا بولغاندىن كىيىن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي.
-چىنە ساقما!!!!،-دىدى ئۇ ياقامنى تېخمۇ زەردە بىلەن سىقىپ گېپىمنى بۆلۈپ.
-چېقىلىپ كەتتى،-دىدىم مەن قورققان قىياپەتتە.
-ھۇ،ئاناڭنى ماز پەينەك،تېخى قىزمغا بەدنام چاپلاۋاتامسەن؟سەن غىتمەكنىڭ جېنىنى ھازىرلا ئالىمەن،-ئۇ شۇنداق توۋلىغاچ كونتىروللىقىنى يوقىتىپ بار كۈچى بىلەن گېلىمنى سىقىشقا باشلىدى.مەن ئادەتتە بىر تىنىق ئېلىۋالسام ،سۇغا خېلى ئۇزۇن شۇڭغۇيالايمەن.بۇمۇ بىزنىڭ كەسپتىكىلەر ئۈچۈن مۇقەررەر ماھارەت.شۇڭا تەمتىرەپ كەتمەي رىزۋاننىڭ بۇ قالايمىقانچىلىقنى يىغىشتۇرىشىنى ساقلاپ تۇردۇم.دەرۋەقە زۇنۇننىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك رىزۋان ھايال ئۆتمەيلا يۈگۈرەپ كىرىپ:
-نىمە بولدى دادىكا،توختىنى ئاۋال قويۇپ بەرسىلە...ئۇ ئۆلۈپ قالىدۇ دادىكا،-دىگەچ دادىسىنىڭ قولىدىن تارتتى .
-ما مۇناپىق،ئۆزلىرىگە بەدنام چاپلاۋاتىدا،نېرى تۇسىلا،بۇ خوتۇنتالاقنى بوغۇپ تاشلاپ نىمە كۆرسەم كۆرىمەن...ھىق....ئوغالۋالىنىڭ خۇۋاينىسى جۇما مەن،-دىدى زۇنۇن رىزۋاننىڭ ئۇنى تارتقان قولىنى سىلكىۋېتىپ.
-نېمە بەدنام چاپلىدى؟؟دادىكا ئاۋۋال ئۇنى قويۇۋەتسىلە...چوقۇم ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ،توختى ئۇنداق بالا ئەمەس،-دىگەچ ماڭا بىر قاراپ قويدى رىزۋان ئەجەبلىنىپ.
-ئىسىت قىزىم،مۇشۇ مۇناپىققا يان بېسىۋاتامدىلا،بۇ مۇناپىق چىنىنى چېقىۋەتتىم دەۋتىدا،-دىدى زۇنۇن گېلىمنى قويۇۋېتىپ ،بۇرنۇمغا نوقۇپ سۆزلەپ.
-نېمە چىنە؟ئۇ قايسى چىنىنى چېقىۋېتىپتۇ؟بولدى دادىكا..راس چېقىۋەتكەن بولسىمۇ،بىرەر چىنىنىڭ كارايىتى چاغلىق،توختىنى خىجىل قىلمىسىلا ،-دىدى رىزۋان گەپنى چۈشەنمەي.مەن ئۇنىڭ بىلمەستىن ماڭا بولۇشۇپ بۇ قېرىنى جىلە قىلىپ بەرگەنلىكىدىن شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكى بۇ خوشاللىقنى سىلەرگە ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.
-ئەستا...قانداق دىسەم بولا..نىم دىسەم بولا....قىزىم ئۇ سىلىدىكى چىنىنى چېقىۋەتتىم دەيدا!!!!!!!!،-دىدى ئۇ بىر قولىنىڭ دۈمبىسىنى يەنە بىر قولىنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ چالۋاقاپ.
-بۇ..بۇ....،-رىزۋان بۇ گەپنى ئەمدى ئاڭقىرىپ ماڭا غەزەپ بىلەن قاراپ نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي قىزىرىپ تۇرۇپ قالدى.مەن ئامال يوق دىگەن قىياپەتتە ئۇنىڭغا قاراپ قويغاندىن كىيىن،يەرگە قاراپ تۇرىۋالدىم.ئىچىمدە ئابايقى خوشاللىق تېخىچە ھۆكۈم سۈرەتتى.
-يالغان دەۋاتىدي دىسىلە خېنىم ،بىر دىسىلە،ھازىرلا بۇ مەلئۇننى بوغۇپ تاشلاپ،مىنىڭ بىر تال قىزىمغا قارا چاپلىغان بۇ مەلئۇننىڭ جاجىسىنى بېرەي،-دىدى زۇنۇن قاتتىق غەزەپ بىلەن.
-ئۇ راست دەيدۇ..دادىكا...مەن ئۆزەم رازى بولغان،-دىدى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ لېۋىنى چىشلەپ.ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ ئاتا-بالا بىشەملەردىن دەردىمنى تازا ئېلىۋالغانلىقىم ئۈچۈن ئىچىمدىكى خوشاللىق ئەۋجىگە چىقتى.
بۇنى ئاڭلىغان زۇنۇن غەزەپ بىلەن ماڭا بىردەم قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-خوش...ئوغاۋالا...سىلى زادى بىگىزگە تايىنىپلا جان باقىدىغان ئوخشايلا.......خەير..خەير...ئىست ئەقىلسىز قىزىم.....خەير،-دىگىنىچە ئەلپازىدىن بوشاپ ،سۆكىگە بېرىپ لەسسىدە ئولتۇردى.
-خاتىرجەم بولسىلا دادا،گەرچە باشتا بۇ ئىشلار مىنىڭ ئىختىيارىم بىلەن بولمىغان بولسىمۇ،رىزۋان خېنىمنى چوقۇم قەدرلەيمەن،-دىدىم ئۇنى داۋاملىق تېرىكتۈرۈپ.
-يوغان ئىش قىلىدىكەنلا....كەچ بولاپ قالدى ئىككىلىرى ئارام ئېلىشسىلا....چىنىما سۇنۇپتۇ....بوپتۇ. رىزۋان خېنىم ئورۇن سالسىلا،توختاخۇنغا مېنىڭ يېنىمغا ئوران سېلىپ بەرسىلە...مۇڭدىشىپ ياتىلىك،-دىدى ئۇ زەردە بىلەن رىزۋانغا قاراپ.
-ماقۇل،دادىكا..،-رىزۋان ماڭا زەردە بىلەن بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،قىزىرىپ پىشقان ئانارغا ئوخشاپ قلاغان يۈزىنى تۆۋەن سېلىپ،داستىخاننى يۇغۇشتۇرۇپ،ئورۇن كۆرپىلەرنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى.زۇنۇن دېگەن جاھىل قېرى پۇشۇلداپ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئابايىقى نوچىلىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.راست گەپ قىلسام ئۇنىڭغا بىر ئاز ئىچىم ئاغرىپمۇ قالدى.رىزۋان ئورۇننى راسلاپ بولۇپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن،ئىككەيلەن يانداش سېلىنغان كۆرپىگە كىرىپ ياتتۇق.
-ئوغاۋالا~~~ئېتىز ئىشىغا جان بارمۇ يا؟؟؟،-دىدى زۇنۇن ماڭا تەتۇر قاراپ يېتىپ.
-چاتاق يوق،-دىدىممەن ئىشەنچىلىك قىلىپ.
-ئەتە كۆرىمىز،ئەمدى ماڭائىچ كۈيئوغال بولاپ قالىدىغان ئوخشايلا.....ئەتە ئېتىزغا مەن بىلەن بىللا چىقىلا..بالدۇر ئۇخلىسىلا،-دەپ گەپتىن توختىدى ئۇ.
مانا پۇرسەت دىگەن مۇشۇ نى-نى چېنىقىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن مەندەك ئادەم ئۈچۈن ئېتىزدا راسا ئىشلەپ ئۇنى ھەيران قالدۇرىۋېتىش تەس دەمسىز؟؟؟
بولدى ئەمدى مەنمۇ ئارام ئالاي..شۇلارنى ئويلىغاچ كۆزۈم ئەمدى ئۇيقىغا بېرىۋېدى،بۇ قېرى مەن بىلەن قېرىشقاندەك بولۇشىغا خوررەك تاتىشقا باشلىدى.
ئۇ خوررەكنى شۇنچكىك قاتتىق تارتىدىكەنكى ئىختىيارسىز خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرگەن:
ئاھ خۇدايا نىمىشقا ياراتقانسەن خورەكنى،
خورەك تارتقان زۇنۇننى يولاتمىغىن يېنىمغا.
بېشىدا بوش-بوش خورەك،ئارقىدىن قوش-قوش خورەك،
خورەك تارتقان ئادەمگە پەشۋا-بىلەن مۇش كېرەك.
دىگەن قوشاق ئىسىمگە كىلىۋالدى....ئەپسۇس شارائىت تۈپەيلى ئەڭ ئاخىرقى بىر مىسرانى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولالماي ئاخىرى بىر چاغلاردا بىزارلىق بىلەن ئۇخلاپ قاپتىمەن .
داۋامى بار
|
|