قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2705|ئىنكاس: 62

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېزىقلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

0

دوست

2086

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7212
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 104
تۆھپە : 584
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 17:25:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېزىقلار
ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر

     ئۇيغۇرلار 6-ئەسىرلەردىن باشلاپ قەدىمكى ئارامى يېزىقى ئاساسىدىكى سوغد يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى خاتىرلىگەن. تارىخ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلكىگە ماسلاشتۇرۇپ، بىر قاتار ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق سوغد يېزىقى ئاساسىدا ئېلىپبەلىك يېزىق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى بارلىقققا كەلتۈرۈپ 8-ئەسىردىن باشلاپ قوللىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ خېلى بىرمەزگىلگىچە ئۇرقۇن-يېنىسەي يېزىقى بىلەن بىرقاتاردا قوللاندى. 9-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، تۇرپان ئويمانلىقى، جۈملىدىن ئۇتتۇرا ئاسىيا رايۇنىدا  بۇ يېزىق كەڭ قوللىنىلدى. مۇڭغۇل ئېستىلاچىلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى قۇبۇل قىلىپ، ھاكىمىيەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىشى ئارقىسىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ناھايىتى كەڭ تاقالدى.
      ئىسلام دىننىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا تارقىلىشى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دىني  ئۆچمەنلىكنىڭ نشانى سۈپىتىدە، ئاۋۋال قەشقەرنى مەركەز قىلغان قاراخانىلار زىمىنىدا، كېيىنچە ئۇيغۇرلار توپلاشقان باشقا يۇرتلاردا ئاستا-ئاستا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئورۇن بەردى. ۋاقىت جەھەتتىن بۇ يېزىق 1000يىلغا يىقىن ۋاقىت قوللىنغان بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 -11-ئەسىرلەرگىچە، تۇرپان، قۇمۇللاردا 14-15-ئەسىرلەرگىچە، ھازىرقى ئافغانىستان تەۋەسىدىكى خۇراسان ۋە ھازىرقى ئىران تەۋەسىدە قۇرۇلغان ئالتۇن ئوردىدا 16-ئەسىرلەرگىچە، گەنسۇ تەۋەسىدىكى يۇغۇرلار رايونىدا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە  قوللىنىلدى.  قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى يۇقىرىدىن تۈۋەنگە، سولدىن ئوڭغا يېزىلىدۇ. جەمئي 22 ھەرىپ بولۇپ، 5ھەرىپ سەككىز سۇزۇق تاۋۇشنى، ئۈچ ھەرىپ ئىككىدىن ئالتە تاۋۇشنى، 14ھەرىپنىڭ ھەربىرى بىردىن 14تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ. ھەربىر ھەرىپنىڭ باشتا، ئوتتۇرىدا، ئاخرىدا كېلىدىغان ئۈچ خىل شەكلى بار.
قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىرخىل تاۋۇشلۇق يېزىق بولغاچقا ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ناھايىتى ئىلغار يېزىق سۈپىتىدە تەسىرى زورئىدى. شۇڭلاشقا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسدا ، قىتانلار قىتان يېزىقىنى، مۇڭغۇللار مۇڭغۇل يېزىقىنى، مۇڭغۇللار يېزىقى ئاساسىدا مانجۇلار مانجۇ يېزىقىنى، مانجۇ يېزىقى ئاساسىدا شىبەلەر شىبە يېزىقىنى ئىجات قىلدى.

قىتان يېزىقى:
       قىتانلار ئەڭ دەسلەپ ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لىياۋخې دەرياسى بويىدا ياشىغان قەدىمكى مانجۇ-تۇڭغۇس تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان قەۋم بولۇپ، مىلادىيە907-يىلى قىتانلارنىڭ سەركەردىسى يوللىغ ئاپاگى قىتان خانلىقىنى قۇردى . بۇ مەزگىللەردە قىتانلار خەنزۇ يېزىقى ئاساسىدىكى چوڭ قىتان يېزىقىنى قوللىناتتى. 926-يىلى يوللىغ ئاپاگىنىڭ ئوغلى يوللىغ تالا قىتان تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا كىچىك قىتان يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يېزىق قىتان خانلىقى بىلەن گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئوتتۇرسىدىكى خەت – ئالاقىلەردە كۆپرەك قوللىنىلدى. قىتان خانلىقى گۇمران بولۇپ، يوللىغ تاشىن قىتانلارنى باشلاپ، غەرىپكە كۆچكەندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە، چوڭ قىتان يېزىقى ۋەكىچىك قىتان يېزىقى تەڭ قوللىنىدى. 1131-يىلى قاراقىتان خانلىقى قۇرۇلۇپ، بۇ خانلىق ھۈكۈمرانلىق قىلغان جايلاردا، قىتانلار يەرلىك قەبىللەر ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك قەۋىملەر ئىچىگە سېڭىپ تەدرىجى ھالىدا قىتان يېزىقىدىن ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى—خاقانىيە يېزىقىغا كۆچتى. قاراقىتان خانلىقى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن قىتانلارنىڭ ئۆزىمۇ، يېزىقىمۇ تارىخ سەھنىسىدىن يۇقالدى.      

خۇتۇم مۇڭغۇل يېزىقى:
           1204-يىلى   چىڭگىزخان نايمانلارنى بۇيسۇندۇرغاندا ئەسىرگە چۈشكەن نايمانلارنىڭ مۆھۈردارى، ئۇيغۇر ئالىمى تاتاتۇڭاغا مۇڭغۇل خانزادە-بەگزادىلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۈگىتىشنى بۇيرىدى. شۇندىن كېيىن تاتاتۇڭانىڭ مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكگە ئاساسەن ئىسلاھ قىلىشى بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى مۇڭغۇل يېزىقى بارلىققا كەلدى. بۇ يېزىق ئىلىم ساھەسىدە، مۇڭغۇلچە <<خۇدۇم-ئۇيغۇر>> نامى قۇشۇلۇپ << خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى>> دەپ ئاتالدى. تىبەت لاما دىنىنىڭ تەسىرىدە، قۇبلايخاننىڭ پەرمانى  بىلەن، 1269 -يىلىدىن باشلاپ مۇڭغۇللار باسبا يېزىقىنى قوللىنىلىپ، خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىش مەلۇم دائىرىدە يەكلەشكە ئۇچرىدى. 14-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، مۇڭغۇل ئالىمى چۆجوۋسىر باسبا يېزىقىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرگە ئاساسەن، خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىپ، مۇڭغۇل تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. بۇ يېزىقتا 29ھەرىپ بولۇپ، سۇزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان5 ھەرىپ، ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان 24 ھەرىپ بار.شۇنداقلا ھەربىر ھەرىپنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاخىرقى قىسىمىغا ئۇلىنىدىغان شەكىللىرى بار. بۇ يېزىقنى جۇڭگو ۋە مۇڭغۇلىيەدىكى مۇڭغۇللار تا ھازىرغىچە قۇللىنىۋاتىدۇ. 1648-يىلى تود مۇڭغۇل يېزىقى بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ، 1982-يىلغىچە شىنجاڭدا خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى قۇللىنىلمىدى. 1981-يىلى10-ئايدا 3-نۆۋەتلىك شىنجاڭ مۇڭغۇل تىلى خىزمىتى يىغىنىدا، شىنجاڭدا خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى. شۇنداقلا شىنجاڭ ئۇيغۇر  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈردى. شۇندىن كېيىن، شنجاڭدىكى مەكتەپ ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى قوللىنۋاتىدۇ. شىنجاڭدىكى بۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان مۇڭغۇللار ئىچىدە ياشلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

تود مۇڭغۇل يېزىقى:
         1648 -يىلى شىنجاڭدىكى ئويرات مۇڭغۇللرىنىڭ خۇشۇت ئۇرۇقىدىن راھىپكالان زەيەنبەندىدا شىنجاڭدىكى ئويرات  دېيالىكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرۇپ، خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىنى ئسلاھ قىلىپ، ئويرات مۇڭغۇل دېئالىكتى ۋە تىل ئالاھىدىلىكىنى بىر قەدەر تۇغرا ئىپادىلىيەلەيدىغان ئويرات دېئالىكتىدا، <<ئېنىق يېزىق، روشەن يېزىق>> مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان <<تود مۇڭغۇل يېزىقى>>نى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يېزىق  ئۇيرات مۇڭغۇللىرى ئارسىدا ئوموملاشتى. تود مۇڭغۇل يېزىقىدا، قۇتۇم مۇڭغۇل يېزىقىغا قارىغاندا سۇزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپلەر كۆپەيگەن، ئۇزۇن سوزۇق تاۋۇشلار ئالاھىدە بەلگىلەر بىلەن ئىپادە قىلىندىغان بولۇپ، جەمئىي31 ھەرىپ بار، بۇنىڭ ئىچىدە سۇزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان 7ھەرىپ، ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان24 ھەرىپ بار. بۇ يېزىق پەقەت شىنجاڭدىكى ئۇيرات مۇڭغۇللىرى ئارسىدا قوللىنىلىدۇ. 1982-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تۆت مۇڭغۇل يېزىقىنى قوللىنىشتىن تەدرىجى خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقىغا ئۆتۈش توغرىسىدا ھۆججەت چۈشۈرگەن بولسىمۇ، شىنجاڭدىكى مۇڭغۇل زىياللىرى ئىچىدە بۇ توغرىسىدا تا ھازىرغىچە تالاش–تارتىش ئۈزۈلمىدى. شۇڭلاشقا شىنجاڭدا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى ۋە تۆت مۇڭغۇل يېزىقى ئورتاق قوللىنىلىدۇ. مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئاپتورنىڭ قايسى خىل يېزىقنى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلنىدۇ.  شىنجاڭدا بۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان مۇڭغۇللار ئىچىدە 40ياشتىن يۇقرىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.

مانجۇ يېزىقى:
            چىڭ تەيزۇ نۇرخاچنىڭ پەرمانىغا بىنائەن، 1599-يىلى مانجۇ ئالىملىرىدىن ئېردەن ۋە گاگاي ئىككەيلەن خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا، مانجۇ يېزىقىنى ئىجات قىلدى. بۇ مانجۇ يېزىقىنىڭ ھەرىپ شەكىللىرى ۋە ھەرىپلىرى خۇدۇم مۇڭغۇل يېزىقى بىلەن ناھايىتى ئۇخشايىتتى. بۇ يېزىق 30نەچچە يىل ئىشلىتىلگەندىن كىيىن، چىڭ تەيزۇڭ قۇنتەيجىنىڭ پەرمانى بويىچە، مانجۇ ئالىمى داقاي 1632-يىلى مانجۇ يېزىقىنى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلدى. شۇندىن كىيىن مانجۇ يېزىقىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل ھەرىپ سېستىمىسى ۋە ئىملا قائىدىسى بارلىققا كەلدى. بۇ يېزىقتا  40ھەرىپ بولۇپ ، سۇزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپىتىن 6ھەرىپ، ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپتىن24ھەرىپ، سىرتتىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشقا قوللىنىلدىغان ھەرىپتىن 10 ھەرىپ بار.بۇ يېزىق يۇقىرىدىن تۈۋەنگە، سولدىن ئوڭغا قارىتىپ يېزىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ يېزىقى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كەڭ قوللىنىلدى. 1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابى پارتىلاپ، چىڭ سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىن، مىنگو ھۆكۈمىتى مانجۇ يېزىقىنى قوللىنىشنى چەكلىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ،1950–يىلىدىن باشلاپ مانجۇ يېزىقىنى قوللىنىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئەپسۇس، كۈنىمىزدە مانجۇلارنىڭ كۈپنچىسى مانجۇ يېزىقىنى تۇنىمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى مانجۇلارلا تۇنۇيدۇ.
شىبە يېزىقى        : شىبە تىلى ئالتاي تىللىرى سېېتىمىسى مانجۇ-تۇڭغۈس تىللىرى مانجۇ تىل تارمىقىغا تەۋە بولۇپ، شىبە تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ ٪80تىن كۆپرەكى مانجۇ تىلىدىن كەلگەن. شۇڭا شىبەلەرنىڭ مانجۇلار بىلەن تىل جەھەتتىكى ئورتاقلىقى سەۋەپلىك، شىبەلەرمۇ 1632–يىلدىن باشلاپ مانجۇ يېزىقىنى ھەرقايسى تەرەپلەردە كەڭ قوللىنىشقا باشلىدى. 1764 -يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن شىبە ئەسكەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىدىن بولۇپ 3200دىن ئارتۇق كىشى شەرقىي شىمالدىن ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، شىنجاڭغا شىبە يېزىقىنى ۋە تىلىنى ئېلىپ كەلدى. كېيىن بەزى شىبە زىياللىرى لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى شىبە يېزىقىغا كۆچۈشنى ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. 1948-يىلى شىبە زىيالىلىرى شىبە تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلاشتۇرۇپ، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىشلىتىپ، كېلىۋاتقان مانجۇ يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىپ ھازىر قوللىنۋاتقان شىبە يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يېزىقتا 29ھەرىپ بولۇپ ، سۇزۇق تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپىتىن 5ھەرىپ، ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدىغان ھەرىپتىن24ھەرىپ بار، بۇ يېزىق يۇقىرىدىن تۈۋەنگە، سولدىن ئوڭغا قارىتىپ يېزىلىدۇ. جۇڭخۇا مىنگۇ دەۋرىدە مانجۇ يېزىقنىڭ چەكلىنىشى بىلەن، شەرقىي شىمال ئۈچ ئۆلكىدىكى شىبەلەرمۇ يېزىقىنى تاشلىدى. ھازىر شەرقىي شىمالدا شىبە يېزىقنى تۇنۇيدىغان شىبەلەر يوق. شىنجاڭدىكى شىبەلەر ئىچىدىمۇ شىبە يېزىقىنى قۇللىنىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيۋاتىدۇ. شىبە يېزىقىنى ئۇقۇش ھەم يېزىشنى بىلىدىغان شىبەلەر  ئىچىدە   40ياشتىن  يۇقىرىلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ.   
       تارىخ ئىسپاتلىدىكى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئۆز دەۋرىدىكى ئىلغار يېزىق شۇنداقلا، باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تۆھپە قۇشقان يېزىق. لېكىن تارىختىكى تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇ يېزىق تارىخ سەھنىسىدىن چۈشكەن بولسىمۇ، بۇ يېزىق ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن يېزىقلار باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن قۇللىنلۋاتقانلىقتىن، يېقىنقى دەۋىرلەردە، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنى تەتقىق قىلغان ئالىملار ئۆ‍ز نۆۋىتىدە مۇڭغۇل يېزىقىنى ئۆگىنىپ، ئاندىن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى ئۇقۇشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى. ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يادىكارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ زور خۇشاللىنالىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ئانا-تىل يېزىقىمىزنى قۇغداشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تۇنۇتتى. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يېرى، كۈنىمىزدە، مۇڭغۇل، مانجۇ شىبەلەردىن ئۆز مىللىتىنىڭ يېزىقىدا ساۋاتلىق زىيالىيلار ئۆ‍زمىللىتىنىڭ يېزىقىدىن باشقا يەنە سۆز مەنىسنى چۈشىنەلمىسىمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى، مۇڭغۇل يېزىقى، مانجۇ يېزىقى، شىبە يېزىقلىرىدىكى يازمىلارنى مەلۇم دەرىجىدە ئۇقۇيالايدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر قاتالىقلار تۈزگەن:<< ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى >>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2010-يىل 12-نەشىرى.
2. ئەنۋەربايتۇر، خەيرىنسا سىدىق :<<شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>> ،مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991-يىل نەشىرى.
3.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق-يېزىق كۇمتېتى تۈزگەن << تۇنجى نۆۋەتلىك شىبە تىل يېزىقى خىزمىتى يىغىنى ھۆججەتلەر توپلىمى>>. خەنزۇچە.1989-يىل تەييارلانغان.
4. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تىل يېزىق-يېزىق كومتېتى مۇڭغۇل تىلى ئشخانىسى يازغان<<مۇڭغۇل  تىل –يېزىقى نىڭ تەرەققىياتى تۇغرىسىدا دوكلات>>،خەنزۇچە.2012-يىل 9-ئايدا تەييارلانغان.
5.ئېنتىزنىت تورىدىكى بىرقىسم ئۇچۇرلار.



----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 21:28:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-15 21:54  

رتۈركىي مىللەتلەرئورتاق يىزىقى تىزراق ئومولاشسا بولاتتى، مەن ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى  ياخشى كۆرىمەن . ئامراق لىكىن كومپىيۇوتىردا ماتىريال ئىزدىدىگەندە‹‹ې›‹‹›بىلەن ‹‹ى››نىڭ پەرقىي بىلەن بەزىدە ئاۋارچىلىققا ئۇچراۋاتىمەن.
يىزىقىمىزدىكى بۇ ئىككى <<ې بىلەن ى>>ھەرىپنى قىسقارتىش ئىمكانىيتى بارمىدۇ ياكى ماڭا شۇنداق بىلنىۋاتامدۇ بىلمەيمەن .
ئىلىكتورونلوق لوغەت ئىسشلەتكەن.توردا يازما ئزىدىگەندە ئازراق ئاۋارچىلىق بولغاننى ھىسابقا ئالمىغاندا بۇ يىزىقتەك گۈزەل راھەت يىزىق يوقمىكى دۇنيادا .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-15 21:48:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئۇيغۇر يېزىقى ھەقىقەتەن تارىختا مۇھىم رول ئوينىغانكەن.

0

تېما

0

دوست

694

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   38.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  288
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 40
تۆھپە : 197
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 00:00:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arslan720 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-11-16 00:03  

قازاق مۇنبىرىدە بۇ يېزىق ئۇيغۇر يېزىقى ئەمەس دىيىلىپتۇ ،ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى كۆرۈپ بېقىڭلار
http://www.senkazakh.com/bbs/for ... =%DB%87%D9%8A%D8%B9
http://www.kultegin.com/forum.ph ... =%DB%87%D9%8A%D8%B9

0

تېما

0

دوست

2483

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17487
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 740
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 00:03:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-15 21:28
رتۈركىي مىللەتلەرئورتاق يىزىقى تىزراق ئومولاشسا بولا ...

مەن مۇ   مۇشۇ  قاراشتا   ،  يىقىندىن بىرى  ئۇيغۇرلاتىن يىزىقىنى ئىشلىتىشنى كۆپرەك  تەۋسىيە قىلۋاتىمەن ، ھەم بىزنىڭ ئالى مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇئەللىملەرمۇ  ئۇيغۇر لاتىن يىزىقىنى قوللايدىكەن ، بولسا  مۇنبەر ئەھلى مۇشۇ  ھەقتە   پىكىر قىلساڭلا ؟

0

تېما

0

دوست

204

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23044
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 00:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرنى يوللىغان ئاشۇ قوللىرڭىزغا بىرقۇچاق قىزىل گۈل تۇتقۇم كىلىۋاتىدۇ،چۈنكى مۇشۇنداق ئەسەرلىرمىز كۆپلەپ يوللانسا دەيمەن،مۇشۇنداق ئۇيغۇرلىرمىزنىڭ تارخى،مەدىنىيىتى،كەشپىياتى،تىل-يىزىقى،ئۆرپە-ئادەتلىرى،مەدىنى مىراسلىرى،مەشھۇرشەخسلىرى،توغۇرلۇق كۆپلەپ ئەسەريوللانسا بىزمۇكۆپرەك بىلىم ئالساق دىگەن ئۈمۈتتە مەن قولىڭىزغا دەرتكەلمىسۇن ھارمىغايسىز دوستۇم

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 01:13:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Zapar916 يوللىغان ۋاقتى  2013-11-16 00:03
مەن مۇ   مۇشۇ  قاراشتا   ،  يىقىندىن بىرى  ئۇيغۇرلاتىن ي ...

يىزىق ئۆزگەرتىۋىرىش ياخشى ئەمەس.بۇنىڭ مىللى تەرەققىياتقا كۆرسىتىدىغان پاسسىپ تەسىرى زور.ئەمما بىر يىزىق ئۇزاق زامانلارغىچە ھۆكۈم سۈرۈش ئۈچۈن ئۇ مۇكەممەل بولغاندىن تاشقىرى ئورتاق بولىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالالىسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن .
بەلكىم تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يىزىقىنى كۆرگەنلەرگە ئايان بولىشى مومكىن ئۇنى ئۈگىنىشكە بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمەيدىكەن.ئاددى ھەم قولايلىق.بۇنداق بولغاندا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن بولغان ماتىريال ۋە ئوقو ئوقوتوش جەھەتتىكى ئالاقە ھەمكارلىقى،بىرلىكىنى كۈچەيتىشتە تەسىرى زور بولوپلا قالماي ، مىللى تەرەققىيات ،كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ بىر ئاكتىب ھەم توغرا تاللاش.
مىنىڭچە نۆۋەتتە يىزىق ئۆزگەرتىشنىمۇ ئويلىشىش لىكىن بۇنى يولغا قويوشنىڭ پەيتىنىڭ ھازىر ئەمەسلىكىنىمۇ تونوش كىرەك.ھازىر بۇ يىزىقنى داۋاملىق قوللىنىپ تور بەتلەر ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن تۈركىي مىللەتلەر ئورتاق يىزىقىنى قوشومچە ئۈگىنىپ ئىشلىتىپ تۇرۇشنى تەكىتلەش ،بۇنىڭ زامانى كىلىپ ھەر جەھەتتىن شارائىت پىشىپ يىتىلگەندە ئاندىن ئۇنى يولغا قويوش ،مۇقىملاشتۇرۇش كىرەكمىكى دەپ ئويلايمەن.
بەلكىم بۇ جەھەتتە تەتقىق قىلىۋاتقان،ئىزدىنىۋاتقانلار باردۇ،شۇلارنىڭ پىكىرلىرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساق

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3826
توردىكى ۋاقتى: 741
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-11-16 01:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ يىزىق
Uyghur yiziqi.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )