- تىزىملاتقان
- 2011-9-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 11760
- نادىر
- 19
- يازما
- 569
ئۆسۈش
4.4%
|
tarim11 يوللىغان ۋاقتى 2013-11-28 12:56
مىنىڭمۇ چەتئەلدە تۇقىنىم يوق ؟بۇ نىمە گەپ ؟ سىز نىڭ تۇر ...
1. سىز سەل كەم ئەقىللىق قىلىۋاتىسىز. بۇ يەردىكى تۇغقان بىلەن قېرىنداشنىڭ تار ھەم كەڭ مەنىسى بار. كەڭ مەنىسى ئوخشاش بىر قان سېستىمىسىغا ئىگە مىللەتلەر بىر تۇغقان ھەم قېرىنداش مىللەتلەر بولىدۇ. تار مەنىسى، بىۋاستە بىر ئاتا ھەم بىر ئانىدىن ياكى ئۇلارنىڭ خالىغاىن بىرسىدىن بولغان بالىلار بىر قېرىنداش بولىدۇ. بىر ئاتا ياكى ئانا جەمەتتىن بولغانلار بىر تۇغقان بولىدۇ. مېنىڭ چەتئەلدە تۇغقىنىم يوق دېگىنىم تار دائىرىنى كۆرسىتىدۇ. مېنىڭ بۇ پىكىرىمگە ئىشەنمىسىڭىز مېنىڭ تۈركىيە رەھبىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان ئىنكاسلىرىمنى ھەزىم قىلىپ ئوقۇڭ. ئۆزىڭىزگە پايدىلىققا ئېسىلىۋېلىپ، پايدىسىزغا كۆزىڭىزنى يۇمىۋالماڭ.
2. بىلىشىڭىز كېرەككى، ھازىر دۇنيادا بىر مىنۇتتا مەيدانغا كەلگەن يېڭىلىقنى بىر ئادەم كېچە-كۈندۈز ئۆگەنسە بىر ئۆمۈر ئۆگىنىپ بوللامايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ جەۋھىرىنى تاللاپ ئۆگىنىمىز. بۇ ئۆزئارا ھەمكارلىققا، ئالماشتۇرۇشقا، تەۋسىيە قىلىشقا مۇھتاج. بىزنىڭ مۇشۇ تورغا بىلگەنلىرىمىزنى ئەۋەتىشىمىزمۇ ئەنە شۇ ۋىجدانەن مەسۇليەتتىندۇر!
3. ھېچ زاماندا بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنىنىڭ ھەقىقەتلىكىنى قارىشى مەيداندىكى ئادەم ئىسپاتلايدىغان ئىش يوق. بۇ بىر ئىلمىي مەنتىقە ھەم مۇنازىرە ساۋادى. سىز 1 مىليۇن ئۇيغۇر بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىكىن ئەلۋەتتە ئۇنى ئۆزىڭىز ئىسپاتلىشىڭىز كېرەك. ئۇنى مېنىڭ ئىسپاتلىشىمنى ئوتتۇرىغا قويىشىڭىز ئۇچىغا چىققان ئۆكتەملىك ھەم مەنتىقىسىز كۈلكىلىك پاراڭ.
4. مەن ئۆمرىمدە تۇرغۇن ئالماس تاغىمىزغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان ھەم مۇنداق پىكلىرلەردە بولغان يېرىم يوق. مەن تەۋپىق، باغداش، ئەجداد (يېڭى ئەزا، كىرگىلى ھەپتە بولدى)، شاھتۇر (كىرگىلى 1 كۈن بولدى) تورىغا ئەزا. باشقا توردا يوق. ھەممىسىدىكى نامىم ئاتىلا ئەمەس بەلكى ئاتتىلا. بۇنداق يېزىلىشىنى مەن يۈسۈپجان ياسىننىڭ «تەڭرى قامچىسى ئاتتىلا» دېگەن كىتابىدىن ئالغان. ئىسىمى يېقىن كەپقالسىلا شۇ ئادەم بولىدىغان بولسا، مەن ئىسىمىمنى ھازىرلا باتۇر تەڭرىقۇتقا ئۆزگەرتىپ، تارىخىمىزنى قايتىدىن ياراتقان بولاتتىم. بىزنىڭ مەھەللىدىكى لۇتپۇللا مۇتەلىپ ئىسىملىك بالا مەكتەپتە 6 يىل ئوقۇپ ساۋادسىز قالمىغان، ئېسىل شېئېرلانى خەلقىمىزگە سوۋغا قىلغان بولاتتى. سىز مۇنداق كىچىك بالىلىق قىلماڭ. تەكشۈرمەي، دەلىللىمەي تۇرۇپ ئادەمگە قۇرۇق تۆمەت قىلماڭ. تۆھمەت قىلغان ئادەمنى ئاللاھ تائاللا ھەق سۇبھانىئالا بۇ دۇنيا ھەم ئۇ دۇنيادا كەچۈرمەيدۇ.
خوش، ئەمدى سىزگە گېپىم يوق، سۆزلىگەندە ئەتىراپلىق ئويلىنىپ، ھەم يېقىندىن ھەم يىراقتىن پىكىر قىلارسىز!
ئاتتىلادىن! |
|