- تىزىملاتقان
- 2011-9-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1700
- نادىر
- 1
- يازما
- 124
ئۆسۈش
70%
|
ھەقىقىتەن تاخشى سۆھبەت بوپتۇ.
ئەمما بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرى توغرا ئەمەسكەن.
مەسىلەن، «ئەمما مەن ئۇيغۇردا ھەممە ئىشلاردا ئاللاھقا شۈكرى قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئىشلار بىلەن كارى بولماسلىق ئەھۋاللىرىنى كۆپ ئۇچراتتىم. بۇ ھەقىقەتەن ئىسلام دىنىنىڭ روھىمۇ ياكى كىيىن باشقىلاردىن يۇقتۇرۋالدىمۇ بۇنى بىلمەيمەن.»
«كارى بولماسلىق» دېگەندىن، تاشقى بېسىمنىڭ ئېغىرلىغى بىلەن كۇچ سىنىشىۋېتىپتۇ، دەپ چۈشەنگىنىڭىز تۈزۈك. .......
«دىن ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى يىتىلدۈرۈش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ چەكلىمە پەيدا قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. »
بۇ بەكمۇ خاتا قاراش.
سىز ئالدى بىلەن قۇرئانى كەرىمنى باشتىن - ئاياق تۇلۇق ئوقۇپ چىقىڭ.
شۇنى چۇڭقۇر چۈشىنىسىزكى، ئىسلام دىنى ___ ئىنسانىيەتنىڭ مىسلىسىز بەختىيار ھاياتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئاساسى.
ئۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارىدىغان كۈرەش قىلىش روھىنى يېتىلدۈرۈشتە كاتتا داھىيانە يېتەكچىدۇر. سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ : «جەننەت ___ قىلىچنىڭ ئاستىدا ! » دېگەن سۆزى ۋە ئۆزىنىڭ كاپىرلارغا قارشى جەڭگە باتۇرلارچە قوماندانلىق قىلغانلىغى بۇنىڭ رۇشەن دېلىلى.
سىز يەنە راسچىللىق، ئىشەنگىلى بولىدىغان مىللەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ياپۇنلارنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇپسىز.
مەن ياپۇنلارنىڭ مۇنداق خارەكتىرى بارلىغىغا قول قويىمەن. ئەمما ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇنداق خارەكتىر بار. بىرلا پاكىت، بىزدە «لەۋزى ھالال» دەيدىغان سۆز بار. بۇ دېمەك، «گىپىمىز گەپ، يېنىۋالمايمىز » ، دېگەنلىك. سۆزدە ، ھەرىكەتتە سەمىمىي بولىمىز ، دېگەنلىك. بىزدە باشقىلاردەك ئالدامچىلىق ، يالغانچىلىق خاھىشلارنىڭ پەيدا بولىشى ئومۇمىي ئەھۋال ئەمەس. مۇشۇمۇ كېيىنرەك پەيدا بولغان ئەھۋال.
بۇنىڭغا يانداش ھالدا بۇ يەردە بوز قىر ئەپەندىمنىڭ «مىڭ ئۆيلەر ، سىلەرەە يۈز كېلەلمەيمىز» دېگەن كىتاۋىدىكى « پادىشاھنىڭ دۈمبىسى ۋە قاسساپنىڭ پىچىغى » ماۋزۇلۇق ئەسىرىنى كۆرۈپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
دېمەككى، بىزدە بەزى ناچار ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس. ئەمما بۇ ئومۇملۇققا ۋەكىل بولالمايدۇ.
مونۇ سۆزىڭىز ئىس باسىدۇ: « ھازىر ئۇيغۇرلاردا ئۆزىنى ئۆزى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق. ئەگەر ئۇيغۇرلارمۇ ھەممە ئىشىتا ئۆز - ئۆزىگە ئىگە چىقالىغان بولسا، بولۇپمۇ مائارىپ ساھاسىدە ئۆز خەلقىنى ئۆزى تەربىيەلىيەلىگەن بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھازىرقىدىن كۆپ ياخشى بولغان بولاتتى.
مېنىڭ قارىشىمچە، مەيلى تەبىئى پەن ئالىملىرى بولسۇن، مەيلى ئىجتىمائىي پەن ئالىملىرى بولسۇن مىللەت دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائى مەسىلىلىرىگە كەلگەندە تىگىشلىك كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈر، دوپ قارايمەن.»
مۇشۇ قاراشلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتماڭكى، خەلقىمىز مۇشۇنداق ئىمكانىيەتكە ئېرىشكەن كۈنى تارىخىي ئېسىل ئەنئەنىسىنى ھايالسىز تېپىۋالىدۇ!...........؟؟؟ |
|