قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: yalghuz2

خەلقئارالىق تۈرۈك تىلى يىغىندا ئۇيغۇر تىلى مەسىلىسى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

2282

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22034
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 684
توردىكى ۋاقتى: 213
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 11:13:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
644b8e8ba61ea8d3e2a96e0b950a304e241f5862.jpg

0

تېما

0

دوست

810

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3981
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 79
تۆھپە : 205
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:16:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى ئېچىلمىغان يىغىن تۇرسا ،ئېچىلىپتۇ دىگەن قانداق گەپ
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

2

دوست

1036

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22235
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 306
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:21:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىۋە تەرەققى قىلسا مىللەت پارچىلىنىدۇ.
تىل بۇزۇلسا دىل بۇزۇلۇر.
                                    -ئا.ئۆتكۈر

0

تېما

0

دوست

385

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15167
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 12:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەتجان ئوسمان ئاكىمىزغا تەشەككۇر!
مۇشۇنداق قېرىنداش مىللەتلەر بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن يىغىندا ئۇيغۇر تىلىمۇ بويۇن قىسىپ قالماپتۇ

0

تېما

0

دوست

1311

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   31.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22639
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 382
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 15:19:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
UMD يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 12:21
شىۋە تەرەققى قىلسا مىللەت پارچىلىنىدۇ.
تىل بۇزۇلسا دىل ...

مەن بۇ گەپنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىمەن ..بىز ئۇيغۇرلاردا نىمدىگەن كۆپ شىۋىلەربۇ ..ھەتتا مەكتەپلەردە بىربىرىنىڭ شىۋىلىرىنى ماختىشىپ ،باشقايەرلەرنىڭ شىۋىلىرىنى چەتكە قىقىپ تىللىشىپ ،سۇقۇشۇپ كىتىدىغان ئشلار بار ..بۇنى ئالى مەكتەپ ئۇقۇغان ئادەم ھەقىقىي تۇنۇپ يىتىدۇ ..بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرتىل دىئالىكىتلىرى دىگەن دەرىسلەردە بالىلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ شىۋىلىرىنى ماختاشلىرى ،چەتكەقىقىشلىرى ..باشقايەرنىڭ باللىرىنى تىخى ‹ئۇيغۇرچىنى بۇزۇپ ›دىيىشلىرى كىشىنى ئۇيلاندۇرمامدۇ ؟؟يۇغان سەللىنىڭ ئىچىگە ئۇرۇنىۋالغان ئىمانسىز بەزى ئاتالمىش مۇللىلارنىڭ بۇگەپكە يۇغرا قارىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن ..چىچىنلارغا قاراپ باق ،تاتارلارغا قاراپ باق ،مىللەت دىسە تىك تۇردۇ ..بىزگە شىۋە دىسە ياقايىرتىدىغانلار ساماندەك چىقىدۇ ..يۇرىت دىسە بىربىرنى ئۆلتىرەلەيدۇ ...بۇلەربىزنىڭ بىرلىكىمىزگە زۇر تەسىز ئىلىپ كەلمەكتە ..شۇڭا ھەممە ئۇيغۇر بىر خىللا تەلەپپۇزدا سۇزلىسە بۇ تۇلىمۇ مۇھىم ۋە مىللەتنىڭ تەقەززاسى ...بۇمەسىلىگە يۇرىتۋازلىق ،ئاسەببى ئىدىيە ۋە يەنەقانداق بىر خىل ئىدىيەلەربىلەن قارىساڭ بۇ باشقا بىر مەسىلە بۇلۇپ كىتىدۇ ..شۇڭا تۇغرا بۇلغان مىللەت ،يۇقىرى ساپا ،كەلگۈسى ئىستىقبال بىلەن قارساڭ بۇ تۇلىمۇ ئۇرۇنلۇق پىكىر ..

سىۋە تەرەققى قىلسا مىللەت پارچىلىنىدۇ
                           
                                                  ئا . ئۆتكۈر   

61

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   58.06%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2587
تۆھپە : 8120
توردىكى ۋاقتى: 4460
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 17:19:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق


 پەرزەنت تەربىيىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنى ئەقىللىق، بىلىملىك ۋە ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئاتا – ئانا، ئوقۇتقۇچى – ئۇستاز جۈملىدىن جەمئىيەتتىكى ھەر بىر ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى.

  يەھۇدى مائارىپشۇناسلىرى: بالىلارنىڭ بالدۇرراق تىلىنى چىقىرىش مېڭىسىنى سەگەكلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دەپ قاراپ، بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى بالدۇرراق يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، تىل قابىلىيىتى باشقا ھەر قانداق ئۆگىنىشنىڭ ئاساسى ۋە قورالى ھېسابلانغاچقا، بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولۇشى ئۇلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى سىناش نەتىجىسىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن تىل ئىقتىدارى يۇقىرى بالىلار كۆپ نەرسىلەرنى تېزلا ئۆگىنىۋالىدىغانلىقىنى ھەمدە ئاسان مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

  تىل تەربىيەسىنى قانچە بۇرۇن بەرسە، شۇنچە ئۈنۈمى بولىدۇ. مائارىپشۇناسلار يەنە ئادەمنىڭ ئۆمرىدە قوبۇل قىلىدىغان تەربىيەلىرى ئىچىدە بوۋاق مەزگىلىدىكى تەربىيە ئەڭ مۇھىم، شۇڭا ئاتا – ئانىلار ئاشۇ مەزگىلدە بالىنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئامال – چارىلەرنى ئىشقا سېلىشى كېرەك دەپ قارايدىكەن.


  پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ تىل تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ تىل ئىقتىدارىنى تاۋلاشقا بالا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا تۇتۇش قىلىپ، بالىلارغا كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى سۆزلىتىش، گەپلىرىنى ئاڭلاپ بېرىش ۋە كۆپرەك سىردىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ئوي – پىكرىنى دادىل ئىپادىلەش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  بالىلارغا تىل تەربىيەسى بېرىشتە، ئالدى بىلەن ئانا تىلنى پىششىق ئۆگىنىشتىن باشلاپ، ئاندىن ئىككىنچى بىر تىلنى ئۆگىنىشكە دالالەت قىلىش كېرەك. چۈنكى ئانا تىل ھەر قانداق ئانا تىل مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر بالا ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال ئۇچرىشىدىغان، ئۆگىنىدىغان ۋە ئىگىلەيدىغان تىل. ھازىر جەمئىيەتتە چەت ئەل تىلى ۋە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا ئەگىشىپ، ئانا تىلىغا ئېتىبار بەرمەي، ‹‹پەقەت خەنزۇ تىلى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگەنگەندىلا، كېرەكلىك ئادەم بولۇپ، چىقىش يولى تاپقىلى بولىدۇ›› دەيدىغان قاراشلار بار. بۇنداق قاراشلار بىر قىسىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئانا تىلىنى توغرا يازالماسلىق، ئانا تىلى ئاساسى ئاجىز بولۇش، سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىش، نەتىجىدە ئانا تىلىنى قالايمىقان قوللىنىش، تەلەپپۇزى توغرا بولماسلىقتەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.


  ئانا تىل سەۋىيەسىنىڭ ئىككىنچى بىر تىلنى ئىگىلەشكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، يەنى ئادەم ئالدى بىلەن ئانا تىلىدا تەپەككۇر قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئانا تىلى ئاساس قىلىنىدىغان تەربىيە شەكلى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئويغىتىشقا، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىسپاتتۇر. بالىلار ئادەتتە مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇن، ئەتراپىدىكى ئانا تىل – مەدەنىيەت مۇھىتىدا دۇنيانى بىلىش ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئۇقۇم ۋە قىممەت سىستېمىسىنى ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەيدۇ. بوشلۇق قانچە چوڭ بولغانسېرى بىلىش دائىرىسىمۇ شۇنچە كېڭىيىپ بارىدۇ، ئەگەر بۇ چاغدا بالىلارنى ئانا تىلنى ئىشلىتىشتىن چەكلىگەندە، ئۇلارنى تاشقى دۇنيا بىلەن باغلايدىغان بىردىنبىر بوشلۇق ئېتىلىپ قالىدۇ – دە، بالىلارنىڭ دۇنيانى بىلىش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر دەسلەپكى تەربىيەنى ئانا تىلدا باشلاپ، شۇ تىل ئارقىلىق بىلىش دۇنياسىغا يول ئاچقاندا، بالىلار سىرلىق دۇنيانىڭ تەكتىنىمۇ چوڭقۇرلاپ كۆرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولالايدۇ، بۇ بىلىملەر ئۇلارنىڭ ئىككىنچى تىلنى ئىگىلىشىگە زور ياردەمدە بولۇپلا قالماستىن، ئىككىنچى تىلنى ئىگىلەش ئۈنۈمىنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  ھازىرقى جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەدەنىيەت ۋە پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت ۋە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ، ئۆز ئارا سىڭىشىشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ ھال چەت ئەل تىلىنى پىششىق بىلىدىغانلار ئۈچۈن ئاجايىپ قولايلىق پۇرسەت يارىتىپ بەرسە، چەت ئەل تىلى بىلمىگەنلەر دۇنياۋى مەدەنىيەت ۋە بىلىم ئالماشتۇرۇش سەيناسىدىن چۈشۈپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئانا تىل ئىقتىدارى مەلۇم سەۋىيەگە يەتكەندە، ئۇلارنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى تىللارنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش زۆرۈر. چۈنكى بىر چەت ئەل تىلىنى كۆپ ئۆگەنگەندە مەسىلىلەرنى كۆزىتىش نۇقتىسىنى سىستېمىلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆپ خىللاشتۇرغىلى بولىدۇ.




0

تېما

0

دوست

385

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   42.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15167
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 112
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 19:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
almahan يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 15:19
مەن بۇ گەپنىڭ راسلىقىغا ئىشىنىمەن ..بىز ئۇيغۇرلاردا ن ...

شىۋە تەرەققىي قىلغانغا مىللەت پارچىلىنىدۇ؟ئۇيغۇر تىلىدا نەدە شىۋە كۆپ؟يۇرتلار ئارا سەللا پەرق قىلىدۇ خالاس،لىكىن بىر-بىرىمىزنى چۈشەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئەمەسقۇ؟ئەمەلىيەتتە يەرلىك دېئالىكىتلار تىلنى موللاشتۇرىدۇ،تىل دىگەن مەدەنىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرغان ئاساستا دېئالىكىتلارنى ساقلاپ قالغاندا مەدەنىيەتنىمۇ بېيىتقىلى بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلىمىزدا پەرقلىق دېئالىكىتتىن خوتەن دېئالىكىتىلا قالدى دىسەك بولىدۇ(چۈنىكى لوپنۇر دېئالىكىتىنى سۆزلەيدىغانلار ئىنتايىن ئاز)،ئەمما خوتەن دېئالىكىتىمۇ چۈشەنمىگۈدەك  ئەمەسقۇ؟خاسلىققا ئىگە خوتەن دىئالىكتىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى بىباھا گۆھەر( يەرشارىدا بىرلا خوتەن دىگەن كىتابنى ئوقۇپ باقساڭ بۇنى چۈشىنىسەن) خەنلەرگە قاراپ باق،ئۇلارنىڭ دېئالىكىتلار ئارا پەرقى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ پارچىلىنىپ كەتمىدى،تاتارلارنى دەپ قاپسەن،سەن بىلىپ قوي قازان تاتارلىرى بىلەن نوغاي تاتارلىرىنىڭ ھەتتا ھەرپىدىمۇ پەرق بار ئەمما ئۇلار پارچىلىنىپ كەتمىدى.ئورتاقلىققا ئىنتىلىمىز لىكىن خاسلىقنىمۇ يوقىتىپ قويماسلىق كىرەك
ئەجىبا ئاشۇ بىر قىسىم كاللىسىنى پىت چىقىۋالغان تەلۋىلەرنىڭ يۇرتۋازلىق قىلغىنىنى دەپلا شېۋىنى يوقىتىپ بىر خىل تەلەپپۇزدا سۆزلەش كىرەكما؟مەجبۇرىي تەشۋىق قىلىپ دەپسەن تېخى،قارىغاندا سەنمۇ شۇ بىر ئۇچۇم تەلۋىلەرنىڭ بىرىكەنسەن،ئەدەبىي تەلەپپۇزنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن مەجبۇرلاش كەتمەيدۇ.

0

تېما

0

دوست

52

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23684
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-7 19:58:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بوپتۇ.بۇندىن كىيىن تىخمۇ يۇكسەلسۇن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )