بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arslani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-9 23:42
يانچۇقچىلارغا ئوچۇق خەت
تۇرسۇنبەگ ياسىن
ئەگەر سىز بىر غورۇرلۇق يانچۇقچى بولسىڭىز ،ئۇنداقتا ھەرقانچە مۇھتاجلىقتا قالسىڭىزمۇ ھەرگىزمۇ داموللامنىڭ يانچۇقىغا قول سالماڭ ، چۈنكى ئۇنىڭ پۇلى بەلكىم بىر ھارامنى ھالال قىلىش بەدىلىگە كەلگەن بولىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇ بەلكىم ئۆزى بىلىدىغان ئەڭ ياخشى ئايەتلەر بىلەن سىزنى قارغىۋەتسىغۇ مەيلى ، ئۇرۇق –تۇققانلىرىڭىزنىمۇ قوشۇپ قارغىۋەتسە ئالغان ئىككى – تۆت تەڭگىڭىزگە چۇشلۇق ئىش بولماي قالمىسۇن دىدىم ، مىڭ دىگەن بىلەن ئىمام- موللام ، ئۆلىمالار دىگەن سىزگە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرگە قارىغاندا خۇدانى جىقراق ياد ئىتىدۇ ، ئاللاھ بەلكىم ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجاۋەت قىلىۋىتىشىمۇ مۇمكىن ، تۇققانلىرىڭىزغا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن . ئەگەر سىز ۋىجدانلىق يانچۇقچى بولسىڭىز ، ئۇنداقتا ئاچ قالسىڭىزمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىغا چېقىلماڭ ،قىزلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇلار ئىلاجىسىزلىقتىن بەلكىم بۇزۇلىشى مۇمكىن ،شۇنداق بولغاندا كەلگۈسىدە ئۇمۇ سىزدەك يانچۇقچىدىن بىرنى تۇغمايدۇ دەپ كىم ھۆددەقىلالايدۇ دەيسىز . ئەگەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى ئوغۇرلىسڭىز بەلكىم ئۇمۇ سىزدەك ھارام يولغا مېڭىپ سىزنىڭ كەسپىڭىزگە رىقابەت ئېلىپ كىلىدۇ ، باكلاۋېر يانچۇقچىلارنى كۆپەيتىپ ئۆزىڭىزگە ئىش تاپماي دىسىڭىز كەسىپداشلىرىڭىزغىمۇ بۇنى جىكىلەڭ ، بولمىسا دەرھال كەسىپ ئالماشتۇرۇڭ . ئەگەر سىز بىر ۋاپادار يانچۇقچى بولسىڭىز ھەرگىزمۇ قىينچىلىقتا بالا بېقىۋاتقان ، ھالال تەر بىلەن ئائىلىسىگەقاراۋاتقان بىر دادىنىڭ يانچۇقىغا قول سالماڭ . بەلكىم سىزنىڭ دادىڭىزمۇ شۇنداق قىيىنچىلقلارنى تارتىپ كىچىكىڭىزدە سىزنى باققان بولغۇيتى ، ياكى بەلكىم ئۇ شۇنچە جاپا تارتىپمۇ سىزنىڭ ئىھتىياجىڭىزنى قامداپ بولالمىغاچقا سىزمۇ مۇشۇ كەسىپنى تاللاپ قالغان بولغۇيتىڭىز ، يەنە شۇ گەپ بىچارە دادىنىڭ پۇلىنى ئالسىڭىز ئۇنىڭ بالىسى كىلىپ سىزنىڭ تاۋىقىڭىزنى چاقىدۇ ، ياكى ئۇنىڭ ئاھۇ – زارى بۈگۈن بولمىسا ئەتە سىزنى ئىزدەپ تاپىدۇ . ئەمسە مەن قانداق جان باقىمەن دەمسىز ؟ سىزنىڭمۇ رىسقىڭىز بار ، بېرىڭ ، پارىخورلارنىڭ يانچۇقىدىن قانچىلىك ئالالىسىڭىز شۇنچىلىك ئېلىڭ ، جازانىخورلاردىن ئېلىڭ ، كىشىنىڭ رىسقىنى يەۋاتقانلارنىڭكىنى ئېلىڭ ، ھۆكىمەتنىڭ بايلىقىنى يۈتىۋاتقانلارنىڭكىنى ،ھارام تىجارەت بىلەن كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيتىنى بۇلغاپ پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭكىنى ئوغۇرلاڭ ، كىم توستى ? سىزگە دىسەم ئاشۇ پۇلى ئېشىپ – تېشىپ بىچارە ھەق -نىكاھ ۋاپادار خوتۇنىغا قارا ساناپ سىرىتتىن ئىككىنجى ،ئۈچىنجى دىگەندەك خوتۇنلارنى ئېىۋالغانلارنىڭ يانچۇقىدىن ئېلىڭ .بەرىبىر ئۇلارمۇ خەجلەيدىغان يەر تاپالماي مىتىلداپ كىتىپ سىرىتتىن خوتۇن ئېلىۋالىدىغان بولغاندىكىن ئۇلارنىڭ پۇلىنى بولسا جىقراق ئالسىڭىز خەجلەپ بىرىدىغان پۇل قالمىسا قىسىپ ئولتۇرىدىغان بولىدۇ .شۇ بىچارە ئايالى قىلغان ياخشىلىقىڭىز ئۈچۈن چوقۇم ئاز مىننەتدار بولمايدۇ سىزدىن . دەپ كەلسەم يەنە بار ، ئەگەر يەنە قول سالاي دىسىڭىز ھازىرجەمىيەتتە نىمە جىق ، قىمارۋاز جىق ، مۇشۇ قىمارۋازلارنىڭ يانچۇقىغا قول سالسىڭىزمۇ بولىۋىرىدۇ . بىرىنجىدىن بەرىبىر بۇ پۇلمۇ ھارام پۇل ، سىزگە سىڭىدۇ ، ئىككىنجىدىن سىزئالمىسىڭىزمۇ قىمارۋاز خەق بۇ پۇلنى يا بالىسىغا خەجلىمەيدۇ يا ئۆيىگە ، نەگەئاپىرىدۇ ؟ يەنە شۇ ئۇتتۇرۇپ تۈگىتىدۇ ، ئۇنىڭدىن سىزدە تۇرغىنى ياخشى ھېچ بولمىغاندا سىز قىمار ئويناپ ئۇتتۇرىۋەتمەيسىز ئەمەسمۇ . يەنە بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي ، بولسا مۇشۇ ئاتا – ئانىسىنى زار – زار قاقشىتىدىغان، ئوبدان كۈنگە ئىرىشسىمۇ ئۇلارنىڭ قىلغان ئەجرىنى ئۇنتۇپ تاشلىۋىتىدىغان ،زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلماي كۆڭۈل خوشى ئىزدەپ يۈرىدىغان ۋاپاسىزلارنىڭ يانچۇقىغا قول سالسىڭىزمۇ بولىدۇ مىنىڭچە . بەرىبىر ئۇلارمۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئىشلىتىشى كىرەك بولغان ، ئەجرىنى قايتۇرىدىغان جايغا ئىشلەتمىگەندىكىن ئۆزىگە ئاز.ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز سىز ھالال يول بىلەن پۇل تاپقان يانچۇقچى بولالمىسىڭىزمۇ ۋىجدان بىلەن ، ئەركەكلىك بىلەن ئوغۇرلۇق قىلغان مەرت يانچۇقچى بولالايسىز ، مانا بۇنى كەسپىي ئىستىل ،ئىنسانىي پىرىنسىپ دەيمىز .قېنى شۇ ھارامدىن پۇل توپلىغانلارمۇ ، تاپقان پۇلىنى جايىغا ئىشلەتمىگەنلەرمۇ ئىچى ئېچىشىشنىڭ ، ھەسرەتنىڭ ، زىيان تارتىشنىڭ قانداق بولىدىغىنىنى ھىس قىلىپ باقسۇن دەيمەنغۇ . ئەمدى گەپنىڭ ئەڭ مۇھىم يىرىگە كەلدۇق . ئەگەرشۇ يوللار بىلەن كىرگەن كىرىمىڭىزدىن ئاز تولىنى ئاجىز – يىتىملارغا ، مەكتەپ –سەدىقىلەرگەئىشلەتسىڭىز گەرچە تىلىۋىزور – رادىئودا تەشۋىق قىلمىسىمۇ ،لىكىن سىز يەنىلا ئادالەت يولىدا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن پىداكار يانچۇقچى بولالايسىز . نىمىشقا دىسىڭىز تىلىۋىزورلاردا كۆپىنچە شۇ ھازېر سىز پۇلىنى ئېلىڭ دىگەنلەرنىڭ گىپى ، شۇلارنىڭ تەشۋىقاتى دەڭا ، ئۇلار بىلەن بىر يەردە سىزنى تەشۋىق قىلساسىزگە قىلىنغان ھاقارەت بولىدۇ –دە ،تىلىۋىزىيە ئىستانسى بەك ۋىجدانلىق جاي ، بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ . ھېچ بولمىغاندا سىز دىگەن نەق مەيداندا ، خەقلەرنىڭ كۆزىچە ، كۈپكۈندۈزدە ئالسىز ئەمەسمۇ ، بىر خىل ئەركەكتەك – ھە ، لىكىن ئۇلارچۇ ؟ياكى ئىشرەتخانىدا تاپىدۇ ، ياكى يەڭ ئىچىدە تاپىدۇ ، ياكى بىرسىنىڭ رىسقىدىن تاپىدۇ ، ياكى بىراۋلارنىڭ كۆز يېشىدىن تاپىدۇ . ياكى شۇنچە ئىشلەپ تاپقىنىنى جايىدا ئىشلەتمەي شۇ يەردە بۇزىدۇ . ئىشقىلىپ ھارامدىن تاپىدۇ يا ھارامغا بىرىدۇ . ھەقىقەتەن مەن دىگەندەك قىلسىڭىز بەلكىم سىزنىڭ ئاجىز – يىتم يوقسۇللاغا ، مەكتەپ – مەسچىتلەرگە قىلغان ياردىمىڭىزدىن سىزگىمۇئاز-تولا ساۋاپ يېزىلىپ قېلىشى مۇمكىن .كىم بىلىدۇ شۇ ھارامخورلارنىڭ ئىشىنى ئاقساتقىنىڭىز ،تاپاۋىتىنى سۇغا چىلاشتۇرۇپ ئاز- تولا بولسىمۇ ھارام پۇلنى ھالال يولغا ئىشلەتكىنىڭىز باياتىن سىزگە ‹چېقىلماڭ›دىگەن موللامنى تەسىرلەندۈرۈپ قالسا ئۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ سىزگە ئاتاپ دۇئاھ قىلىپ قالسا ، ياكى بولمىسا بايا سىزگە ‹ھاي چېقىلماڭ›دىگەن ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ھېلىقى ھارامخور باشلىقنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم بولسىمۇ يەرگە قاراپ تاتىرىپ تىرناق تاتلاپ تۇرىدىغان كۈنگە قالمىسا ، ھېلىقى جاپا بىلەن ئۆي –بالا بېقىۋاتقان دادىنىڭ جاپاسى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتمىسە بۇ سىزنىڭ زىممىڭىزگە ساۋاب بولۇپ يېزىلسا شۇنىڭ بىلەن خۇدامۇ سىزگە رەھمەت قىلىپ ، ھىدايەت يولىنى كۆرسىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
ئەسەرنى باشقا يەرگە يۆتكىمەكچى بولسىڭىز ، ياكى سالۇنلاردا ئىلان قىلماقچى بولسىڭىز ئىنكاس بىلەن ياكى ئۇچۇر بىلەن ئاپتۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ ، رەھمەت .
|