办公厅 نى تەرجىمە قىلغىلى بولماسمۇ؟
مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايونىمىزدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان (شەخسىي چۈشەنچەم)، خەنزۇچىدا 办公厅 دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان بىر فۇنكىسىيىلىك ئورگان بولۇپ، 办公厅 دېگەن بۇ ئاتالما ھازىرغىچە ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنماي شۇ پېتى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا办公厅 دېگەن ئورۇننىڭ زادى نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى شۇ ئورۇندا ئىشلەيدىغان كىشىدىن باشقا مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشى بىلمەيدۇ. 总统,总理,国务院 دېگەن خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدا «باش باقان»، «باش مىنىستېر»، «دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى» دەپ ئېلىش گەرچە تىل-يېزىق كومېتىتى تەرىپىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان بولمىسىمۇ لېكىن يەرلىك گېزىت-ژورنال ۋە تور قاتارلىق تاراتقۇلاردا ئومۇملىشىپ قالدى. تىلىمىز ئەزەلدىن ئىپادىلەش كۈچىگە بايلىقى بىلەن قەدىمدىن ھازىرغىچە چەت تىللاردىن كىرگەن سۆز-ئاتالغۇلارنى تىلىمىزغا لايىقىدا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزىنىڭ لۇغەت تەركىبىنى بېيىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ كەلگەن. بۇ ساھەدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن تەتقىقاتچى، ئالىملار، تىل-تەرجىمە ھەۋەسكارلىرى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، بۇرۇندىن ئاتاپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر قىسىم خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى تىلىمىزغا ئوڭۇشلۇق ئاغدۇرۇپ لايىقلاشتۇردى ۋە خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، كۆپ قىسمى ئۆز تىلىمىز بويىچە ئومۇملاشتى. لېكىن نېمىشقىدۇر办公厅 ئاتالمىسى ھازىرغىچە ئۆز پېتى ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ ئورۇننىڭ زادى قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار ساناقلىق. تىل تەتقىقاتچىلىرى، تەرجىمانلار ۋە كەڭ تىل سۆيەر كىشىلىرىمىزنىڭ موشۇ ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھەققىدە ئورتاق ئىزدىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. (قوشۇمچە: 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «گاڭسەر» دەپ ئاتىلىدىغان ئالدى تەرىپى تۈگمىلەنمەيدىغان، يېڭىنىڭ ئۇزۇنى ۋە قىسقىسىمۇ بولىدىغان بىر خىل سۈنئىي تالالىق مايكا چىققان ئىدى. بۇ «گاڭسەر» دېگەن ئاتالمىنىڭ خەنزۇچىدا قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلىيالمىدىم. بەلكىم بۇ ھازىر مودا بولىۋاتقان T恤 دېگەن ئاتالغۇنىڭ 80-يىللادىكى شەكلى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن «گاڭسەر» دېگەن بۇ شالغۇت ئاتالغۇمۇ، T恤 دېگەن بۇ مودا ئاتالغۇمۇ تىلىمىزدا ئۆز پېتى ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۇ ھەقتىمۇ ئاناتىلىمىزنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن جان كۆيدۈرىدىغان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىزدىنىپ بېقىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ ئويلايمەن). مەنبە: قەلىمىم. 2014.01.01 |