ئۈمىد غېنى لېكسىيەسى -رىياسەتچىلىكنى ئۆگىنىش كەتمەيدۇ
بۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ ئۈمىت غەنىنىڭ يىڭى سۈرەتكە ئالغان لىكسىيە پىروگىراممىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،ئەزەلدىن مۇشۇنداق قۇرۇق گەپ بىلەن خۇشام يوق بولغاچقىمۇ ،كۆرمەيلا ئۆچۈرۋىتەي دەپ تۇرشمىغا ،بىر ئەر رىياسەتچى بالا ئىشتان يانچۇقىغا قولىنى سېلىپ گىدىيىپ تۇرۇپ ھەققىنى سۆزلەيدىغان رىياسەتچىمىز ئۈمىت غىنى دەپ تۇنۇشتۇرۋاتىدۇ.قارىغاندا ئۈمىت غىنى ئىمان ئيىتىپ، ھەقنى سۆزلەيدىغان بولغان ئوخشايدۇ دەپ داۋام قىلىپ كۆردۈم ،گەپنى باشلار باشلىمايلا،قاخشاشلار باشلاندى . يەن شۇ ھىلىقى قىلىپلىشىپ قاغچىراپ قالغان،ئۆزىمۇ بىراز بولغان«يۈرەكتىكى سۆز›› پىرگىراممىسىغا ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئاقماس پەلسىپىسى،سىياسىتىنىي تەشۋىق قىلىغىلى تۇردى ، ئاڭلىغانسىرى مەزمۇنى باشقىچە تۇرىدۇ، ئاڭلاش جەريانىدا بۇ كىشىنىڭ تېلېۋىزىيە ئسىتانسىنىڭ رىياسەتچىلىرىگەقاتتق نارازى ئىكەنلىكىنى ،ھەتتا مەركىزىي تېلېۋىيە ئىستانسىغىمۇ،مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىدىكى نىغمەتنىڭ رىياسەتچىلىكىگە،بۇلۇپمۇ بۇ قىتىمقى رىياسەتچى مۇسابىقىسىدە بىزمۇ ھىس قىلىغان ۋەقەلىكلەرگە ، مۇسابقىىگەقاتناشقان بىرسى ئىستانسىغا ئورۇنلىشىپتۇ دىگەن ئاڭلىۋالغان گىپىنى دەپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىى ئىچكى قىسىمدىكى چىرىكلىكلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ قۇرساق كۆپىكىنى تازا چىقىرۋاپتۇ .
قىززىق نوقتا ھەققدە سۆھبەت پروگراممىسغا دائىم تالىشىپ چىقىۋالىدىغان ،ئادەمنى بىزار قىلدىغان شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئاتالمىش پىروفسسورلىرىغا تىل تەككۈزۈپ.غولجىنىڭ شەھەر باشلىقى بىلەن بىر سورۇندا ئولتۇرغانلىقنى دەپ ئۇلگۈرۈپتۇ. ئاڭلىغانسىرى ئۇمىت غىنى ئەمدى تېلېۋىزىيە ئىكرانىغا رىياسەتچى بولمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىسز.
بۇ لىكسىيەنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى نىمە؟ بۇ لىكسىيەدە ئۈمىت غەنى زادى نىمە دېمەكچى؟
ئاخىردا بىر قىز سورىغاندەك بۇ لىكسىيە نىمەزۆرۇريىتى بار؟ ئاڭلىغانسىرى بىشىم قايمىقىپ كەتتى ،بىردەم بۇ رىياسەتچى ئۇنداق دىسە ،بىردەم دىن بۇنداق ،بىردەم چەتئەل ئۇنداق ،ئىچكىرى مۇنداق دەپ قالايمىقانلا بىر نەرسىلەرنى دەۋاتىدۇ ،ئۇمىت غىنى ئاساسلىق دىمەكچى بولغىنىنى رىياسەتچىلىكنىڭ بىر سەنئەتلا بولۇپ قالماي ،ئۇنۋىرسال ساپا تەلەپ قىلىنىدىغان ،تەپەككۇر ۋە مۇلاھىزىنىڭ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن كەسىپ ،مۇھىمى خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەت دىگەن نەرسىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلەش ئىددىيسى بار ئوخشايدۇ،تېلېۋۇزۇردىكى سەنئەت پىرگۇراممىرىىغا جەڭ ئېلان قىلپ پىكىر ئالماشتۇرماقچى دەپ خۇلاسلىدىم. سۆز ئارلىقىغا ئانچە مۇنچە ئارلىشىۋالغان خەنزۇچە گەپلەرگە قاراپ ئۆزىگە ختاپ قىلۋاتامدۇ يا دەپ قالدىم ..
بۇ لىكسىيەدىن شۇنى كۆرۋىلىشقا بولدىكى ،ئۈمىت غەنىنىڭ تېلېۋىزىيە رىياسەتچىلىكىگە بولغان كەلگۈسى ئارزۇ –ئارمانلىرىنى ۋە ئۆزىگە قويغان تەلەپى يۇقىرى ئىكەن ۋە بۇ كىشىنىڭ روھىيتىدىكى تەنقىتىزىمچى خاراكتىر مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرۇپتۇ. ،بۇ ياخشى ئىش ،ئەمما ھەددىن ئىشىپ كەتسە بولماس،بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ھاقارەت قىلىش ،باشقىنى بىسىپ ،ئۆزىنى كۆرسىتىشمۇ قانداق ؟ياكى ئۇلارتەربىيە قىلغانلىقمۇ؟ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرسەك بولىدۇ .ئەمما شۇنى قىلدىڭ دەپ ئۇ ئادەمنىڭ ئوبرازىنى قۇغدىمىساقمۇ بولماس ؟كاللىسى سىزدەك ئىشلىمىسىمۇ ،سىزنىڭ قىرىندىشىڭىز ئەمەسمۇ ؟ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلار سىز،بىزنىڭ خاھىشىمىز بويىچە بولىشى ناتايىن ، كەڭ قۇرساق بولۇپ ،شۇلارغىمۇ بىر ئۇگىنىش پۇرسىتى يارتىپ بەرسەك بولدىغۇ،ئەلۋەتتە نۇرغۇن رىياسەتچىلەر يىڭى ئىكران يۈزىگە چىققان ۋە يىڭىدىن ئۇگىنىۋاتقانلار بەلكىم بەزىلەر سەھنىگە چىقىپلا ھۇدۇققاندۇ، بەلكىم تىخى رىياسەتچىلىكنى سىزدەك ئوقىمىغاندۇ .سىزگە ئوخشاش رىياسەتچىلىكتىن چىققان پايلاسوپلار ئۇستاز بولۇپ ،بىلمىگەننى ئۈگەتمەمسىز؟
بۇ قىتىمقى لىكسىيەدىكى نۇرغۇن نۇقتىنەزىرى ،كۆز قاراشلار پەقەت شۇ شەخسنىڭ ھسسى دۇنياسى.ئوقۇغان كىتاپلىرىنىدىن ئۈزۈندە ئىكەنلىكى ئىيتماي تۇرالمايمىز .قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك ئىلغار تەرەپمۇ بار ،لىكىن ھەممىنى توغرا دىيىشكىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.شۇ ئوقۇغان كىتاپ كىمنىڭ مەنپەتى ۋە دۇنيا قارشى ئاساسلىنىپ يىزىلغان دىققەت قىلىش كىرەك، دىن ۋە تەرققيات ھەققىدە ناتىقلىق قىلىشتىن تىخى شۇ شەخىسنىڭ بىلىمنىڭ خىلىلا كەمتۇك ئىكەنلكىنى ھىس قىلۋالغىلى بولىدۇ.بۇ لىكسىيەدە ئۈمىت غېنىى زورىغا سۆزلەنگەن، تەييارلىقسىز، چۇۋالچاق لىكسىيە بولۇپتۇ.
لىكسيە ئاخىردا مەركىزى نوقتى نەزەر يەنى «رىياسەتچىلىك ھەققىدە ›› لىكسىيگە مۇناسىۋەتسىز،رىياسەتچىلىك ئىلىمىغا ئائىت بولمىغان ئومەرجان ئالىم ۋە ئابلاجاننى سۆھبەتلىرىنى كۆرۈپ ،تىمىدىن قاتتىق چەتنەش، تەييارلىقنىڭ بوش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغىلى بولىدۇ .ئەلۋەتتە بۇ ئىككى ئادەم بار دىيلمىسە ئادەم توپلىماق تەسكە چۈشەر ھە قاچان.
لىكسىيە جەريانىدا دىيلگەندىكى سۆزلەرگە رەدىيە بەرگۈم كەلدى :
1- نىغمەت باشقىلارغا گازىر پۇلىغا 1000كوي بەردى.
نىغمەتنىڭ شەخسى كىرىمى كۆپ بولسا،ئىشلىگەن پىروگىراممسىسى قانداق مەغلۇپ بولىشى سىز بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوققۇ دەيمەن .
2- پەلسەپە تىخى يىڭى ئۇقۇم،
ماددا ۋە ئاڭنىڭ بىرلەمچىلىكى ۋە ئىككىلەمچىلىك تالاش تارتىشش يىڭىدىن پەيدا بولغانمۇ؟سىز پەلسىپىنى قاچان دىن باشلاپ ئۇگەنگەن،
3-لوككىرنىڭ جەمئىيەت كىلشىمنامىسى دىگەن كىتاپ ،ھازىرقى جەمئىيەتنى ۋە قانۇننى پەيدا قىلدى .
سىزچە شۇ كىتاپنى يازغان ئادەم مۇشۇ گەپنى ئاڭلىسا ،ئۆزى ئىتراپ قىلارمۇ؟دىمەك بىر ئادەمنىڭ ئىدىيسىكىتابى پۇتۇن دۇنيا تۈزۇلمىسىنى ئۆزگەتتمۇ؟ سىز تىخى دۇنيانى تۇزۇلمىسىنى ئۆزگەرتكەن قۇرئاننىڭ قانداق تارىخى بارلىقىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز.
4- ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققى قىلماسلىقتىكى ئىچكى سەۋەپ-99%تى ئىسلام بولۇشى ۋە چاۋشەنگە ئوخشاش بىكىنىۋىلىش.
بىزنىڭ 99% ئىسلام بولشى بىلەن چاۋشەننىڭ بىكىنمىچىلىكى ،تەرەققى قىلماسلىقى بىلەن ئوخشاشلا ئىشما.ئەجابا نىڭشاچۇ؟گۇنا ئىسلامدىمۇ؟
5-ئابدۇسالام دىگەن پاكىستانلىق كىشىنىڭ كىتابىنى ئارلاپ –ئارلاپ ئوقۇپ بۇ ئاددەمنىڭ ئىسلامنىڭ دۇشمىنى قىلىپ قۇيدىڭىز؟ئىلىم پەن بىلەن دىننى زىتلىك دەپ چۈشەنچە بەردىڭىز؟
بۇ كىشى ئەسلى ئۆزى مۇسۇلمان ،بۇ كىتاپنى تولۇق ئوقساقمۇ بۇنداق مەنا بەرمەيدۇغۇ.بۇ كىتاپ ئىسلامدىكى كىشلەرنى ئىلىم-پەنگە قىزىقتۇرۇش،دەۋەت قىلىش مەقسەت قىلىنغان.بۇنداق ئوقۇساق مەنا خاتالىقى چىقمامدۇ.ئىسلامدا فىزىكا چەكلەنگەن ،دەپلا ئاتلاپ ئۆتۇپ ئۇقۇپ قۇيسىڭىز ،ئاڭلىغان ئادەمنىڭ بىشىنى چۆرۈپ قۇيۇپ بەرگەندەك بىر ئىشقۇ.
6- ياۋرۇپا دىنندىن قۇتۇلۇپ تەرەققى قىلدى .
ياۋرۇپا دىندىن قاچان قۇتۇلۇپتۇ ؟پاكىتىچۇ؟پۇلى كۆپ دىگەنلىك تەرەققى قىلدى دىگەنلىكمۇ؟
(7)6 - ئەسىردە بارلىققا كەلگەن ئىسلام ئارستوتىل ۋە سوقرات نىڭ ئەسەرلىرىنى كۆچۈرۈپ كىلىپ تەرققى قىلغان.ئەمما سانائەت ئىنقىلابى قۇزغىلىپ ئىلغارلىق ياۋرۇپادا بولغان.
ئسلام مۇقەددەس قۇرئاننى ئاساس قىلىپ جەمئىيەت قۇردى ، قۇرئاندىكى كىشىلىك ۋە دۇنيا كۆز قارشى بويىچە ئىلغارلىققا ئىگە ،ھازىرمۇ دەل شۇنداق.ئەزەلدىن باشقىلارنىڭكىنى كۆچۈرگىنى يوق .
8- ئابلاجاننىغا ئوخشاش چولپانلارنىڭ تەقدىرى ،تۇرمۇش سەۋيىسى،جەميەتنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئابلاجاننىڭ داچا ئالالماسلىقى ،تۇرمۇشۇنىڭ قانداق بولىشى ،پۇل خەجلىشى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتى بىلەن كۆپ مۇناسىۋىتى يوق .
9-پەن بىلەن دىننىڭ زددىيىتى ھەل بولسا تەرەققيات بولىدۇ.
ھەق بىلەن باتىلنىڭ زىدديىتى زامان ئاخىرغىچە بولىدۇ،دىن بىلەن پەن زىددىيەتلىك ئەمەس.
10- ئىچكىردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسى شەخسىلىشپ ،بازارلىشىشقا قاراپ ماڭدى.
پىرگۇرامما بازارلىشىپ كەتتىمۇ ياكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىمۇ. جۇڭگۇدا قانچە شەخسى تېلۋىزىيە ئستانسى بار
دەپ كەلسەم بۇ لىكسىيەدە يەنە نۇرغۇن نوقتىلار بەكلا ئىشىپ كىتىپتۇ.جۇملىدىن مەن خالىمىدىم.
لىكسىيەنىڭ ئەڭ باشتا سوئال سورىغان ئېگىز كەلگەن ئىنىمىز ناھايتى توغرا سۇئال سورىغان بولسىمۇ لىكسىيەدىكى ‹‹بۈزۈكۋار پىشۋالىرىمىز››ئۇ بالىغا قاتتىق تەگكەن،سۇئالىنى بۆلىۋەتكەن،ئەمما بۇ ئىنىمىز ئۆزنىڭ بىلىش دائىرسىدە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇپتۇ،بۇ لىكسىيەنى ئۈمىد غەنى 30 يۈەندىن پۇلغا بېلەت سېتىپ باشقىلارغا سۆزلەپتۇ،ئەلۋەتتە 30 يۈەن ئالغۇچىنىڭ لىكسىيە سۆزلىگۈچىدىن سۇئال سورىغىنى بەرھەق دە؟خىلى چىڭ يەردىن تۇتىۋالدى ؟يەنە بىر قىز خىلى سالمقى بار سۇئال سورا ؟لىكىن ئەسكە ئالماق تەس دەپلا ،ئەگىپ ئۆتۇپ كەتتۇقمۇ قانداق؟
ئۇنداقتا سىلەر دەپ بېقىڭلارچۇ، نۇپۇزۇم بار دەپ ، كىتاپ ئۇقۇدۇم دەپ سۆزلەۋېتىشكە بۇلامدۇ؟ قارىغاندا كىتاپ ئوقۇغان ،ئازراق نامى چىققان ئادەم سۆزلىسە بولىۋىرىدىغان ئوخشايدۇ.ئەمدى يىڭىلىققىلىمىز دەپ مۇشۇنداق پەلسەپە سۆزلەش دولقۇنى قۇزغىلامدۇ نىمە ؟.
مەن قۇسۇر ئىزدىمەكچى ئەمەس ،ئەلۋەتتە توغرائىددىيە كۆز قاراش ،لىكسىيەلەر بولسا ،ھەممە قۇبۇل قىلىدۇ ،قىزغىن قارشى ئالىمىز.بۇنداق ھول پەلسەپەلەرنى نەگە ئاپىرىپ ساتسىا بولىۋىرىدۇ.
|