- تىزىملاتقان
- 2013-9-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4095
- نادىر
- 0
- يازما
- 168
ئۆسۈش
69.83%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا KOBEjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-25 17:10
يېقىندىن بىرى باغداشتا ماۋۇ ۋاڭ داخاۋ دىگەن ئالىجوقىنىڭ تەرجىمە سەپسەتىلىرى ئارقا ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، كۆپلىگەن تور ئەھلىنىڭ قاتتىق قارشىلىقى ۋە نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرگەن پىكىرلىرى ھەممىمىزنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلدى. لېكىن شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ۋاڭنىڭ جۆيلۈشلىرى بىزگە ياقمىغان بىلەن ھۆكۈمىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئوڭچىللارغا ۋە خەنزۇلارغا تازا يېقىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇ تەشەببۇس قىلغان بەزى ئىشلار ئەتراپىمىزدا راستىنلا بۇلىۋاتىدۇ. باشقا جايلاردا قانداق بىلمەيمەن. لېكىن بىزنىڭ يۇرتلاردا دىھقانلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم زاۋۇتلارغا مەجبۇرلاپ چىقىرىدىغان ئىشلار خېلى ئېغىر. دىھقانلار ئۇنىمىسا يەرلىرىنى تارتىۋېلىش، تۈۋەن تۇرمۇش پۇلىدىن قالدۇرۇش دىگەندەك نامۇۋاپىق ۋاستىلەر بىلەن زورلىنىۋاتىدۇ. ئوخشاشلا ئىچكىرىدىن نۇقتىلىق ياردەم بىرىدىغان شەھەر، ئۆلكىلەرمۇ يۇرتىمىزنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش بىلەن بىرگە نوپۇس جەھەتتىن تېخىمۇ بەكرەك قوللاۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت چوڭىيىپ كىتىۋاتامدىكىن دەپ ئويلايمەن.
ئۈچ مىليون نوپۇس! بۇ ئۇيغۇر نۇپۇسى ئۈچۈن ئاز سان ئەمەس. بۇ ۋاڭداخاۋ نىڭ نىيىتى بەك قارىكەن. ئۇ ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىچكىرى جايلارغا چېچىۋېتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى يۇقۇتۇپ، خەنزۇ مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۋېتىشنى پىلانلاپتۇ. مۇشۇنداق بولغاندا بىز ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئۆتمەي خۇنەن ئۇيغۇرلىرى بىلەن ئوخشاش ھالغا چۈشىمىزدە بىزنىڭ ئۇيغۇر دىگەن قۇرۇق نامىمىزدىن باشقا ھېچنىمىمىز قالمايدۇ. بۇ نىمە دىگەن قورقۇنۇچلۇق. دۇنيادا بىر قەۋم، بىر مىللەتنى يۇقۇتىشتىن ئارتۇق ئېغىر گۇناھ ۋە جىنايەت يوق. مۇبادا ۋاڭنىڭ پىلانى راستقا ئايلانسا ماھىيەتتە بۇ قان چىقارماي ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلغان بىلەن باراۋەر. مەن ھۆكۈمىتىمىزنىڭ بۇنداق نادانلىق قىلىشىغا ئىشەنمەيمەن. پارتىيە - ھۆكۈمىتىمىز ئادىل ۋە پەم - پاراسەتلىك، ۋاڭدەك چۈپرەندىلەرنىڭ باشلىغان يولىغا ھەرگىز ماڭمايدۇ! ئاللاھىم بىزنى ئۇنداق قاباھەتلەردىن ساقلىغاي!
يەنە ئەزىز قېرىنداشلار، يۇقارقىدەك ئەسەرلەرنى جاپا تارتىپ بىزلەرگە يەتكۈزگەن قېرىنداشلىرىمىزدا گۇناھ يوق. مۇشۇ قېرىنداشلىرىمىز ئەجىر قىلمىغان بولسا ۋاڭداخاۋدەك دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلە- مىكىرلىرىدىن بىخەۋەر قالاتتۇق ئەمەسمۇ. يۇقارقىدەك تېمىلار بىزگە ياقمىغان بىلەن كاللىمىزنى سەگىتىپ، ھۇشيارلىقىمىزنى ئۆستۈرەلەيدۇ. ئەركىم ۋە ئىلنازەدەك تورداشلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت! نادىر تېمىلىرىڭلار داۋاملىق ئۈزۈلۈپ قالمىغاي! |
|