زورمىقداردىكى ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندىلا ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ
ۋاڭ دا خاۋ
************************************************************************************************************************************
ئەسلى تىما: شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىشى دۆلىتىمىز ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى ــــــ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدەشىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى فورماتسىيىسى(ئىجتىمائىي رايون) «جۇڭخۇا كوچىسى» بەرپاقىلىش توغرىسىدىكى مۇلاھىزە
قىسقىچە بايان شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئىچكىرىدىكىلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش، دۆلەتنى تونۇش ئېڭىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش،دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەتكە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان، ئىقتىسادى كۈچى بىر قەدەركۈچلۈك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 1000 شەھەرنى تاللاپ، شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى فورماتسىيىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۇتاش «جۇڭخۇا كوچىسى» دەپ نام بېرىپ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ «جۇڭخۇا كوچىسى»غا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشى، تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە پىلانلىق، تەشكىللىك يىتەكچىلىك قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. «جۇڭخۇا كوچىسى»نىڭ يادرولۇق قۇرۇلۇشى،مەخسۇس شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مىللىيچە قول، ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى سېتىلىدىغان ئۇنۋېرسال بازارۋە مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەك كوچىسى بولۇپ، تىجارەتچىلەر ئاساسەن شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى؛شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭخۇا كوچىسى»دا مېھمانخانا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ شۇجايدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىپ، فورماتسىيىنىڭ ھەرخىل تۇرمۇش ۋە مۇلازىمەت مۇئەسسەسەلىرى مۇكەممەل بولىدۇ.
ئاساسى ئىدىيە مىللەتلەرمۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىماق زۆرۈر. پەقەت مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلىغاندىلا، مىللەتلەرمۇناسىۋىتىنى تۈپتىن ياخشىلىغىلى بولىدۇ.مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش،مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئېھتىياجىنى ئۆزگەرتىش، بىر تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى ئىككى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىغا، پاسسىپ ئېھتىياجنى ئاكتىپ ئېھتىياجغا، تاشقى ئېھتىياجنى ئىچكى ئېھتىياجغا، سۇبېيكىت ئېھتىياجنى ئوبېيكتىپ ئېھتىياجغا، ئۆزئارا زىيانلىق ئېھتىياجنى ئۆزئارا پايدىلىق ئېھتىياجغا ئۆزگەرتىش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۈپتىن قوغداش ئۈچۈن، ئاۋۋال چوقۇم دۆلەت مەنپەئەت قورۇلمىسىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق، ئەتراپلىق پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك، ھەرقايسى مىللەتلەت ئوتتۇرىسىدا يۈكسەك دەرىجىدە قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، مىللەتلەرمەنپەئىتى يۈكسەك بىرلەشكەن مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ھاسىل قىلىش. بولمايدىكەن،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يىلتىزسىز دەرەخ،مەنبەسىز سۇدۇر. ئەگەرئىككى مىللەتنىڭ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ماكانى ئۆزئارا بىكىنمە ھالەتتە، چەك-چېگراسى ئېنىق ئايرىلغان، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بىر خىل ماددىي ئالماشتۇرۇش ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا قارىتا يۈكسەك ئېھتىياج بولمىغان مەنپەئەت قۇرۇلمىسى بولسا،ئۇنداقتا بۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئاسانلا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ.ئەكسىچە، ئەگەر بۇئىككى مىللەت ئوخشاش بىر ماكاندا تۇرمۇش كەچۈرسە، بۆلۈنۈش ۋە بېكىنىۋېلىش تەس بولىدۇ،ئۆزئارا مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ماددىي ۋە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا يۈكسەك ئېھتىياج بولغان مەنپەئەت قۇرۇلمىسى بولىدۇ-دە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مۇقەررەر ھالدا بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئورتاق تاللىشى بولۇپ قالىدۇ. مىللەتلەرمەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ھەمدە زىچ ھالدائۇچراشتۇرۇشى لازىم،ئاكتىپ ۋە تولۇق ئالاقە باغلاش، ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە باغلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق توسالغۇلارنى يوقىتىش، ئادىل ئۇچرىشىش ۋە ئالاقە باغلايدىغان سەھنە يارىتىش كېرەك،مۇشۇنداق قىلغاندىلا مىللەتلەر مەنپەئىتىنىڭ بىرلىشىشىنىئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شىنجاڭنىڭ تىنىچ ئازاد بولغىنىغا 60 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، نۇرغۇن جايلاردىكى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىشى يەنىلا مىللەتلەر ئارا «توخۇلىرىنىڭ چىللىشى، ئىتلىرىنىڭ قاۋىشى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ، ئۆمۈرۋايەت بېرىش كېلىش قىلماسلىق» تەك بېكىنمە ھالەتتە. بۈگۈنگە قەدەردۆلىتىمىزدە ئىلمىي مۇۋاپىق بولغان مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسى ھاسىل بولغىنى يوق،بۇ دۆلىتىمىزنىڭ زور ئىستىراتېگىيىلىك خاتالىقى، 60 يىل ئالتۇن ۋاقىت بىكاردىن-بىكارغا ئىسراپ بولۇپ كەتتى. يېقىنقى 30 يىلدا، شىنجاڭدا«ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى، بەلكى يۇقىرى ئۆرلەشكە(زورىيىشقا)يۈزلەندى.بۇ مىللەتلەر مەنپەئەتىنىڭ بىرلىشىشىگە ئۇزاق مۇددەت توسقۇنلۇق قىلغان دۆلىتىمىز مىللەتلەر مەنپەئەت قورۇلمىسى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. 60 نەچچە يىلدىن بېرى، شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئىزچىل زىيادە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەنزۇلار توپى بىلەن يۈزمۇيۈز،ئادەتتىكىدەك، بىۋاستە ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ۋە مەنپەئىتىگە تۈرتكە بولۇش كەمچىل.بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ يوشۇرۇن خەۋپى چەكسىز، يەنە مۆھلەتسىز داۋاملاشتۇرىۋېرىشكەبولمايدۇ. شىنجاڭدائۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۈيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، رۇس،داغۇر ۋە تاتار قاتارلىق 13 مىللەت ئولتۇراقلاشقان. تەبىئەت ۋە تارىخ قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى، كۆپ ساندىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىرى بىر ئۆمۈر دىگۈدەك شىنجاڭدىن، ھەتتاكى تۇغۇلغان يۇرتىدىن ئايرىلىپ باقمىغان، ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپلا بىرقەدەر بېكىنمە ۋە مۇستەقىل رايونلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇپ، ئاھالىنىڭ ئېقىش ئاكتىپچانلىقى يېتەرسىز.ئاساسەن خەنزۇلارنى كۆرەلمەيدىغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، خەنزۇلار بىلەن بىۋاستەمەنپەئەت مۇناسىۋىتى كەمچىل. بۇنداق مۇھىتتا مىللەتلەر ئارا توسۇق پەردىسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. دۆلەتنى تونۇش ئېڭى نىسبەتەن ئاجىز، ئاسانلا «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تەسىرىگەئۇچرايدۇ.بۇنداق كۈن كەچۈرۈش ھالىتى ۋە مىللەتلەر ئاھالىسىنىڭ جايلىشىش قۇرۇلمىس ىشىنجاڭنىڭ ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدەچەكلەپلا قالماي، يەنە دۆلەتنى تونۇش ئېڭى ھەمدە ۋەتەننى سۆيۈش مەركەزگە ئىنتىلمە كۈچىگە زور دەرىجىدە كاشىلا بولىدۇ. شىنجاڭدىكى«ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە قاتتىق تەھدىت سالدى. «ئۈچ خىل كۈچ» كە يۇقىرى بېسىم بىلەن قاتتىق زەربە بېرىش ھالىتىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور كۈچ بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تەسىرىنى چەكلەشكە مەلۇم دەرىجىدەپايدىلىق بولسىمۇ، لىكىن مەسلىنى تۈپتىن ھەل قىلالمايدۇ، چوقۇم يەنە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ ئېقىشى ۋە جايلىشىشىغا قارىتا ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ چىقىش لازىم، مەنپەئەتن ىۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەش ئارقىلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى قوشۇلۇپ ئايرىلماس مەنپەئەت مۇناسىۋىتى، مىللەت مۇناسىۋىتى ھاسىل قىلىش، ھەمدە ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالماسلىقتەك مىللەت مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم، پەقەت مۇشۇلارلا دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاساسىي كاپالەتتۇر. نۆۋەتتە،شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئولتۇراقلىشىش سانى ناھايىتى ئاز. شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئاز سانلىق مىللەت ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇرلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە،ئاپتونوم رايون، بىۋاستەقاراشلىق شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان، ئاساسلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، جەمئىي 8345600 ئادەم، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 36 .99پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.بۇندىن باشقا، ئۇيغۇرلار باشقا رايونلارغا جايلاشقان، خۇنەن، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، جىياڭشى،سىچۈەن ۋە بېيجىڭدىكى ئويغۇرلارنىڭ نوپۇسى 2000 دىن ئاشىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى فورماتسىيىسى(ئىجتىمائىي رايون)«جۇڭخۇا كوچىسى» بەرپا قىلىش بولسا، «جۇڭخۇا كوچىسى» نى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتى ئادەم، ئەشيا ئوبوروت ۋە ئىنفورماتسىىيە (ئۇچۇر) ئالماشتۇرۇش سەھنىسى قىلىپ ياساش ۋاستىسى بىلەن شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك،چەمبەرچاس مەنپەئەت مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈش،ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ بىرگەۋدىلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق دۆلەتنى تونۇش ئېڭىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرې ىسۈرۈش، ئەمەلىي مەنپەئەت ۋاستىسى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگەشىنجاڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ھەقىقىي ھىس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. مەنپەئەت تونۇشنىڭ ئاساسىدۇر، ئۆزئارا يۈكسەك بېقىندى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بولمىسا، ھەرقانداق ئاتالمىش «تونۇش تەربىيىسى» دەرەخ بېشىدىن بېلىق ئىزدىگەنلىكتۇر(بىھۇدە، مەنىسىزدۇر).
«جۇڭخۇا كوچىسى» مۇلاھىزىسى
نۆۋەتتىكى پۈتۈن مەملىكەت شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ئاساسىدا، شىنجاڭغا ياردەم بىرىش ئۇسۇلىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭىلىق يارىتىش، «جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇلۇشى»نى يولغاقويۇش يەنى: مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى نوپۇس زىچ ئولتۇراقلاشقان،ئىقتىسادى كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 1000 شەھەرنى تاللاپ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى فورماتسىيىسى بەرپا قىلىپ، بىر تۇتاش «جۇڭخۇا كوچىسى» دەپ نام بېرىپ،شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرىنىڭ «جۇڭخۇا كوچىسى»غا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشى، تۇرمۇشكەچۈرۈشىگە پىلانلىق، تەشكىللىك يىەكچىلىك قىلىش. [ ئالاقىدارماتېرىيال: 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەلكەتتە جەمئىي 34 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون ( تۆت بىۋاسىتەقاراشلىق شەھەر، 23 ئۆلكە، بەش ئاپتونوم رايون، ئىككى ئالاھىدە مەمۇرىي رايون )،333 يەرلىك دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ( 283 يەرلىك دەرىجىلىك شەھەر، 17 ۋىلايەت،30 ئاپتونوم ئوبلاست، ئۈ چ ئايماق )، 2856ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورگان ( 853 شەھەرگە قاراشلىق رايون، 370 ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، 1461 ناھىيە، 117ئاپتونوم ناھىيە، 49 خوشۇن، ئۈچ ئاپتونوم خوشۇن، ئىككى ئالاھىدە رايون، بىر ئورمان رايون ).] «جۇڭخۇا كوچىسى»غائىشلىتىلىدىغان يەر ھەمدە مەبلەغنى ھەرقايسى قۇرۇلۇشقا ياردەم بىرىدىغان ئۆلكىلەرئاجرىتىپ چىقىرىدۇ ۋە مەسئۇل بولىدۇ، ئورتاق باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ياردەم بېرىدىغان تەرەپ باج يىغىش دارامىتىدىن بەھر ئالسا بولىدۇ. «جۇڭخۇا كوچىسى»نىڭ يادرولۇق قۇرۇلۇشى،مەخسۇس شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، مىللىيچە قول، ھۈنەر-سەنئەت بويۇملىرى سېتىلىدىغان ئۇنۋېرسال بازارۋە مۇسۇلمانچە يىمەك-ئىچمەك كوچىسى بولۇپ،تىجارەتچىلەر ئاساسەن شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى، پايدا زىيىنىغا ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ؛شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭخۇا كوچىسى»دا مېھمانخانا، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋەكارخانىلارنىڭ شۇجايدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى تەسىس قىلىنىدۇ؛ «جۇڭخۇا كوچىسى»غا مەسچىت سېلىنمايدۇ، كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشنى خالايدىغانلار چوقۇم بۇشەرتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، فورماتسىيىنىڭ باشقا ھەرخىل تۇرمۇش ۋە مۇلازىمەت مۇئەسسەسەلىرى مۇكەممەل بولىدۇ. «جۇڭخۇا كوچىسى» فورماتسىيىسى ئاھالىسىنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۇيغۇرلار، بۇلارئاساسلىقى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت،ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. كۆپ ساندىكىلىرى 45 ياشتىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق، 30 ياشتىن تۈۋەنياشلارنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇلىدۇ،چۈنكى بۇ ياشتىكىلەر يېڭى مۇھىتقا ئەڭ ئاسان ماسلىشالايدۇ. «جۇڭخۇا كوچىسى» غا كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىدىغان كىشىلەرنى شىنجاڭدىكى يەرلىك ھۆكۈمەت قاتتىق تەكشۈرۈپ تاللايدۇ، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىسى، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، تىرورلۇق ۋەقەلەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلار ئالدىن تاللىنىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان، جىنايەت ئۆتكۈزگەن ئارخىپى بارلار ياكى ناچار قىزىقىشى بارلار بىردەك كۆچۈپ كىرىشكەبولمايدۇ، كىرىش ئېغىزىنى قاتتىق كونتىرول قىلىپ، «جۇڭخۇا كوچىسى»دا خىزمەت قىلىدىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ھەربىر شىنجاڭلىق كىشىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقكۆڭۈل دوستانە، قائىدە-قانۇنلارغا رىئايە قىلىدىغان، بايرىقى روشەن، ئاڭلىق ھالدامىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەمدە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىيالايدىغان كىشىلەردىن ئىكەنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەر 60 كۋادىراتتىن چوڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردىن بەھرىمان بولىدۇ، ئايلىق ئىجارە ھەققى 50 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە؛ ئەگەرشۇجايدىكى دوختۇرخانىلاردا بالا تۇغسا، پەقەت پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولسىلا، تۇغۇت خىراجىتى بىلەن تولۇق تەمىنلىنىدۇ؛ كۆچۈپ ئوتۇراقلاشقانلار ئەسلى يۇرتىنى ساقلاپ قالسا، ھەرۋاقىت شىنجاڭغا قايتىپ تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ، ئۆزخاھىشى بويىچە شۇ جايدا رويخەتكە ئالدۇرسىمۇ بولىدۇ. «جۇڭخۇا كوچىسى» نىڭ شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئىدارە قىلىدىغان ئىقتىدارى بولۇپ، 1000 «جۇڭخۇاكوچىسى» غايەت زور ھەمدە ئەتراپلىق، تورلاشقان شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئىدارە قىلىدىغان سېستىمىنى شەكىللەندۈرۈپ،ھەرۋاقىت ئاققۇن نوپۇسلارنىڭ ئۇچۇرىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. «جۇڭخۇاكوچىسى» كۆچۈپ ئولتۇراقلاشقانلارغا «بىرلىكلەشتۈرۈش» بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ياخشى بولغان مۇقىملىقنى قوغداش سېستىمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، شىنجاڭلىق ساقچىلارنى كۈندىلىك ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشقا ئەۋەتىدۇ، « بىنورمال كىشىلەرنى» ئەتراپلىق نازارەت قىلىپ، «جۇڭخۇا كوچىسى»نى «ئۈچ خىل كۈچ»نى ئۈزۈپ تاشلىغان، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سىڭىپ كىرگەن قاراۋۇلخانا ۋە مۇداپىئە سېپىگە ئايلاندۇرىدۇ؛ «جۇڭخۇا كوچىسى»غاكۆچۈپ ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭلىق كىشىلەرگە قارىتا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ياكى ناچار قىلمىشى بايقالغان ھەرقانداق بىرى بىردەك ئەسلى يۇرتىغا قايتۇرىلىدۇ،«نۆل سەۋر-تاقەت» يولغا قويۇلۇپ، قىلچە بىخەستىلىك قىلماستىن «جۇڭخۇا كوچىسى»نىڭ خەيرلىك، ئىناق پاك دۇنيالىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. «جۇڭخۇاكوچىسى»نىڭ يەنە ئەمگەك كۈچلىرى ۋاستىچىلىك رولىمۇ بار بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا شىنجاڭلىق ئەمگەك كۈچلىرىنى چىقىرىش(ئېكسپورت) بۇرچىنى زىممىسىگە ئالىدۇ. (بۇيەردە 99 خەت قىسقارتىۋىتىلدى) ( بۇيەردەيەنە قانداق ئويۇن بارلىقىنى بىر ئاللادىن باشقا ئاپتور ئۆزى بىلمىسە.... تەرجىمەقىلغۇچىدىن)
«جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇشنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى «جۇڭخۇاكوچىسى» شىنجاڭ تاۋارلىرىنى سېتىش سۇپىسى «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىق قىلىشى تۈپەيلى،نۇرغۇنلىغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كىشىلەرشىنجاڭغا كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ،مەسىلەن، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن، قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە 1450 ساياھەت ئەترىتى شىنجاڭغا ساياھەت قىلىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،شىنجاڭ بىراقلا 4396 نەپەر چەتئەللىك ساياھەتچىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 84940 گە يېقىن ساياھەتچىدىن قۇرۇق قالدى؛ 2011-يىلى 7-ئايدا،شىنجاڭنىڭ خوتەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىدە ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم زوراۋانلىق،تىرورلۇق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئىنتايىن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. شىنجاڭنىڭ«ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بولغان كۆرىشى ئۇزاق مۇددەتلىك،مۇرەككەپ ھەم كەسكىن بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئاخىرلاشتۇرغىلى بولمايدۇ،شىنجاڭدا زوراۋانلىق، تىرورلۇق بۇزغۇنچىلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، ساياھەت كەسپىگە ئەجەللىك زەربە بولۇپلا قالماستىن بەلكى نۇرغۇنلىغان خوجايىنلارنىڭ يەل-يېمىش قاتارلىق تاۋارلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرىۋاتىدۇ ، «جۇڭخۇا كوچىسى» شىنجاڭ تاۋار-مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش مەركىزى بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر ۋە خوجايىنلارشۇجايدىكى «جۇڭخۇا كوچىسى» دن بىۋاستە سېتىۋالسا، سودىلاشسا بولىدۇ، بۇ تىرورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى زوردەرىجىدە ئازايتىدۇ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى ئىشەنچلىك كاپالەت مېخانىزمىغا ئىگە قىلىدۇ،دېھقانلار بۇرۇنقىدەك ئېتىز بېشىدا ئولتۇرۇپ، پىشىپ مەي باغلاپ كەتكەن مېۋىلەرگە قاراپ خۇرسىنمايدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش بولسا 1000 شىنجاڭ تاۋارلىرىن ىسېتىش سۇپىسى قۇرغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، بۇ بىر غايەت زور تاۋار سودىسى تورى.يىللىق سېتىلىش مىقدارى ئون مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇ غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان خەلق قۇرۇلۇشى بولىدۇ، شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى تۇراقلىق ئاشۇرۇشتا كۈچلۈك كاپالەت قىلىش رولى بار.
«جۇڭخۇا كوچىسى» شىنجاڭلىقلار ساياھەت كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت مەركىزى
نۇرغۇن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىشنى مۈشكۈل چاغلاپ،شىنجاڭدىن ئايرىلىشنى، ئىچكىرىگە بېرىشنى خالىمايدۇ، سەۋەبى ياتاق تاماق قولايسىز.بىرىنجىدىن شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردە مۇسۇلمانچە ئاشخانىلار ناھايىتى ئاز بولۇپ، تاماق يېيىش قىيىن؛ ئىككىنچىدىن، «شىنجاڭلىق ئوغرى»، «ئۈچ خىل كۈچ»مەسلىسى تۈپەيلى نۇرغۇنلىغان شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەردە بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان شىنجاڭلىقلارنى چەتكە قېقىش پىسخىكىسى پەيدا بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپلىگەن مىھمانخانىلارشىنجاڭلىق كىشىلەرنىڭ ياتاقتا يېتىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ شىنجاڭلىقلار بولۇپمۇ شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ھېسسىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇشەك-شۈبھىسىزكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق. ياتاق تاماقنىڭ قولايسىز بولىشى شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بولغان قىزىقىشىنى قاتتىق چەكلەپ، ھېسسىيات جەھەتتىن تەبئىيلا توسۇق باردەك، ئايرىۋېتىلگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدۇ، بۇ شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ دۆلەتنى تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چوڭ توسالغۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش بولسا 1000 شىنجاڭلىقلار ساياھەت كۈتۈۋېلىش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرغان بىلەن باراۋەر. «جۇڭخۇا كوچىسى» رايونىدا تاماق يېيىش، يېتىپ قوپۇش، ساياھەت قىلىشنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىقلارنى «ئۆيگەقايتقانغا ئوخشاش» راھەت ھېس قىلدۇرىدۇ، بۇ شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەت، سودا-سېتىق، ئۆگۈنۈش، خىزمەت قىلىش ۋەتۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتىدۇ، ئۇلارنىڭ دۆلەتكە بولغان تونۇشىمۇ مۇقەررەر ھالدا مۇشۇنىڭ بىلەن كۈنسايىن كۈچىيىدۇ.
«جۇڭخۇا كوچىسى» شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۇزاقتىن بۇيان،شىنجاڭنىڭ سىرتىدا شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئىدارە قىلىش ئىزچىل بىرقىيىن مەسىلە بولۇپ، شۇجاي يەرلىك ھۆكۈمىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.ئىجتىمائىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلار بارغانسىرى كۆپىيىپ، ھەرخىل زىددىيەتلەرتېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، بۇ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا ھەل قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان پەۋقۇلئاددە رېئال مەسىلە. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جېنپىڭ ناھىيىسى دۆلىتىمىز تەرىپىدىن «قاش تېشى ئويمىچىلىق يۇرتى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، كەسىپكارلار 100مىڭدىن ئاشىدۇ. 2006-يىلىدىن تارتىپ،شىنجاڭدىن كەلگەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر بۇ يەردە سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىشنى باشلىغان،نۆۋەتتە بۇ جايدا ئۇزۇن مۇددەت سودا بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر ئاممىسى600 كىشىدىن ئاشىدۇ، ئاققۇن نوپۇس سانى ئەڭ كۆپ بولغان چاغلاردا 2000غا يېتىدۇ،ئاساسلىقى قاشتاش بويۇملار، قاش تېشى ماتىرىياللىرى سودىسى، يىمەك-ئىچمەك،ترانسپورت قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، 2010-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى،شىنجاڭنىڭ خوتەن ناھىيىسىدىن بولغان 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر باققال شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھىرىگە كېلىپ قوغۇن ساتتى، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بۇ «شەھىرىمىزنىڭ شەھەرباشقۇرۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا يۇشۇرۇن ئاپەت ئېلىپ كەلدى» دەپ قارىدى. «جۇڭخۇا كوچىسى» نىڭ مەملىكىتىمىزدىكى جايلىشىشى قۇرۇلمىسى شەكىللەنسىلا، چوقۇم كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى بولغان شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلار توپلاشقان رايونغا ئايلىنىدۇ،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش بولسا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى باشقۇرۇش پونكىتى» قۇرغان بىلەن باراۋەر بولۇپ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ سىرتىدىكى شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى « چېچىلاڭغۇ، قالايمىقان، تۇراقسىز» ھالىتىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئىدارە قىلىش قىيىن بولۇش، مۇقىملىقنى قوغداش قىيىن بولۇش قاتارلىقمەسلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
«جۇڭخۇا كوچىسى» غايەت زور خىزمەتكە ئورۇنلىشىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش كەلگۈسى ئون يىلدا شىنجاڭنى 500مىڭدىن ئوشۇق خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ شىنجاڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىدۇ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىگە گەپ سىغمايدۇ. شىنجاڭ يەكەن ناھىيىسى شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ناھىيە بولۇپ، 780 مىڭ نوپۇسى بار، يەكەننى «جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇشتىكى ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇ. يەكەن ناھىيىسىدە ھەريىلى 16000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تولۇقسىزنى پۈتتۈرىدىغان بولۇپ، 12000 غا يېقىن ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇيالمايدۇ.بۇ بالىلارغا تېخنىكىلىق تەربىيلەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا كوچىسى»ئارقىلىق تونۇشتۇرۇپ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىشنى تەۋسىيەقىلسا بولىدۇ.
«جۇڭخۇا كوچىسى» مىللەتلەر كەڭ قورساقلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىدۇ نوپۇسنىڭ كۆچۈشى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى جەريانىدىكى ئاساسىي ئەھۋال.لىكىن بەزى كىشىلەرنىڭ چەتكە قېقىش پىسخىكىسىنىڭ شەكىللىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. نۇرغۇن ئىچكىرى ئۆلكىلىك خەنزۇلار شىنجاڭدائوقۇۋاتىدۇ، خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ھەمدە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ، بەزى شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى بۇلارنى سەل يەكلەيدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش نۇرغۇنلىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ سىرتىغا چىقىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نۇپۇس سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپۈيىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ياتلارنى يەكلەش كەيپىياتى(خۇيى) ئۆزلۈكىدىن سۇسلىشىدۇ. خەنزۇلار ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىغا كىلىپ تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ خەنزۇلار رايونىغا بېرىپ تۇرمۇش كەچۈرسە بولىدۇ، بۇ خىل «سىنىڭ رايونىڭدا مەن بار، مىنىڭ رايونىمدا سەن بار» قۇرۇلمىسى ھەر قايسى مىللەتلەرنى تېخىمۇ كەڭ قورساق قىلىدۇ،جەمئىيەتمۇ شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ ئىللىقلىشىدۇ.
«جۇڭخۇا كوچىسى» بولسا غايەت زور پروپېللېر (سىڭدۈرگۈچى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچى ئىتتەرگۈچ)، «شىنجاڭلىق ئوغرى»مەسلىسىنىڭ يامان تەسىرى، بولۇپمۇ «5-ئىيۇل» ۋەقەسى ھەمدە «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئۈزلۈكسىز زوراۋانلىق تىرورلۇق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يامان تەسىرى،شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى، شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى ئېغىر زىيانغائۇچراتتى، نۇرغۇن شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى كىشىلەردە شىنجاڭغا نىسبەتەن ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولۇپ، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشتا «بىخەتەرلىك تۇيغۇسى»كەمچىل. مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەھەرلەردە 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرغاندا يەرلىكلەرشىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش جەريانىدا ،شىنجاڭنى ھەقىقىي چۈشىنەلەيدۇ. ھەربىر «جۇڭخۇا كوچىسى» شىنجاڭنى چۈشۈنىدىغان، شىنجاڭنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆزنەك، بۇ شىنجاڭنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاشقا، ئۆزئارا ئىشەنچنى ئاشۇرۇشقا، ئىچكىرى ئۆلكىلىك كىشىلەرنىڭ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىش ھەۋىسىنى قوزغاشتا ئىنتايىن چۇڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. 3000000ئادەم تۇرمۇش كەچۈرىدىغان 1000 «جۇڭخۇا كوچىسى» غايەت زور ئادەم،ئەشيا ئوبوروت ۋە ئىنفورماتسىىيە (ئۇچۇر) ئالماشتۇرۇش سەھنىسى بولۇپ، بىر چوڭ پروپېللېرغا ئوخشايدۇ، شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار ئارىسىدىكى ئالاقىنى ، ئۆزئارا چۈشۈنىشنى،ئۆزئارا ياردەم قىلىشنى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى يۈكسەك بېقىندى مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى، شىنجاڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق كەسىپلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرققىي قىلىشىنى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ «جۇڭخۇا كوچىسى» ھەم كاتتا بىرلەشتۈرگۈچ بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قۇشۇلۇشىنى چوقۇم كۈچلۈك ھالدا تىزلەتكۈسى، «جۇڭخۇا كوچىسى» دا سوداقىلىدىغانلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتى شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن ناھايىتى زىچ،گۈللىنىش ۋە زاۋال تېپىشتا تەقدىرداش بولغاچقا، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا تەۋرەنمەيدىغان ئاممىغا ئايلىنىدۇ، بۇ شىجاڭنىڭ ئىچىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرگە ھەل قىلغۇچ ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ، «جۇڭخۇا كوچىسى» دۆلىتىمىز ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كاپالەتكەئىگە قىلىدىغان كاتتا «مۇقىملاشتۇرغۇچ».
«جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ «جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە ياكى بازار ئېچىش مەسلىسى بولماستىن بەلكى تار بولغان مىللەت ئاڭ مەسلىسى، يەنى نۇرغۇن كىشىلەر شىجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىشىنى خالىمايدۇ. ھازىرغىچەكۆرۈلگەن مەسلىلەرگە قارىغاندا، ھەقىقەتەن بىر قىسىم شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشى، ھەتتا زوراۋان-ترورچىلىق قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سالىدىغان ئېغىر جىنايەت قىلمىشلىرى مەۋجۇت. نەچچە يىل ئىلگىرى، شىنجاڭ «ئۈچ خىل كۈچ»لىرى ئاللىبۇرۇن گەنسۇ،سەنشى، چىڭخەي، خېنەن، خېبېي، شەندۇڭ، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە رايونلاردا سىڭىپ كىرىپ ئۇلتىماتىزىمنى تەشۋىق قىلىپ تەشكىلات ئەزالىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، ياكى قانۇنسىز دىن تەربىلەش ئورۇنلىرىنى قۇرۇش، ۋە ياكى قورال ياراغ سېتىۋېلىش، پارتلاتقۇچ ماتىرىياللىرىنى ياساش، ياكى يەرئاستى تىرورلۇق مەشىق مەيدانى قۇرۇش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت سالغان، بۇ ھەقىقەتەن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان رېئال مەسىلە. ھالبۇكى، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «جۇڭخۇا كوچىسى» نى قۇرمىغان تەقدىردىمۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەنىلا ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلار مەۋجۇت بولۇپ، ھەرخىل جىنايى قىلمىشلىرى سادىر بولىۋېرىدۇ، بۇ ئىنسانلار جەمئىىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان مەسىلە. شىنجاڭلىق كىشىلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەركىن چىقىپ كىرىشىنى چەكلەش مۇمكىن بولمىغان ئىكەن،ئۇنداقتا «جۇڭخۇا كوچىسى» قۇرۇش ئەكسىچە شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئىدارە قىلىش قىيىن بولۇشتەك مەسلىنى تۈپتىن ھەل قىلالايدۇ،ھەرخىل جىنايەت قىلمىشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە زەربە بېرىشكە، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پىتراپ يۈرگەن «ئۈچ خىل كۈچ»ئۇنسۇرلىرىنى نازارەت قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگەسىڭىپ كىرىشىنى توسۇپ قويغىلى بولىدۇ. يىۋۇ جېجىياڭنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى كىچىك شەھەر بولۇپ، جۇڭگۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەن ئون يىل ئىچىدە تىز تەرەققىي قىلىپ چەتئەل سودىگەرلىرى توپلاشقان «دۇنيا ئۇششاق تاۋارلار يۇرتى»غا ئايلاندى، 2011-يىلى يىۋۇ شەھىرىنىڭ يەرلىك نوپۇسى640000 بولۇپ، سىرتتىن كەلگەن دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇش 590000، چېگرادىن كىرگەن چەتئەل سودىگەرلىرى 440000 ئادەم\قېتىمدىن ئاشقان. بىر ھەپتىدە يىۋۇدا سودا قىلىدىغان، كېلىپ كىتىپ يۈرىدىغان ئافغانىستان سودىگىرى 500دىن ئاشىدۇ، نۆۋەتتە پۈتۈن يىۋۇ شەھىرىدە 12 مەكتەپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، 23 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن360 دىن ئارتۇق چەتئەللىك ئوقۇغۇچى يىۋۇدا مائارىپ تەربىيىسى ئالىدۇ، جۇڭگۇنىڭ يىۋۇ شەھىرى 590000 چەتئەللىكنى قوبۇل قىلالىغان ئىكەن، ئۇنداقتا جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلىرى نىمىشقا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىنى قوبۇل قىلالمايدۇ؟ جۇڭگۇ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ جۇڭگۇسى ئەمەس، جۇڭگۇ دۆلەت ئىچىدىكى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق جۇڭگۇسى، ھەرقانداق بىركىشىنىڭ باشقا مىللەتنى چەتكە قېقىش ھوقۇقى يوق. ھەرقانداق جۇڭگۇ پۇقراسى ـــــ قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگۇ چېگراسى ئىچىدىكى خالىغان جايدا تۇرمۇش كەچۈرۈش ھوقۇقى بولىدۇ، ھەرقانداق كۆچۈش ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىنىڭ ھەممىسى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىق. پەقەت زور مىقداردىكى شىنجاڭ ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى ئەركىن ھالدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھارقايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلالىغان، سودا-سېتىق،ئۆگۈنۈش، خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنالىغان ۋە تۇرمۇش كەچۈرەلىگەندىلا، شىنجاڭ ئەڭ چوڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭگۇ ئەڭ چوڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرى شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەتلىرىنىڭ كۆچۈپ ئولتۇراقلىشىنى قوبۇل قىلغۇدەك كەڭرى كۆكسى-قارنى بولۇش كېرەك. پەقەت خەنزۇلارئازسانلىق مىللەتلەرنى ئۆز قېرىنداشلىرى ئورنىغا قويالىغاندىلا، ئازسانلىق مىللەتلەر ئاندىن خەنزۇلارنى ئۆ قېرىنداشلىرىدەك كۆرىدۇ: پەقەت خەنزۇلار ئازسانلىق مىللەتلەرنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرەلىگەندىلا، ئازسانلىق مىللەتلەر ئاندىن خەنزۇلارنى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك كۆرىدۇ، بىز ئازسانلىق مىللەتلەر ئارىسىدىكى تار مىللىي ئاڭغا قارشى تۇرىمىز،شۇنداقلا خەنزۇلار ئارىسىدىكى تار مىللىي ئاڭغىمۇ قارشى تۇرىمىز. پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا ھەرقايسى مىللەتلەر بۈيۈك مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك گۈللىنىشنى ئىشقائاشۇرالايدۇ. ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاقە يۈز بەرسىلا، چوقۇم زىددىيەت ۋە توقۇنۇش كۆرۈلىدۇ،ھەتتا بەزىدە بىرقەدەر ئېغىر قارشىلىشىشمۇ بولىدۇ. لىكىن بۇ مەسلىلەر پەقەت قويۇق ئالاقە جەريانىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىشقا ئېرىشىدۇ. ئوخشىمىغان مىللەتلەرئوتتۇرىدىكى زىددىيەت ۋە توقۇنۇش ئەسلىدىنلا مىللەتلەر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئۆزئارا چۈشۈنۈشتىكى مۇھىم ھەمدە ساقلانغىلى بولمايدىغان ۋاستە.مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاقىنىڭ كەمچىل بولۇشى ئەڭ خەتەرلىك ئىش. ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆزئارا قويۇق ئالاقە باغلاش مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپكى چىقىش يولى، بۇنىڭدىن باشقا چارە يوق. «جۇڭخۇا كوچىسى قۇرۇلۇشى» نى يولغا قويۇش شىنجاڭلىق ئاققۇن نوپۇسلارنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ،جايلاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ، پۈتۈن دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك مەنپەئىتىگەئۇيغۇن كىلىدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەر مەنپەئەتىنىڭ يۈكسەك بىرىكىشى بولمىسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مۇقىملىقى بولمايدۇ، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى بولمايدۇ.شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق ئولتۇراقلىشىش مەسلىسىگە قارىتا چوقۇم دۆلەت ستراتېگىيىسىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن تونۇش، ھەرگىزمۇ تار مىللىي ئاڭنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ستراتېگىيىسى پىلانىغا دەخلى قىلىشىغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر بەزىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭلىق ئازسانلىق مىللەتلەر فورماتسىيىسىنى ئىدارە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە،ئۇنداقتا نېمىگە ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 12000000 دىن ئاشىدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنى ياخشى باشقۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ؟
خاتىمە دۇنيادامەنپەئەتتىن ھالقىغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەۋجۇت ئەمەس،مەنپەئەتتىن ھالقىغان مىللىي بۆلگۈنچىلىكمۇ مەۋجۇت ئەمەس.پەقەت مۇكەممەل مەنپەئەت قۇرۇلمىسى بولغاندىلامىللەتلەر مەنپەئەتىنىڭ يۈكسەك بىرىكىشى بولىدۇ.مىللەتلەر مەنپەئەتىنىڭ يۈكسەك بىرىكىشى بارلىق مىللەتلەر زىددىيىتىنى پەسەيتىشنىڭ، مىللەتلەر مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى. پەقەت مىللەتلەر مەنپەئىتىى يۈكسەك بىرىككەندىلا مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا قارشىلىشىشى ۋە زىددىيەتلىشىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛پەقەت مىللەتلەرمەنپەئىتى يۈكسەك بىرىككەندىلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بولىدۇ؛ پەقەت مىللەتلەرمەنپەئىتى يۈكسەك بىرىككەندىلا دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ پەقەت مىللەتلەر مەنپەئىتى يۈكسەك بىرىككەندىلا ۋەتىنىمىزنىڭ بىرلىكىگە تۈپتىن كاپالەتلىك قىلغىلى، دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تۈپتىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئۇزۇندىن بېرى شىنجاڭ مەسلىسى ئۆزگۈرۈشچان ھالەتتە بولۇپ، نۇرغۇن يۇشۇرۇن خەۋپلەر تۈگىتىشكە تىگىشلىك. شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان قاتتىق چارە تەدبىرلەر بىر يەرگەباردى، تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ــــــ جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق قىسىم قاتارلىق زورلۇق كۈچلەرگە تايىنىش ۋاقىتلىق بولۇپ ماھىيەتتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پەقەت مىللەتلەر مەنپەئەت قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ستراتېگىيسىگە تۇتۇش قىلغاندىلا ھادىسىدىنمۇ،ماھىيەتتىنمۇ تۈزىگىلى بولىدۇ، قىيىندىن قېچىپ ئاسىنىغا ئېسىلىش، ئالدى كەينىگەقاراش، ئىككىلىنىپ بىر قاراغا كېلەلمەسلىك، مۇلاھىزە قىلىپلا ھەل قىلماسلىق شىنجاڭ مەسلىسىنى قان بىلەن كىرگەن خۇي، جان بىلەن چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ.شىنجاڭ مەسلىسى خالىغان ۋاقىتتا ھەل قىلسا بولىدىغان مەسلە ئەمەس، ئەڭ ياخشى ۋاقىتنى قولدىن بىرىپ قويسا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدۇ. تارىخ بىزگە بەرگەن شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى كۆپ قالمىدى. بىزدە بۇنىڭغا نىسبەتەن خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندا خەۋپنىمۇ ئويلايدىغان ئاڭ ۋە تەخىرسىز تۇيغۇسى بولۇشى كىرەك. ئەگەرشىنجاڭ مەسلىسىدە يەنە ئېغىر ستراتېگىيىلىك خاتالىق كۆرۈلسە، چوقۇم دۆلەت ۋەمىللەتكە ئورنىنى تولدۇرۇپ بولمايدىغان ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىپ. جۇڭخۇامىللەتلىرىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا قالدۇرىدۇ.
2009-يىلى9-ئاي دەسلەپكى نۇسخا 2012-يىلى6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا
مەنبە:http://wangdahao.blog.ifeng.com/article/21965488.html
ئىلنازە تەرجىمىسى
2013-يىلى 3-ئاي
|