- تىزىملاتقان
- 2014-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 507
- نادىر
- 0
- يازما
- 19
ئۆسۈش
1.4%
|
ئىستىقبال سەھنىسىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر كارخانچىلىرىمىزنىمۇ چۈشۈنىۋېلىمىزغا ياخشى بىر سەھنە بولدى بولۇپمۇ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ جاپاللىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىنى ھەم ئۇلاردىكى كارخانىچىلارغا خاس ساپاسىنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز بولۇپمۇ مىراس،پارلاق،ئابىدە ،ساداقەت شىركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى خەلققە مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ خادىم قۇبۇل قىلىشتا خادىملاردىن كۆز ئالدىدىكى يارىتىدىغان مەنپەتىنى ئەمەس كەلگۈسىدىكى قىممىتىنى تونۇشقا ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى خەلقىمىزنى خوش قىلىۋاتىدۇ...بولۇپمۇ مىراس شىركىتىدىكى قەمىردىن ئاكىمىزغا خېلى قايىل بولدۇم قارىسام ياش نوتىلارنى تەربىيەلەپ بادرا قىلىپ ئاسمانغا شوتا قىلىدىغاندەك روھلۇق.بارىكاللا
نۆۋەتتە مۇشۇ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىزغا شۇنى دىگۈم كەپ قالدى .ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز ئۆز ماركىلىرى بىلەن بازاردا ئوخشاش تۈردىكى ،ئورالمىسى ئوخشىمايدىغان مەھسۇلاتلىرىمىز كۆپىيىپ كەتتى شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت كىچىك بازارنى بىر بىرىمىزدىن قىزغىنىپ تالىشىپ ئېلان تەشۋىقات ،بازارغا قاراپ مەھسۇلات ئېچىش ،ماشىنا ئۈسكىنە سېتىۋېلىش ...قاتارلىق بىر قاتار مەبلەغلەر تەنەرىخكە قوشۇلۇپ مەھسۇلاتىمىزنىڭ باھاسى يۇقۇرى بولۇپ كېتىپ ئاخىرىدا مەھسۇلاتنىڭ باھا رىقابىتىدە باھا مەسىلىسى سەۋەپلىك سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىش دىيەرلىك بولمايۋاتىدۇ.مەنمۇ خېلى نامى بار بىر ئىچىملىك زاۋۇتىدا شىركىتىمىز بىر ئىچىملىكنى بازارغا سېلىشتا بازار تەكشۈرۈشتە ئىستىمالچىلارنى ئويلۇشۇپ تۇرۇپ ئوخشاش ساھەدىكىلەر بىلەن ئوخشاش مەھسۇلاتىمىز ئارقىلىق بازار تالىشىشتىن ساقلىنىمىز چۈنكى تالاشقان چەكلىك بازارنى ئەمەس ،ئېچىلمىغان چەكسىز بازارنى نىشان قىلىمىز.
بولسا سىز قايسى ساھەدىكى كارخانىچى بولۇڭ ئوخشاش ساھەلەردىكى كارخانىچىلىرىمىز ئۆزئارا ئۇيۇشۇپ كارخانىلىرىمىزنىڭ تىپ،دەرىجىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ گۇروھلىشىش يولىغا مېڭىپ سەمىمى ،ئادىللىقى بىلەن خەلقىمىزگە ئۈلگە بولۇپ ،ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ تېخىمۇ كۆپ سىتودىنىت ۋە ئىخساسلىرىمىزغا ھەقىقى ئىستىقبال سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىش يولىدا ئىزدىنىشكە تىلەكداشمەن
مەن يەنىلا شۇ كارخانىچىلىرىمىز ئالدىدا ئاددى بىر پىشمىغان خام سويما شۇ ئاكىلىرىمىز تىرىشچانلىقى بىلەن چوقۇم كۈچلۈك كارخانا ،گۇروھلارنى قۇرالايدۇ،ھەممىمىز قوللايلى مەدەت بېرەيلى سىز قوللاڭ خەلقىمىز ئالقىشلايدۇ،سىز سۆكمەڭ خەلقىمىز قارغىشلايدۇ!!! |
|