قانۇسىز ھەق ئالغانلاردىن مۇنداق ساقلىنىڭ!
بىر كۈنى مەن ئىشقا كەتكەندە،توكىمىز تۇيۇقسىز تۈگەپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايالىم توك كارتىسىدىكى زاپاس توكنى ئىشلىتىش ئۈچۈن،توك كارتىسىنى توك سائىتىگە كىرگۈزۈش جەريانىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن توك كارتىنى سۇندۇرۇپ قويۇپتۇ.كارتا سۇنىقى توك سائىتىنىڭ ئىچىدە قاپتۇ. ئەتىسى مەن كارتا بىجىرىش ئۈچۈن خوجىلىق بۆلۈمگە باردىم،ئۇلار كارتا بىجىرىش ئۈچۈن 50يۈئەن ئالىمىز، كارتا سۇنىقىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە 50 يۇئەن ئالىمىز دىدى. ۋاي ،نىمانداق قىممەت كارتا بىجىرىشكە 10يۇئەنلا كىتەتتىغۇ دىسەم،بىز شۇنداق ئالىمىز،ئالماشتۇرمىساڭ ئىختىيارىڭ دەيدۇ. توك ئىدارىسىدىن سۈرۈشتۇرسەم ،بىزنىڭ بۇ ئولتۇراق رايونىمىزنىڭ توك ئىشلىرى توك ئىدارىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن، بارلىق توك ئىشلىرى شۇلانىڭ دىگىنى بويىچە بولدىكەن، كارتىنىمۇ،توكنىمۇ باشقا يەردىن ئالالمايدىكەنمىز،چوقۇم شۇلادىنلا ئېلىشىمىز كىرەككەن.بارلىق توك ئىشلىرىغا خوجىلىق بۆلۈم ئۆزى ئىگە ئىكەن. شۇنداق قىلىپ مەن ئامالسىز 100 يۇئەن تۆلەپ بۇ ئىشىمنىمۇ بىجىرۋالدىم. باغداش تورىدىن كۆپ بىلىملەرنى بىلىۋالغاچقا،تالون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم(خى خى خى).ئەتىسىلا مال-باھا ئىدارىسىنىڭ تېلفون نومۇرىنى 114 دىن سۈرۈشتۇرۇپ ئۇلارغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلدىم(لېكىن كارتا سۇنۇقى چىقىرىش ئىشىنى دىمىدىم).ئۇلار خوجىلىق بۆلۈم بىلەن ئالاقىلىشىپ ماڭا جاۋابىنى بىردىغان بولدى.ئۇلارنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى،بۇنداق ھەق ئېلىش قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەس،بۇ تۈنجى قېتىملىق ئىش بولغاچقا ئۇلارغا بۇندىن كىيىن قاتتىق دىققەت قىلىشنى، بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئىش يۇز بەرسە چارە كۆردىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.مېنىڭ تالوننى كۆتۇرۇپ كىرىپ 40 يۇئەن پۇلۇمنى قايتۇرۋېلىشىمنى ئېيتتى،مەنمۇ بۇنداق قاراردىن رازى بولغانلىغىمنى بىلدۇردۇم. مەقسەت: بىزگە ئوىشاش بارلىق باشقۇرلىشى شەخسى شىركەتلار تەرىپىدىن بولدىغان مۇشۇنداق ئولتۇراق رايوندىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئىشلىرىغا يۇكسەك ئەھمىيەت بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن(چۇنكى ئۇلار پۇل تېپىشنىلا مەقسەت قىلىدۇ،سۇرۇشتۇرۇپ كەلسە ئۇقماپتىمىز ، بۇندىن كىيىن دىققەت قىلايلى دەپلا تۇگۈتىدۇ). يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۆمىتىمىزنىڭ ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ساھەلەرنى شەخسى شىركەتلەگە تاشلاپ بەرمەسلىگىنى ،يىغىپ باشقۇرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. خوجىلىق بۆلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى لايىق كۆرمىدىم. چۇنكى ئۇلارمۇ نام-ئابرويغا بەك ئەھمىيەت بىرىدۇ ئەمەسمۇ...... 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى قۇمۇل |