- تىزىملاتقان
- 2013-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1060
- نادىر
- 2
- يازما
- 57
ئۆسۈش
6%
|
ئەسلىمىنىڭ داۋامى
كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستىېتى ئامېركىدىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ مۇنەۋۋەر، ئەڭ كونا ئۇنۋېرستىلارنىڭ بىرى . تۆۋەنكى مانخاتتون رايونىغا جايلاشقان بۇ ئۇنۋېرستىېت ئامېرىكىدىكى دوستلۇق ئورناتقان داڭلىق ئونچە ئۇنۋېرستىېتنىڭ بىرى بولۇپ تىبابەت، ئاخباراتشۇناسلىق، قانۇن ئسىنتتولىرى دۇنياغا داڭلىق. پۇلتزىر مۇكاپاتى مۇشۇ يەردە تارقىلىدۇ، ھازىرىغىچە بۇ مەكتەپتە ئوقۇغانلاردىن 50 دىن ئارتۇق كىشى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشكەن. دۇنياغا داڭلىق تەبئىي پەن ئالىمى ئىساك ئاسىمۋو، "قارانچۇق" ناملىق داڭلىق روماننىڭ ئاپتورى(ئۇيغۇرچىغا مەريەم مەمتىمىن تەرپىدىن تەرجىمە قىلىىنغان) سەيلىنگىر مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇغان. تۈرك يازغۇچىسى ئورخان پاموك 2000-يىللارنىڭ بېشىدا بۇ مەكتەپنىڭ ئېگلىزتىلى ئەدەبياتى فاكۇلتېتىدا بىر زىيارەتتىكى ئىلىمگەر بولۇپ ئشلىگەن. بۇ ئۇنۋېرستتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيا فاكۇلتىېتىدا 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئېچىلغان.
نيويوركتا بىز ساھايەت قىلغان ئىككىنچى ئورۇن ۋول سىترت كوچىسى. ۋول سترت كوچىسى دېگەن نام تارىختا ئدىنئانلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا جەڭگاھنى ئايرىپ تۇرۇش ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ھازىر بۇ يەر دۇنيا كاپىتالىزىم سسىتمىسىنىڭ يۈرۈشىشىگ تەسىر كۆرستىدىغان مەركەز بولۇپ قالدى. بۇ يەرنىڭ نامى بېرىلگەن "ۋول ستېرت ژۇرنىلى" دۇنايدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە ژۇرنىلىدۇر. ۋول ستېرت كوچىسىنىڭ نېرىسىدا فېدراتىسيە دلەتلىك خاتىرە سارىيى بار، ئۇ يەرگە ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پرېزدېنتى ۋاشىنگتوننىڭ مىس ھەيىكلى ئورنتىلغان. ۋول ستېرت كوچسىنىڭ ئۇ چېتىدە ئۈچ تۇتاش چېركاۋى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1846-يىلى سېلىنغان بۇ چېركاۋ بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋلارنىڭ بىرى. كوچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە دۇنيا پۇل-مۇئامىلە مەركىزى دەپ قارىلىدىغان نيويورك ئاكسىيە ئالماشتۇرۇش مەركىزى بار. بۇ 17قەۋەتلىك بىنا بولۇپ 1903-يىلى سېلىنغان. ۋول سترت كوچىسدا دۇنيا كاپىتالىزىمنىڭ سىمۋولى ھېسابلانغان بۇقىنىڭ مىس ھەيكلى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مەن ساياھەتچىلەرنىڭ بۇقىنىڭ يېلىنىغا تەقلىد قىلىنپ بۆرتۈپ چىقرىلغان ئاستا تەرىپىنى سىلاپ رەسىمگە چۈشۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
--نېمە دەپ ساياھەتچىلەر بۇقىنىڭ يېلىنىنى سىلاپ رەسىمگە چۈشىدۇ، بىلەمسىز؟-- دېدى ئۇيغۇر ئاكا.
. ياق، بىلمەيدىكەنمەن،-دېدىم .
---نۇرغۇن كارخانىچىلار بۇقىنىڭ يېلىنىنى سىلىساق سودىمىز يۈرۈشىدۇ دەپ ئشىنىدىكەن،-دېدى ئۇ.
--بۇمۇ زامانىۋي خۇراپاتلىقنىڭ بىر ئالامىتىكەن،—دېدىم بۇقىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرغان كشىلەرگە قارىغاچ.
ئاندىن ئمىپىريىە بىىناسى، دەۋر مەيدانى، روكفېللېر مەركىزىنى ئايلاندۇق. ئىمپىرىيە بىناسى 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن نويووركىتكى ئەڭ ئىگىز بىنا بولۇپ قالغان. 1931-يىلى سېلىنغان، جەمئىي 103 قەۋەت. كېچىچە يېنىپ تۇرىدۇ. زيىيارەتچىلەرگە ئېچۋېتلىگەن بولۇپ بالىغا 13 دوللار، چوڭلارغا 17 دوللار ئالىدىكەن. 86 -قەۋەت بىلەن 103-قەۋەت ئارلىقىدىن شەھەرنىڭ ئەڭ چىرايلىق يەرلىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. 73 لېفت مەخسۇس مۇشۇ بىنا ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىكەن. دەۋر مەيدانى يىراق ئەمەس بولۇپ، شەھەردىكى ئەڭ چوڭ ھەم قايناق بازار ھېسابلىنىدىكەن. 1899-يىلدىن بۇيان بۇ جاي شەھەرنىڭ تىياتىر مەركىزى بولۇپ قاپتۇ. ئانچە يىراق بولمىغان ئارلىقتا روكفېللېر مەركىزى كۆزگە تاشلىنىدۇ. شەھەر ئىچىدىكى شەھەر دەپ نام ئالغان بۇ جايغا داڭلىق باي روكفېللېر مەبلەغ سالغان بولۇپ يېمەك-ئچىمەك، سودا-سېتىق، باغچا بىر گەۋدە قىلىنغان سودا مەركىزى ئىكەن. 1931 -يىلى پۈتكەن بۇ جاينىڭ جەمئىي كۆلىمى جەمئىي 12 گېكتار كېلىدىكەن.چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەر بىلەن نۆليەر دەپ نام بېرىلگەن 11-سېنتەبىر خاتىرە رايونىغا يېتىپ كەلدۇق. خاتىرە رايونىدىكى قوشماق بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن يەردە قوشماق كۆلچەك ئورنىتىلغان. كۆلچەككە قوشماق بىنا ۋەقەسىدە قازا تاپقان 2983 كىشىنىڭ ئسىمى ئويۇلغان ھەم "يوقلۇق ھەققىدىكى ئويلىنىش" دەم نام بېرىلگەن.ئۇ يەردىن يېنىپ پاراخوت ئارقىلىق ئەركىنلىك ھەيكىلىنى كۆرگىلى باردۇق. ئەركىنلىك ھەيكىلى بىر قولى يوق ۋىناسنىڭ ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭدا ۋىناس قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەيكەل نيويورك شەھرىنىڭ سىمۋولى. ئۇ 1886-يىلى ئامېركىنىڭ شۇ غاغدىكى پرېزدېنتى تەرپىدىن"ئەركىنلىك ھەيكىلى" دەپ نام بېرىلىپ سرتقا ئېچۋېتلىگەندىن بېرى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلمەكتە.ھەيكەلنىڭ بىر قولىدا مەشئەل، يەنە بىر قولىدا 1774-يىلى يېزىلغان بىر كىتاب تۇتۇلغان. ئۇنىڭ باش كيىمىدىكى نۇر يەتتە قىتئەگە ۋە يەتتە دېڭىز ئوكيانغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ خاتىرە ساىرىيى 2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئېتلىپ 2009-يىلى قايتا ئېچۋېتلىگەن. كىرىش بېلىتى ئۈچۈن چوڭلارغا 10 دوللار، بالىلارغا 5 دوللار ئالىدىكەن. بىر بىىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، پاراخوت ئارقىلىق بارىدىكەنمىز.
دەۋر مەيدانىدىن ئىمپىرىىيە بىناسىغا كېتۋاتاتتتۇق. مەن تەتقىقاتچى ئاكىمىز بىلەن پاراڭلاشقاچ ئالدىدا كېتۋاتاتتتىم، ئايالىم بالامنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ئارقامدىن كېلەتتى.
-دادا،دادا، قاراڭ،-دەپ چاقىردى بىر چاغدا بالام،-بۇلار ئۆيى يوق كشىلەرمۇ؟ نېمشىقا تالادا ياتىدۇ؟
قارىسام، بالام يولنىڭ سول تەرىپىدە ۋاقتىلىق چىدىر تىكىپ، يوتقان -كۆپىلىرىنى ىسېلىپ ياتقان بىر توپ ئادەمنى كۆرستىپ تۇرۇپتۇ. مەن بايا قىزغىن پاراڭ بىلەن بولۇپ بۇ كۆرۈنۈشلەرگە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن.
بىر يوتقاندا بىر ئايال بىلەن بىر ئەر قۇچاقلىشىپ ياتىدۇ. نېرىدا كاۋكاز چىراي بىر كىشى كارتون قەغىزىگە يېزىلغان "ئاچ قالدىم، شەپقتىڭىزگە مۇھتاجمەن" دېگەن خەت يېزىلغان تاختىنى كۆرستىپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرقىدىن سەنئەت ھەۋەسكارىدەك كۆرۈنىدىغان بىر قارا تەنلىك يېگىت گىتارىنى تىرىڭشىتىپ ئولتۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ كەيندىلا كشىلەر دەم ئالىدىغان مىكرو باغچا، مىكرو باغچىنىڭ ئەتراپى ھەيۋەتلىك ئاسمان-پەلەك بىنالار بىلەن قورشالغان. كوچىنىڭ سۆلىتى ۋە سۈرلۈك بىنالار بايىقى ماكانسىز كشىلەر توپىسى بىلەن روشەن سېلشتۇرما ھاسىل قىلغان. يېنىمدىن ئازراق پارچە پۇل چىقىرىپ ئوغلۇمغا بەردىم ۋە "ئاچ قالدىم" دەپ خەت يېزىلۋالغان كىشىگە ئاپىرىپ بېرىشنى تاپىلىدىم. بالام سەل قورۇنۇپراق بېرىپ، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن ئۇ كىشىنىڭ ئالدىدىكى قاچىغا پۇلنى سالدى-دە، ھېلىلا بىرسى تۇتۇۋالغاندەك ئەلپازدا يۈگۈرگىىنچە كېلىپ ئانىسىنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى. يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىزمۇ، مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم.
---بۇنداق ماكانىسىز كشىلەر توپى خېلى كۆپمۇ؟-دەپ سورىدىم يېنىمدا قاتارلىشىپ كېتۋاتقان ئۇيغۇر ئاكىمىزدىن.
--خېلى بار. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىقتسادىي كىرزسىتىن كېيىن ئىشسزلار، ماكانسىزلار كۆپيىپ قالدى.
بەلكىم ئېسڭىزدە بولسا كېرەك،-دېدىم مەن،--2012-يىلى يىلى دۇنيا ئايپېك يىغىنى (ئاسيا-تنچ ئوكيان دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرشىشىش يىغىنى) ئېچىلش ھارپىسىدا ئامېرىكا مىقياسىدا "بىز 99% كىشى نامرات" شوئارى ئاستىدا قوزغالغان نارازلىق نامايىشلىرىنى تېلېۋىروزىدىن كۆرگەنىدىم. ۋول سترت كوچىسدا كاپتىالىزمنىڭ ئېزىشىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان نامايىشىلار كۆپ بولدى. ئۇ ئشىلارنى كۆرۈپ خېلى جىق ئشىلارنى ئويلىغانىدىم. ئەلۋەتتە نامرات، ماكانسىز ئادەم ھەممە شەھەردە بار. ھونولۇلۇدىمۇ تېخىمۇ كۆپ. نېمشىقىكىن، ئامېىرىكا كوچىلىرىدا مۇشۇنداق ماكانسىز، ئشىسز كشىلەر توپىنى كۆرسەم يۈرىكىم ئېچىشدۇ. گويا ئامېرىكا زېمىنىدا تىلەمچىلەر، ماكانسىزلار بولماسلىققا تېگشلىكتەك.
يېنىمدىكى تەتقىقاتچى ئاكىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى:
-ئامېرىكا دۇنيا بويىچە باي-كەمبغەللىك پەرقى ئەڭ چوڭ شەھەر. نيويورك .ئەمەلىيەتتە بۇ جەھەتتىكى مەسلىلەرنى ئەڭ مۇۋەپپقىيەتلىك ھەل قىلغان شەھەرلەرنىڭ بىرى.ئەمما، سىز ئېيتقاندەك نامراتلارمۇ كۆپ. رەھمسىز يەرلىرىمۇ كۆپ.
-مۇشۇنداق رەھمسىز ۋە رىقابەت كەسكىن بىر شەھەردە ئۆي ئېلىپ، ئۇنىۋېرستېتتا تەتقىقاتچى بولۇپ ئشىلىيەلىگىنڭىزنىڭ ئۆزى بىر غەلبە . بۇ ئۇيغۇر ياشلىرىغا زور ئىلھام بولىدۇ.
ئاكىمىزغا تېېلېفون كېلىپ قالدى. بايىقى مەنزىرە مېنى خىياللار قاينىمىغا غەرق قىلدى.ئۇچتۇرپان ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز، بالىلار ئەدەبياتى يازغۇچىسى مەرھۇم ئابدۇقادىر ھەسەن مۇئەللىم موپاسساننىڭ "مارجان" ھېكايىىسنى ، بالزاكنىڭ "يېۋگېنى گراندې" ناملىق رومانىدىن پارچە ئېلىپ بېرىلگەن "خەسس" نى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكەنىدى ۋە شۇ ۋاقىتتىكى قېلىپلاشقان ئوقۇتۇش ئەندىزىسى بويىچە ئەسەرلەرنىڭ مەركىزى ئىدىسيىنى، بەدىي ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىپ: "كاپىتالىزىمنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىسىرىنى ئېچىپ بەرگەن، كاپىتالىسىك تۈزۈمىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلغان ئەسەر" دېگەنىدى. شۇ يىللاردا مەيلى سىيساسىي ئىقتساد دەرسىدە بولسۇن، مەيلى ئەدەبيات دەرسىدە بولسۇن، كاپىتالىزىم تەنقىدلىنىدىغان، سۆكۈلىدىغان تېكستلەر ئۇچراپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە 1989-، 1990-يىللىرىغا توغرا كېلىدىغان ئۇ چاغلار دېڭ شىاۋپىڭنىڭ جەنۇپتىكى ئۆلكىلەردە ئىقتسادىي تەرەققىات رايونى بەرپا قىلىش پلانى ئەمەليىلشۋاتقان، جۇڭگودا كاپىتالىزىم تۈزۈمى سوتىسىيالىزىم رامكىسى ئاستىدا سىناق قىلۋاتقان چاغلار ئىدى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1989-يىلى سىياسىي ئىقتسىاد دەرسىدىكى بىر ئىمتىھاندا "سوتىسىيالىزىم كاپىتالىزىمنىڭ گوركارى" دېگەن تېمىدا بىر مۇھاكىمە سوئالىغا جاۋاب بەرگەنىدىم. مەن شۇ چاغدا جۇڭگونىڭ قوشنىسى بولغان سابىق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ماركس، لېنىنن كۆرستىپ بەرگەن يول ماس كەلمەي غۇلاپ چۈشكىنىنى بىلمەيتتىم. ئەمدى ئويلىسام ، قانداق چۇقانلارنىڭ سېلىنشىدىن قەتئينەزەر، دۇنيا مىقياسىدا بىر دۆلەتنى گۈللىنشكە ئېلىپ بارىدىغان ئىقتسادىي سسىتمىلاردىن كاپىتالىزمنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان يەنە بىر سىستېما بايقالماپتۇ. قانچلىك تەنقىدلىنىشدىن قەتيىنەزەر، كاپىتالىزىم ئۆز مەۋجۇدلۇقىننىڭ ئۇلىنى پۇختا سېلىپ، دۇنيا مىقياسىدا ئومۇملىشىپ، سوتىسيالىسىتك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت سىستېمسىىغا تەسىر كۆرستىپ كېلىۋېتىپتۇ. ئەمما، بىر مۇنچە دۆلەت، نەچچە مىليونلىغان كىشى كاپىتالىزىمنى تىللاپ ياكى تىللاشقا تەشكللىنىپ ۋاقتىنى ئسىراپ قىلىپتۇ. بۇ 20-ئەسىر تارىخىدىكى بىر قارا يۇمۇر بولسا كېرەك.
دەرۋەقە، مانا بايا كۆرگىنىمدەك كاپىتالىزىم تۈزۈمىنىڭ يېتەرسزلىكلىرى ئۆزى بىلەن بىللە. بىر چوڭ كارخانىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە كېڭيىشى سانسىزلىغان كىچىك كاراخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشى، نەچچە مىڭلاپ ئىشچىلارنىڭ ئىشسىز قېلىشى بەدىلىگە بارلىققا كېلىدۇ. كاپىتال كۈرىشى ئاز ساندىكى بايلارنىڭ كۆپ ساندىكى نامراتلارنىڭ ئەمگىكىنى ئېكسىپالاتىسيە قىلىشى بىلەن داۋاملشىدۇ. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك دۇنيا ئىقتسادى داۋالغۇش تۇرۇۋاتقان، يەر شارى مىقياسىدا بىر خىل ئېنقسزلىق كۈچىنى كۆرستىپ تۇرۇۋاتقان بىر دەۋردە كاپىتالىزمنىڭ مەسلىلىرى مانا مەن دەپ ئاشكارىلىۋاتىدۇ. ئادەم سىمىس "دۆلەتلەرنىڭ بايلىقى" ناملىق كىتابىدا كاپىتالىستىك تۈزۈمنىڭ نەزەريىۋي ئاساسىنى ئەڭ بۇرۇن سالغان كشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. كېيىن كارل ماركىس ئۆزىنىڭ "سىياسىي ئىقتسادقا تەنقىد" ، "كاپىتال" قاتارلىق ئەسەرلىرىدە ئادەم سىمىسنى تەنقىدلىدى، كاپىتالىزىم تۈزۈمى پەيدا قىلىدىغان مەسلىلەرنى يورۇتۇپ بەردى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ نېمشىقا كاپىتالىستىك تۈزۈمىنىڭ ئورنىنى ئالىدىغانلىقى، ئىنسانىيەتنىڭ كوممۇنىزىمغا قانداق يېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتترۇرىغا قويدى. بۇ خىل قاراش 20-ئەسىردە كۈچىنى كۆرستىپ روسىيە، جۇڭگو، ۋېيتنام، چاۋشەن، كۇبا، پولشا، چېخسلوۋاكىيە، رومىنيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زور ئىنقىلاپلارنىڭ، ئاندىن سوتىيسيالىزم تۈزۈمدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ بارلىققا كېلشىگە سەۋەب بولدى. 1989-يىلى سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ پارچلىىنىشى، بېرلىن تېمىىنىڭ ئۆرۈلۈشى بىلەن يۇقىرىدا ئسىمى تىلىنىغان دۆلەتلەردىن جۇڭگو، چاۋشەن، ۋېيتنامدىن باشقا دۆلەتلەر بۇ خىل تۈزۈمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىدى. |
|