- تىزىملاتقان
- 2014-1-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 892
- نادىر
- 0
- يازما
- 79
ئۆسۈش
78.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shekerim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-8 03:24
2008-يىلى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ يۈرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئەسەردىكى پاھىشە قىزغا ئىجابىيلىق نۇقتىسىدىن ھېسداشلىق قىلمىغان ئەر-ئايال بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى. ئۇ ئەسەردىكى پاھىشە قىز بىز ھېسداشلىق قىلغۇدەك ھەقىقىي بىر پاك ۋە ۋاپادار قىزمۇ ياكى ئەخلاقى بۇزۇق سېپى ئۆزىدىن پائىيشىمۇ؟
ماۋۇ گېپىڭىزگىمۇ قاتتىق رەدىيە بېرىمەن تېما ئىگىسى ، سىز ‹‹ پاھېشە قىزنىڭ مۇھەببتى››نى ئاڭلاپسىز لىكىن، نىمە مەزمۇن سۆزلەنگەنلىكىنى چۈشەنمەپسىز ، سىزگە دىسەم ، تور دۇنياسىدا يېزىلغان ئەسەرلەر ئىچىدە ئابدۇسالام قاھارنىڭ بۇ ئەسىرى ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ ؛
سىزنىڭ بۇ ئەسەردىن چۈشەنگىنىڭىز بولسا بىر پاك يىگىت بىلەن بىر پاھېشە قىز نىڭ ئارسىدا بولغان تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايسى ،قىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەنلىكى،يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا سىزنىڭ چۈشەنگىنىڭىز پاك يىگىتلەر پاھېشە ئېلىڭلار دىگەن ئىدىيە؛
مىنىڭ چۈشەنگىنىم بولسا ،
1.غەيرەت نىڭ يامان يولغا ماڭغان بىر قىزنى توغرا يولغا باشلاش جەريانىدىكى تەسىرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ، (دىلخۇمار ئۇ ئىشتىن قول ئۈزدى ، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ ھالال كەسىپكە يۈزلىنىپ بەش ۋاق نامازنى باشلىۋالغانلىقى)
2.ئالىم چى لوڭ تو نىڭ ھاراق تاماكىنى تاشلاپ بەش نامازنى باشلىۋالغانلىقى ۋە ئالىم ساتىراچ قا ئۆزگىرىشى ، ئالىم ساتىراچ نىڭ پاھېشە خانىدىكى ھېلىقى پور كۆتەك نى شۇ يەردىن چىقىرىۋىلىپ توغرا يولغا باشلىشى .
3.كۆپلىگەن ‹‹دىلخۇمار››لارنىڭ شۇ يولغا كىرىپ قېلىشتىكى سەۋەبى ، توغرا يولغا قايتىشقا جەمىيەت پۇرسەت بەرمىگەنلىكى(مېۋە چىۋە ساتقان يېرىگە بېرىپ مازاق قىلىشى ، يۇرتىغا قايقاندىن كىيىن مەھەللىدىكىلىرىنىڭ سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ پاتۇرمىغانلىقى ئېنىق پاكىت )
4.ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بەزى كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ، لىكىن جەمىيتىمىزدە ساقلىنىۋاتقا قىسمەنلىكلەر؛
مىسال: - ھوي چوڭ ئاتا ، ئاۋۇ يېنىدىكىگە كىرسىلە ، ئۇ يەردە نەۋرىلىرىدەك قىزلار بىلەن ئوينايلا .
- مەن تەرەت قىلىۋالاي دىگەن، دىگىنىچە ھاسىسىنى تاشلاپ تىز تىز قەدەملەر بىلەن كېتىپ قالدى .
5.
6.
7.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا بۇ ئەسەردىن ئاساسلىق چۈشەنگىنىم بولسا ، ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا ياخشى ئىگە بولايلى ، يامان يولغا كىرىپ قالغانلارنى توغرا يولغا باشلايلى ، ئۆزىمىزنى ئاشۇ << نىجىس خانا >> دىن يىراق قىلايلى ، گۇناھېىمىزغا تەۋبە قىلايلى دىگەن مەزمۇنلار
8. ............
بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزۈمنىڭ ئاددى كاللام بىلەن بىلىشىمچە چۈشەندۈرۈپ بېرەي دىسەم ، بۇ ئەسەرنى ئاڭلاپ باقمىغىلى يېرىم يىلدەك بوپ قاپتۇ(بۇرۇن دائىم ئاڭلىتتىم) ئاڭلىغان ۋاقىتلىرىمدىكى ھېس تۇيغۇلىرىم ھازىر ئانچە قالماپتۇ ،ھەم بۇ ئەسەرنىڭ تىگىگە نۇرغۇن ئىدىيە لەر يۇشۇرۇنغان ،تەپەككۇر قىلىش ۋە يېزىقچىلىق ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىمنىڭ بەكلا چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە ئاجىزمەن ؛
-------------------------------------------------------------------------------------------
دېمەكچى بولغىنىم، ئوخشاش بولمىغا نوقتىدىن تەھلىل قىلغاندا ئېرىشىدىغان ئۈنۈممۇ ئوخشاش بولمايدۇ ؛
شۇڭا مەسلە تەپەككۇر قىلغاندە سەل ئويلىنپراق قىلىڭ ، قانداق تەپەككۇر قىلىشىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، لىكىن باشقىلار ئالدىدا سۆزلىگەندە ئويلىنىپراق سۆزلەڭ ؛
|
|