قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 703|ئىنكاس: 22

(ئاتتىلا) ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار (تۈزىتىلمىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

20

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2230
توردىكى ۋاقتى: 678
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


                              
ئاشىقلار بايرىمىدىكى ھەسىرەتلىك خىياللار (تۈزىتىلمىسى)


                                                         (مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا)

     ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس ھېيت-بايرام، مەركىلىرى بولىدۇ. ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللىنىپ، شەكىل، مەزمۇن ۋە كەڭلىك جەھەتتىن بېيىپ بارىدۇ. ھەم شۇ مىللەتنىڭ شات-خوراملىقى بىلەن قايغۇسىنى، قان-ياشلىق تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولىدۇ. ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تەقدىرى ۋە ھايات مۇساپىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ياكى شۇ مىللەتنىڭ تارىخى، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە يوسۇن-ئادەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بىرەر تارىخىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ياكى سىياسىي ۋەقەلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.
      ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز تارىخىدا تۈرلۈك تارىخىي، ئىجتىمائىي، دىنىي ۋە سىياسىي ئۆزگۈرىشلەر ئېتىبارى بىلەن ئۆزىگە خاس بولغان ياكى رايون ئورتاقلىقىغا ئىگە بىرقىسىم ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنى ياراتقان ياكى قوبۇل قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىگە خاس ئېدىلوگىيە بىلەن يۇغۇرۇپ، ئۇيغۇرلاشتۇرۇپ، شاتلىقىنى ياكى قايغۇسىنى ئىپادىلەپ كەلگەن.
     ئۇيغۇرلانىڭ تارىخىن بۇيان يارىتىپ ياكى قوبۇل قىلىپ، ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھېيت-بايرام، مەرىكلىرىدىن ئەنئەنىۋىي تۈس ئالغان نەۋرۇز بايرىمى، ھوسۇل بايرىمى، دىنىي تۈس ئالغان قۇربان ھېيت، رۇزى ھېيت، مەۋلۇت، رامىزان، ئىجتىمائىي تۈس ئالغان يېڭى يىل بايرىم، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، ئاياللار بايرىمى، سىياسىي تۈس ئالغان دۆلەت بايرىمى قاتارلىقلار بار.
    خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي بولغان ياكى تۈرلۈك سەۋەبلەر ئېتىبارى بىلەن قوبۇل قىلغان يۇقارقىدەك بىرقاتار ھېيت-بايرام، مەرىكىلىرى ئۇزاق تارىختىن بۇيان خەلقىمىزگە ھەمراھ بولۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ شاتلىقى ۋە غەم-قايغۇسىغا ئورتاقلىشىپ كەلسە يەنە بىر تەرەپتىن خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى، ئەنئەنىسىنى، تۇرمۇش ئۇسۇلۇنى ۋە مەدەنىيەت قاتلىمىنى بېيىتىپ ھەم رەڭدارلاشتۇرۇپ كەلدى. ئومومەن قىلغاندا، يۇقارقى بىرقاتا ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنىڭ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي ھايتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئىجابىي جەھەتتىن گەۋدىلىك بولدى.
    بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىرىت بىلەن بولغان تۈرلۈك ئالاقىلارنىڭ كۈنسېرى قويۇقلىشىشى ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خەلقىمىز ئىچىگە كىرىپ كەلگەن بىر قىسم يېڭى بايرام-مەرىكىلەر خەلقىمىز ئىچىدىكى بىر تۈركۈم ئەقلى زەئىپ، ۋۇجۇدى ئەيشى-ئىشىرەت، ھوزۇر-ھالاۋەت سۈيى بىلەن يۇغۇرۇلغان، قەلبىنى جاھالەت تۇمانلىرى توسىۋالغان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن بىنورمال رەۋىشتە قوبۇل قىلىنىپ، خەلقىمىز ئىچىگە تارقالغان يۇقىرىقىدەك بىرقاتار ھېيت-بايرام، مەرىكىلەرنىڭ ئىجابىي رولىنىڭ ئەكسىچە غايەت زور دەرىجىدە سەلبىي كەيپىيات ۋە شالغۇت مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى، ئېغىر بولغان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلارنى ئېلىپ كەلدى.  90-يىللاردىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىپ، 2000-يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتلىشىپ ئومومىيلاشقان روژدوستىۋو بايرىمى ۋە ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى شۇ جۈملىدىندۇر.
روژدوستىۋو بايرىمى خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى بولغان نەۋرۇز بايرىمىنىڭ ئۈستىگە، خەنزۇلارنڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىل بايرىمى بولغان چاغان بايرىمىدىن كېيىن كىرىپ كەلگەن، خىرىستىيان مەدەنىيەت چەمبىرىكىنىڭ ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بەلگە قىلغان ئەنئەنىۋىي يېڭى يىل بايرىمى بولغان مىلادىيە يېڭى يىل بايرىمىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تولوقلىمسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان يېڭى بىر ھادىسىدۇر.
      روژدوستىۋو بايرىمى خەلقىمىزگە نىسبەتەن يېڭى شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن ياشلار، بولۇپمۇ ئەنئەنە قارىشىنىڭ تايىنى يوق بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن ناھايتى تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلىنىپ، ئومومىلاشتى ھەم ئۇنىڭ بەزىبىر ماددىي ۋە مەنىۋىي بەلگىلىرى ياشلىرىمىز ئارىسىدا مەبۇدقا ئايلىنىپ، زور ئىخلاس بىلەن تەنتەنە قىلىش ۋە قەدىرلەش ئوبيېكتىغا ئايلاندى. جۈملىدىن، نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېشى 50-60- لەرگە بېرىپ قالغان ئاتا-ئانىسى مىڭ ئۆلۈپ-مىڭ تىرىلىپ، بىر تۈپ كېۋەزنىڭ تۈۋىدە نەچچە مىڭ قېتىملاپ ئۆمىلەپ، كۈچ-مادارىنى ۋە ماڭلاي تېرىنى سەرپ قىلىپ تاپقان پۇلىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن بۇلاپ-تالاپ، نەچچە مىڭ يۈەن يىغىش قىلپ روژدوستىۋو بوۋاي ۋە روژدوستىۋو ئارچىسى سېتىۋېلپ، ئۇنى تۈرلۈك رەڭ-بۇياقلار ۋە قىممەت باھالىق رەڭدار چىراقلار بىلەن بېزەپ چىقتى ھەم بىلىم ئېلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشتىن ئاياپ كەلگەن قىممەتلىك كېچىلىرىنى ئاشۇ مەبۇدلىرىغا تەلمۈرۈش بىلەن ئۆتكۈزۈپ، كېچىنى تاڭغا ئۇلاپ چىقتى.
      ئۇ ئاز كەلگەندەك مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زىيالىلىرىمىز ئىچىدىكى بىر قىسىم ئەقلى تۇنجۇققان كىشىلىرىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاشىقلار بايرىمى، 14-15 ياشلاردىكى ياش-ئۆسمۈرلەرىن تارتىپ 50-60 ياشلاردىكى قېرى بوۋايلارغىچە ئومومىيلىشىپ، ناھايتى تېز سۈرئەتتە جەمىئىيەتلىشىش ھالىتىگە بېرىپ يەتتى ھەم ئۇ پەيدا قىلغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئىدىيىۋىي ۋە ئەخلاقىي ئىللەتلەر ئادەمنڭ ئەقلىنى گاڭگىرىتىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.
       ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى غەرب مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە قىممەت قارىشىنىڭ مەسىئۇلى بولۇپ، ئۇ غەربچە مۇھەببەت قارىشى ۋە غەربچە مۇھەببەت ئەخلاقى چۈشەنىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، غەرب ئەخلاق ئەنئەنىسى بىلەن تويۇنغان، ھېسسىياتنى ئەقلىيلىك ۋە ئەخلاقىيلىق ئۈستىگە دەسسەتكەن، ئەقلىيلىكىدىن رومانتىكىلىق ۋە خىيالىيىلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان، خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك مىللىي ۋە دىنىي چۈشەنچىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئادىتى بىلەن سىغىشالمايدىغان غەيرى مەدەنىيەت ھادىسىسىدىن ئىبارەت.
    مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ ئاساسى بولغان ئاشىقلىق ئىنسانىيەت پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ پەيدا بولغان ۋە شۇنىڭدىن بۇيان ئىنسانلارغا ئىزچل ھەمراھ بولۇپ، ئۇلارنىڭ جىسىمى، روھى ھەم نەسىللىنىش جەريانىغا سىڭىپ كەتكەن، بارلىق مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان، قۇرامىغا يەتكەن ھەرقانداق بىر ئەر ياكى ئايال بەھرىمان بولۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەڭ ئالىي نېمەت ھەم مەڭگۈلۈك ھەقىقەت، شۇنداقلا، ھەرقانداق كۈچ تارتىۋېلىشقا بولمايدىغان، پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئورتاق ئېتىراپ قىلغان ئەڭ ئالىي ھوقۇق. ئۇ قەلب گۈزەللىكى ئارقىلق چاقناپ، يات جىنىستىكىلەرنىڭ ھېسسىيات تارىنى چەكسە، سېھرىيلىكى ئارقىلىق مۇھەببەتنى چەكسىز گۈزەللىككە ۋە سېھرىي كۈچكە، ئوتتەك قىزغىنلىقى ئارقىلىق يۈكسەك كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە قىلىدۇ.
    بىراق مۇھەببەت ھەرقانچە ئۇلۇغ، ھەرقانچە سېھرىي كۈچكە، يۈكسەك كۈچ-قۇدىرەتكە ئىگە بولسۇن، ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مۇھەببەت چۈشەنچىسى ۋە مۇھەببەتلىشىش ھەرىكەت شەكلى بولىدۇ ھەم ئۇ شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئەخلاقى، ئېتىقادى، ئۆرۈپ ئادىتى، تۇرمۇش قارىشى ۋە ياشاش مەنتىقىسى، مىللىي ئىززەت نەپسى، ئىدىيىۋى ئاڭ چۈشەنچىسى...قاتارلىقلار بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ ھەم ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.
    بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا بىر مىللەتكە توغرا بولغان مۇھەببەت چۈشەنچىسى ۋە ئۇ ئاساستا شەكىللەنگەن مۇھەببەت ھەرىكەت شەكلى ھەرقانداق مىللەت ئۈچۈن توغرا بولۇشى، ھەرقانداق مىللەتكە ماس كېلىشى ناتايىن.
       شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قىممەت قارىشىدا توغرا دەپ قارالغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك ئەخلاقىي مەدەنىيەت ئامىلى ۋە مىللىي ئېتىقادى بىلەن چەمبەرچاس يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىدىن ئىبارەت بۇ ئەخلەت مەدەنىيەتنى «پوش» دېمەي قوبۇل قىلىش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك، روھىي بۇزۇلۇش ۋە ئەخلاقىي كىرىزىستىن باشقا نەرسە ئەمەس.
     بىز سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى ئاتالمىش «ئاشىقلار بايرىمى» دا شەھەر كوچىلىرىغا گۈل كۆتىرىۋالغان ئادەملەرنىڭ يېغىپ كەتكەنلىكى، ھەتتا، 50-60 ياشلىق «پۇلدار بوۋايلار» نىڭ 18-19 ياشلىق «ھاجەتمەن» قىزلارغا گۈل سوۋغات قىلىپ يېتىلەپ يۈرگەنلىكى، يىگىت-قىزلارنىڭ مىللىي ئەخلاق تۇيغۇسىدىن ھالقىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئېچىۋېتىلگەن دۇنياسى» دا مەس بولۇشۇپ، ئەتىراپتىكىلەر بىلەن كارى يوق قۇچاقلىشىۋاتقانلىقى، سۆيۈشۋاتقانلىقى، ئىسلام يوسۇن ئادەتلىرىنىڭ قانۇن يول قويغان دائىرىسىدە كىيىنگەن مۇسۇلمان قىزلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكىلىرىنىڭ بىر دانە گۈل ئۈچۈن يىگىتلەرنىڭ بوينىغا ئەركىلەپ تۇرۇپ گىرە سېلىپ، مۇقەددەس دىنىي ئەقىدىنىڭ يۈزىنى يەرگە ئۇرۇشلىرى، قىزلارنىڭ ئوغۇللار بىلەن بىر تەۋكادا ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشلىرى، ياتاق ئىجارە ئېلىپ بىرگە يېتىشلىرى ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلماي قويمايدۇ.
    بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى، ھازىر چوڭ بولىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خېلىلا سالماقنى ئىگىلەيدىغان قىسىمى تولوقسىز ياكى تولوق ئوتتۇرا باسقۇچىدىلا ئاشۇ نىجىس بايرامنىڭ قۇربانلىقىغا ئايلىنىپ، قىزلىق ئىپپىتىدىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ؛ ئۆزى خالاپ بىردەملىك ھېسسىيات ئۈچۈن، بىر دانە گۈل ئۈچۈن، «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دېگەن بىر ئېغىز ياغلىما سۆز ئۈچۈن، بىردەملىك مېھماندارچىلىق ئۈچۈن، ئازغىنا پۇل ئۈچۈن،  بىرەر يېرىم ياقا كىيىم ئۈچۈن، كىچىك ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرۋېلىش ئۈچۈن، ھەتتا بىر تەخسە تاماق ئۈچۈن قىزلىق ئىپپىتىنى، ياق، قىزلىق غورورىنى، كەلگۈسىدىكى ئانىلىق ئەخلاقىنى، مىللەتنىڭ بەخت يۇلتۇزىنى، ئەجدادلاردىن قالغان ئەللەي ناخشىسىنى تەرك ئېتىۋاتىدۇ.
    ئىشەنچلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2010-يىلدىكى ئاشىقلار بايرىمىدا مەلۇم ۋىلايەتنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە ئىككى سائەتلىك ياتاق ئىجارە ئېلىشقا ياتاق يېتىشمەي بەزى يىگىت-قىزلار مەخسۇس كىچىك ماشىنا كىرا قىلىپ، 240 كىلومېتىر يولنى بېسىپ ۋىلايەت مەركىزى شەھىرىگە ياتاق ئىزدەپ كەلگەن. 2011-يىلى ئۇنداق ئىككى سائەتلىك ياتاق ئىجارە ئالغۇچىلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، چوڭ شەھەرلەردە ئۇيغۇر پاھىشىۋازلىرى ۋە پاھىشىلىرى ئۈچۈن ياتاق يېتىشمىگەن. ئەگەر بىز يۇقىرقى مەلۇماتلارغا ئاساسەن پۈتۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئاشىقلار بايرىمى» دىكى بۇزۇقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار سانىنى ئەڭ تۆۋەن چەكتە سىتاستىكا قىلىپ كۆرىدىغان بولساق، كېلىپ چىققان سانلىق مەلۇمات ھەرقانداق ئادەمنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ. يەنى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ۋىلايەت-شەھەردىن خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش، ئاقسۇ، بايىنغولىن، تۇرپان، قۇمۇل، ئۈرۈمچى، ئىلىدىن ئىبارەت توققۇز ۋىلايەت-شەھەر بار دەپ قاراپ، سانجى، بۆرتال، قاراماي، مايتاغ، چۆچەكلەرنى يۇقىرىقى ۋىلايەت-شەھەرلەرگە قېتىۋەتسەك، ھەر بىر ۋىلايەت-شەھەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئەڭ ئاز ھېسابلاپ 50 دىن مېھمانخانا، ھەر بىر مېھمانخانىدا بەش قەۋەت، ھەر بىر قەۋەتتە 10 دىن ھوجرا بار دېسەك جەمىئىي 22500 ھوجرا بولىدۇ. سائەت 12 دىن ئالتىگىچە ئىككى سائەتلىك، ئاندىن تولوق بىر كېچىلىك ئىجارىگە بېرىلدى دېسەك، جەمىئىي 90 مىڭ جۈپ، يەنى 90 مىڭ پاھىشىۋاز ۋە 90 مىڭ پاھىشە بولۇپ، جەمىئىي 180 مىڭ ئادەم بولىدۇ. شەخسىي ياتاقلاردا، قاۋاقخانىلاردا ۋە باشقا نامەلۇم ئورۇنلاردا بۇزۇقچىلىق قىلغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئەجىبا مۇشۇنچىۋالا كۆپ قىزلار ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ ئاشىقلار بايرىمى ئۆتكۈزسە، نىكاھلانماي تۇرۇپ يات جىنىستىكىلەر بىلەن بارغان-تۇرغان يېرىنىڭ تايىنى يوق يوقاپ كەتسە، بەزىلىرى بىر كېچە سىرتتا قونۇپ قالسا، نۇرغۇنلىغان قىزلار ئەشۇ نىجىس بايرام سەۋەبلىك قىزلىقىدىن ئايرىلسا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمىش قىلىدىغاندۇ!؟ ئۇلاردا ئاتا-ئانىلىق تۇيغۇ، ئاتا-ئانىلىق مەسىئۇلىيەت، ئاتا-ئانىلىق غورۇر يوقمىدۇ!؟ ئەشۇ قىزلار كەلگۈسىدىن ئەنسىرىمەمدىغاندۇ؟ ۋىجدانىي ئازاب چەكمەمدىغاندۇ؟ ئۇلاردىكى كىشىلىك قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلگەنمىدۇ!؟ ئەگەر ئۇلار كەلگۈسىدە ئانا بولۇپ قالسا پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسمۇ!؟ باشقىلار ئۇلارغا «سېنىڭ ئاناڭ بىر پاھىشە ئىدى» دېسە يۈرىكى پۇچلانماسمۇ!؟
       بەزىلەر ھە دېسە «چەتئەلدە ئۇنداقكەن»، «چەتئەلدە مۇنداقكەن» دەپ، غەربچە تەشۋىقات ئەندىزىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان كىنولاردىكى مۇھەببەت ھەم جىنسىيەت كۆرۈنىشلىرىنى، يىگىت-قىزلار ئوتتۇرىسىدىكى ئەركىن مۇھەببەتلىشىش، تويدىن بۇرۇنقى بىرگە تۇرۇشلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقىي بۇزۇقچىلىقلىرى ئۈچۈن باھانە-سەۋەب كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنىڭغا يول ئېچىشقا ئۇرىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە چەتئەلنىڭ ھەممىسىدە شۇنداقمۇ؟ «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»نىڭ 2011-يىل 17-فېۋرالدىكى سانىدىكى تۆۋەندىكى خەۋەرگە قاراپ باقايلى: «چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 15-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا ئىسلام ئەخلاق ساقچى ئىدارىسى تويدىن بۇرۇنقى قانۇنسىز بىللە تۇرۇش قىلمىشلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ‹ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى›دا ھەرىكەت قوزغاپ، مېھمانخانىدىن 40 جۈپ توي قىلمىغان قىز-يىگىتنى توختىتىپ قويغان. مالايسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بىر ئوفېتسېرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار 14-فېۋرال كۈنى كەچتە نۇرغۇنلىغان مېھمانخانىلارنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ياتاق ئاچقۇزغان ‹ئاشىق-مەشۇق›لارنى تۇتقان، ئۇلار ‹ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ كېتىش› جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىشى مۈمكىنكەن».
      دېمەك، يۇقارقى خەۋەردىن مەلۇمكى، چەتئەلنىڭ ھەممىسىدە يىگىت-قىزلارنىڭ تويدىن بۇرۇن بىرگە تۇرىشىغا يول قويىۋەرمەيدۇ، شۇنداقلا، چەتئەل دېگەنلىك يالغۇز غەربنىلا كۆرسەتمەيدۇ. چەتئەل جۇڭگونىڭ سىرىتىدىكى بارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر بىر دۆلەت، رايون ۋە مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تۇتقان يولى ھەم ياشاش ئەخلاقى بولىدۇ. يەنە كېلىپ، چەتئەلنىڭ بىزگە يېتىپ كەلگەن كىنولىرى مەلۇم مەقسەد-مۇددىئانى ئارقا كۆرۈنىش قىلغان بولۇپ، ئۇ كىنولاردىكى غەربچە تۇرمۇش ئەندىزىسى ۋە مۇھەببەت، جىنسىيەت كۆرۈنىشلىرى بىز ئۈچۈن ئىشلەنگەن تەشۋىقاتتىنلا ئىبارەت. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەشۇ چەتئەل دەپ ئاتالغان غەرب دۇنياسىغا، جۈملىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شۇ يۇقارقى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ئالا قويماي كۆزىتىپمۇ كىنولاردا تەسۋىرلەنگەن غەربچە مۇھەببەت ھەم جىنسىيەت كۆرۈنىشلىرىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمىگەن. «چەتئەلدىن ئۆگەندۇق» دەپ، ئۆز كىملىكىمىز بىلەن زادىلا سىغىشالمايدىغان نەرسىلەرنى شەخسىي مەئىشەتلىرىمىز ئۈچۈن ئومومىيلىق دەرىجىسىگە  دەسسىتىپ كۆتىرىپ كېلىش ئۇچىغا چىققان تۇزكورلۇقتۇر. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىدىمۇ يىگىت-قىزلارنىڭ بۇزۇقچىلىق قىلىشىنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغىرىسىدا ئېنىق قانۇن ماددىلىرى بولۇپ، بۇ ئۇنداق بۇزۇقچىلىقلارغا دۆلىتىمىز ھۆكىمىتىنىڭمۇ ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما بىر قىسىم كىشىلەر پۇل ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇن سېستىمىسىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنى ئاياق-ئاستى قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن ياتاق ئېچىپ، شارائىت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىسە، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنىڭ شەھۋانىي نەپسى، بىردەملىك ھېسسىياتى ئۈچۈن قانۇننى كۆزگە ئىلماي بۇزۇقچىلىقلىرىنى پەللىمۇ پەللە يۇقىرى كۆتىرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ بۇ بۇزۇقچىلىقلاردا ئۇيغۇر قىزلىرى ھېچنېمە بىلەن ھېسابلاشماي ئۆلىرىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى، ئاياللىق ئەخلاقىنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، قۇربانلىق قويغا ئايلىنىۋاتىدۇ.
       ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ سەۋەبىلىرى توغرىسىدا بىز ھازىرغىچە كۆپ تەرەپتىن باش قاتۇردۇق ھەم ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى بايان قىلىپ باقتۇق، تۈرلۈك تەرەپلەردىن سەۋەب كۆرسەتتۇق. بىراق، نېمىلا دەيلى يەنىلا تۈپكى سەۋەب ئۆزىمىزدە.
      بەزىبىر سىتاستىكا ماتېرياللىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «ناخشىچى» نامىدا يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناش ۋە تېنىنى سېتىش بىلەن جان بېقىۋاتقان ئۇيغۇر پاھىشىلىرى 100 مىڭدىن كۆپ بولۇپ، بۇلارنى ئۇ يەرگە يەنىلا ئۆزىمىزدىن چىققان بىر تۈركۈم مۇناپىقلار ئالداپ ئاپارغان. يەنى، بىرەيلەننىڭ ئېيتىشىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئۈرۈمچىگە ئېقىپ چىققان ئۈچ ئايال ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ تەشكىللەپ، ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇر قىزلىرىدىن 700 نى ئىچكىرىگە ئالداپ ئاپىرىپ پاھىشىلىككە سالغان.
مەن 2005-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە ئاقسۇنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ياشانغان ئايال بىلەن ئاپتوۋۇزدا يانداش ئولتۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئايال ئەھۋاللىشىش جەريانىدا بىر قىزىنىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدىكى دۇنيا بانكىسىدا كۈتكۈچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، شۇ يىلى 28 ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۇ قىزىنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ، ئۇسۇلنى ياخشى ئوينايدىغانلىقىنى، چەتئەلدىن كەلگەن مېھمانلارنى كۈتىۋېلىشقا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى، ئىش ھەققىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى سۆزلەپ بەردى. مەن بىر تەرەپتىن ئۇ ئانىنىڭ ساددىلىقىغا ئېچىنسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ قىزنىڭ توغرا كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىدىن گۇمانلاندىم.
       بۇ يىلقى ئەڭ يېڭى ئەمىلىي مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيىلىك تېلۋېزىيە ئىستانسى جەمىئىيەتتىن ئۇسۇلچى قوبۇل قىلىش نامىدا ئېلان بەرگەن. بېرىلگەن ئېلان مەزمۇنىدا، تىزىملىتىش ئورنى، ئالاقىلىشىش تېلفون نومۇرى ۋە ھەر بىر تىزىملاتقۇچى ئۈچۈن 300 يۈەندىن تىزىملاش ھەققى ئېلىنىدىغانلىقى ئېيتىلغان. ئېلان بېرىلگەندىن كېيىن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئۇسۇلغا ھېرىسمەن قىزلاردىن 74 نەپىرى ئاتا-ئانىلىرنىڭ تولوق رازىلىقى بىلەن تىزىملاتقان. بۇ قىزلارنىڭ كىچىكى 16 ياشتا بولۇپ، ئۇلارنى ئىككى ئۇيغۇر، بىر خەندىن تەركىپ تاپقان ئۈچ كىشىلىك بىر گۇرۇھ تىزىمغا ئالغان ھەمدە ئۇلارغا تەربىيلەش مۇددىتىنىڭ ئىككى يىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، بۇ جەرياندا ھەرقانداق كىشى بىلەن، ھەتتا ئاتا-ئانىسى بىلەنمۇ تېلفون ياكى باشقا شەكىلدە ئالاقىلىشىشكە بولمايدىغانلىقىنى تەلەپ قىلغان. قىزلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەرتكە قوشۇلۇشقان. كېيىن ئىككى نەپەر ئۇيغۇر ساقچى بۇ ئشىتىن ئازراق غەلىتىلىك ھېس قىلىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭ بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان. بىراق، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ناھىيىلىك تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ بىر خىزمەتچىسىگە خىزمەتتە مەسۇليەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بەرگەندىن تاشقىرى، ھېلىقى ئۈچ ئالدامچىغا «جازا بېرىشكە توشمايدۇ» دەپ قاراپ، تېگىشلىك جازا بەرمىگەن. ئەمىلىيەتتە بىز بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئويلانغىنىمىزدا، ئۇنىڭدىن مۇنداق بىرقانچە مەسىلىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز. 1> بۇ ئىش، ئاشۇ ئالدانغان 74 نەپەر قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ، يۇندىنىڭ سۈزۈك بولغان تاشقى يۈزىنى كۆرۈپ، مەينەتچىلىككە تولغان ئاستىنقى قىسىمىنى كۆرمەيدىغان ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي كورلىقىنى؛ ھايات دوقمۇشلىرىدا بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش ئىككى پۇتلاپ مېڭىپ يۈرگەن بىلەن، ئادىمىيلىك ساپا ۋە ئويلاش، ھېس قىلىش قابىليىتىدىن مەھرۇم قالغان ھېسسىي ۋە ئەقلىي زەئىپلىكىنى؛ ئازراق مەنپەئەت ئالدىدا كۆزى ئېتىلىپ، ئۆز يۈرەك پارىلىرىنىڭ نېمە بولىشىنى ئويلاپ يېتەلمەيدىغان، بالىلىرىغا پۇل تېپىپ جان باقىدىغان يول تېپىپ بەرسىلا ئۇنىڭ توغىرا-خاتالىقى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدىغان ھەم بۇنى بالىلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك دەپ قارايدىغان؛ ھازىر ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى مۇنتىزىم مەكتەپلەرنىڭمۇ ھەرقانچە يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى بولسۇن، ئوقۇش پۇلى تۆلىمىسە قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئازراق مەنپەئتنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندا ئەقلىنى يوقىتىپ، پۇل ئالماي ئىككى يىل ھەقسىز ئۇسۇل ئۆگۈتىپ، يەنە تېخى تۇرالغۇ، يېمەك-ئىچمەك ھەم كىيىم-كىچەك بىلەن تەمىنلەيدىغان ئورۇننىڭ يوقلىقىنى،  بەدەلسىز تەييار نېمەتنىڭ ھېچ يەردە بولمايدىغانلىقىنى چۈشۈنىپ يېتەلمەيدىغان ئىنسانىي دەلدۈشلىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
   2> بۇ ئىش، ئەڭ كەينى تولوقسىز مەلۇماتىغا ئىگە بولغان، يەنى، توققۇز يىل مائارىپ تەربىيسى ئالغان؛ ئاياللىق نۇقتىسىدىن تولوق ھالدا بالاغەتكە يېتىپ، جىنسىي ئۇقۇم ئاللىبۇرۇن كاللىسىغا ئورنىشىپ بولغان؛ قىزلار يېقىن كىشىلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆز تەقدىرىنى ئۆمرىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇرسا ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ۋە قانداق ئىشلارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئاللىبۇرۇن ئويلاپ يېتەلەيدىغان ھالغا كەلگەن، ئاتالمىش سەنئەت ئۈچۈن ئەقلىنى يوقۇتۇپ، ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكمەكچى بولغان ئاشۇ قىزلارنىڭ پەقەت سەنئەت ۋە جان بېقىش ئۈچۈنلا ياشايدىغان قارىغۇلارچە تەلۋە قىزىقىشىنى ھەم خەلقىمىزنىڭ بۇنداق تەلۋە قىزغىنلىققا ئىزچىل قۇربان بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
    3> ئەشۇ 74 نەپەر قىزنىڭ ئىككى يىلغىچە تونۇش كىشىلىرىدىن ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈپ، ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ تىزگىنلىشىدە تۇرىشى، ئەقلى ۋە ھېس-تۇيغۇسى نورمال ھەرقانداق بىر كىشىگە تۆۋەندىكى ئاقىۋەتنى ھېس قىلدۇرىدۇ. يەنى، ئۇ قىزلار يېقىن كىشىلىرىدىن ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتىغا ئىگە قىلىنىش باھانەسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاندىن، بىرىنچى قەدەمدە، ئۇ يەردە بىر مەزگىل ئۇسۇل ئۆگۈتىلگەندىن كېيىن، قورقۇتۇش ۋە ئاچ قويۇش، ئىگىسىز تاشلىۋېتىش تەھدىتى بىلەن مەجبۇرىي پاھىشىلىككە سېلىنىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار ئىپپەتسىز قىزلارغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچى قەدەمدە، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ يالىڭاچ ئۇسۇل ئويناش بىلەن تېنىنى سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن تىجارەتخانىلارغا ئىجارىگە بېرىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىككى يىللىق ھاياتى رەسۋالىق ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ جەرياندا بىر قىسىمى بۇ كەسپكە ئۆزى خالاپ باغلىنىپ قالىدۇ. يەنە بىر قىسىمى، يۇرتىغا بارسا يامان ئاتلىق بولۇپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىدىن ھەم جەمىئىيەتتە چىقىش يولى ۋە ئورنى بولماسلىقتىن ئەنسىرەپ، يۇقارقى كەسپىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۈچىنچى قەدەمدە، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كەسپىي پاھىشە بولۇپ كېتىدۇ. يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكا جۈرئەت قىلغان ئاز بىر قىسىمى يۇرتىغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ يەر بىلەن ئىچكىرىنىڭ ئاسمان-زېمىن پەرقىنى ھەم ھالال كەسپ بىلەن ياشاشنىڭ مۇشەققەتلىكىنى كۆرۈپ يېتىپ، يەنە كەلگەن جايىغا قايتىپ كېتىدۇ ياكى يۇرتىدىكى چوڭ شەھەرلەردە پاھىشىلىك يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، 74 نەپەر ئۇيغۇر قىزى ئاخىر ئۆزى خالىسۇن-خالىمىسۇن پاھىشىلىك يولىنى كەسپ قىلىدۇ.
   4> 74 نەپەر قىزلارنىڭ ئالدامچىلىققا ۋە ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ، پاھىشە بوپ كېتىش خەۋىپىگە ئۇچۇراش مەسىلىسى يالغۇز 74 نەپەر قىزلارنىڭ شەخسىي مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە 74 ئائىلە، 74 ئاتا-ئانا ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خاتىرجەملىكىنىڭ، يۈز-ئابىرويىنىڭ مەسىلىسى. تېخىمۇ زىل قىلىپ ئېيتقاندا، بىر مىللەتنىڭ مىللىي غۇرۇر ھەم ئىپپەت قارىشى مەسىلىسى. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە 74 نەپەر قىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇشىدىن ھالقىپ چىقىپ، بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىسىگە، غۇرۇرىغا ھەم ئۇزاق ئەسىرلىك ئەخلاقىي ۋە ئېتىقادىي مەدەنىيىتىگە چېتىلىدۇ.
   5> ئۈچ ئالدامچىنىڭ قىلمىشى، ساختا ئىسپات بۇيۇملىرىنى ياساپ، ھۆكۈمەت ئورگانلىىرنى ۋە خەلقنى ئالداش؛ دۆلەتنىڭ يۈز-ئابىرويىنى چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىشەنچىسىزلىك پەيدا قىلىش؛ بىر مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپ، جەمىئىيەت ئىناقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛ 74 ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكى ھەم بەخت-سائىدىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش؛ كەلگۈسىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىغا يېڭى باش ئاغرىقلىرىنى تېپىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ جەمىئىيەتنىڭ نورمال تەرتىپىنى قوغدىشىغا دەخلى قىلىش قاتارلىق بىر قاتار جىنايەتلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ جازاغا ئۇچرىماسلىقى ساغلام جەمىئىيەت بەرپا قىلىش ھەم ئەخلاق ئارقىلىق جەمىئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا، پۇخرالار ئەخلاق قۇرىلىشىغا قىلىنغان ئۇچۇقتىن ئوچۇق شەرمەندىچىلىك. سوتسىيالىستىك مەنىۋىي مەدەنىيەت بەپا قىلىشقا قارىتىلغان ئېغىر مەسخىرە، 74 نەپەر قىزنىڭ ھەم بىر مىللەتنىڭ غورۇرىغا، ئىپپەت-نومۇسىغا، مىللىي ھېسسىياتىغا، تەقدىرىگە قىلىنغان ھاقارەت. شۇڭا بۇ ئىش ئەقلى نورمال كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمەيدۇ ھەم بۇ ئىشنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقارقىغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىگە يېشىل چىراق ۋە قانۇنىي، ئىجتىمائىي كاپالەت ھازىرلاپ بېرىدۇ.
   6> ھۆكۈمەتتىن مەبلەغ ئېلىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھەم تەلىم-تەربىيە ۋە ئىدىلوگىيە تەشۋىقات بازىسى بولغان، خەلقنى توغىرا يولغا يېتەكلەيدىغان بىر تېلۋېزىيە ئىستانسىنىڭ پۇلنى دەپ، ئېنىق تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ساختا ئېلان بېرىشى، ھۆكۈمەت تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ پۇخرالارغا قاراتقان ئوچۇق-ئاشكارا ئالدامچىلىقى ھەم ئۇلارنى خاتا يولغا باشلاپ، تەقدرى بىلەن ئوينىشىشى بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ پەقەت پۇلنىلا تونۇيدىغان، پۇخرالارنىڭ مەنپەئەتى ۋە ھايات-ماماتىنى، دۆلەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە پۇخرالار بىلەن خەلقنىڭ مۇناسىۋىتىنى قىلچىلىك ئويلاپ قويمايدىغان، خەلقنى قوغداش ۋە يېتەكلەش مەسۇليىتىنى قىلچىلىك ئېتىبارغا ئالمايدىغان شەخسىيەتچى، شەرمەندە ماھىيتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ.
     يۇقىرىقى ماتېرياللاردىكى 100 مىڭ نەپەر پاھىشىلەر نېمە سەۋەبتىن ئۆزلىرىنىڭ پاھىشىلىك يولىغا قەدەم قويغانلىقىنى بىلگەن ھامان قايتىپ كېتىشنى ئويلىماي داۋاملىق شۇ يولدا ئۆزلىرى خالاپ ماڭىدۇ؟! ئادەم بىر قېتىم بىلمەستىن نىجاسەت يەپ سالغان بولسا بىر ئۆمۈر داۋاملىق نىجاسەت يەپ ياشىشى كېرەكمىكەن!؟ ئاپتوبۇستىكى ھېلىقى ئايالنىڭ قىزىچۇ؟! ئۇنى ئاپىسى ئۆزى خللاپ خوشاللىق بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپتىغۇ!؟ يەنە باي ناھىيىسىدىكى ۋەقەدىكى 74 نەپەر قىزلارچۇ؟! ئۇلارمۇ ئۆزلىرى ئارزۇلاپ تىزىمغا ئالدۇرۇپتىغۇ!؟ ئۇلارنى ئۆز ئاتا-ئانىسى ئارزۇ قىلىپ تىزىملىتىپتۇغۇ!؟ بۇنىڭغا بىز نېمە دەيمىز.
    يەنە ئالساق، بىزدە ھازىر باش كۆتىرىۋاتقان بىر ئىجتىمائىي كېسەللىك، پاھىشىلەر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن، جىنسىي غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، بازار تېپىشى ھەم تور ۋە ئۈن-سىن ۋاستىلىرىدە كۆككە كۆتىرىلىشى؛ پاھىشە ھەم پاھىشىۋازلارغا ھەمدە ئۈچۈنچى شەخسكە ھېسداشلىق قىلىشنىڭ جەمىئىيەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىدىن ئىبارەت.
    2008-يىلى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەرنى ئاڭلاپ يۈرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ئەسەردىكى پاھىشە قىزغا ئىجابىيلىق نۇقتىسىدىن ھېسداشلىق قىلمىغان ئەر-ئايال بىرمۇ ئادەمنىڭ يوقلىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولغان ئىدى. ئۇ ئەسەردىكى پاھىشە قىز بىز ھېسداشلىق قىلغۇدەك ھەقىقىي بىر پاك ۋە ۋاپادار قىزمۇ ياكى ئەخلاقى بۇزۇق سېپى ئۆزىدىن پائىيشىمۇ؟ ھېسسىياتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئەتىراپلىق قارايدىغان بولساق، ئۇ سېپى ئۆزىدىن بىر بۇزۇق پائىيشىدىن ئىبارەت خالاس. چۈنكى ئۇ ئەسلى كىچىككىنە ئازابقا چىدىماي (ئەتىراپىمىزدا ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئازابنى يۈدۈپ يۈرىۋاتقانلار كۈرمىڭ. ھەتتا خوتۇن-قىزلىرىمىز ئاشلىق ئۆتكىلى دەۋرىدىمۇ پاھىشىلىك يولىنى تۇتمىغان. ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ئىپتىخارى نۇزۇگۇم ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئىپپىتىنى ساقلاپ مەردانە شېھىت بولغان.) پائىيشە بولۇپ كېتىدۇ ھەم بۇ جەرياندا ئۆزىگە ئەيدىز ۋىروسىنى يۇقتۇرۋالىدۇ. كېيىن «مەن»نىڭ تەسىرىدە پائىيشىلىق يولىدىن قايتقان بولسىمۇ ئەمما ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا «مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەيدىز» ناملىق ئاۋازلىق ئەسەردىكى قىزغا ئوخشاش ئەيدىزنى چەكلەش پىدائىسى بولماستىن ، بەلكى كونا ھۈنىرىنى تاشلىغۇسى كەلمەي، داۋاملىق پائىيشىلىق قىلىپ ئۆزىدىكى ئەيدىزنى باشقىلارغا يۇقتۇرۇش ئۈچۈن نامەلۇم شەھەرگە كېتىپ قالىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا «مېنىڭ مۇھەببىتىم ئەيدىز» ناملىق ئەسەر پاھىشە بولۇپ كەتكەنلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا دالالەت قىلىدىغان ئۈمىدۋارلىق كەيپىياتىدىكى ئەسەر بولسا، «پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى» ناملىق ئەسەر پائىيشىلارنىڭ ئاقلاشنامىسىدىن ئىبارەت، خالاس.
     ئۈچىنچى شەخسكە ھېسداشلىق قىلىشمۇ بىزدە، بولۇپمۇ ئاياللاردا خېلىلا ئومۇمىيلاشقان بولۇپ، بىز دائىم كىنولاردا ئېرى بار ئاياللار ئاشنا ئوينىغان ۋاقىتلاردا، قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئەشۇ ئەخلاقىي رەسۋالىقلىرىنى ئېرىنىڭ بىلىپ قالماسلىقىنى تىلەۋاتقانلىقىنى، ئېرى بىلىپ قېلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ ئولتۇرالماي قالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. بىلىش كېرەككى، ھېسسىياتتىن تولا ھاللاردا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت تۇغۇلىدۇ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ بۇزۇلىشى ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. قازاندا نېمە بولسا چۈمۈچكە شۇ چىقىدۇ، ياكى قازاندا نېمە قايناتساق شۇ پىشىدۇ. سىزنىڭ قازىنىڭىزدا ئەخلاقسىزلىقنىڭ خۇرچلىرى قايناپ تۇرسا سىزنىڭ ئەخلاقىي ساغلاملىقىڭىزدىن يەنە سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟!
      خۇلاسە قىلغاندا، ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ روھىي ئاجىزلىقىدا. بىز قاچانكى يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىغا توغرا قاراشنى ۋە ئۆز  روھىيىتىمىزنى قوغداشنى ئۆگىنىۋالالىساق، مۇستەھكەم ئەخلاق ئادەتلىرىمىز ۋە ۋىجدانىي تۇيغۇمىز، ئاتا-ئانا بولۇشتىن ئىبارەت مۇقەرەرلىكىمىز ۋە رېئاللىقىمىز ئارقىلىق مۇستەھكەم روھىي قورغان بەرپا قىلالىساق ئەخلاقىي بۇزۇلۇشتىن خالىي بولالايمىز.

مەنبە: قەلىمىم


0

تېما

0

دوست

1512

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر قانچە بولسىمۇ بىزدىن ئىچكىردە پاھىشىەلىك قىلۋاتقانلاردىن 100000 چىقماس ، ، ، بىزدە 20 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغانلارنىڭ سانى 1500000 دىسەك ، بۇنىڭ يېرىمى ئەرلەر يېرىمى ئاياللار بولسا ، ئاياللارنىڭ سانى 7 - 8 يۈزمىڭ دىگەن گەپ ، ئىچكىردە يۈزمىڭ بولسا شىنجاڭدىكىسىمۇ  يۈزمىڭ چىقار ، شۇنداق بولغاندا ھەر بەش 20  ياشتىن 30  ياشقىچە بولغان ئايالنىڭ بىرسى پاھىشە دىگەن گەپما ؟  تېما ئىگىسى سىز ئىچكىردە  يۈزمىڭ ئۇيغۇر پاھىشە بار دىگەن  گەپنى نەدىن تاپتىڭىز ؟  
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

3

دوست

743

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25391
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا بۇ سانلىق مەلۇمات ئەجەپ ئىچىمنى ئېيچىشتۇردى .
پەيغەمبىرىمىز‹‹ كىمىكى باشقا دىندىكىلەرنى دورايدىكەن ئۇ بىزدىن ئەمەس ›دەپتىكەن .

1

تېما

0

دوست

215

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25368
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCK يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 17:48
ھەر قانچە بولسىمۇ بىزدىن ئىچكىردە پاھىشىەلىك قىلۋاتقا ...

ئەگەشتىم

1

تېما

0

دوست

215

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   71.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25368
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 64
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇلتۇر ھىتتىمۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى 10 نەچچە ياتاقتىمۇ شۇنىڭدەك ئورۇن قالمىغان ئىكەن . بۇ جەھەتلەرگە ئىشىنىمەن ...

0

تېما

0

دوست

1512

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17988
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يازمىنى جىق  ئوقۇۋەرسە ئادەمنىڭ كۆزىگە ھەممە قىزلار باشقىچە كۆرۈنۈپ قالدىكەن ، خۇددى ھەممە قىزلار شۇ يولغا كىرىپ جان بېقىۋاتقاندەك ، مەنغۇ مۇشۇ ئۆمۈرۈمدە پاھىشە كۆرۈپ باقماپتىمەن ، ئاللاھ بۇنۇڭدىن كېيىنمۇ كۆرۈشكە نېسىپ قىلمىسۇن ، ، ، بولسا بۇنداق يازمىلارنى يوللىمايلى ، بۇنداق تېمىدىن يۈزنى يازساقمۇ يەنە قىلدىغانلار قىلدىغىننى قىلىۋېردۇ ، نۇرغۇنلار مۇنبەردە پاھىشىلەرنى تىللىغان بىلەن توردىن چۈشۈپلا شۇنداق يەرگە يۈگۈرەيدۇ ، تارىختىن بۇيان مۇشۇ توغۇرلۇق نۇرغۇن يازمىلار يېزىلدى ، ئەمما پاھىشىلەر تۈگۈمەكتە يوق تېخىمۇ ئاينىپ كېتىۋاتىدۇ ، ، ، ھەر قېتىم مۇشۇنداق يازمىلارنى ئوقۇپ قالسام كۆڭلۈم بىر خىل يېرىم بوپ قالىدۇ ،  شۇڭا مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش يازمىلارنى ئوقۇماي بىلگەجان ، ئەركىن سىدىق قاتارلىقلارنىڭ ئادەمگە ئىشەنىچ ۋە ئۈمۈد بېغىشلايدىغان يازمىلىرنى ئوقۇيدىغان بولدۇم ، ، ، شەخسى پىكىر ، ،  

1

تېما

4

دوست

2062

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10177
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 298
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 148
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئاساسى بارمۇ، مەلۇم ماتېرىيالدا كۈرۈشۈمچە ئۇيغۇرنىڭ ئارىسىدا بىرمۇ بۇزۇق يوقمىش.
ھەر يىلى بىرقېتىم يوللاپ، تىللىششىقا ئاساس يارتىپ بېرىش شەرتمۇ؟

2

تېما

1

دوست

4101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4620
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1058
توردىكى ۋاقتى: 137
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاشق-مەشۇقلار »بايرىمىدىكى پاجىئە ھەقىقەتەن ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ.مەنمۇ شۇ كۈندىكى گۈل كۆتىرىۋالغان چوڭ-كىچىكلەرنى ئۇچراتقان.
سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشەنمىگەنلەر 14-فېۋرالمۇ  كېلەي دېدى. شۇ كۈنى ئۆز يۇرتۇڭلارننىڭ كوچىلىرىنى ئوبدان كۈزىتىپ بېقىڭلار.قانداق ئەھۋالنى كۆرىسىلەركىن.مەن تېنچ-ئامان بولسام شۇ كۈنى بازارنى ئايلىنىپ كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن.
بۇ تېمىنى يېزىشتىكى مەقسەت ئاتالمىش شۇ بايرامنى تۈگىتىپ ،قىزلارنى ياشلىرىمىزنى يامان يولدىن توسۇش.غۇرۇرلۇق ئەركەك بولسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكى ئەخلاقسىز قىلمىشلارنى توسۇڭ.بىر تۇققان ھەمشىرىلىڭىزگە  ئىگە بولۇڭ.
قەلىمىڭىزگە بەركەتلەر بولسۇن ئاتتىلا. تەربيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ئەسەرلەرنى داۋاملىق يېزىپ تۇرغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )