قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2933|ئىنكاس: 30

ئۇيغۇر تائاملىرىمىز نىمىشقا داڭق چىقىرالمايدۇ ؟ _ئوغلانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

3

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24506
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 464
توردىكى ۋاقتى: 22
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida


يېمەك - ئىچمەكلىرىمىز  نىمىشقا داڭق چىقىرالمايدۇ ؟

بىلگىيار ياسىن

ئوغلانى يوللانمىسى

          بىز بىر قانچىمىز بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇر تائاملىرى ھەققىدە سۆزلەشكەن چېغىمىزدا يىمەك ئىچمەكلىرىمىزدىكى سىر ھېكمەت ، تەم قۇۋۋەت ھەققىدە ئىپتىخارلىق ئىلكىدىكى باھالارنى بېرىمىز . ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ كاتتىلىقى ھەققىدە تەرىپ -تەھسىنلەرنى ئوقۇيمىز . بازار ئارىلىغان چېغىمىزدا پولۇ ، مانتا ، كاۋاپلىرىمىز ... ھىدىغا مەستانە بولۇپ تاڭلاي چىكىمىز . ئۇيغۇر تائاملىرىمىزنىڭ تارىخى سەلتەنىتى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن ئىلمىي ئەسەرلىرىمىزدىمۇ قالتىس ئىلمىي قاراشلار ئوتتۇرغا قويۇلۇپ بىزنى قايىل قىلىدۇ .
       دەرۋەقە ، ئۇيغۇر تائاملىرى تائاملارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىشقا لايىق .
      بىراق بىر قانچە قېتىملىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قىلغان سەپىرىمدىن كېيىن تائاملىرىمىز ھەققىدە ئارتۇقچە مەمەدان پىكىردە بولغانلىقىمنى ،بىز ماختاپ كۆككە كۆتۈرگەن تائاملىرىمىزنىڭ ھەممە تائاملارنى تاپقىلى بولىدىغان ئاشۇ كاتتا شەھەرلەردە  ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمەيدىغانلىقىنى تەن ئالدىم . بىز ئانچە نەزىرىمىزگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ، يا تەمدە ،يا رەڭدە يوق تائاملارنىڭ قالتىس شۆھرەت تېپىپ مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە داۋراڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم . بىزنىڭ تائاملىرىمىز  مەن كۆرگەن يەردە يوقمۇ ئەمەس ، ھەر ھالدا ئىزدىسە بىر قانچە ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى تاپقىلى بولىدۇ . ئەمما كۆلەملەشكەن ، زەنجىرسىمان باغلانغان ،ھەممە يەردە شۇنىڭ ئىشى ، ھەممە يەردە شۇنىڭ داۋرىڭى دىگەندەك دەرىجىدە  ئەمەس .
  بۇرۇن ئاشخانىلىرىمىزنى بىزەشكە ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيتتۇق . ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ رېستۇرانلىرىمىز كۆپەيدى . رېستۇرانلارنى زىننەتلەش بىر مەزگىل قالتىس مودا بولدى . ھەشەمەتلىك رېستۇرانلار كۆزلەرنى ئالاچەكمەن قىلدى . يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى بېزىلىشى ئىنتايىن كۆركەم ئاشخانىلىرىمىزمۇ ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلدى . بۇ ئاشخانىلار قويۇق ئۇيغۇر مىمارچىلىق ئۇسلۇبىدا بېزىلىپلا قالماي يەنە ئاشخانا سايمانلىرىنىڭ سەپلىنىشىدىكى ھەرقايسى ئىنچىكە ھالقىلارغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلىپ ، پۈتكۈل ئاشخانا نەپىس سەنئەت بويۇمىغا ئايلاندۇرۇلدى .ئاشخانىلىرىمىزدىن ئېسىللىق ،مەردانىلىق ، دۆلەتمەنلەرچە سالاپەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بولدى . مۇشۇنداق ئاشخانىلىرىمىزنىڭ يارقىن مىسالى سۈپتىدە «ماي گۈلى» زەنجىرسىمان يىمەك-ئىچمەك تىلغا ئېلىش تامامەن مومكىن . دېمەك ، بىزنىڭ يىمەك -ئىچمەكلىرىمىز ئۇزاق ئەنئەنىگە ،مول ئوزۇقلۇق قىممىتى ، نۇرۇغۇن تۈرلەرگە ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئاشخانا بىزەشتىمۇ ئەنئەنىۋى مىمارچىلىق ئەندىزىلىرىمىز بار . يىغىپ ئېيتقاندا ، يىمەك -ئىچمەكلىرىمىزنى دۇنيانىڭ قەيەرىگىلا ئاپارسا ، مىللى خاسلىقى ، ئوزۇقلۇق قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ، ئىلمىيلىكى بىلەن بازار تاپالىشى مومكىن .
        ۋەھالەنكى ، ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ كۆلەملىشىشى ،ئەل ئىچىدىكى شۆھرىتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس .
         سەۋەب زادى نەدە ؟
        مۇئەللىپنىڭ كۆزىتىشى ۋە ماتىرياللاردىكى پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا بىزدىكى يىمەك -ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاساسەن ئۆز ئالدىغا تاق يۆلۈنىشلىك تىجارەت قىلىدۇ . بۇ خىل تىجارەتتە كۆلەملىشىش مەقسدىگە يەتكىلى بولمايلا قالماستىن داڭلىق ماركا بولۇشتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى زەنجىرسىمان يىمەك -ئىچمەك شېركەتلىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ ئەمما كۈتكەن تەلەپتىن تېخى كۆپ يىراق .يەنە بىر موھىم مەسىلە يىمەك -ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپ قىسىم خوجايىنلارنىڭ داڭلىق ماركا ئېڭى تۆۋەن . تەشۋىقات ،ئىلانغا ئېتبار قىلمايدۇ . ھازىرقى ئەھۋالىغا شۈكرى قىلىپ داڭلىق ماركا يارىتىش يولىدا ئىزدەنمەيدۇ .
     ھازىر «ماي گۈلى» گە ئوخشاش رايونىمىزدا نام چىقارغان يىمەك-ئىچمەك تىجارەت ئورۇنلىرىدىن بىر قانچىسى بار . بىراق مۇشۇنداق نامى بار دىيىلگەن ئاشخانىلىرىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى نام-شۆھرىتى قانداق ؟ ئەلۋەتتە ، بۇ ھەقتە ئىپتىخارلىق بايانلارنى قىلىشتا ناقىسلىق قىلىمىز .
     ئىچكىرىگە قىلىنغان بىر قانچە قېتىملىق سەپەر جەريانىدا «لەنجۇ ئۈگرىسى» نامىدىكى ئۈگرىنىڭ ھەممە يەرگە كەڭ تارقالغانلىقىنى ھېس قىلدىم.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا لەنجۇ ئۈگرىسىنىڭ بۇنداق كەڭ تارقىلىشىدا يەرلىك ھۆكۈمەت ناھايتى كۈچلۈك رول ئويناپتۇ ،ھۆكۈمەت مەبلەغ ،تۈر بىلەن ياردەم قىلغاندىن باشقا تەشۋىقات سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ لەنجۇ ئۈگرىسىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپتۇ . بىزنىڭمۇ ناھايتى مەززىلىك ئۈگرىمىز بار .ئۇنى تېتىغان ھەرقانداق ئادەم بىر ئېغىزدىن ماختىماي قالمايدۇ .بۇ ھەقتە مۇنداق ھېكايىنىمۇ ئاڭلىغان ئىدىم  : بىر قانچە چەتئەللىك قەشقەرگە ساياھەتكە بېرىپتۇ .ئۇلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە سۇيۇق -سەلەڭ تاماق يىگۈسى كەلگەن ئىكەن ،ساياھەت يىتەكچىسى بولغان ئۇيغۇر يىگىت ئۇلارنى باشلاپ چەترەك بىر يەرگە جايلاشقان ، كۆرۈمسىز بولغاننىڭ ئۈستىگە كىچىك ،بىر ئۈگرىخانىغا باشلاپ بېرىپتۇ .ئۇلار ئاشخانىغا مەنسىتمەسلىك بىلەن نەزەر سېلىپ ،ساياھەت يىتەكچىسى بولغان يىگىتكە نارازى بولغاندەك قارىشىپتۇ . ساياھەت يىتەكچىسى ئۈگرە بۇيرۇتۇپتۇ . چەت ئەللىكلەر ئۈگرىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپتۇ . «دۇنيا بويىچە ئەڭ تەملىك .ئۈگرىنى ئەڭ كىچىك ،ئەڭ كۆرۈمسىز بىر ئاشخانىدا ئۇچراتتۇق» دىيىشىپتۇ  ئۇلار . دېمەك ، بىزنىڭ ئۈگرىمۇ ھېچقانداق ئۈگرىدىن قېلىشمايدۇ . ھەتتا ھەرقانداق ئۈگرىنى بېسىپ چۈشىدۇ دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرلاردىن باشقا بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس ، لەنجۇ ئۈگرىسىدەك داڭقى ،شۆھرىتى يوق . بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولسىڭىز لەنجۇ ئۈگرىسى مۇسۇلمانچە يىمەكلىكلەرنىڭ بېشى سۈپتىدە ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىدۇ . ماركا نامىمۇ مەملىكەت بويىچە ئوخشاش ، مانا بۇ تەشۋىقاتنىڭ ، كۆلەملىشىشنىڭ كۈچى .
       بىزنىڭ يىمەك -ئىچمەك ساھەيىمىزدىمۇ ئازدۇر -كۆپتۇر تەشۋىقات بولۇپ تۇرىدۇ . ئەمما تەشۋىقاتنىڭ سالمىقى يىتەرلىك بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ، كەڭ دائىرىلىك ، مەزمۇنلۇق تۈس ئالالمىدى . بىرەر ئاشخانا قۇرۇلغاندىن كېيىن ، تېلۋىزىيە ياكى گېزىتتە قىسقا  ئىلان بېرىلگەندىن كېيىن ئىش تامام ۋەسسالام بولۇۋاتىدۇ .
      يىمەك-ئىچمەكمۇ نۆۋىتىدە بىر مىللەتنىڭ ، بىر رايوننىڭ مۇھىم مەدەنيەت بەلگىلىرىنىڭ بىرى . يىمەك -ئىچمەك ساھەسىنىڭ سىرتقا كىڭىيەلىشى ئەمەليەتتە مەدەنيەتنىڭ كىڭىيشى ، تونۇشتۇرلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا مىللىي يېمەك -ئىچمەكلىرىمىزنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرشىمىز لازىم . ھازىر ھۆكۈمەتمۇ مىللىي يىمەك-ئىچمەكنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاۋاتىدۇ . بۇ ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت . بىزنىڭ مانتا ،پولۇ ،لەغمەن كاۋاپ ...لىرىمىز ناھايتى ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ . شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭمۇ بۇ ھەقتە تەسىراتىنىڭ ناھايتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز . ئەمدى گەپ كونا قاراشلاردىن ئازاد بولۇپ يىمەك-ئىچمەك ساھەسىنى بىر كارخانا سۈپتىدە باشقۇرۇپ تەشۋىقاتقا ئەھمىيەت بېرىپ جاھانغا تونۇتۇش كېرەك .
      ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم داڭق قازانغان يىمەك-ئىچمەكلەرمۇ  تۈرلۈك خىزمەتنى مۇكەممەل ئىشلىگەندىن باشقا تەشۋىقاتنى مۇھىم ئورۇنغا قويغان . داڭلىق مەھسۇلات تەشۋىقاتى ،يىمەك -ئىچمەك مەدەنيىتى تەشۋىقاتى ۋە تۇتاشتۇرۇش ،كۆلەملەشتۈرۈش جەھەتتە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ يىمەك-ئىچمەك كەسپى ناھايتى تەرەققىي قىلغان ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئارقىلىق يېمەك -ئىچمەك مەدەنيىتى داڭلىق مەھسۇلاتى بەرپا قىلىپ ، مەملىكەت بويىچە زەنجىرسىمان ئاپپاراتلارنى تەرەققىي قىلدۇرغان . يېقىنقى نەچچەيىلدىن بۇيان ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنۋى يېمەك-ئىچمەك تىجارەت شەكلى ئىلگىرىكى كىچىك ئاشپۇزۇللاردىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى گەۋدىلىك يېمەك -ئىچمەك مەدەنيىتىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان چوڭ ساراي تۈسىنى ئالغان تىجارەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى .
        شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك -ئىچمىكىنى سىرتقا يۈزلەندۈرىمىز ،دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا روناق تاپقۇزىمىز ،دەيدىكەنمىز ، تۈرلۈك ئاخبارات ۋاستىلىرىدە قاراتمىلىق ھالدا تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم ئۇنى باشلىنىش نوقتىسى قىلىپ ، داڭلىق مەھسۇلات تەشۋىقاتىنى  ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىمىز كېرەك .
      ھازىر شىنجاڭنىڭ يېمەك -ئىچمەك كەسپىدە ئەسلىدىنلا چەكلىمىلىك مەۋجۇت . شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ تەننەرخى بىر قەدەر يۇقرى بولۇشى شىنجاڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك كەسپىي تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئامىللارنىڭ بىرى ؛ يەنە بىرى ، شىنجاڭنىڭ يېمەك -ئىچمىكىنى چۈشىنىدىغانلار ئىنتايىن ئاز ؛ ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ رېستوران ،ئاشخانا كەسپىگە بولغان قارىشىمىز دىگەندەك ئاكتىپ ئەمەس ، ئاشخانا مۇلازىملىقىنى تاللايدىغانلار ناھايتى ئاز ، يەنە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ئەشيا قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈش مەسىلىسى يېمەك-ئىچمەك كەسپىي تەرەققىياتىغا قىسمەن تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئىچكى ئامىلدىن باشقا يېمەك ئىچمەكلىرىمىز ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلەرگىمۇ ئىگە . بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنڭ خام ئەشيالىرى تەبئىي ئۆسكەن ماتىرياللارنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، ئورگانىك يىمەكلىكلەر ، قۇۋۋەت تولۇقلاش يىمەكلىرىدىن تۈزۈلگەن ؛ ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، تەبئىي يىمەكلىكلەردىن بەھىرلىنىش كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى بىرخىل ئىنتىلىشىدىن ئىبارەت .
       شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تەرەققىي قىلغان شەھەرلەر بىلەن بولغان ئارلىقى يىراق ، شۇڭا بۇنداق چەت ، يىراق رايونلار ئوتتۇرسىدىكى ئالاقىنى قانداق كۈچەيتىش ـــ موھىم بىر مەسىلە .
       يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە بىزنىڭ ئاشپەزلىرىمىز  خېلى كۆپ ماكانلىشىپ يېمەك ئىچمەك مەدەنيىتىمىزنىڭ سىرتقا بولغان تەسىرىنى كۈچەيتتى . ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەر يىلى ئاشپەزلەرگە مۇھتاج بولىدىكەن . بۇ بىر پۇرسەت شۇنداقلا چوڭ بازار ھېسابلىنىدۇ ، بۇخىل ئادەم كۈچى بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ،مىللىي يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى جانلاندۇرۇپ ، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنى چەتئەل بازارلىرىغا يۈزلەندۈرۈش دەۋىرنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ھېسابلىنىدۇ . يېمەك-ئىچمەكلىرىمىزنىڭ داڭلىق ئوبرازىنى تۇرغۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ــ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى ، شۇنداقلا نوپوزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج . ئلاقىدار فونكىسىيەلىك تارماقلار ئۈزۈپ چىققان كارخانىلاردىن باج ئېلىش جەھەتتە مۇكاپاتلاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش مىخانىزىمىنى قوللىنىش كېرەك ، باشقا جەھەتلەردە قىسمەن ئىتبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاكتىپلىىقىنى قوزغاش كېرەك .
       باشتا دەپ ئۆتكەندەك ، يېمەك-ئىچمەكلىرىمىز مەدەنيەت بەلگىلىرىمىزنىڭ بىرى . ھەركىمنىڭ تىلىدا قالغۇدەك تەم  قىممەتكە ئىگە تائاملىرىمىز تائاملار ئەنجۈمەنىدە تۆردىن ئورۇن ئېلىشى كىرەك . ئۇنىڭ تۆردىن ئورۇن ئېلىش -ئالالماسلىقى يەنىلا مۇشۇ ساھەدە تەر تۆكۈۋاتقانلارنىڭ ئىدىيسىگە ، تېرىشچانلىقىغا ،يېڭىلىق يارىتىش ، ئېچىش روھىغا باغلىق .
   
  مەنبە :   شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2012-11-سانىدىن ئەسەر ئاپتورى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتنىڭ رۇخسىتى بىلەن باغداش مۇنبىرىگە يوللاندى .
  ئەسكەرتىش : باغداشقا خاس ، رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ

3

تېما

0

دوست

770

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21742
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تائاملىرى دۆلەت ئىچىدە خىلى داڭلىق ،لىكىن ھەقىقى مەبلەغ سالغان  يۇرۇشلەشكەن ئۇيغۇر يىمەك -ئىچمەك كارخانىلىرى شىنجاڭدا شۇڭا دۆلەت ئىچى -سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئىغىز تىگىپ داڭلىمايدىغنى يۇق ،شىنجاڭلىق خەنزۇ يۇلداشلارمۇ ھازىر ئەزىز مىھمانلىرىنى كوتۇۋىلىشتە ئۇيغۇر تائاملىرى ۋە مىللىچە پاسۇندا زىننەتلەنگەن رىستۇراندا بىر قىتىم تاماقلاندۇرۇش ئادەتكە ئايلاندى ،بۇ ئۇيغۇر يىمەك -ئىچمەك كەسپىنىڭ تەرەقىياتىغا باغلىق .يۇقارقى تىمىدا دىيىلگەندەك ئويغۇر -يىمەك ئىچمەك كەسپى مەملىكەتكە يۇزلەنمىدى دىگەن گەپكە كەلسەك ئىچىكىرى ئولكىلەردە ئاشخانا ئىچىۋاتقان كوپ ساندىكى ئاشخانچىلار شىنجاڭلىقلارنى ئاساس قىلغان تار دائىرىىدىكى ياكى ئىشتىن سىرىت قوشۇمچە ئاشخانا -رىستۇران ئىچىپ قويغان كىشىلەردۇر شۇڭا ئولاردىن ئومۇد كوتۇشكە بولمايدۇ .
قۇتلان تېلفۇنلىرى

1

تېما

0

دوست

2335

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس خەنزۇ شەھەرلىرىدىمۇ داڭقى بار.تور زىيارەتلىرى ۋە مۇشۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇر تامىقىنى ماقتىشىدىكەنغۇ.ئاشپەز مىللەت دىگەندەك نامى بارمىشقۇ.بىراق كۆلەملەشتۈرۈش زەنجىرسىمان تارماق قۇرۇش ئۈچۈن خىلى كۈچ كىتىدۇ .بىيجىڭ قاتارلىق پايتەخىت ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردە چوڭ ئۇتتۇرا ۋە كىچىك تىپتىكى ئۇيغۇر تاماقخانىلار بار.بۇ تەرەققى قىلمىغاننىڭ ئىپادىسى ئەمەس.بەلكى ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا تارقىلىۋاتقاننىڭ ئىشى.شىنجاڭدا قايسى بىر خەنزۇ ئۇيغۇر نىنى يەپ باقمىغان قايسى بىر خەنزۇ ئۈيىدە ئەنئەنىۋى تامىقىدىن ئۇيغۇر تامىقىغا ئۆزلەشكەن تاماق قىلمايدىكەن.

1

تېما

1

دوست

1486

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22145
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-25
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-20 22:02  

ئۇيغۇر تائاملىرىنى داڭلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىز- بىزنىڭ كۈچىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ شۇنداق بىر زۆرۈرىيەت تۇغۇلىدىغان بولسا، ئۇيغۇر تائاملىرى كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بىر كارخانا مەيدانغا كېلىپ، سىز ئېيتقاندەك كۆلەملەشكەن مولازىمەت كەسپىنى يولغا قويالىسا، تەبىئىيلا شۇ كارخانا ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، ھەتتا پۈتكۈل دۇنياغا داڭلىق قىلالايدۇ. ئەمما مېنىڭچە، بۇنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. بىز يەۋاتقان يىمەك- ئىچمەكلىرىمىزنى شۆمۈرىدىغان ئېغىزلار كۆپىيىدۇ- دە، بىزنىڭ تائاملىرىمىزنى سىياسەت  جەھەتتىن بىر ئاچقىلى تۇرسا «باپكار ئىشتانسىز، موزدوز ئاياقسىز» دېگەندەك ئىش يۈز بېرىدۇ. قېزىلما بايلىقلىرىمىزنىڭ، ئالتۇن -كۈمۈشلىرىمىزنىڭ، مېھماندوستلۇق- ئاق كۆڭۈللۈكىمىزنىڭ، چىرايلىق قىزلىرىمىزنىڭ داڭلىق بوپ كەتكىنىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ھازىر. . . .


بەزى نەرسىلەرنىڭ بەك داڭقى چىقىپ كەتمىگىنىمۇ بىر ھېسابتا ياخشى ئىش. كونىلار «تۈلكىنىڭ قۇيرۇقى ئۆزىگە دۈشمەن» دەپ بىكار دېمىگەنمىكى دەيمىنا....

0

تېما

0

دوست

1663

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   66.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدىلا داڭقى چىقمسۇن ،داڭقى چىقىساسىز بىلەن بىزگە نىمە پايدىسى سىز ئاشخانا ئاچامسىز يا ،ئەگەر ئاشخانىڭىز بولسا بىزلەر كىرىپ سودا قىلىپ بىرىمىز  ئەنسىرەپ كەتمەڭ، لىكىن تامقىڭىز تەملىك بولسۇن ،پاكىز بولسۇن ،شۇنھىدىن خالى بولسۇن ،شۇڭا دونياغا دڭقى چىقمىسمۇ بولۇدۇ .
ئوزىمىز يەپ  تاماقنىڭ  سىڭىشلىك بولىشىنى ئالاھتىن تىلەپ  ئوزىمىز داڭلاپ قويايلى  ،ماڭادىيارىمىزدا ئاچارچىلىق  يۇز بىرىغاندەكلا تۇيۇلدۇ سەۋەبى يىمەك ئىچمەك سەي كوكتات  گوش قاتارلىقلار نىڭ باھاسى ئىچكىرى ئولكىلەر بىلەن تەڭلىشىپ قالغان بەزىلىرى ئىچكىردىن قىممەت ئىكەن

ana tilim maggu yokalmaydu

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8450
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1794
تۆھپە : 2409
توردىكى ۋاقتى: 256
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالاممۇئەلەيكۇم؟

رەىمەت سىزگە ئوغلانى ئەپەندىم،بۇ تىمىغا خېلى كۈچەپسىز.

مىنىڭچە ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ دۇنياغا تۇنۇلماسلىقىدىكى مەسىلە،خەلىقئارا سۈپەتكە تۇشىدىغان يىمەك-ئىچمەك شىركەتلىرىنىڭ تۇلۇمۇ ئاز بولغانلىقىدا..

ئۇيغۇر تائاملىرىنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا تۇنۇتۇشتا مىنىڭچە شىنجاڭ ھەرەمباغ يىمەك-ئىچمەك شىركىتى ئۈلگە بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن.

0

تېما

1

دوست

301

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   0.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25023
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-21
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏شۇنداق ياخشى تىمىكەن ، يوللىغۇچىغا رەھمەت .

1

تېما

0

دوست

1659

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   65.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 301
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 169
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-24
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىيارىمىزدىن چىققان قوي-كالا گۆشلىرىنىڭ داڭقى چىقىپ تالاشتا قالدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار كېلىپ ، ناھايىتى پەخىرلەنگۈدەك باھاغا ئەرزىپ كېتىپ، بايلىق يارىتىۋاتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )