ئىمتاھاندا كۆچۈرۈش يامان ئادەتمۇ ؟
ئوغلانى
سىزنىڭ ئىمتاھاندا كۆچۈرگەن بالىلارنى كۆرسىڭىز ئاچچىقىڭىز كىلەمدۇ ؟ __ ئاچچىقلانماڭ ، ئەلۋەتتە ، بۇنىڭ جاۋابى بىرخىل ئەمەس ، چۈنكى ئارىمىزدا ئىمتاھاندا كۆچۈرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس ، بەزىدە ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلىسىڭىز ئۇلارنى دۆت ئەمەس ،ئۆزىڭىزنى دۆت ھىس قىلىشىڭىز مومكىن .
«بىر جەمئىيەت جەمئىيەت بولۇپ تۇرۇش ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن نېمىلەر كىرەك ؟ »دىگەن سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاب نۇرغۇن ،ھەممەيلەنگە ئايانكى بۇنىڭ ئىچىدىكى ھالقىلىق ئامىللارنىڭ بىرى مائارىپتۇر . مائارىپنىڭ قانداق تۈزۈلمىدە ، قانداق روھتا ، قانداق ئىلغارلىقتا ۋە قانداق تەرەققىياتتا مېڭىشى شۇ جەميەتتىكى كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇپ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ . ئەگەر مائارىپ تىلەمچى تەربىيلەيدىكەن ، ئۇنداقتا نەچچە يىلدا جەميەت تىلەمچىلەر بىلەن تولىدۇ ، دىگەن گەپ . بۇ ئەلۋەتتە بىر چاقچاق خالاس . لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى سىز دەل سىزنى تەربىيلىگەن مائارىپنىڭ مىۋىسى .
يېقىندىن چىققان چەتئەلدىكى مائارىپ توغۇرلۇق خەۋەرلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشىغا ئەگىشىپ ، ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىغا بولغان كەمسىنىشنىڭ يۇقرى كۆتۈرلۈشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېغزىدا داستان بولۇپ ئوقۇلدى . ئۆزىمىزنىڭ مائارىپىغا بولغان كەمسىتىش ۋە كەمسىنىشنىڭ ئېغىرلىقىنى تۆۋەندىكى ئىككى ئېغىز گەپتىنلا بىلەلەيسىز .مەلۇم دېرىكتورنىڭ ئەسىرىدىن بۇ جۈمىلىلەرنى كۆرۈپ قالدىم : « چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇغان بالىلار بولسىڭىزمۇ مەن سىزنى كوچىدىكى كىتاب ساتىدىغان بالىلار بىلەن ئوخشاش كۆرىمەن ، چۈنكى سىزدە جەميەت ھەققىدىكى ۋە كەسىپ ھەققىدىكى بىلىم كەمچىل » ، يەنە بىر ساۋاقدىشىمنىڭ مەھەللىسىدىكى بىر چىڭخۇانى پۈتتۈرگە قىزنى مۇنداق بايان قىلدى : « چىڭخۇا داشۆدە ئوقۇغان بالىلارنىمۇ كۆردۇق ، شۇ ئادەتتىكى مەمۇر بولدىغۇ ، بىرسى تېخى كەنت باشلىقى بوپتۇ » . چىڭخۇا ئونۋېرىستىتى جۇڭگۇنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئەڭ ئىلغارلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى دىسەك بولدۇ .چىڭخۇا ئونۋېرىستىتنى پۈتتۈردى دىگەن گەپ سىز جۇڭگۇدىكى ئەڭ ئىلغار مائارىپتا تەربىيلەندىڭىز دىگەنلىك بولدۇ ، ئۇنداقتا نىمىشقا شۇنداق چۈشكۈن گەپ سۆزلەر كىشىلەرنىڭ قىلچىمۇ رەت قىلىشىغا ئۇچىرىماي شۇنچىلىك كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بىر-بىرىگە تارقىلىپ يۈرىدۇ ؟ بۇنىڭدىكى بەزى سەۋەبلەر بىزدىكى چۈشكۈن ئىددىيەلەردىن ھەسەتخورلۇق بولسا ، يەنە بىر موھىم سەۋەبى بار ، ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مائارىپقا بولغا كەمسىتىش ۋە مائارىپىمىزدىن كەمسىنىش كۆپ كىشىلەرنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلانغان . مەن ھازىر بۇ سۆزلەر توغۇرسىدا تەھلىل يۈرگۈزمەيمەن، ھەم ئارتۇقچە تەھلىلنىڭ ھاجىتىمۇ يوق .
بىز ئوقۇغۇچىلار ھەربىر ئوقۇش مەزگىلىدە ئىمتاھاندىن ئايرىلالمايمىز .شۇنىڭ بىلەن كۆچۈرمىكەشلىكتىن ئىبارەت بۇ قىززىق تېما تەبئىيلا مەيدانغا چىقىدۇ .ئۇنداقتا كۆچۈرمىكەشلىك زادى قانداق ئادەت ؟ مۇتلەق يامان ئادەتمۇ ؟ مەلۇم بىر تونۇشۇم بار ئىدى ، ئۇ ئۆزى ھازىر بىر ماشىنا سېتىش ۋاكالەتچىلىك ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ ،ئايلىق مائاشى تەخمىنەن ئىككى تۈمەندىن يۇقىرى ، ئۇ بۇ خىزمەتنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپ تاپقان ئىدى ، ئۇ ئوقۇشنى ئوقۇماي ئىشلەپ بولۇپ ،ئىمتاھانلارنى كۆچۈرۈپ ئۆتكەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ تەھلىلىچە ياخشى ئوقۇپ بىر خىزمەت قىلسا مائاشىنىڭ تۆۋەنلىكى ، مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىملەرنىڭ تولىمۇ زېرىكىشلىك ھەم جەمئىيەتتە ئەسقاتمايدىغانلىقى ئۇنىڭ كاللىسىدىن زادى ئۆتمەيدىكەن ، ئۇ تېخى ئىمتاھاندا كۆچۈرۈشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى كۈلۈپ تۇرۇپ دەپ ئۆتتى . يەنە بىر داڭلىق ئونۋېرستىتا ئوقۇيدىغان بىرەيلەن بولىدىغان ، ئۇمۇ سودا قىلىپ ئايلىق مائاشىنىڭ بىر يېرىم تۈمەن دىن ئېشىپ ،بەزىدە ئۈچ تۈمەنمۇ بولدىغانلىقىنى دەپ ، ئىمتاھانلاردىن پۈتۈن كۆچۈرۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى ،كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭمۇ ياخشى ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ ئۆتتى . لېكىن ئۇلارنى كۆچۈرۈپ چوڭ بولغانمىكىن دەپ قالماڭ ، ئىككىلىسى ئىلگىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئۈگۈنۈشتە بىرىنجى ئەلاچىلار ئىدى .
ئوقۇش قىزغىنلىقىنىڭ يۇقرى بولماسلىقى بىزنىڭ كۆپ قىسىم باللىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى . بىز يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن كەمسىتىلىۋاتقان ۋە كەمسىنىۋاتقان مائارىپ مۇشۇنداق بىر تۈركۈم ئىلگىرلەش روھىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەنلىكىتىن ، ئۆز يوللىرىنى ئىزدىنىش ئارقىلىق يول تېپىۋاتقان ياشلىرىمىز كۆپىيىشكە باشلىدى .خۇددىي شۈتېلى ئەپەندى دىگەندەك : «قېيىنچىلىقنىڭ بولۇشى يامان ئىش ، شۇنداقلا ياخشى ئىش . قېيىنچىلىق ئادەمنى چارە ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ . قېيىن شارائىت ئىختىساس ئىگىللىرىنى يېتىشتۈرىدۇ » .
دىمەك ،ئىمتاھاندا كۆچۈرۈش بەزى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئامالسىزلىقتىن بولغان ، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلىپ كەتكەن .بۇنىڭ خىل تەسىرلەر ھازىر بەزى ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارغىمۇ يۇقۇشقا باشلىدى، يەنە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەردە كۆچۈرۈش ۋە ئىمتاھان سۇئالىغا دائىرە بەلگىلەپ بېرىشتىن ئىبارەت ۋاستىلىك كۆچۈرۈشلەر ، ھەتتا ئىمتاھاننىڭ مەزمۇنىنى نەچچە يىلغىچە ئۆزگەرتمەسلىك قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆچۈرۈشىگە شەرت-شارائىت ھازىرلاپ بەردى . بۇنىڭ بىلەن نەچچە ئاي قىينىلىپ ئۈگەنسىمۇ ئويناپ يۈرۈپ كۆچۈرگەنلەرگە يىتەلمىگەن نەتىجىللىرىنى كۆرگەن بالىلار ئاستا-ئاستا شۇ «ئاسان » يولغا مېڭىشتى . دىمەك بۇنىڭ سەۋەبى نۇرغۇن .
مائارىپنىڭ مەسىلىسى ھەقىقەتەن بىر مۇرەككەپ مەسىلە ، مائارىپنى ئىسلاھات قىلىش جەميەت ئەزالىرى بىلەن مەكتەپنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆز -ئارا ھەمكارلىشىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ . مەكتەپتىن مۇنداق قىلىسەن دىسە ، ئاتا-ئانىسى ئۇنداق قىل دىسە ئەلۋەتتە باللىرىمىز ئىددىيسى مۇقىمسىز ، داۋالغۇپ تۇرىدىغان چىقىشى مومكىن. چەتئەلنىڭ مائارىپىنى كۆچۈرۈپ كەلگىلى بولمايدۇ ، ئۇنى مىڭ ماختىساقمۇ نەتىجىدە شۇ سەبىي بالىلىرىمىز ئۆزىنى مەڭگۈ خەقتىن تۆۋەن تۇرىدىغان ھىس قىلىدۇ -خالاس . بالىڭىزنى ئوقۇتۇشتىن مەقسەت ئۇنى ياراملىق ئادەم قىلىشتۇر . شۇڭلاشقا بالىڭىزغا ئۆزىگە ئىشىنىشنى ئۈگىتىش موھىم .مەيلى چىڭخۇادا ئوقۇسۇن ،مەيلى بۆلەك مەكتەپتە ئوقۇسۇن ھەممەيلەن شۇنچىلىك تېرىشچانلىقى بار باللىرىمىزنى قوللاپ ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇش بىر ئۇيغۇر ۋە مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىق ئىش .ھەر ساھەدە يىتىشكەن ئىقتىساسلىقلارنى قەدىرلىمىگەن ، ھەممىنى بىر خىل قېلىپتا ھەيدىگەن ،ئۇنى قوللىمىغان جەمئىيەت ئەلۋەتتە شۇلارنى يوقۇتۇشقا يۈزلەنگەن جەمئىيەتتۇر . چىڭخۇانى پۈتتۈرۈپ سىزنىڭ قېشىڭىزغا باشقىلار تەرەققىي قىلىمەن دەپ كىلىدۇ ، ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئىقتىدارسىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كەمسىتىشىڭىزگە بويۇن قىسىپ قېلىش ئۈچۈن كەلمەيدۇ، ئۇنى قوللاڭ ، ئىقتىدارىنى كارخانىڭىزدا مۇۋاپىق ئېچىڭ ، بەلكىم ئۇ سىزگەنۇرغۇن قىممەت يارىتىپ بېرەلىشى مومكىن . ئەسلى تېمىغا كەلسەك ، سىز ئۆز يولىنى تاپقان شۇنداق تېرىشچان ،تالانتلىق بالىلارنى ئىمتاھاندا كۆچۈردى دەپ يوققا چىقارسىڭىز بولمايدۇ ، ئۇمۇ ئۆزىگە ئىشىنىشى كىرەك .
قىسقىچە خۇلاسە قىلساق ، مائارىپ تۈزۈلمىسىدىكى ھەرخىل مەسىلىلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ئىددىيسىدىكى مائارىپقا بولغان چۈشىنش كۆپىيىپ سېلىشتۇرۇپ كەمسىتىش ۋە كەمسىنىش ئازلىمايدىكەن ،جەميەت كىشىلىرىنىڭ ھەممە بالىلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ ئۇلارنىڭ يول تېپىشىغا ياردەم قىلمايدىكەن، ئۇلارنى قېزىپ چىقمايدىكەن ، ياخشى يول كۆرسەتمەيدىكەن ، بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇشىغا ، كەلگۈسىگە بولغان قىزغىنلىقى ئاشمايدىكەن ، ئوقۇغۇچىلىرىمىز ھامان شۇ كۆچۈرۈش يولىنى تاللايدۇ ، ئۇ چاغدا ئۇنى يامان ئادەت دىگىلى بولامدۇ ؟
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئەسكەرتىش : باغداش مىىنىڭ ئانا مۇنبىرىم ،شۇڭلاشقا ئەسەرلىرىم باشتىن-ئاخىر باغداشقا خاس ، كۆچۈرىدىغانلار رۇخسەتىسز كۆچۈرمەڭ . |