- تىزىملاتقان
- 2014-2-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1925
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
92.5%
|
جەمئىيەتنى زىنادىن بولۇپمۇ يامان ۋە ھارام ئىشلاردىنساقلاشنىڭ بىردىن - بىر توغرا ئۇسۇلى ___ ھەربىر جەمىيەت ئەزاسى ئۆزلىرىنى ياخشى ئەخلاقلىق تەربىيىلەش بىلەن بىرگە ئەتراپىدىكىلەرگە مەسئۇل بولدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك ، بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار ، بولۇپمۇ ئۇيغۇلار ئىمان ئېيتقان ، مۇسۇلمان ، اللەنىڭ قۇلى ۋە پەيغەمبەر سۇەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بولۇپمۇ ياشلار ئۆزلىرىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، ئالدى بىلەن شەرىئەت ئەھكاملىرىنى توغرا چۈشىنىپ ، توغرا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان دىنى بىلىمگە ئىگە بولۇپ ، لاياقەتلىك ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ھازىرلىشىمىز كېرەك . ...
بالىمىزنى مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئۆلچەملىك ئوقۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ، بوش ۋاقىتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ دىنى بىلىم بېرىپ ، قىزلار 9 ياشقا ، ئوغۇللار 12 ياشقا ( يەنى بالاغەت يېشىغا ) توشقىچە ، چوقۇم اللە ۋە اللەنىڭ رەسۇلى بۇيرىغانلارنى بەجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلىيالايدىغان ، چەكلىگەنلىرىدىن قەتئى چەكلىنەلەيدىغان سەۋىيىدە تەربىيىلەپ يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك .
ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بالىمىزنى يەنىلا دىنى ، پەننى ۋە جەمىيەت بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ يېتىلىش جەريانىغا ئىزچىل مەسئۇل بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام يېتىلىشىگە ، ئائىلە ۋە جەمىيەتنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يېتىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك .
مىسال : بىر ئايال ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھىنىڭ يېنىغا :
__ ئوغلۇم ئۈزۈم يەيمەن - دەپ دەۋا قىلىپ ھېچ ئارامىمدا قويمايدۇ ، نەسىھەت قىلىپ قويساڭ - دەپ كەپتۇ . ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھى ئۈچ كۈندىن كېيىن كېلىشىنى ئېيتىپ يولغا سەپتۇ . ئۇ ئايال ئوغلىنى ئېلىپ قايتا كەلگەندە ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھى :
__ ئوغلۇم ، ئۈزۈم يىمىگىن » - دەپتۇ . ئايال تېرىككەنلىكىدىن:
__ سەن بۇنداق دەيدىغان ئادەم ، مېنى ئۈچكۈن ساقلاتماي ، دەسلىپىدىلا دېسەڭ بولمامتى ؟ - دەپ كايىپ كېتىپتۇ . ئىمام ئەزەم رەھمىتۇللا ئەلەيھى جاۋابەن :
__ ئۇ چاغدا مەنمۇ ئۈزۈم يەتتىم - دەپتۇ . ...
دېمەك تەربىيە قىلغۇچى ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئىشنىڭ ئەڭ ئەقەللىسىدۇر . شۇڭا قېرىنداشلار تەلەپنى ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى. |
|