قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3594|ئىنكاس: 34

جەمئىيەتنى زىنادىن قانداق ساقلاش كېرەك?

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

2114

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21727
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 642
توردىكى ۋاقتى: 134
سائەت
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 00:26:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جەمئىيەتنى زىنادىن قانداق ساقلاش كېرەك?


    سوئال:
     ھازىرقى جەمئىيەتتە زىنا قىلغۇچى ئەر ۋە زىنا قىلغۇچى ئايال ئۈستىدىن تۆت نەپەر گۇۋاھچىنى قانداق تەييارلايمىز؟، ئۇلارنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى قانداق مۇقىملاشتۇرىمىز؟، مۇسۇلمان ياشلىرىغا زىنادىن ئىبارەت بولغان قەبىھ قىلمىش توغرىسىدا قانداق نەسىھەت قىلىمىز؟.

   جاۋاب:
   بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھغا خاستۇر.
   بىرىنچى: ئالىملار زىنانى ئىسپاتلاشتا تۆت تۈرلۈك پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
   1-گۇۋاھچىلىق (يەنى تۆت نەپەر كىشىنىڭ زىناغا گۇۋاھچى بولىشى).
   2- زىنا قىلغۇچىلارنىڭ ئىقرار قىلىشى.
   3- ئېرى ۋە خوجايىنى بولمىغان(دېدەك)ئايالنىڭ ئېغىر ئاياق بولىشى.
   4-ئېرى ئايالىنى زىنا قىلدى دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغان بولسا، ئايالى ئېرىنىڭ سۆزىگە رەت قايتۇرمىغان بولىشىدىن ئىبارەت. زىنادا ھۆكۈم قىلىشتا ئىشەنچلىك بولغان تۆت نەپەر كىشىنىڭ گۇۋاھلىقى شەرت. تۆت نەپەر كىشىنىڭ ئەر-بىلەن ئايالنىڭ بىرگە بولغانلىقىنى پىچاقنىڭ غىلاپتىكىدەك ھالەتتە ئوچۇق-ئاشكارا كۆرگەنلىكىنى سۈپەتلەپ بېرەلىشى لازىم. ئەگەر گۇۋاھچىلار زىناخورلارنى كېيىمسىز يالىڭاچ ھالەتتە كۆرگەن ياكى ئۇلارنى مەلۇم شەكىل ھەرىكەتلەردە كۆرۈپ، پىچاقنىڭ غىلاپتىكى ۋاقتىنى كۆرەلمىگەن بولسا ئۇ زىنا ئىسپاتلانمايدۇ. شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: گۇۋاھچىلار بىز پىچاقنىڭ غىلاپنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق لەۋزىلەر بىلەن گۇۋاھلىق بېرىشى لازىم. ئۇنىڭ غەيرىدە كۆرۈلگەن باشقا ئىسپاتلار بىلەن زىناغا ھۆكۈم قىلىنىپ جازا ئىجرا قىلىنمايدۇ.
    يۇقىرىدا دېيىلگەندەك زىنانىڭ ئىسپاتلىنىشى ناھايىتى قىيىن ئىش. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ زامانىسىدا بىر ئادەمنىڭ "ئەگەر مەن بىراۋنىڭ ئىككى يوتا ئارىلىقىدا بولغانلىقىنى كۆرسەممۇ، بۇ گۇۋاھچىلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ دېگىنىگە ئوخشاش، شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيەمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زامانىسىدىن ئۆز زامانىسىغىچە تۆت گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن زىنا ئىسپاتلىنىپ باقمىغانلىقىنى ئېيتقان، شۇنىڭدەك بىزمۇ تا ھازىرغا قەدەر زىنانىڭ ئۇ يول بىلەن ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلمەيمىز، چۈنكى ئۇ ناھايىتى مۈشكۈل بولغان قېيىن بىر ئىشتۇر.
    شەرىئەتنىڭ زىنا ئۈستىدىن گۇۋاھلىق بېرىشتىكى قاتتىق ئۆلچىمى يەنىلا شەرىئەت ئۆزى ئىرادە قىلغان مەنپەئەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇپ، بەندىلەرنىڭ ئەيبىنى يوشۇرۇش، پاھىشە ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن، كىشىلەرنىڭ يۈز-ئابرۇيىغا تاجاۋۇز قىلىشتىن ۋە نەسەبنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتۇر.
    ئىمام قۇرتۇبى رەھىمەھۇللاھ ئۆز تەپسىرىدە: " خۇسۇسەن بۇ يەردىكى تۆت نەپەر گۇۋاھچىنىڭ بولىشى( باشقا ئىشلاردا تۆت نەپەر گۇۋاھچى تەلەپ قىلىنمايدۇ) ئاللاھنىڭ داۋا قىلغۇچىغا قاتتىق قول بولۇش ۋە بەندىلەرنىڭ ئەيىبنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
    ئىككىنچى: ياشلىرىمىزنى ۋە جەمئىيتىمىزنى زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن مۇداپىئە قىلىشتا ئالدى بىلەن دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ھەر قايسى ساھەلەر ئورتاق كۈچ چىقىرىشى لازىم. بۇ بولسا ئاممىۋى مەسئۇلىيەت، جەمئىيەتنىڭ ساغلاملىقىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش زىنا ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلىنىدىغان تۆۋەندىكى سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ:
   1-زىنانىڭ چوڭ گۇناھلىقىنى خەلققە چۈشەندۈرۈش ۋە تارقىتىش، زىنا چوڭ گۇناھلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ ھاراملىقىغا ۋە قەبىھ پەسكەش قىلمىشلىقىغا شەرىئەت ۋە ئەقىل بىرلىككە كەلگەن. بۇ قىلمىش بولسا، كۆپلىگەن ئۈممەتلەرگە مۇسىبەتلەرنىڭ يېتىشىگە، ھالاك بولىشىغا، شۇنداقلا ئاقىۋىتىنىڭ دوزاخ بولىشىغا سەۋەب بولغان.
   ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: "ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈشتىن قالسا زىنا ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر". ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر» ئىسرا سۈرىسى 32-ئايەت. شەيخ ئابدۇرەھمان سەئدىي يۇقىرىقى ئايەتنى تەپسىرلەپ مۇنداق دېگەن: "ئاللاھ تائالا زىنانى قەبىھ ئىش، يامان يول دەپ سۈپەتلىدى، پاھىشە بولسا شەرىئەت، ئەقىل ۋە ئىنسان تەبىئىتىدە بۇزۇقچىلىق دەپ ھېسابلانغان قىلمىشتۇر. بۇ گۇناھ ، ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئايال كىشى ئېرىنىڭ ھەققىگە تاجاۋۇز قىلىش، ئائىلە ۋە نەسەبلەرنى بۇزۇشتىن ئىبارەت قەبىھ ئىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ گۇناھقا قەدەم بېسىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ".
    2- زىنانىڭ يامراپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ياشلارغا چۈشەندۈرۈش. زىناخورلۇق ۋە پاھىشىنىڭ جەمئىيەتتە يامراپ كېتىشىنىڭ تەسىرى بولسا، ئائىلە ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزۈپلا قالماستىن، ھارامدىن بالا تۇغۇلۇشى، ئائىلىنىڭ ۋەيران بولىشى، بالىلارنىڭ يېتىم بولۇپ ناچار ئەخلاقلارنى ئۆزىگە ئۆزلەشتۈرۈشى، ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، جىنايى قىلمىشلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقاپ كېتىشى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر. شۇنداقلا بۇلار ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئارقىغا چېكىنىشى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيران بولىشىنىڭ سىگنالىدۇر.
    3- شەرىئەت ھالال يول بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ، شەرىئەت ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇش قۇرۇشىغا تەرغىب قىلىش بىلەن بىرگە، نىكاھ قانۇن پرىنسىپلىرىنى تۇرغۇزدى. توي قىلىش يەنى نىكاھلىنىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتى بولۇپ، ساغلام يول بىلەن نىكاھلانغان كىشىلەرنىڭ ئىمانى تولۇقلىنىدۇ ۋە شۇ سەۋەبلىك ئۆزى ۋە ئايالىنى يامان ئىشلاردىن ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەخلاقلىق بىر جەمئىيەتنىڭ بەرپا بولىشىغا تۆھپە قوشقان ھېسابلىنىپ ئاللاھتىن چەكسىز ئەجىرلەرگە ئېرىشىدۇ.
    4- ياشلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى يوقىتىشقا تىرىشىش. توي قىلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەرگە جەمئىيەت ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشى لازىم.
ئىمام قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ سۈرە نۇرنىڭ مۇنۇ 32- ئايىتىنى تەپسىر قىلىپ، «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر». ئاراڭلاردىن توي قىلالمىغانلارنىڭ تويىنى قىلىپ قويۇڭلار، بۇ بولسا ئىپپەتنىڭ يولى دېگەن. ئەبۇبەكرى ئۇبەيدە قاسىم ئىبنى سەلام "ئەلئەمۋال" دېگەن ئەسىرىدە "ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئىراقتىكى ۋالىسىغا: ئۆيلىنەلمىگەن پۇل-مېلى يوق بويتاق ياشلارغا قاراپ، ئەگەر ئۇلار توي قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ تويىنى قىلىپ، ئۇلارنىڭ مېھرىنى ئادا قىلىپ تويلاپ قويغىن" دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ. ئىبنى قۇدامە "مۇغنىدا" مۇنداق دەيدۇ: "توي قىلىش يېشىغا يېتىپ قالغان بالىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيلەپ قويۇشى ۋاجىپ بولىدۇ".
    5- ئاتا-ئانا ۋە جەمئىيەتنىڭ نىكاھتىكى ئەڭ ئەقەللىي مەسئۇلىيىتى تويلۇق مېھرىدىكى قىممەتلىكنى، تويدىكى شۆھرەتپەرەسلىك ۋە شەكىلۋازلىقنى تاشلاشتۇر. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن: "ئاياللارنىڭ مېھرى ھەققىنى قىممەتلەشتۈرىۋەتمەڭلار، ئەگەر ئۇ دۇنيادا شەرەپ ئىش بولىدىغان بولسا ياكى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە تەقۋالىق بولىدىغان بولسا، جەزمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سىلەردىن ئىلگىرى بۇ ئىشنى قىلغان بولاتتى". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز نىكاھىدا ۋە قىزلىرىنىڭ نىكاھلىرىدا مېھرىنى 12 ئۇقىيەدىن ئاشۇرمىغان ئېدى".
ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىنىڭ مېھرى ھەققىنى قىممەت قىلىۋېتىشى (يەنى تويلۇقنى ئۇستۇن قىلىشى) جەمئىيەتتە چىرىكلىك ۋە بۇزۇقچىلىق پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
ياۋروپالىق ۋۇلدىيۇرانت دېگەن ئالىم "پەلسەپىنىڭ گۈزەل كۆرۈنىشى" دېگەن ئەسىرىدە: "غەرب ئەللىرىدە بۇزۇقچىلىقنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئاتا-ئانىلارنىڭ تويلۇقنى زىيادە قىممەت قىلىۋالغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، توي قىلىش ئاشكارا ئېلىم-سېتىمغا ئوخشاش بولۇپ قالغان" دەپ يازىدۇ.
    6- جەمئىيەتنى چىرىكلىك ۋە بۇزۇقچىلىقتىن ساقلايدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئائىلىدە مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولۇپ، ئەر-ئايال ئارىسىدا مۇھەببەت، ئېھتىرام، راستچىللىق، ۋاپادارلىق ۋە بىر-بىرىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىش بىلەن بەختكە چۆمگەن كەيپىيات بارلىققا كېلىدۇ. ھەقىقى بەختلىك ئائىلە ۋە بىر-بىرىنى چۈشىنىدىغان ئەر-ئاياللار جەمئىيەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشىغا ئۆزگىچە ھەسسە قوشقان بولىدۇ.
    7- شۇنداقلا بىز شەرىئەتكە خىلاپ كىيىنىش-ياسىنىش، ئەۋرەتلىرىنى يۆگەيدىغان، ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان، ئائىلىسىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەتتە ئۇستىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەتتىن باش تارتمايدىغان، دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى سۆيىدىغان ۋە مىللەتنى ئىسلاھ قىلىش يولىدا ئاۋانگارتلارچە تۆھپە قوشالايدىغان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، جەمئىيەتتىكى دىن، مىللى ئەخلاق قوبۇل قىلالمايدىغان ناشايان قىلمىشلار ئۆزلىگىدىن قۇيرۇقى ئىچىگە كېرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدىكەن ئۇ جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. ئاللاھ ھەممىمىزنى دوزاخ ئوتىدىن ساقلاپ، جەننىتى بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.


0

تېما

0

دوست

1328

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   32.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26536
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 16:07:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى  ياخشى ماقالىكەن ، ئوقۇپ  كۆپ  چۈشەنچىگە  ئېرىشتىم ،  ئاللاھ  ھەممىمىزنىڭ  ئاشۇ  قەبھ  گۇنانى قىلىشتىن ساقلىسۇن !
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

4

دوست

2607

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 798
توردىكى ۋاقتى: 375
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 17:35:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ياخشى تېما  .   توغرا  جەمىيەتنى  زىنا ۋە ھەرقانداق  بۇزۇقچىلىق ، رەزىللىك، ئىپلاسلىقتىن ساقلاشنىڭ كاپالىتى ئىمان  ئىتىقادنى ساقلاش ھەم پاكلاشتۇر.

0

تېما

1

دوست

1393

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25486
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 434
توردىكى ۋاقتى: 107
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 17:38:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن مۇھىم ئىشلار بۇ! كۆپ رەھمەت!

10

تېما

15

دوست

8455

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   69.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15861
يازما سانى: 844
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 69
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 17:49:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تىما يوللاپسىز .    جەمىيەتنى زىنادىن ساقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامالى ، كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش .         پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە ساھابىلارنىڭ ئىچىدە زىنا قىلىش بولغان ئەمما شۇ زىنا قىلغانلار قاتتىق تۆۋبە قىلىپ ئۆزىنى پاكلاپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەن .  ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىسلام ئىڭى تۆۋەن بولغانلىقتىن قىلغان گۇناھلىرىنى كىشىلەر ئالدىدا پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىغان ، قىلچە ئۇيىلىش ، ئاللاھتىن قورقۇش ...دىگەن بولمايدىغان بولۇپ كەتتى .

0

تېما

5

دوست

837

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   67.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 91
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 18:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاللاھ›› ئۆزى ساقلىسۇن مۇشۇ يولغا مىڭىپ قىلىشتىن

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26643
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 18:30:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم

بۇنىڭدىن كىيىن تيخىمۇ تىرىشىڭ

0

تېما

0

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26643
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 84
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-24 18:31:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىندىشىم تيما مەنبەسىنى ئەسكەرتمىدىڭىزمۇ قانداق؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )