قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4934|ئىنكاس: 30

(bilgejan) تەبئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

25

دوست

6320

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15531
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى: 126
تۆھپە : 2100
توردىكى ۋاقتى: 740
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 09:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 00:12  


تەبىئىي تۇغۇتمۇ ياكى ئوپراتسىيەمۇ؟

تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە


chapter_29_lecture_041349378586944.jpg


         تۇغۇت - ئانا ۋە بالا ھاياتىدىكى ئەڭ مۆجىزىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر ھادىسە بولۇپ، بۇ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن مۆلچەرلىگۈسىز مۇھىم بىر ئىش چۈنكى تۇغۇت ئارقىلىق ئانىنىڭ بەدىنى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە باشتىن كەچۈرگەن نۇرغۇنلىغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئاياقلاشتۇرۇپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك ھالەتكە قايتىدۇ؛ پەقەت تۇغۇت جەريانىدىلا يۈز بېرىدىغان ئالاھىدە ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىسىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن مېڭىسى، پىسخولوگىيىسىمۇ مەڭگۈلۈك ئۆزگىرىدۇ؛ بالىغا نىسبەتەن تۇغۇتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشى ياكى قالالماسلىقى، ھاياتىنى ساقلاپ قالغان ئەھۋالدىمۇ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ھاياتىدىكى بىر ئۆمۈر ساغلاملىقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغانىكەن، ئاتا-ئانا بولغۇچى ۋە دوختۇر-سىستىرلار يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كۆز ئىچىپ، ئاللاھ ياراتقان پەقەت بىردىنبىر ئۆزىگە خاس بىر ئىنسان سۈپتىدە دۇنيا ئىنسانلىرىغا قوشۇلىشىغا ئالاھىدە تەييارلىقتا تۇرۇشى ۋە تۇغۇت جەريانىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەر تەرەپتىن كۈچ چىقىرىشى بىر زۆرۈرىيەت ۋە باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تۆرەلمەشۇناسلىق ئالىملىرىمىنىڭ قارىشىچە، ئاتا بەدىنىدىن كەلگەن ئىسپرما ھۈجەيرىسىنىڭ ئانا بەدىنىدىكى (ياكى تەن سىرتىدا) تۇخۇمنى ئۇرۇقلاندۇرۇشى بىر يېڭى ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى بولۇپ بۇ مۆجىزىلەرگە تولغان كۆپيىتىشتىن ئىبارەت بىئولوگىيلىك ھادىسە جانلىقلارنىڭ ئەڭ تۈپكى خۇسۇسىيتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەردىكى قىممەت قاراشلىرى ۋە دىنلارنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما بىر ئۇرۇقلانغان تۇخۇم گەرچە ئاددىي كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىر ھۈجەيرىدىن ئىبارەت بولسىمۇ، بۇ ھۈجەيرە بارلىق جانلىقلار ھۈجەيرىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ئالاھىدە ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇ توختىماي بۆلۈنۈپ باشقا ھېچقانداق ھۈجەيرىدە يوق بىر رەۋىشتە تۆرەلمە، ئاندىن كىين بالىياتقۇ ۋە ھامىلىنى ھاسىل قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تۇغۇتتىن ئىبارەت ھالقىلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بىر يېڭى جانلىقنىڭ دۇنياغا ئاپىرىدە بولۇشىغا يېتەرلىك بولغان بارلىق ئېرسىي ئۇچۇرلار ۋە خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇنداق ئىكەن، نۇرغۇن جەمئىيەتلەردىكى ھامىلىنىڭ يېتىلىپ بىر ئاي، 40 كۈنى ياكى 3 ئاي دېگەندەك ئوخشىمىغان ھامىلدارلىق مەزگىللىرىدە ئاندىن بىر ھەقىقىي جانلىق دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇرۇقلانغان تۇخۇم تېخى بۆلۈنۈپ ئىككى ھۈجەيرىلىك تۆرەلمىنىمۇ ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن بىئولوگىيىلىك نۇقتىدىن ئېيتقاندا جانلىققا تەبىر بىرىدىغان بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان بولىدۇ. ئەپسۇسكى، ئىنسانلار جەمئىيتىدە شۇنداق مۆجىزىلەر بىلەن تولغان بىر ھاياتلىق ئۇزۇن ئۆتمەي نۇرغۇن ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلى زورلاپ چۈشۈرۋىتىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ ئانا بالىياتقۇسىغا ئورۇنلىشىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى گېنتىكىلىق، ھورمۇنلۇق، پاتولوگىيىلىك بىنورماللىقلار ۋە ياكى تەبئىي ھادىسىلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا چۈشۈپ كېتىدۇ. ئامېرىكىدا تەخمىنەن 10-20% تۇغۇت بالىنىڭ تەبئىي چۈشۈپ كېتىشى بويىچە ئاخىرلىشىدۇ. مۇشۇنداق خەتەرلەردىن ئامان قېلىپ تۇغۇت باسقۇچىغا يېتىپ بارالايدىغان بالىلار ئامېرىكىدا ئومۇمىي تۇغۇتنىڭ 60% نى ئىگىلەيدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، دۆلىتىمىزدە بۇ ساننىڭ بۇنىڭدىن كۆپ تۆۋەنلىكىنى كۆپ مۇنازىرىسىز ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى پەرەز قىلالايدۇ. دېمەك، تۇغۇلۇش نېسىپ بولۇش ئالدىدا تۇرغان تەلەيلىك ھامىلىلەرنىڭ ساق سالامەت تۇغۇلۇشى ھەقىقەتەنمۇ ھەر قانداق ساغلاملىق مەسلىلىرىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. بۇ ئاممىباپ يازمامدا ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي، سىياسىي، دىننىي مەسىلىلەرگە چېتىشلىق بولغان تۇغۇتنىڭ ئالدى كەينىدىكى باشقا بارلىق ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ، پەقەت ۋە پەقەت تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشتىكى بىر قىسىم بىلىملىرىم ۋە كۆز-قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمەن ھەمدە مۇشۇنىڭدىن بۆلەك مەزمۇندا بۇ تېمامدا تالاش-تارتىش بولۇشىنى خالىمايمەن. ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى تۇغۇت دوختۇرخانىلاردا يۈز بېرىدۇ دېسەك ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ. ئۇنداق بولسا، بىز بۇ يەردە دوختورخانىلارنىڭ قانداق قارار چىقىرىشىنى ۋە بۇ جەھەتتىكى نارازىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇغۇت شەكلىنى تاللاشتىكى (ئۆز ئىختىيارلىقىڭىزدا دەپ پەرەز قىلىنغاندا) بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم نۇقتىلارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى. (مەن پەقەت ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى، ھېچقانداق پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن پايدىلانمىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردە يەتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۇچۇرلارغا پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش پىكىرى سۈپىتىدە مۇئامىلىدە بولۇشۇڭلارنى سورايمەن).

        تۇغۇت ئۇسۇلىنى چوڭ جەھەتتىن ئۆزى تۇغۇش ياكى ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغدۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۆزى تۇغۇشنى ئۆز ئىچىدىن يەنە تەبئىي تۇغۇش، ناركوز دورىسى ئىشىلىتىپ تۇغۇش دېگەن ئىككى مۇھىم تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. ئامېرىكىدا ئادەتتە مۇمكىن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئانىنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تاللىشى تەۋسىيە قىلىنىدىغان بولۇپ، پەقەت بالىنىڭ تۇغۇت جەريانىدا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىش ئېھتىمالى چوڭ بولغاندا ياكى ھامىلدارلىق جەريانىدىكى مەلۇم كېسەللىكلەر تۈپەيلى ئانىنىڭ بەدىنى تەبئىي تۇغۇشقا شارائىتى يار بەرمىسە، ئانىدىن بالىغا مەلۇم كېسەللىكلەر يۇقۇپ قېلىش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغاندا... دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئوپراتسىيە ئۇسۇلى تېخمۇ ماس كېلىدىغان ئۇسۇل سۈپىتىدە تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بەزى ئەھۋاللاردا ئالدىنقى قېتىملىق تۇغۇتتىكى يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوپراتسىيە قىلىنغان بولسا، شۇ قېتىملىق تۇغۇتتىمۇ ئانىنىڭ ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار دەسلەپ ئۆزى تۇغۇشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما تۇغۇت جەريانىدىكى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان قېينچىلىقلار تۈپەيلى تۇغۇت باشلىنىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن ئوپراتسىيە ئۇسۇلىنى تاللىشىغا توغرا كىلىدىغان ئەھۋلمۇ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ. ئۇنداقتا قايسى خىل تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللاشنىڭ ئانا ۋە بالىغا نىسبەتەن قانداق بىۋاستە باغلىنىشلىقى بار؟ تۇغۇت تەتقىقاتچىلىرى نېمە ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئانىلارنىڭ ئۆزى تۇغۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئاۋۋال نورمال تۇغۇت جەريانىنى چۈشىنىۋىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ زادى قانداق جەريانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۆزى تۇغىدىغان ۋە پۈتۈنلەي تەبئىي تۇغۇت ئۇسۇلىنى تاللىغان ئانىلارنى مىسال قىلىپ چۈشەندۈرىمەن.

       نورمال تۇغۇت مەزگىلى 38 ھەپتىدىن 42 ھەپتىگىچە بولۇپ، ئەگەر بالا 38 ھەپتىدىن بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالسا بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە بۇنىڭ بىر قاتار سەلىبىي تەسىرلىرى بولىدۇ (بۇ نۇقتىدا ئايرىم تېما يېزىپ توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ)؛ ئەگەر 42 ھەپتىگىچىمۇ ھەقىقىي تولغاق كەلمىسە، ئۇ ھالدا بۇ كەينىگە سوزۇلغان تۇغۇت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ۋە كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئىندۇكسىيىلەش (دورا ئارقىلىق تولغاق كەلتۈرۈش ئۇسۇلى) ئارقىلىق بالىنىڭ تۇغۇلۇشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ ۋە بۇنىڭ ئادەتتە كۆپ زېيىنى بولمايدۇ. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، ئانىلار ھامىلدار ئىكەنلىكىنى ئادەتتە ئايلىقى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن بىلىدىغان بولۇپ، دەماللىققا قايسى كۈنى قورساقتا قالغانلىقىنى بەلگىلەش مۇمكىن بولمىغاچقا، تۇغۇت دوختۇرلىرى ئانىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتملىق ئايلىق كۆرگەن كۈنىنى تۇغۇتنىڭ بىرىنچى ھەپتىسى دەپ ھېسابلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بالا بۇ كۈندىن ئاز دېگەندە 2 ھەپتە كېيىن قورساقتا قالىدۇ چۈنكى ئاياللارنىڭ تۇخۇمى ئىشلەپچىقىرىش مەزگىلى كۆپىنچە ئايلىقتىن ساقىيىپ بىر ھەپتىدىن 10 كۈنگىچە بولغان ئارىلىققا توغرا كىلىدۇ. تۇغۇتنىڭ قانداق باشلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپىيىش بىئولوگىيە ئالىملىرى ناھايتى كۆپ تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئورتاق قاراشقا كەلگەن بولۇپ، بالىنىڭ قاچان تۇغۇلۇشى بالا مېڭىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن سېگناللارنىڭ ئانا فىزىئولوگىيسىگە تەسىر قىلىش بىلەن باشلىنىدىغانلىقى نۇرغۇنلىغان پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانغان. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتلارنى ئىنسانلاردا ئىشلەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن دەسلەپ قوي، مايمۇن قاتارلىق ھامىلدارلىق جەريانى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلاردا ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇ ھايۋانلاردىن بىلىنگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىنسانلاردىمۇ ئاساسەن ئوخشاش ئىكەنلىكى ئېتراپ قىلىنغان. بۇنى بىر ئاز تەپسىلىي چۈشەندۈرسەم، ھامىلدارلىقنىڭ فىزىئولوگىيلىك جەريانىنى ھورمۇنلارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەسئۇلى دېيىش تامامەن توغرا بولۇپ، ئانىلارنىڭ ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېزىك تارتىشى ۋە قورسىقىنىڭ بىئارام بولۇپ كۆڭلى ئىلىشىشى دەسلەپ ھامىلدارلىقنىڭ نورمال ساقلىنىپ (چۈشۈپ كەتمەي) مېڭىشىدا ئەڭ مۇھىم رولى ئوينايدىغان ئانىلىق ھورمۇن پىروگىستېرون ۋە ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىشىنىڭ نەتىجىسى بولسا، ئوتتۇرا مەزگىلدە ھامىلدارلىقنىڭ بىر قەدەر راھەت داۋملىشىشى، پىروگىستېرون مىقدارىنىڭ ئاللىقاچان مەلۇم تۇراقلىق مىقدارغا يېتىپ، ئېستىروگىن مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىدىن بولغان. ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە بولسا، ئانىلاردىكى بىئارام بولۇش ۋە براكىستون-ھىكىس تولغىقى (يالغان تولغاق) دەپ ئاتىلىدىغان تولغاقنىڭ يۈز بېرىشى دەل تۆرەلمە مېڭىسى ھىپوسالامۇس قىسمىنىڭ فۇنكىسيىسىنى جارى قىلدۇرغىدەك پىشىپ يېتىلىپ كۆپ مىقداردا روھىي بېسىم ھورمۇنى كورتىزولنى كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئانا قېنىغا قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئانا تېنىنىڭ فىزىئولوگىيىسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىشكە باشلىغانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر. قىسقارتىپ ئيېتسام، دەل ھامىلدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ھامىلە مېڭىسى ئالدى بىلەن ئۆز ئەتراپىدىكى مۇھىتنى سېزىشكە ياردەم بېرىدىغان ھىپوسالامۇس دەپ ئاتالغان پۈتۈن بەدەندىكى بىردىنبر ھەم نېرۋا ھۈجەيرىلىك ھەم ئىچكى ئاجراتما ھۈجەيرىلىك خۇسۇسىيەتنى ھازىرلىغان مېڭە رايونىنىڭ (ئورنى: بۇرۇننىڭ تۆشۈكىدىن قولىنى ئۇدۇلغا تىقسا سۆڭەكلەر يوق ئەھۋالدا قولنىڭ ئۇچى ھىپوسالامۇسقا بېرىپ توختايدۇ، دېمەك مېڭىنىڭ ئىچكى ئوتتۇرا قىسمىغا توغرا كىلىدۇ) قوزغىلىشى بىلەن قوماندان ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ ھامىلە بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ زور مىقداردا كورتىزول ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. نەق يۇقىرى مىقداردىكى كورتىزول ھامىلەنىڭ ھېچقانداق فۇنكىسىيە ئۆتىمەيدىغان ئۆپكىسىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قانداق دېگەندە، كورتىزول ئۆپكىدىن سىرفاكتىنىت دەپ ئاتىلىدىغان ئاقسىللىق ھورمۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى غىدىقلايدۇ ۋە مۇشۇ ئاقسىلنىڭ ياردىمىدە ئۆپكە ھۈجەيرىلىرى ئاخىرقى يېتىلىش باسقۇچىنى تاماملاپ فۇنكىسىيەگە ئىگە، پىشىپ يېتىلگەن ئۆپكىگە ئايلىنالايدۇ. كورتىزولنىڭ باشقا بارلىق ئەزالاردىمۇ ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئاستىلىتىپ فۇنكىسيەلىك ھۈجەيرىلەرگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان رولى بارلىقى ئىسپاتلانغان بولۇپ، مەن ھازىر ئىشلەۋاتقان تەجىرىبخانىدىكى پىروفىسورۇم بۇ جەھەتتە ئەڭ كۆپ ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنداق قىلىپ كورتىزول ھامىلىنىڭ ئەزا-ئورگانلىرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا تېنىگە قان ئارقىلىق ئۆتۈپ ئانا بەدىنىدىكى پىروگېستىروننى ئېستىروگېنغا ئايلاندۇرغان ئېنزىملارنىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداق قىلىپ تولغاق كەلتۈرۈش رولىغا ئىگە ئېستىروگېننىڭ مىقدارى ئېشىپ پىروگېستېروننىڭ مىقدارى ناھايىتى تۆۋەن ھالەتكە كەلگەندە بالياتقۇ تېمىدا تولغاق باشلىنىدۇ. تولغاقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېستروگېن مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىر تەرەپتىن ئانا بەدىنىدىن كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىغانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تۇيۇقسىز ئۆرلىگەن ئېستىروگېننىڭ زور بىر بۆلۈكى ھامىلە ھەمرىيىدىن كەلگەن. ئېستىروگېن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە بالياتقۇ تېمى دىۋارىدا PGF2a  دەپ ئاتىلىدىغان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروستاگلاندىن تۈرىدىكى خېمىيلىك ماددىلارنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ-دە تولغاققا لازىم بولىدىغان قاننىڭ تېخىمۇ راۋان بالياتقۇغا يىغىلىشى (ئەمەليەتتە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بەدىنىدىكى قاننىڭ 60% ئاللىقاچان بالياتقۇغا يىغىلغان بولىدۇ) ۋە تولغاقنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالىنىڭ باش سۈيى يېرىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. بۇ دېگەنلىك ھامىلە بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىدىكى ناھايتىي خېلىۋەت ۋە كاتتا بىر قەسىردە ياشايدىغان بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئىچىنىڭ ئەمەلىيەتتە 70% تەك ھەجىمى سۇ بولۇپ بالا ھەمرىيىنىڭ ئۈچ قەۋىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئىچكىرى قەۋىتى بولغان ئامنىيوندا بالا ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان ھالاتتە ياشايدۇ (شۇنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغۇلغاندا سۇدا ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ كەتكەن ئەتتەك رەڭگى ناھايىتى سىدام بولىدۇ) ۋە دەل مۇشۇ ئامنىيون  قەۋىتىنىڭ تولغاق باشلانغاندا يېرىلىشى بىلەن ئامنىيون سۇيۇقلۇقىنىڭ ھامىلە يولىدىن سىرتقا تۇيۇقسىز ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسىنى بالنىڭ باش سۈيى يېرىلىش دەيمىز. باش سۈيى يېرىلىشنىڭ ئەھمىيتى زور بولۇپ، بۇ سۇيۇقلۇق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كەتكەندىن كىينلا تولغان ھەقىقىي تۇردە بالىغا بىۋاستە تەسىر قىلىپ بالىنىڭ بالياتقۇ تېشىغا يۆتكلىشىگە زور ياردىمى بولىدۇ.  تولغاق باشلىنىپ ئاستا-ئاستا كۈچىيىشكە باشلىغاندىن كىيىن ھامىلە بېشى توختىماي بالياتقۇنىڭ تېشىدىكى ھامىلدارلىق يولىغا تېگىپ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە رىلەكسىن دەپ ئاتىلىدىغان قاتتىق مۇسكۇللارنى بوشىتىش رولىغا ئىگە ماددىلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ماددىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھامىلە يولىنىڭ بالياتقۇنىڭ تۆۋەن قىسمىغا جايلاشقان دوختۇرلار مانچە سانتىمېتىر ئېچىلىپتۇ دەيدىغان قىسمىنىڭ كېڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ جەرياندا ئەڭ مۇھىم بولغان بىر ھادىسە يۈز بېرىدىغان بولۇپ، بالياتقۇ تېمىدىكى موسكۇللارنىڭ توختىماي قىسقىرىىشى نەتىجىسىدە تولغاقنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئانا مېڭىسى بۇنى سېزىپ ناھايىتى ئالاھىدە رولغا ئىگە بولغان، «مۇھەببەت ھورمۇنى» دەپ ئاتالغان ئوكسىتوسېن دەپ ئاتىلىدىغان ھورمۇننى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلايدۇ. بۇ ھورمۇن دۇنيادىكى ھازىرغىچە بايقالغان ئەڭ كۈچلۈك مۇسكۇل قىسقارتىش رولىغا ئىگە خېمىيىلىك ماددا بولۇپ، ئوكسىتوسېننىڭ قويۇپ بېرىلىشى تولغاقنىڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. بۇ چاغدا ئەڭ ئازاپىلىق تولغاق باشلىنىدۇ ۋە بۇ چاغدىكى مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى دەرىجىسى باشقا ھەر قانداق ئەھۋلدىكىدىن يۇقىرى بولۇپ تارتىشىپ قالىدىغان كېسەللەردە كۆرۈلىدىغان مۇسكۇل قىسقىرىشىدىن نەچچە يۈز ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭ قانچىلىك ئازاپلىق بولىدىغانلىقىنى پەقەت مۇشۇ جەرياننى باشتىن ئۆتكۈزۈپ باققان ئانىلارلا بىلەلەيدۇ (ئانىلارنىڭ ئاتىلاردىنمۇ ئۇلۇغ بولۇشى بەلكىم مۇشۇ يەردىن باشلانسا كېرەك). شۇ قەدەر ماسلاشقان ۋە بىر-بىرىگە ئۇلاشقان ھادىسىلەرنىڭ بىر-بىرىگە جىپسىلىشىپ ناھايىتى سىستىمىلىق ھالدا ھورمۇنلارنىڭ قاتتىق ۋاقىت بويىچە كونتىرول قىلىشى ئاستىدا بوۋاقنىڭ ئاخىرى ساق-سالامەت تۇغۇلۇشى ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ جەرياندىكى يەنە بىر كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ھادىسە بولسا بالىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن سۈت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشىنىڭ كونتىرول قىلىنىشى بولۇپ، بۇمۇ تۇغۇتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانىلارنىڭ ئەمچەك بېزى توختىماي يوغىنايدىغان بولۇپ، بۇ ھامىلدارلىقنىڭ ئەڭ ئاخرىقى مەزگىلىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ چۈنكى دەل ئانىلىق ھورمۇن ئېستروگېننىڭ سۇ يىغىش ۋە ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمچەك بېزىنىڭ بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇغىنىسى، ئېستىروگېننىڭ يەنە بىر رولى سۈپ ئاجىرىلىپ چىقىشىنى چەكلەش بولۇپ، بالا تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالا ھەمرىيىمۇ تۇغۇلىدۇ (چۈشىدۇ) ۋە شۇنىڭ بىلەن ئېستىروگېننىڭ مەنبەسى ئۈزۈلىدۇ، دە- بۇ خىل چەكلەش كۈچى رولىنى يوقىتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، مۇھەببەت ھورمۇنى ئوكىستوسېن مېڭىدىن پرولاكتىن دەپ ئاتىلىدىغان سۈپ ئاجىرىلىپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمۇننى ئاجىرىتىپ چىقىرىدىغان بولغاچقا بالا تۇغۇلغان ۋاقىتتا ئانا بەدىنى سۈت ئاجىرىتىپ چىقىشقا نەق تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. شۇڭىمۇ ئادەتتە تېخى يەڭگىمىگەن ئايال (ياكى باشقا جانلىقلار) دىن سۈت ئاجىرىلىپ چىققىنىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئوكسىتوسېننىڭ يەنە بىر رولى ئانا مېڭىسىدىن بىر خىل مېھىر-مۇھەببەت سېزىمىنى ئويغىتىدىغان بولۇپ، دەل شۇ سېزىمنىڭ تۈرتكىسىدە ئانا مەيلى قانچىلىك ھېرىپ كەتسۇن، ئومۇمەن تۇغۇپ بولغان مەزگىلدە كاللىسىدىكى بىرىنچى بولۇپ ئويلايدىغىنى بوۋىقى بولۇپ ھەرقانداق ئىش ئانا دېققىتىنى بالىسىنى ئېمىتىشتىن بەكرەك تارتالمايدۇ ۋە شۇ مېنۇتتىن باشلاپ بىر ئايال ھەقىقىي ئانىغا ئايلىنىدۇ.

       ئەمدى گەپكە قايتىپ كەلسەك، ئۆزى تۇغقان ئانىلار نورمال ئەھۋالدا يۇقىرىدىكى باسقۇچلارنىڭ ھەممىنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيسىدىن تارتىپ روھىي ھالىتىگىچە غايەت زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئانا بولۇشقا فىزىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ھەقىقىي تەييار بولىدۇ. ئانىلار تۇغۇت جەريانىدا ناركوز قىلىشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئوخشاشلا مۇشۇ جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدىغان بولۇپ (ئۆزى سەزسۇن-سەزمىسۇن)، ئوپراتسىيە قىلغاندىكى تۇغۇت جەريانى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوپراتسىيە قىلىش زۆرۈر بولغاندا بالا ۋە ئانىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر مەشغۇلات بولسىمۇ، تۇغۇت جەريانىدا چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئوپراتسىيەدىن ساقلىنىش ئانا ۋە بالىنىڭ كىيىنكى ساغلاملىقىغا ئۈچۈن مۇھىم. ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغقاندا ئانا بەدىنى يۇقاردىكى فىزىئولوگىيىلىك، ھورمۇنلۇق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھېچقايسىسى ياكى بىر قىسىمىنى باشتىن كەچۈرمەيدىغان بولغانلىغى، يەنە كىلىپ بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ناركوز ئوكۇلى ئىشىلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئوپراتسىيە قىلىشنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق زېيانلىق تەرەپلىرى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوپراتسىيە قىلغان ئاياللاردىن سۈت كېچىكىپ چىقىدۇ ۋە سۈت چىقىشنىڭ سەل تەسكە توختايدىغانلىقى بايقالغان. نورمال ئەھۋالدا سۈت ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئوكسىتوسېن ۋە پرولاكتىنلار ئوپراتسىيە جەريانىدا ئانا بەدىنىدىن قويۇپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بالا تۇغۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن سەل تۆۋەنرەك مىقداردا قويۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، شۇنداق ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى فىزىئولوگىيىلىك قانۇنىيەتلەرگە مۇناسىپ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئوپراتسىيە نىسبەتەن ئاسانراق تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى ساقىيىشقا نورمال تۇغۇتتىن ئەسلىگە كىلىشكە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ ۋە بىر قەدەر ئازاپلىق بولىدۇ. ئانا دەماللىققا بالىنى ئىمىتىشكە ئىمكانىيتى بولماي قىلىپ، ئوپراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئانا سۈتىدە ئەمەس پاراشوكتا بېقىلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. بوۋاقلار ئۈچۈن دەسلەپكى 4 ئايدا ئانا سۈتىنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە بىردىبىر يېمەكلىك بولۇشى كېرەكلىكى سانسىزلىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئىسپاتلانغان بىر ئىش بولغاچقا بۇنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شەخسەن ئانىلارنىڭ ئىمكانقەدەر ئۆزى تۇغۇش يولىنى تاللىشىنى، پەقەت زۆرۈر تېپىلغان شارائىت ئاستىدا ئاندىن ئوپراتسىيە قىلىشنى تاللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا ھەر بىر ھامىلدار ئانىنىڭ ھامىلدار مەزگىلىنىڭ كۆيۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئازادىچىلىك ئىچىدە ئەڭ ساغلام بولغان ئوزۇقلىنىشقا شارائىتىغا ئېرشىپ ئۆتۈشىنى، شۇ ئارقىلىق ھامىلىگە روھىي ۋە ئوزۇقلۇق بېسىمىدىن خالىي ياخشى بىر ئازادە بالياتقۇ مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىش ئارقىلىق ئەڭ ساغلام بوۋاق تۇغۇشىنى، شۇنداقلا تۇغۇت ئۇسۇلىنى ئىلمىي تاللاش ئىمكانىيتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن.

بارچە ئانىلار ۋە كىلەچەكنىڭ ئانىلىرىغا ئەڭ ئالىي ھۆرمەت سالىمىمنى يوللاپ،


بىلگەجان (سان ئانتونىيو، ئامېرىكا)
2014-يىلى ئۈمىد ئېيىنىڭ 20-كۈنى

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى ئاپتورنىڭ رۇخسىتى ئىلىپ ئاندىن مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ.


14

تېما

19

دوست

9480

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 2804
توردىكى ۋاقتى: 1038
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 14:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتىمۇ ياخشى تىما بۇپتۇ، دېھقانلېرىمىز بۇ بىلىملەرنى بىلىۋىلىشى بەك زۆرۆر.
  يېزىلاردا دۇختۇرلارنىڭ ئامالى كۆپ، ئۈچەي چىرمىشۋاپتۇ، قىيپاش كىپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئوپراتسىيگە زورلايدۇ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1996

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12337
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 596
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 15:56:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇت دىگەن بىر جەڭ دىگنىنى ئاڭلاپ تۇرۇمىز ئاياللىرىمىزنىڭ ،،بۇ ئىشقا ھەرگىزمۇ سەل قارىماسلىق ،دەسلەپكى كۈنىدىن باشلاپ ياخشى پەرۋىش قىلىش كىرەك،،قىز-ئاياللىرىمىزنىڭ تۇغۇتىغا ئاسانلىق تىلەيمەن ،،

0

تېما

5

دوست

1184

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   18.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27890
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 28
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 17:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغۇت ئۆزى بىر جەڭغۇ ،ھازىرقى دوختۇرلار ئاساسەن ئوپراتسىيەگە ئۈگۈنۈپ كىتىپتۇ ،مەنمۇ ۇچ كىچە كۈندۈز قىيلىنىپ ئاخىرى ئۈزەم يەڭگىدىم ،دوختۇرلار قوقۇتۇپ ئوپراتسىيە قىلمىساق بالا تۇنجۇقۇپ قالىدۇ دەپ ،ھازىر ھەمىلا ئادەم ئاسانراق پۇل تېپىشنىڭ كويىدا يۈرۈيدىغۇ تاڭ .قانداق جاھان بوپكەتىكنتاڭ ھازىر

6

تېما

1

دوست

2475

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16912
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 690
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 17:54:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئاللاھنىڭ ئىلكىدە ،تۇنجى بالام تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن 24سائەتكىچە دوختۇرلار ئۆزى تۇغالايدۇ دەپ قاراپ تۇردى ،بۇ ئەھۋالنى سەھيە ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تۇنۇشۇم ئۇققاندىن كىيىن ،تۇنجى تۇغۇتتا تولغاق تۇتۇپ 18سائەتكىچە تۇغالمىسا ئوپراتسىيە قىلىش كىرەكتى دەپ ئىشخانىسغا كىرىپ كەتتى ،ھايال بولمايلا دوختۇرلار ئانا بالىنىڭ نۇرماللىقىنى ،ئوپراتسىيە قىلىش لازىملىقىنى دەپ ئېلىپ كىرىپ كىتىپ ئىككى سائەتتىن كىيىن بالامنىڭ ئۈلۈكىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى ...................ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق ئانا بولغۇچىلارنىڭ تۇغۇتىنى ئاسان قىلغىن !

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.49%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3230
توردىكى ۋاقتى: 567
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 18:33:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      اللە دىن ئانىلىرىمىزغا ئاسانلىق تىلەيلى....

1

تېما

2

دوست

4462

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   82.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1304
توردىكى ۋاقتى: 269
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 23:22:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ، ئۆزى تۇغۇشنىڭ ئاياللارنىڭ بەدەن سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشلاشتا ، يېڭىلاشتا رولىمۇ چوڭمىكىن دەيمەن ،لىكىن ھازىر كۆپلىگەن دوختۇرخانىلار  قورساقنى يېرىپ بالىنى ئېلىشقا بەكرەك كۇچايدۇ ،ئۆزى تۇغالايدىغان ئانىلارنىمۇ قورقىتىپ ئوپراتسىيەقىلىشقا مەجبۇرلايدۇ ،نىمە دېگەن نەپرەتلىك .
بىر گەپنى سوراپ باقسام ھازىر دىيارىمىزدا نىمە سەۋەپتىندۇ، ھامىلە قورساقتىلا ئۆلۈپ قالىدىغان ئىش بەك كۆپ بولىۋاتىدۇ ، ھەتتا تۇغۇلۇشقا نەچچە كۈنلا قالغان بوۋاقنىڭ ئۆلۈپ قالغىنىغىمۇ شاھىد بولدۇم ،ئاياللار بۆلۈمى ئاساسەن بالىنىڭ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان -ھامىلە ئاسىرىتىدىغانلار بىلەن توشۇپ كەتتى ،بۇ دىيارىمىز ھاۋاسى بىلەن ياكى ئوزۇقلۇق بىلەن ۋە ياكى بىز بىلمەيدىغان ئاللاقانداقتۇ سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن ...

0

تېما

0

دوست

470

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   85%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27968
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 132
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 11:56:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىلگەجاننىڭ تەرجىمھالىنى تولۇق ئوقۇغان.....بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز،زور ئۇتۇقلار سىزگە ۋە شۆھرەتكامغا يار بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )