- تىزىملاتقان
- 2012-9-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-30
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4635
- نادىر
- 1
- يازما
- 203
ئۆسۈش
87.83%
|
توۋا،ئاجايىپ ئىنسانلار بار ھە!؟ يۇرتۋازلىق قىلىۋاتقان بەزى قېرىنداشلار،نەزەر دائىرەڭلارنى كەڭرەك قىلىڭلار،سادىر پالۋان ئۆزى ئۈچۈن ئىنقىلاپ قىلدىمۇ؟قۇمۇللۇق ئۈچۈنمۇ؟غۇلجىلىق ئۈچۈنمۇ؟قەشقەرلىك ئۈچۈنمۇ؟ياق،ئۇيغۇر ئۈچۈن،مانجۇلارنىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان ئۇيغۇر ئۈچۈن،بىگۇناھ تۆكۈلگەن قانلار ئۈچۈن،نومۇسىغا چىدىماي ئۆلۈۋالغان قىز-ئاياللىرىمىز ئۈچۈن ئىنقىلاپ قىلدى. تېما ئىگىسى قېرىندىشىم،يازمىڭىزدا يۇرتۋازلىق ئىدىيىسى ئېغىرراق،قويغان تېمىنىڭ ئۆزىدىنلا يۇرتۋازلىق پۇرىقى چىقىپلا تۇرىدۇ،تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمىز توغرا،لېكىن تەتقىقات مېۋىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىدىيىسىگە زىت كەلمەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش تېخىمۇ زۆرۈر. مىسالەن:تېمىڭىزدىكى <قۇمۇللۇقلار ئەجدادىدىن چىققان>دېگەن سۆزلەرنى ئېلىۋىتىپ <ئىلى دىيارىدىكى سادىر پالۋان
قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئائىلە نەسەبى> دېسىڭىز مۇ بولىدىغۇ؟! سىزدىمۇ قۇمۇللۇق بولغىنىدىن پەخىرلىنىدىغان ئىدىيە بارمىتى؟ قۇمۇللۇق بولۇشتىن بۇرۇن پەخىرلەنمەمتىڭىز؟ ................................................................................................................مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. .....................................................................................................................................يۇقارقى سۆزلىرىڭىزنىمۇ ئوبدان ئويلىشىپ بېقىڭ،بۇ ئۈچ كىشىنىڭ مۇللۇق بولۇپ قالغانلىقىغا چڭقۇر سۆيۈنىپسىز،پەخىرلىنىپسىز،باشقا يەرلىك بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟ نوقۇل قۇمۇلدىكى كەڭ قېرىنداشلارغىلا خەۋەر قىلىشتىكى مەقسىدىڭىزنى بىلىشكە بولارمۇ؟ دېسەم-دېمىسەم،بۇ ئۈچ كىشىنى قومۇللۇق قىلىۋالغىنىڭلارنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلىمەكچىغۇ دەيمەن؟! بۇ سىزنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ غەلبىڭىز بوپتۇ،سىزنى تەبرىكلەيمەن! باشقا يەرلىرىنى دېمەي بولدى!!
ياخشى بۇ ئۈچ ئەزىزلىرىمىز بىرەر پاتنىت ھوقۇقى قالدۇرۇپ قويماپتىكەن خۇدايىم ساقلاپ!
يۇرتۋازلىق قىلىشتىن نومۇسمۇ قىلمايدىكەنسىلەر قېرىنداشلار! |
|