- تىزىملاتقان
- 2013-4-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1466
- نادىر
- 3
- يازما
- 10
ئۆسۈش
46.6%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaryabkok تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-28 11:55
تۈركىيە تەسىراتلىرىم (2)
ئىتائەتمۇ، خوشامەتمۇ؟
يېڭى كەلگەن يىلىم، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى، شەھەرنىڭ بىر چېتىدە دالا سەيلىسى قىلىۋاتىمىز. سەيلىگە چىققان يەنە بىر گۇرۇھ ياندىكى بىر چىملىقتا پۇتبول ئوينىماقتا. پۇتبولنى يىراقتىن كۆرۈۋاتىمەن، دىققىتىم توپتا ئەمەس، پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇرىۋاتقان بىر چاقىرىقتا:
--- باش كومىسارىم، باش كومىسارىم بۇياققا تېپىڭ!
--- باش كومىسارىم، باش كومىسارىم ماڭا بىر پاس!
--- باش كومىسارىم!.......................
تىلغا ئېلىنىۋاتقان مەنسەپ نامىدىن قارىغاندا سەيلىچىلەرنىڭ بىر ساقچى ئورگىنى ياكى ھەربىي قىسىم خادىملىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. توپ مەيداندىكى بۇ چاقىرىق مېنى ئەجەپلەندۈردى: پۇتبول مەيدانىدا مەنسىپىنى ئاتاشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بوپتۇ، كومىسارمۇ دېسۇن، شۇنچە جىددىي تېز ۋە جىددىي ھەرىكەتلەر ئارىسىدا باش كومىسارلىقنى ئەسكەرتىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى؟ تېخى باش كومىسارىم دېۋالغىنىچۇ؟ خېلى بىر بېلىنىڭ سۆڭىكى بار مىللەت دەپ يۈرسەم، خوشامەتچىنىڭ چوڭى مۇشۇ يەردىمۇ نېمە؟
كېيىن-كېيىن، بۇنداق ئاتاشنىڭ بەكلا ئومۇمىي ئىكەنلىكىنى بايقاپ ئەجەپلەنمەيدىغان بولدۇم. شۇ يىللاردا، بىزنىڭ ۋەتەندە، جۈملىدىن غۇلجا تەرەپلەردە ئىسمىغا مەنسپىنى قوشۇپ چاقىرىدىغان ئادەت بولمىغاچقا، بۇنداق چاقىرىغۇچىلار مازاققا قېلىپلا قالماي، چاقىرىلغۇچىنىڭمۇ نارارزىلىقىغا ئۇچرايدىغان بولغاچقا؛ ئۆزىمىزنى بۇ جەھەتتىن يۇرتىمىزدىكى بەزى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ " خېلى ئادىمىيلىكىمز بار جۇمۇ" دەپ پەخىرلىنىپ يۈرەتتىم. ئىسمىغا مەنسىپىنى قوشۇپ چاقىرىشتا تۈركلەرنىڭ بەكلا ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا مەنسەپ نامىنىڭ ئاخىرىغا "ئىم"نى قوشۇۋېلىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمۇدۇم.
بىر كۈنى بىر تۈرك ساۋاقدىشىم بىلەن مانا مۇشۇ نۇقتىدا پىكىرلىشىپ ئولتۇرۇپ، چاقچاق ئارىلاش دېدىم:
-سىلەر باشلىققا تازىم قىلىشتا بېيجىڭلىقلاردىنمۇ ئاشۇرىۋېتىدىكەنسىلەر، بىز، بېيجىڭلىقلار باشلىقنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا "بۆلۈم باشلىغى"، "شەھەر باشلىغى" دېگەندەك مەنسەپ ناملىرىنى قېتىۋالىدۇ دەپ قاخشاپ يۈرەتتۇق، سىلەر " شەھەر باشلىقىم" ، " بۆلۈم باشلىقىم" دەپ چاقرىدىكەنسىلەر.
- ئوتتۇرىدا بىر پەرق بار- دېدى ساۋاقدىشىم تەمكىن ئاۋازدا- بېيجىڭلىقلارنىڭ قىلغىنى سۈنئىي، كۆزلەيدىغىنى مەنپەئەت؛ بىزدىكى ساپ، چىن يۈرەكتىن!
بۇ جاۋاپ ماڭا خۇددى خوشامەتتىن ماختىنىۋاتقاندەكلا تۇيۇلدى، شۇڭا بىراز تەككۈزۈپرەك دىيىشكە ئۆتتۈم:
- بىز، بېيجىڭلىقلارنى " بىنانىڭ پەلەمپىيىدە بىر باشلىقنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئارقامنى قىلسام ھۆرمەتسىزلىك بولۇپ قالىدۇ دەپ ، سالام قىلغان پېتى 5 -قەۋەتكە كەينىچە مېڭىپ چىقىپ كېتىدۇ" دەپ مازاق قىلىمىز؛ سىلەر 10 -قەۋەتكە چىقىپ كېتىدىكەنسىلەر.
ساۋاقدىشىم يەنە تەمكىنلىكىنى بۇزمىدى:
- بۇنداق بولۇشى، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىزنى بىر پارتىيە ياكى مەركىزى ھۆكۈمەت بېكىتىپ بەرمەيدۇ، ئۆزىمىز تاللاپ ئۆزىمىز سايلايمىز. شۇڭا ھەريەردە باشلىقلىرىمىزنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرىمىز، بېشىمىزدا كۆتۈرىلىۋاتقان كۆرۈنۈشتە ئۇ باشلىق بولغىنى بىلەن ماھىيەتتە بىز ئۆزىمىز، بىزنىڭ مىللىي ئىرادىمىز.
بۇ گېپىنىڭ خېلى ئاساسى بار ئىدى، شۇنداقتىمۇ پىكرىمدە چىڭ تۇردۇم: ئىسمىغا مەنسىپىنى قوشۇپ چاقىرىشنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ۋاقتىدىن سىرتقا چىقىپ كەتسە خوشامەتكە ياتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم ۋە بۇ جەھەتتە ئۆزىمىزنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن ماختىنىپ قولۇمدىكى كىتاپتىن بىر مىسال كۆرسەتتىم(سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ 'ئۆمۈر داستانى' دېگەن كىتابىلىقى ئېسىمدە)
-مانا، 1947 -يىلى، ئۈرۈمچىدە 25 -فىۋرال ۋەقەسى، مۇئاۋىن رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى گومىنداڭنىڭ ساختا نامايىشچىلىرىنىڭ تەھدىتى ئاستىدا قالىدۇ، ئابدۇكېرىم ئابباسۇپ مۇھاپىزەتچىلىرىگە بۇيرۇق بېرىدۇ: "كىمكى ئەخمەتجان ئاكامغا چېقىلىشقا ئۇرۇنسا دەرھال ئوق چىقىرىڭلار" (ئەينەن نەقىل ئەمەس، ئەس خاتىرىسى) . دېمەك ھۆكۈمەتنىڭ ئىككى چوڭ ئەمەلدارى ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى-بىرسىنىڭ نامىنى تىلغا ئالغاندا، ئۆرپ ئادىتىمىز بويىچە ئاكا دەپ ئاتىغان،مەنسىپىنى قاتمىغان.
ساۋاقدىشىممۇ پىكرىدە چىڭ تۇردى:
- ئۇ ئىككى رەھبىرىڭلارنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا-خاتالىقى ئايرىم تىما. مەن بايىقى گېپىمگە كېلەي: ئەگەر بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرگىنىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە،بېشىمىزدىن پىرقىرىتىپ يەرگىمۇ ئاتالايمىز، تاپىنىمىزنىڭ ئاستىغىمۇ ئالالايمىز؛ چۈنكى سايلام ساندۇقىمىزنىڭ ئاچقۇچى ئۆزىمىزنىڭ قولىدا، مۇستەقىل سوتىمىز بېقىنىمىزدا.
ساۋاقدىشىمنىڭ ئىنتوناتسىيە ۋە قۇرغان جۈملىلىرىدىن، مەن كەيدۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ باققان خوشامەتچى دېگەن چاپاندىن يىرگىنىۋاتقانلىقى ئايان ئىدى. شۇڭا بۇ مۇنازىرىنى ئۇزارتقىم كەلمىدى؛ چۈنكى بۇ تىمىنى ئوتتۇرىغا ئاچىقىشتىن مەقسىتىم، تۈركلەردىن قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، پۇت ئېتىشىش ئۈچۈن ئەسلا ئەمەس؛ پەقەت بىلىش ۋە قىززىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن. شۇڭا دەرھاللا 'تەسلىم' بولدۇم:
- چۈشەندىم ، دېمەك، كۆرگەنلىرىم خوشامەت ئەمەس، ئىتائەت!
چۈشەنگىنىمدىن مەمنۇن بولدى بولغاي، ئۇ تىمىنىڭ پەدىسىنى ئۆزگەرتتى:
-بىزنىڭ باشلىققا ئىتائەت قىلىشىمىز قانچە توغرا بولسا، سىلەرنىڭ باشلىقتىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرىشىڭلار شۇنچە ھەقلىق، ھەتتا ئۇلۇغلۇق.جوڭگۇمۇ دەۋاتمامدۇ، ئەمەلدارلاردىكى چىرىكلىكنى تۈگەتمىسەك، ئۆزىمىز تۈگىشىمىز دەپ.... سىلەر ئۇيغۇرلار تەشكىلاتچى بىر مىللەت، كىمنى باشقا ئېلىپ كۆتۈرۈپ كىمنى يەرگە ئېتىشتا مەيدانىڭلا كەڭرى بولمىسىمۇ ئېنىق، ئۆلچىمىڭلار يېزىقلىق بولمىسىمۇ كۆڭۈللەرگە ئايان. . سىلەرنىڭ ئايالللىرىڭلارنىڭ قاتار چېيىدىن، يىگىتلىرىڭلارنىڭ مەشرىپىگىچە، مېيىت ئۇزۇتۇشۇڭلاردىكى ئىنتىزام ۋە ئۆملۈكتىن، توي قىززىتىشىڭلاردىكى ھاياجان ۋە ئاكتىپچانلىققىچە ھەممە ئىجدىمائىي پائالىيىتىڭلاردا،بىر تەشكىلاتچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ، بىر دولەتنى ساپ ساغلام ئىدارا قىلالايدىغان بىر نەسىلنىڭ ئىقتىدار ئالامەتلىرى بار ....
ئاخىرقى گەپلىرى تەسەللىيمۇ، سەمىمىيمۇ بىلىپ كېتەلمىدىم، چۈنكى بۇ چاغدا دىققىتىم باشقا بىر تىمىغا مەركەزلىشىپ بولغان ئىدى: دېمىسىمۇ تۈركلەردە مىڭ يىلدىن بۇيان، باشلىقتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەسلىك،باشلىقتىن دىلى ئازار يىيىش، باشلىققا كۆڭلى ھۆ بولۇش مەسىلىسى بولغان ئەمەس؛ بولغان تەقدىردىمۇ، ئاساسى ياكى ئومۇمىي مەسىلە بولغان ئەمەس. شۇڭا سابىق باش مىنىستىر تانسۇ چىللەر خانىمنىڭ بىر سايلام نۇتقىدا " مېنىڭدەك ئىقتىدارلىق بىر رەھبەر، بىر مىللەتنىڭ ئىچىدىن مىڭ يىلدا بىر قېتىم چىقىدۇ." دىيەلىشىمۇ؛ سابىق مەدەنىيەت مىنىستىرى شۈكرۈ تۇزمەننىڭ مۇخبىر ئايشە ئارمانغا " مېنىڭ تومۇرۇمدا دۆلەت ئەربابلىقىنىڭ قېنى بار، چۈنكى ئۈچ ئەۋلاد ئەجدادىم، ئوسمانلى دۆلىتىدە گېنېرال بولغان." دېيەلىشىمۇ، يالغۇز ئۆزىگە ئىشىنىشتىن ئەمەس، بەلكى تۈركلەردىكى ئۆز رەھبەرلىرىگە ئىتائەت ئەنئەنىسىدىن بولسا كېرەك.
|
|