ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى
( مەركىزىي مىللەتلەر ئونۋېرسىتتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتى 2012-يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلنار جۈرى )
ئاساسىي مەزمۇنى: « ئۈندىدار » ئاتالغۇسى ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇچىلىقىدا يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئاتالغۇ بولۇپ، مەزكۇر ماقالىدە « ئۈندىدار » ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا بارلىققا كېلىشى، مىللىي توپىمىزنىڭ ئۇنى قوللىنىلىش ئەھۋالى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆز: ئۈندىدار، ئۈندىدار ئاتالغۇسى
تەبىئىي پەن، ئىجدىمائىي پەن ۋە ياكى ئارىلىق پەننىڭ راۋاجلىنىشى بولسۇن، ھەممىسى ئەدەبىي تىلنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بىر جەرياندۇر.
چۈنكى تۈرلۈك ساھەلەردە پەيدا بولغان يىڭى چۈشەنچە، ئاتالغۇلار تىلدا ئۆز ئىنكاسىنى تاپىدۇ.پەن-تېخنىكا، تىلگىرامما-ئىنېىرنېت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى ئالاقە ۋاستىلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلمەكتە. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاتالغۇلارنىڭ سانىمۇ ئىشىپ بارماقتا.«ھازىر ئاتالغۇلار پەن-تېخنىكا تىلىغا ئايلىنىپ، تەرەققىي قىلغان تىللاردا يىڭى سۆزلەرنىڭ % 90تىنى پەن-تېخنىكا ئاتالغۇلىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئېنىقلانماقتا.»① تەرەققىيات چاقىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تىلىمىزدىمۇ تۈرلۈك ساھەلەرگە خاس ئاتالغۇلار بارلىققا كەلمەكتە. بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇر تىلى لېكسىكا بايلىقىنىڭ مۇھىم ۋە سالماقلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىپ كەلمەكتە. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىققا كەلگەن ۋاقتى ئۇزاق بولمىغان بولسىمۇ، ئالاقىلىشش ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىشى ھەققىدە توختالماقچىمەن.
«ئۈندىدار» ئاتالغۇسى خەنزۇ تىلىدىكى « 微信 » ئاتالغۇسىدىن كىرگەن.ئۈندىدار ئاۋازلىق ئۇچۇر، رەسىم ۋە يازما ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدىغان، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى ئۇيۇن ئويناش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇن ئۈچۈن ئالاقىلىشش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قوللىنىشچان سىستېما بولۇپ، شىنجىن تېڭشۈن ( 腾讯 ) پاي چەكلىك شىركىتى تەرىپىدىن 2010-يىلى 10-ئايدا پىلانلىنىپ، گۇاڭجۇ تېڭشۈن تەتقىقات رايۇنى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى تەرىپىدىن بارلىققا كېلىپ، 2010-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى بازارغا سېلىنغان. تېڭشۈن شىركىتىنىڭ لىدىرى ماخۇاتىڭ (马化腾 ) مەھسۇلات پىلان لاھىيىسىدە، بۇ مەھسۇلاتنىڭ نامىنى « 微信 » دەپ ئاتاشنى بېكىتكەن بولۇپ، ئېنگىزتىلىدا « Wechat» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۈندىدار مۇساپە ئارىلىقىنى كىچىكلىتىپ، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسىگە قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ بېرىش؛ سالونلاردا يوللانغان سەرخىل مەزمۇنلار كىشىلەرنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كىڭەيتىش، شۇنداقلا كىشىلەرگە نىسبەتەن تەربيىۋى ئەھمىيىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ئەتىراپىدىكى ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرماقتا. « ئۈندىدار » يۇقىرى يېڭى تىخنىكىلىك ئالاقىلىشش ۋاستىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئابۇنىتچىلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئالاقىلىشش ۋاستىسى مىللىي توپىمىزغىمۇ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرمەكتە. « ئۈندىدار » نى ئەڭ ئاۋۋال زىيالىلار قاتلىمىمىزدىكى كىشىلەر ئىشلىتىشكە باشلىغان، شۇنداقلا خەنزۇچە ئاتىلىشى بويىچىلا « ۋېيشىن » دەپ ئاتاپ قوللانغان. بارا-بارا ئۇنى ھەرقايسى قاتلامدىكى كىشىلەرمۇ ئىشلىتىشكە باشلىدى، شۇنداقلا يەنە « ۋىشىن » دەپمۇ ئاتايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقتى. بۇ خىل ۋەزىيەت « ۋېيشىن » غا ئۆز ئانا تىلىمىزدا نام بېرشنىڭ تەقەززاسىنى يەنە بىر قىتىم سەمىمىزگە سالدى. شۇنىڭ بىلەن زىيالىلار قاتلىمىدىكى كىشىلەر چۈشىنىشلىك، شەيئىي خارەكتىرىگە ماس كەلگەن « ئۈندىدار » ئاتالغۇسىنى قوللىنىشنى تەۋسىيە قىلدى، شۇنداقلا رەسمىي قوللىنىشقا باشلىدى. « ئۈندىدار » ئاتالغۇسىنىڭ بېرىلىشى ئىسمى-جىسمىغا لايىق قويۇلغان. ئەمما ئاز ساندىكى كىشىلەر « ئۈندىدار » ئاتالغۇسىنىڭ بېرىلىشىنى، ئاتالغۇچىلىق پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىماقتا. ھۈسەيىن سالى سېلىم ئەپەندىم « "微信" نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە » دېگەن ماقالىسىدە « "微信" نى "ئۈندىدار" دەپ ئاتاش قارىماقتا يېقىملىقتەك تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمەليەتتە تۇرمۇش مەنتىقىسىغىمۇ تۈپتۈن زىت بىر غەلىتە سۆز. » ②دېيىلگەن. بۇ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك. بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرۈشتىن بۇرۇن،ئاتالغۇ ھەققىدە قىسقىچە توختىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
ئاتالغۇ دېگىنىمىز جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە بارلىققا كەلگەن، ئالاھىدە قوللىنىلىدىغان، مەنىسىنىڭ يەككىلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئادەتتىكى سۆزلەردىن پەرىقلىنىدىغان خاس ئىسىملارنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇلارنى پەن تۈرى، كېلىش مەنبەسى، قوللىنىش ئورنى، قۇرۇلمىسى، تەلەپپۇز قۇرۇلمىسى، قوللىنىش تارىخىغا قاراپ ئوخشاش بولمىغان تۈرلەرگە بۆلىمىز.
خوش، « ئۈندىدار » ئاتالغۇسىنى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە تەھلىل قىلساق، ياسالما قۇرۇلمىسىنى ئۆلچەم قىلىپ تۈرگە ئايرىساق « بىرىككەن سۆزلۈك ئاتالغۇ »③غا كىرىدۇ، يەنى [ ئۈن (ئىسىم، ئۇيغۇرچە) + دىدار (ئىسىم، پارىسچە) = ئۈندىدار ] ؛بوغۇم قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىساق «كۆپ بوغۇملۇق ئاتالغۇ »غا كىرىدۇ، يەنى [ ئۈن (Yn) + دﯨ (di) + ﺪار(dar) ] بولىدۇ، مەنىسىگە قاراپ ئايرىساق « بىر مەنىلىك ئاتالغۇ »غا كىرىدۇ؛ قوللىنىش تارىخىغا قاراپ « يېڭى ئاتالغۇ » غا كىرىدۇ.
« ئۈندىدار » ئاتالغۇسى ئىككى ئىسىمنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن. 2011-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە بۇ ئىككى سۆزگە تۆۋەندىكىدەك ئىزاھ بېرىلگەن. «ئۈن» سۆزىنىڭ مەنىسى: ئادەم گەپ قىلغاندا، بىر نەرسە باشقا بىر نەرسىگە سۈركەلگەندە، تەككەندە، نەرسە سۇنغاندا، چېقىلغاندا، پارتىلغاندا، ھەرىكەت قىلغاندا چىقىدىغان ئاۋاز، تاۋۇش؛«دىدار» سۆزىنىڭ مەنىسى: ⑴ كىشىنىڭ يۈزى، رۇخسارى، تۇرقى، جامال. ⑵ كۆچمە، ئىز، سايە (قارا)، بەلگە.⑶ كۆچمە، يۈز كۆرۈشۈش، ئۇچرىشىش؛ يۇقىرىقى ئىزاھلاردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكى، «ئۈندىدار» دېگەن «ئاۋازلىق كۆرۈشۈش» دېگەنلىك.بىز يات تىللاردىكى سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇقۇم تەبىرىنىڭ مىغىزىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ئوبدان ئويلىشىشىمىز، ئۇيغۇر تىلىنى چەت ئەل تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇندۇرغۇزماي، چەت ئەل تىلىدىكى سۆز ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇندۇرغۇزۇپ قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. شۇنداقلا شۇ ئاتالغۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان شەيئىنى ئاساس قىلىشىمىز، خەلىق ئاممىسىغا يىقىن، چۈشىنىشلىك،تەلەپپۇز قىلىشقا قولايلىق بولۇشقا دېققەت قىلىشىمىز كېرەك. بەزى كىشىلىرىمىز «微信» نى « مىكرو خەت » ياكى «مىكرو ئۇچۇر» دەپ ئاتاش كېرەك دەپ قارايدۇ. بۇ « 微信 » ئاتالغۇسىنى بىۋاستە تەرجىمە قىلغانلىق خالاس. « 微信» نىڭ «短信» (قىسقا ئۇچۇر)دىن پەرىقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ئاۋازلىق سۆزلىشىش ئىقتىدارىنىڭ بولغانلىقىدا. مۇشۇ ئالاھىدىلىكى ئاتالغۇدا ئەكس ئېيتىشى لازىم. چۈنكى ئاتالغۇنى ئۆلچەملەشتۈرۈش –قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپىدا مۇنداق دېيىلگەن :« ئاتالغۇنىڭ نامىغا قاراپ مەنىسىنى بايقىغىلى بولۇش ياكى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىدىن ئۇنىڭ ئىسمى چىقىپ تۇرۇش.» ئەمما « مىكرو خەت» ياكى « مىكرو ئۇچۇر» دېگەندەك سۆزلەر ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ بىرەلمەيدۇ. گەرچە ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلىرىمىز «ئۈندىدار»نى «ۋېيشن» دەپ ئاتىسىمۇ، زىيالىلار قاتلىمىدىكى كىشىلىرىمىز يەنىلا «ئۈندىدار» دەپ ئاتىماقتا. ئەگەر «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنى ئىزچىل قوللانساقلا، ئۇزاق ئۆتمەي خەلقىمىز ئىچىگە ئومۇملىشىدۇ. چۈنكى مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن، زىيالىلار قاتلىمى باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنى قېلىپلاشتۇرىشىمىز لازىم. يەنى ئۇقۇم تەبىرىنى، تەلەپپۇزىنى، يېزىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش. كۆپ خىل ئاتالغۇلارنىڭ سانىنى ئازايتىپ، ئاتالغۇ ئۆزىنى قېلىپلاشتۇرۇش.مەسىلەن، «مىكرو خەت»، «مىكرو ئۇچۇر» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىستىمالدىن قالدۇرۇپ، «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىلا قېلىپلاشتۇرۇپ ئومۇملاشتۇرۇش. چۈنكى بۇ ئالاقە ئىشلىرىغا پايدىسىز؛ ئېشىنىمىزكى « ئۈندىدار » ئاتالغۇسى مىللىي توپىمىزدا كەڭ قوللىنىپ، ئومۇملىشىدۇ.
ئىزاھلار:
① مەھمۇت زەيىدى، سەمەت دۇگال ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن « ئەدەبىيات ئاتالغۇلار لۇغىتى » ناملىق كىتابنىڭ « كىرىش سۆز » قىسمىدىن ئىلىنغان.
② قۇمۇل شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تىل-يېزىق ئىشخانىسىدىن ھۈسەيىن سالى سېلىم ئەپەندىمنىڭ « "微信" نىڭ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە » ناملىق ماقالىسىدىن ئىلىندى. مەنبە: باغداش تورى
③ بىرىككەن سۆزلۈك ئاتالغۇ دېگىنىمىز، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەرنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىشى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ياسىغۇچى قوشۇمچە قوشۇلمىغان، پەقەت بىر سۆز ئورنىدا قوللىنىپ، بىر ئاتالغۇ ھاسىل قىلغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ.
پايدىلانمىلار:
1. ئاپتورى : مۇھەممەترېھىم سايىت. كىتاب نامى : ئۇيغۇرچە ئاتالغۇچىلىقىغا باشلاش. نەشرىيات نامى : مىللەتلەر نەشرىياتى. نەشىر ۋاقتى : 2011-يىلى –ئاي، بېيجىڭ.
2. مەھمۇت زەيىدى، سەمەت دۇگال ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تۈزۈلگەن. كىتاب نامى: ئەدەبىيات ئاتالغۇلار لۇغىتى. نەشرىيات نامى : مىللەتلەر نەشرىياتى. نەشىر ۋاقتى : 1988-يىلى 7-ئاي،بېيجىڭ.
3. تور ئادرىسى : بەيدۇ (百度)، تۆھپە قوشقۇچى : lily735376776، مەنبە: جوڭگۇ ئۇچۇر ئۇنۋىرسىتى دەرىسلىك ppt سىدىن.
|