- تىزىملاتقان
- 2014-5-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1630
- نادىر
- 0
- يازما
- 27
ئۆسۈش
63%
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم ئىنىم ، مەنمۇ 4 يىل بۇرۇن شۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىپ ھازىر ئىچكىردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتىمەن ، مېنىڭ كۆزىتىشىمگە ۋە تەجرىبەمگە ئاساسەن مۇنداق ئىشلارغا دېققەت قىلىڭ ،
1.كەيپىيات مەسلىسى ، بۇ بىر نەچچە كۈندە كەيپىياتىڭىز جۇشقۇن ،ساق تۇتۇڭ، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىدىغان، ئۆيدىكىلەر ۋە ساۋاقداشلار بىلەن ئازارلىشىپ قېلىپ كەيپىياتقا تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ ،كومپىيوتېر ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرماڭ ، كېچىسى ئۇخلىماي تورغا چىقىپ كۇن ئوتكۈزۈدىغان ئىش قەتئى بولمىسۇن .
2.سالامەتلىك مەسلىسى ، سالامەتلىك ئالاھىدە دېققەت قىلىش ،باش ئاغرىش ،زۇكام بۇلۇپ قېلىش، شامال تېگىپ قېلىش ،تاسادىبىي ھادىسە دېگەندەك مەسلىلەردىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىڭ ،ئەلۋەتتە كېسەلنى ئاللاھ سالىدۇ ،ئەمما بۇنداق كىچىك ئىشلادا دېققەت قىلمىسىڭىز بولمايدۇ،ئۆزىنى ئاسراش بەكمۇ مۇھىم ، بۇنىڭ زىيىنى بەك چوڭ .
3.پىسخكىلىق بېسىمنى يېڭىش كېرەك ، يەنى كۆپ ھاللاردا رەسمىي ئىمتىھان تەقلىدىي ئىمتىھانلاردىن خېلىلا ئاسان بۇلىدۇ، بۇنى ئىمتىھانغا كىرگەندە ھېس قىلىسىز، ئەمما ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بېسىمى ئادەتتىكى سىناق ئىمتىھاندىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى، شۇڭا ئىمتىھاندا قەتئىي جىددىيلەشمەسلىك ،نورمال ھالەتتە ئۆزىگە ئىشەنگەن ئاساستا جاۋاپ يېزىشڭىز كېرەك ،گەرچە ئىمتىھان سۇئالى ئاسان بولسىمۇ بەزى ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا كىرگەندە جىددىيلىشىپ سۇئالنى ئويلىماي نەتىجىنى ئاۋال ئويلايدۇ، شۇڭا قەتئى قوقماسلىق،ھۇدۇقماسلىق ئىنتايىن مۇھىم، ياخشى كەيپىياتنى ساقلاپ تۇرالىسىڭىزلا ئىمتىھان سۇئاللىرىنى ياخشى ئىشلىيەلەيسىز ،
4. ئىمتىھان سۇئاللىرىنى ئىشلەش تاكتىكىسى توغرىسىدا : بۇ ھەقتە ئوقۇتقۇچىلار كۆپ ئەسكەرتىدۇ، مەن ئارتۇق سۆزلەپ ئولتامىساممۇ بۇلا، ئەمما مېنىڭ تەۋسىيەم ، سوئال قەتئىي ئاق قالمىسۇن ،بۇلۇپمۇ ماتىماتىكا ۋە تىل ئەدەبىيات ،خەنزۇتىلى سۇئاللىرى ، ئەلۋەتتە 3+x كە سەل ئامال يوق، ئامما ئەڭ ئاخىرقى 5 مىنىۇ ۋاقىتتا مېنىڭچە يەنىلا ئەدەبىيات ،ماتىماتىكا، خەنزۇتىلى سۇئاللىرىنىڭ چوڭ سۇئاللىرىدا ئاق قالغان جايلار بارمۇ يوق تەكشۇرۇپ ،ئاق قالغان ئىشلىمىگەن جايلار بولسا چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك فورمۇلىلارنى ،ھىچ بولمىسا سوئالنىڭ بېرىلىشىلىرىنى بولسىمۇ رەتلىك توشقىچە يېزىپ قۇيۇش كېرەك، ئالىي مەكتەپ سۇئالىنى تەكشۈرگەندە نۇمۇر بېرىش ئۇنچىۋالا چىڭ ئەمەس ،بۇلۇپمۇ چوڭ سۇئاللارنى يېزىپ توشقۇزۇپ ئاق قويمىسىڭىزلا 2 3 تىن نۇمۇر بېرىپ تەكشۇرىدۇ ، 3 4 پەندە 8 9سۇئالدا شۇنچىلىك ئالسىڭىز 40 50 نۇمۇرىڭىز ئاۋۇدى دېگەن گەپ، مۇشۇ نۇقتىلارغا دېققەت قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن ، ئاندىن ھەر قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ تاللاش ،بوش ئورۇن سۇئاللىرى ،ۋە بىر قىسىم چوڭ سۇئاللارنىڭ ئاخىرقى جاۋابىنى چۇقۇم يېزىپ چىقىڭ ، بۇنى كېيىن نۇمۇر پەرەز قىلىپ ئارزۇ يازغاندا چۇقۇم ئىشلىتىسىز ، بۇلۇپمۇ خەنزۇتىلىدا تاللاش كۆپ ،شۇنداق بولسىمۇ ئاخىرىدا چۇقۇم يېزىپ ئېلىپ چىقىڭ، ئادەتتە نازارەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئاخىرقى نەچچە مىنۇت قاغاندا بۇنى يېزىۋېلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ ،ئەلۋەتتە ئىمتىھان ۋاقتى توشقۇچە بولغان ۋاقىتتا ، ھەرگىزمۇ ئايرىم ۋاقىت بېرىدىغان ئىش يوق. شۇنداق تەگلىكلەرنىمۇ ئىشلەتكىلى قۇيىدۇ ،ئەڭ ياخشىسى نورمال تەگلىكنى ئېلىڭ . ئاندىن ئىمتىھاندىن چىقىپ ئايرىم بىر دەپتەرگە خاتىرلەپ قۇيۇڭ ،كۇندىلىكنى كۈندىلىك قىلىپ . ئاندىن يەنە بىر گەپ ،ھەر قېتىم ئىمتىھاننى بېرىپ بۇلۇپ خەق بىلەن جاۋاپ سېلىشتۇرىدىغان ئىشنى قىلماڭ،خەقنىڭ توغرا خاتا گېپىگە قۇلاق سالماڭ، بولمىسا كىيپىياتقا تەسىر يېتىدۇ دە باشقا ئىمتىھان ياخشى بولماي قالىدۇ،
5.ئاخىرقى مەسلە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ،سۇئال مەيلى ئاسان بولسۇن قىيىن بولسۇن ،ئىمتىھان ۋاقتىدا ئىزچىل ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش لازىم ،ئىمتىھان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىل تۇلۇق جاۋاپ يېزىش لازىم، سۇئالنى بىر كۇرۇپلا بولدى تۈگەشتىم دەپ ئويلاپ ،ئىمتىھاننى تۇزۇك بەرمەي كېيىن پۇشمان قىلىپ قالماسلىق كېرەك .
ئاخىرىدا يازغانلىرىمنىڭ ئىمتىھان ئالدىدا تۇرغان ھەممە ئىنى -سىڭىللىرىمغا ئاز تۇلا پايدىسى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . |
|