- تىزىملاتقان
- 2013-9-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4445
- نادىر
- 0
- يازما
- 152
ئۆسۈش
81.5%
|
رەخمەت سىزگە ئەركىن سىدىق ئەپەندىم.تورداشلارنىڭ تەلىۋى بويىچە شۇنچە ئالدىراش تۇرۇپمۇ ،قىممەتلىك ۋاختىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاپ شەكلىدە ‹‹بۆشۈك››ھەققىدە ، باشقا يۇرتتىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى،باشقا مەدىنىيەتتىكى كىشىلەر يازغان ‹‹ئارابن بىر پارچە››ماقالىسىنى بىزگە تەرجىمە ئاساستا يەتكۈزۈپسىز.رەخمەت.
يۇقۇردا بەزى مۇنبەرداشلا تولۇق ئوقۇمىدىمۇ ياكى قايسى مىللەت،كىم يازغانلىقى ھەققىدە ئانچە چۈشەنچىگە ئىگە بولماستىن ، بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ.بۇلارنى توغرا چۈشىنىڭ . كىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ بىلىم ئىلىش دەرجىسى،ئوقۇش ،چۈشىنىش ، ھىس قىلىش، تەبەككۈر قىلىشى ،ۋە پىكىر يۈرگۈزىشى ئوخشاش بولمايدۇ.
مەنمۇ بىر ئانا. مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا شىنجاڭدا ياشاپ كىلىۋاتقان مىڭلىغان ، تۈمەنلىگەن ئانىلارنىڭ بىرى.مەنمۇ شۇ ‹‹مۇقەددەس››بۆشۈكتە يىتىپتىكەنمەن، ئاناممۇ يىتىپتىكەن.ھەتتا بالاممۇ شۇ بۆشۈكىمىزدە يىتىپ ئىنتايىن ئەقىللىق، ساغلام ،گۈزەل ئەخلاقلىق، ئىمانلىق، بولۇپ چوڭ بولدى.(ئاللا بالامنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن ، تىنچ ئامانلىقىنى بەرسۇن)سىزگە ئوخشاش ، يەنە يۇقۇرلاپ ئوقۇش ئۈچۈن ،سىز بار دۆلەتتە ، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
مىنىڭچە بۆشۈك مەدىنىيىتىمىزگە ،ئىنسانلا تاش قۇرال دەۋرىدىن قۇتۇلۇپ ،يىزا ئىگىلىگى،چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندىن كىيىن، بىزنىڭ ئەقىللىق ،چىچەن، قولى گۈل ئەجداتلىرىمىز ، مەشھۇر مىمار چىلىق سەنئىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئىجات قىلىپ ياسىغان . مەسلەن :ياغاچتىن ياسالغان تەڭلە،نوغۇچ، كات كاتارلىقلارنى ياساش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى بىيىتقان، شۇنىڭ بىلەن يۈرەك پارىسى بولغان بالىسىنىڭ سوغاقتا سوغاق تىگىپ قىلىشى(ھەممىمىزگە ئايان، قەدىم قەدىم زاماندا ھازىرقىدەك توك ،پار بىنالىق ئۆي بارمىتى؟) .ھايۋانلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشى (ئىلان ،ھەرە ،چايان ،ئىت قاتارلىقلاردىن مۇداپىيە قىلىش)،بوۋاق كىچىك ،ئىمۇنۇتلۇق كۈچى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن سىرتتىن كىرگەنلەردىن (چەتنەپ كىتىدۇ،كۆز تىگىدۇ) يوشۇرۇش،سۇپىدا ياتقۇزسا نەم تاتىپ قىلىشى ،يىقىلىپ چۈشۈش ،.... قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنى بىلىپ يىتىپ ‹‹بۆشۈك››تىن ئىبارەت ئەڭ ئىسىل تۇرمۇش بۇيىمىنى ئىجات قىلىپ ۋە ئىشلىتىپ ،ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە زورتۆھپە قۇشۇپ كەپتۇ.
ھەر قانداق بىر نەرسىنىڭ چوقۇم بەلگىلىك ئەكس تەسىرى بولىدۇ.دورىنىمۇ مۇئاپىق ئىستىمال قىلمىسا ئادەمنى زەھەرلەيدۇ..‹‹بۆشۈك››مۇ ئۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ، ئەلۋەتتە.
مىنىڭچە ئەن ئەنىمىزنى قوغدىغان ئاساستا مۇۋاپىق ئۆزگۈرۈش ئىلىپ بارساق بولىدۇ.مەدىنىيىتىمىزنى ساقلاپ قىلىش ئاساسىدا يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلساق بولىدۇ.ئەگەر بىر مىللەتنىڭ خاس مەدىنىيىتى بولمىسا ئۇ قانداقمۇ بىر مىللەت بولىدۇ؟ بۇ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا پەقەت مىللى مەدىنىيىتىمىز بىلەن پەرقلىق تۇرىمىز،ھەم قوغدىلىمىز،ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىمىز.نىمە ئۈچۈن ياشقا چوڭ بولغان مويسۈپەتلەرنى ھۆرمەتلەيمىز؟تەۋەرۈكلىرىمىزنى قوغداش كىرەك. ئىلمىلاشتۇرۇش كىرەك.
مەن سىزدىن سوراپ باقسام ، ئالىم ئەپەندى سىزمۇ ئانا يۇرتىڭىز ئاخسۇدا بۆشۈكتە يىتىپ چوڭ بولۇپ .ھازىرقىدەك مۇئاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەنسىز؟بالىلىرىڭىزنى بۆشۈكتە ياتقۇزغانسىز ھە؟
كەچۈرۈڭ سىزدىن سۇئال سوراپ قالدىم.سىزمۇ پەقەت تەرجىمە قىلغۇچى.بولسا ئانا دىيارىمىزدىكى كۆمۈلۈپ قىلىش گىرداۋىغا بىرىپ قالغان،دۇنيا ئەل جامائىتى بىلمەيدىغان ، بىلىپ قالسا تاڭ قالىدىغان مەدىنى يادىكارلىقلىرىمىزنىمۇ دۇنياغا تونۇشتۇرغان بولسىڭىز.رەخمەت.
بۆشۈك بالىسى خان بالىسى .....
|
|