قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: bilimhumar

بىلىمخۇمار: بۆشۈكنىڭ بوۋاققا زىيىنى بارمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

6

دوست

1286

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27163
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 02:07:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بولسا ئىلىپ ماڭغۇلۇق بۇ ھەقتە توختۇلۇپ ئۆتكەن ئاكىمىزمۇ بۆشۇكتە بۆلىمەيسەن دىمەپتىغۇ ئۇنىڭ زىينى ھەم پايدىسى بار ،بوۋاقلار ئادەتتە گەپ قىلالماي يىغلايدۇ،ئەگەر ئاشۇ بوۋاقنىڭ ئورنىغا بىزنى 20سائەت تىڭىپ پوق سۇيدۇكلىرىمىزنى شۇمەكتە يوتكىسە بىز قانداق بولارمىز،ھەممە ئىشنىڭ چىكى بار ،بۆشۇك بالىسى خان بالىسى قۇچاق بالسى پوق بالىسى ؟ئەجىبا ئانىڭىز قۇچىقىدا باقسا پوق بالىسى بولامسىز نىمىشقا بالا تاماق بەرگەن سۇت بەرگەن ئانىغا شۇنچە تىكىلىپ قارايدۇ ئۇلارمۇ مىھىر مۇھەببەتنى ھىس قىلدۇ كۆپرەك ھەمرا بولۇپ چوڭ كىچىك ھەركەتلەرنى قىلدۇرساق بالدۇر ئايىغى چىقىدۇ ھەم تىنى ساغلام بولىدۇ ئەمەسمۇ،ئانىنىڭ قۇچىقىدىنمۇ ئىللىق يەر بارمۇ ،بىزنىڭ ئۆرۇپ ئادىتىمى دەپلا ئىسلىېۋالماي چەكتىن ئاشۇر ۋەتمەيلى ،بۇرۇنمۇ كىچىك بالىلارغا چوڭلار ئانىسى ياكى باشقا ئادەملەر بولسۇن تاماقنى ئاغزىدا چايناپ بىرەتتى ،ھازىرچۇ ئۇنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن بىزمۇ ئۆزگەرىتمىدۇقمۇ؟
بالا بىلەن قانچە ئۇزاق تۇرساق شۇنچە مىھىر مۇھەببەت ئۆتىشىدۇ،..

1

تېما

0

دوست

707

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   41.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9191
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 225
توردىكى ۋاقتى: 90
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 11:50:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ قارىشىمنى سۆزلەپ باقاي؛ مىنىڭچە بۈشۈك بىر خىل گېپنوس قىلىش ئۇسۇلىكمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. بىر بالىنى ئەركىن قۇيۇۋەتسە ئۇخلىقىمىقى تەس، بالىنى بۇشۇككە بۆلەپ رىتىملىق تەۋرەتكەندە بالا كۆز ئالدىدىكى مەنزىرنى قايتا- قايتا كۈرۈۋېرىپ كۈزى تىزلا تېلىپ ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئالىنى بۇشۇككە بۆلىمەي قىسا ئارلىقتا ئۇياق بۇياققا ماڭسىڭىزمۇ ئوخشاش ئۇنۇمگە ئىرىشەلەيسىز. ئەقىللىق ئانىللىرىمىز بالىسىنى پەقەت ئۇخلاش ۋاقتىدىلا بۈشۈككە بۆلەيدۇ. ئۇيغانغاندا يېشىۋېتىدۇ، ھەم بۇشۇكتە تاماق بەرمەيدۇ. چۇنكى ئۇلار يېتىپ تۇرۇپ تاماق يۇتماقنىڭ ئىنتايىن تەسلىقىنى بىلىدۇ. بالىسىنى بۇشۇككە بۆلەيمەن دەپ پۇتىنى سىلكىپ تارتىپ بالىسىنى ئۆمۇرلۇك مېيىپ قىلىپ قويغان نادان ئانىللىرىمىزمۇ بار. (بىزنىڭ يۇرتتا مۇشۇنداق ئىش بولغان)
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1096

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   9.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31292
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 304
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 13:54:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداق بولمىسۇن توغرىسىدىن پايدىلانساق بولىدۇ

1

تېما

4

دوست

8126

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   62.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2095
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 11:22:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆشۈكنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.بۆشۈكتە ياتماي چوڭ بولغانلاردىنمۇ بۈيۈك كىشىلەرنى جىق سانىيالايمىز.بۆشۈك كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرلىرىدە بوۋاقلار ئۈچۈن  ھەقىقەتەن ئېسىل بويۇم ئىدى. ھازىر بولسىمۇ-بولمىسىمۇ بولىدۇ.مەدەنىيەت مىراسىمىزئىدى، دەپ كۆچمەنلىك ھاياتقا قايقىلى بولماس.
جىن چىراق،سۇ تۈگمەن،يار-يار ھارۋا...لارنى ئېلىكتىر چىراققا،ئۇن زاۋۇدىغا،پىكاپقا تېگىشىمەن،دەپ يۈرمەيمىزغۇ--دەيمەن.

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30589
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 11:39:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyhguray يوللىغان ۋاقتى  2014-6-23 00:43
ياريا ھارۋا دىگىنىڭىز بالىلار ئايىغى چىقىشتىن بۇرۇن ي ...

غالتەك  دىگىنىڭزدىن قارغاندا خوتەنلىك ئوخشىمامسىز   بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ غالتەك دەيمىزچۇ

9

تېما

7

دوست

4292

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 417
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-21 12:33:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەدەف يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 11:22
بۆشۈكنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.بۆشۈكتە ياتماي چوڭ بولغانلاردىنم ...

بۆشۆكنى   پۇتۇنلەي    تاشلىۋىتىمىزمۇ     بەكلا    ئالدىراپ   قاپسىز     ئەگەر   سىز   دىگەندەك    راسلا    ۋاقتى   ئۆتسە   سىز  دىگەن  نەرسىلەردەك      تەبىلا   خەلىق   تەرىپىدىن   تاشلىنىدۇ       شۇڭا     سىز   بۇيەردە    ئۇنداق   ياكى   بۇنداق    دەپ   قويسىڭىزلا   ئىش   پۇتمەيدۇ   سىزدىن   سۇراپ   باقسام   سىز   بۆشۆكتە    ياتمىغانما      بالىڭىزچۇ  ؟

9

تېما

7

دوست

4292

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18108
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 1324
توردىكى ۋاقتى: 417
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 12:15:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلاردا بۆشۈك مەدەنىيتى


ئۇيغۇرلاردا ناھايىتى ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس لايىھىلەپ ياسالغان ئالاھىدە بىر «كارىۋات» بولۇپ، ئۇ «بۆشۈك »دەپ ئاتىلىدۇ. بۆشۈك قەدىمدىن باشلاپ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا ئىنتايىن كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر بۆشۈكى قۇرۇلما جەھەتتىكى پۇختىلىقى، ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى نەپىسلىكى، ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۆزگىچە گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى ئاتمىش نەچچە سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ پۈتۈنلەي ياغاچتىن ياسىلىدۇ. بۆشۈك قۇرۇلمىسىغا ھەتتا بىر تال تۆمۈر مىخمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. بۆشۈكنىڭ لايىھىلىنىشى جەھەتتىن، ئۇ ئىشلىتىش ئوبيېكتىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تولىمۇ مۇۋاپىق بولۇشتىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ھۈنەر-سەنئەت جەھەتتىكى كۆركەم ۋە نەپىسلىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، ئۇنى يەنە بىر خىل گۈزەل-سەنئەت بۇيۇمى دېيىشكىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇرلار بۆشۈككە نىسبەتەن بىر خىل مۇقەددەس ئىرىملىق نەرسە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇڭا بوۋاقنى بۆشۈككە سېلىشتىن ئىلگىرى«بۆشۈك توي مۇراسىمى» ئۆتكۈزىدۇ. بۇ مۇراسىم بالا تۇغۇلۇپ قىرىقى توشقۇچە ئارىلىقتا بولىدۇ. يەنى بوۋاق ھاياتقا كۆز ئاچقاندىن كېيىنلا «كىندىكئانىسى» بالىنىڭ كىندىكىنى كېسىدۇ. «كىندىكئانىسى» نىڭ قولى يەڭگىل بولسا بەش كۈندىن يەتتە كۈنگىچە كىندىك يارىسى ساقىيىپ كېتىدۇ. « بۇ كىندىك چۈشتى» دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بالىنى بۆشۈككە سالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، بالىنى بۆشۈككە سېلىش بىر خىل ئىرىملىق ئادەت تۈسىنى ئالغاچقا، بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭ جابدۇقلىرى تەييارلىنىدۇ. بوۋاقنى تۇنجى بۆشۈككە سېلىشتا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن پېشقەدەم «بۆشۈك ئانىسى » تەكلىپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن مەقسەت، بالىنىڭ «بۆشۈك ئانىسى»نىڭ ئۇدۇمىنى ئېلىپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.

خەلق ئارىسىدا«بۆشۈك ئانىسى»، «ئىرىمچى» دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەقىدە قىلىنىدۇ. «بۆشۈك ئانىسى» بالىغا تەييارلىغان بۆشۈكنى قىبلە تەرەپكە قويۇپ، دۇئا-تەكبىر قىلغاندىن كېيىن، بۆشۈكنى رەت تەرتىپى بويىچە راسلاشقا باشلايدۇ. ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىكى ئويۇقچىغا جاك(كۈلتۈك) نى ئورنىتىدۇ. جاكنىڭ تۆشۈككە تۇتاشقان يۈزىگە جاك تۇمىقىنى كىيدۈرىدۇ. ئۇنىڭ تۆت تەرىپىگە ئون بەش سانتىمېتىر چوڭلۇقتا تۆت دانە تىز ياستۇق قويۇلىدۇ. ئۈستىگە بۆشۈكنىڭ چوڭلۇقىغا«ئۇدا»(جاكقا ئۇدۇل قىلىپ تۆشۈككە قويۇپ تىكىلگەن پاختىلىق كۆرپە) قويۇلىدۇ. ئۇدانىڭ ئۈستىگە يۇمشاق پاختىلىق كۆرپە (بۇ ئادەتتە ئىككى پارچە بولىدۇ) سېلىنىدۇ ۋە زاكا(كىرلىك)بىلەن ئورىلىدۇ. باش تەرىپىگە بوۋاققا ماس كېلىدىغان كىچىك ياستۇق قويۇلىدۇ. ئاستى تەرەپ تەكشى بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈك ئانىسى» بوۋاقنى يالىڭاچلاپ، بەدەنلىرىنى يۇمشاق سىلاپ ئېرىم قىلىدۇ ۋە ئاۋايلاپ بۆشۈككە سالىدۇ. ئاندىن جاكقا توغرىلاپ شۈمەك(ياغاچتىن نەيچە قىلىپ ياسالغان سۈيدۈك يولى ئېغىزى) سالغاندىن كېيىن، ئىككى پۇتىنى تۈزلەيدۇ ۋە يۆگەك بىلەن مەھكەم ئورايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئىككى تىزىغا«تىزلىق» كۆرپە قويۇپ، پۇت تارتقۇ(بىر سويام كەڭلىكتە ئەستەرلىك قىلىپ تىكىلگەن رەخت كاشا) بىلەن بۆشۈكنىڭ ئاستىدىن ئايلاندۇرۇپ چىگىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بالىنىڭ قورساق ۋە كۆكرەك تەرىپىمۇ يۆگەك بىلەن چۈمكىلىدۇ، ئىككى قولىنى بالىنىڭ بىقىنىغا تەكشى رۇسلاپ، ئىككى جەينىكىگىچە جەينەكلىك قويۇپ «قولتارتقۇ»(پۇت تارتقۇغا ئوخشىشىدۇ) بىلەن تېڭىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنى بۆشۈككە بۆلەش ئاخىرلىشىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە بوۋاققا دائىم ھەمراھ بولسۇن دەپ، بۆرە ئوشۇقى ياكى بىر پارچە نان ئېسىپ قويىدۇ. قاپارتما نەقىشلىك قىلىپ ياسالغان بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىكى گورىزونتال ياغاچ(بۆشۈك تۈرمىلى) قا بالىنى يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئىرىملىق تۇمار ئېسىلىدۇ ۋە بەزىدە كۆزمونچاق مارجان بېكىتىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ ئۈستىگە رەڭلىك ئېسىل رەڭلىك رەختلەردىن ياسالغان «بۆشۈك ياپقۇ» يېپىلىدۇ. بۆشۈكنىڭ باش تەرىپىگە ئوغۇل بالا بولسا تىغ(پىچاق)، ئەگەر قىز بالا بولسا ئەينەك قىستۇرۇپ قويۇلىدۇ. بۇ بالىنى «قارا بېسىپ قالماسلىق» نىڭ ئېرىمىدۇر. تۇنجى قېتىم بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ بولغاندىن كېيىن، «بۆشۈك ئانىسى» ئادراسمان ياكى ئالما قېقى (بىر نەچچە چىمدىم يىرىك تۇز قوشۇلىدۇ) بىلەن ئىسرىق سېلىپ، بۆشۈكنىڭ ئۈستىدىن توققۇز قېتىم ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىغا چاپلىشىۋالغان«يامان روھ»لارنى قوغلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۆشۈككە بۆلەش سېلىش مۇراسىمى ئاياغلىشىدۇ.
بۆشۈكنىڭ ياسىلىش شەكلى ۋە ئۇنىڭغا بالىنى بۆلەش مۇئەييەن ئىلمىي قائىدىگە ئاساسلانغاچقا، ئۇ مەلۇم ئەۋزەللىككە ئىگە:
بىرىنچىدىن، بالىنىڭ ياتقان ئورنى پاكىز بولىدۇ. چۈنكى بالىنى ھەر قېتىم بۆشۈككە سېلىشتىن بۇرۇن، بۆشۈك كۆرپىلىرى ئاپتاپقا سېلىنىدۇ ياكى ھاۋالاندۇرۇلىدۇ. بالىنىڭ ئاستى ھۆل بولۇپ قالىدىغان ئەھۋال سادىر بولمايدۇ. بالىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتى خۇددى ئەۋرەزدەك تەبىئىي ھالدا جاكقا قۇيۇلىدۇ.
ئىككىنچىدىن، بالا ئېچىلىپ قېلىپ سوغۇق تېگىپ قالىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ.
ئۈچىنچىدىن، كېچىلىرى ئانىنىڭ خاتىرجەم ئۇخلىشىغا ۋە دەم ئېلىشىغا پۇرسەت يارىتىلىدۇ.
تۆتىنچىدىن، بالىنىڭ فىزىنومىيە جەھەتتىن ساغلام ئۆسۈشىگە پايدىلىق. چۈنكى، ئادەمنىڭ بوۋاق مەزگىلى خۇددى يۇمران نوتىغا ئوخشايدۇ، بۆشۈككە بۆلەشتە بالىلارنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى نەزەرگە ئېلىنىپ، قول، پۇت ۋە بەدەن رۇسلاپ قائىدىلىك تېڭىلغاچقا، بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك ئۆسىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، بۆشۈك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەنئەنىۋى بۇيۇم بولۇپ، مەيلى يېزا ياكى شەھەرلەردە بولسۇن، بۆشۈك تەۋرەتمىگەن ئانىلارنى تېپىش تەس. ئۇيغۇرلار ئارىسىغا ئەڭ كەڭ تارقالغان «ئەللەي ناخشىسى»(بۆشۈك ناخشىسى) ئەمەلىيەتتە خەلقىمىزنىڭ بۆشۈككە بولغان قەسىدىسىدۇر.

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-23 15:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىلىمخۇمار ئەپەندىنىڭ يازمىسى بولمىغان بولسا ،ئېلىكترونلۇق بۆشۈك ۋاكالەتچىسىنىڭ يازمىسى ئوخشايدۇ،دەپ قالغان بولاتتىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )