بىلىمخۇمار
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى
مەن ئالدىنقى قېتىم «تۇغۇلمىغان بوۋاققا كىتاب ئوقۇپ بېرىشنىڭ پايدىلىرى» دېگەن يازمىنى تورلارغا يوللىغاندىن كېيىن، بەزى قېرىنداشلار ئىنكاس يېزىپ، مەندىن «بۆشۈكنىڭ بوۋاققا زىيىنى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن تورلارنى ئىزدەپ باقسام، بۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالىلەر ئاساسەن يوق بولۇپ، نوپۇزلۇق ئورۇنلار تەييارلىغان ماقالىدىن پەقەت بىرنىلا تاپتىم. مەزكۇر ماقالىدا مەن ئاشۇ ماتېرىيالنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.
مەن پايدىلانغان ماتېرىيال [1] نى تەييارلىغان ئورۇن ئامېرىكىدىكى «بالىلارنى قۇتقۇزۇش» فوندى جەمئىيىتى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەت 1932-يىلى قۇرۇلغان ئىكەن [2]. 2011-يىلى بۇ تەشكىلات پۈتۈن دۇنيا بويىچە 26 دۆلەتتىكى 15 مىليون بالىلارغا ياردەم قىلىپتۇ. ئۇلار تەييارلىغان، بۆشۈك ھەققىدىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالە 2011-يىلى يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «تاجىكىستاندىكى زىيانلىق ئەنئەنىۋى ئادەتلەر» (Harmful traditional practices in Tajikistan) ئىكەن.
تۆۋەندىكىسى 1-مەنبەدىكى مەزمۇنلار. ئەگەر مەن ئۆز پىكرىمنى قوشۇپ قويۇشقا توغرا كەلسە، ئۇنى مەن بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە كىرگۈزىمەن.
تاجىك خەلقى تارىختىن بۇيان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى بۆشۈككە بۆلەپ بېقىپ كەلگەن. بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاق پۇت-قولىنى مىدىرلىتالمايدۇ، ھەمدە بىر ياندىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلەلمەيدۇ. پەقەتلا بېشىنى يان تەرەپكە ئازراق مىدىرلىتالايدۇ. بالىنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇشتىكى مەقسەت بالىنىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بالىنىڭ ئانىسى بوۋاق يىغلىمىسىلا ئۆز ئىشىنى قىلىۋېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. تاجىك خەلقى ئارىسىدىكى بۇ ئادەت بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇلۇپ كەلگەن كۆپلىگەن مەدەنىي ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان.
«بالىلارنى قۇتقۇزۇش» فوندى جەمئىيىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىدە، تۆۋەندىكى ئەھۋالنى بايقىدى:
ئادەتتە 2 ئايلىقتىن 20 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلار بۆشۈككە بۆلىنىدۇ. ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىچىدىكى 70 پىرسەنتى تۇغۇلۇپ 5 - 7 كۈن بولغان ھامان بۆشۈككە بۆلىنىدۇ. بوۋاقلارنىڭ بىر كۈن ئىچىدە بۆشۈكتە ياتىدىغان ۋاقتى 20 سائەتكىچە بولىدۇ. بوۋاق قانچە كىچىك بولغانسېرى ئۇنىڭ بۆشۈكتە ياتىدىغان ۋاقتىمۇ شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ. بوۋاق يىغلىغۇچە بۆشۈكتە ياتىدىغان بولۇپ، يىغلىغاندىن كېيىنمۇ بۆشۈكتىن يېشىلمەيدۇ. بەلكى، باشقىلار بۆشۈكنى تەۋرىتىپ، بوۋاقنى يەنە ئۇخلىتىپ قويىدۇ. بوۋاقنىڭ ئانىسى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بوۋاقنى بۆشۈكتىن يەشمەي تۇرۇپلا ئېمىتىدۇ. ئانىلار بوۋاقنى بۆشۈكتىن يېشىپ چىقارغان ۋاقىتلاردىمۇ، ئۇلارنى ئەدىيال ياكى يۆگەك بىلەن چىڭ يۆگەپ قويىدۇ. ئادەتتە بوۋاقلار ئىككى ياشقا كىرىپ، بويىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بۆشۈكتىن ئۇزۇنراق بولۇپ كەتكۈچە بۆشۈكتە ياتىدۇ.
1. بۆشۈكنىڭ پايدىلىرى
ئانىلاردىن نېمە ئۈچۈن بۆشۈك ئىشلىتىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار تۆۋەندىكى جاۋابلارنى بەردى:
--بۇ بىزنىڭ مەدەنىي ئەنئەنىمىز بولۇپ، ئۇنى بىزگە ئاپىمىز ئۆگەتكەن.
--مېنىڭ بالام بۆشۈكتە ئىسسىق ۋە قۇرۇق تۇرۇپ، ياخشى ئۇخلايدۇ. بۇ قىش كۈنلىرى ناھايىتى مۇھىم.
--پوق لاتىسىغا قارىغاندا سۇ ئاز كېتىدۇ، ھەمدە سۈيدۈك لاتىسى (diapers) ئېلىش زۆرۈر بولمايدۇ.
--ئۆيدە ۋە ئېتىزلاردا نۇرغۇن ئىشلىرى بار ئانىلار ئۈچۈن بۆشۈك ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى يېنىكلەيدۇ.
--كىچىك بالىلاردىن بىر قانچىسى بار ئائىلىدە بۆشۈك بوۋاقنىڭ بىخەتەرلىكىگە، ئۇنىڭ بىرەر خېيىم-خەتەرگە ئۇچراپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
--ئاياللارنىڭ قارىشىچە، بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاقنىڭ بېشى سوقىچاق بولۇپ قالمايدۇ، بوۋاقنىڭ قوللىرى بىلەن پۇتلىرى ئەگرى بولۇپ قالمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ دۈمبىسى تۈز چوڭ بولىدۇ.
--ھەممەيلەننىڭ قارىشىچە، بۆشۈككە بۆلەنمىگەن بالا دەلدەڭشىپ ماڭىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
2. بۆشۈكنىڭ زىيانلىرى
«بۆشۈكنىڭ بوۋاقلارغا قانداق زىيانلىرى بار؟» دېگەن سوئالغا كۆپىنچە ئانىلار «ھېچ قانداق زىيىنى يوق»، دەپ جاۋاب بەردى.
پەقەت ئانىلاردىن ئىككىسىلا بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاقلارنىڭ بەزىلىرى جىسمانىي جەھەتتىن ئاجىز بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ياكى ئۇلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشى بىر ئاز كېچىكىدىغانلىقىنى، ھەمدە بۆشۈكنى بەك قاتتىق تەۋرەتكەندە بوۋاقنىڭ مېڭىسى زەخمىلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىر قىسىم ئانىلار مۇنداق بىر ئەھۋالنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۆشۈككە ئانچە كۆپ بۆلەنمەي بېقىلغان بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كۈنىگە 10 سائەتتىن كۆپرەك بۆشۈككە بۆلەپ چوڭ قىلغان بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ياكى چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش (cognitive) ئىقتىدارلىرىنىڭ يېتىلىشى ئاستىراق بولىدۇ. بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاقلارنىڭ پۇت-قوللىرى داۋاملىق چىڭ باغلاقلىق تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىختىيارىي ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكى ئاساسەن يوق بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئولتۇرۇش ۋە مېڭىشنى ئۆگىنىشىمۇ ئاستىراق بولىدۇ. ئانىلار بۆشۈككە بۆلەنگەن بوۋاقلار بىلەن بىللە جىسمانىي ھەرىكەت ئېلىپ بارمايدۇ، ھەمدە بوۋاقنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى تەرەققىياتى ياكى روھىي جەھەتتىكى ئانا-بالا باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىرەر ئىشلارنى قىلمايدۇ. بالىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇش ياكى مېڭىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلمىغاچقا، بالا يېتەرلىك دەرىجىدە كۈن نۇرى كۆرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ چىشىنىڭ چىقىشى كېچىكىپ كېتىپ، ۋىتامىن D نىڭ كەمچىلىكىدىن بالا بەزىدە راخت كېسىلى (rickets disease) گە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.
نورمال ئۆسكەن بوۋاقلار بىرىنچى يىلى تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلالىشى كېرەك:
--يانتۇ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان 1-2 ئايلىق بولغان بوۋاق بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ.
--3-4 ئايلىق بولغان بوۋاق بىر ياندىن يەنە بىر يانغا ئۆرۈلەلەيدۇ.
--6-7 ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ چىشى چىقىشقا باشلايدۇ، ھەمدە ئۆرۈلۈپ كەتمەي ئولتۇرالايدۇ.
--7-8 ئايلىق بولغان بوۋاق ئۆمىلەيدۇ. 11-12 ئايلىق بولغان بوۋاق مېڭىشقا باشلايدۇ.
بىر يەرلىك دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بۆشۈكنىڭ بوۋاقلارغا بەزى زىيانلىرى بار. مەسىلەن، بۆشۈكنى قاتتىق تەۋرىتىش بالىدا روھىي ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بەزى مەسىلىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. نۇرغۇن ئانىلار بۆشۈككە بۆلەكلىك تۇرغان بوۋاقنى بۆشۈكتىن يەشمەي تۇرۇپلا ئېمىتىدىغان بولۇپ، ئۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ قورسىقىدىكى سۈتنىڭ ئايلىنىشى نورمال بولمىغانلىقتىن، بوۋاقلار ئەمگەن سۈتنى قۇسۇۋېتىدىغان ئىشلار كۆپ كۆرۈلىدۇ. بەزى ئانىلار بۇ ئىشنى توغرا چۈشەنمەي، «بالىنى ئەمدۈرسەم بولمايدىكەن»، دەپ ئويلاپ، بالىسىنى ئەمچەكتىن ئايرىۋېتىدىغان ئىشلارمۇ بار.
3. تەۋسىيىلەر
(1) بوۋاقنىڭ بۆشۈكتە ياتىدىغان ۋاقتى چەكلىنىشى، ھەمدە بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەش بىلەن ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى روھىي باغلىنىش بىرلەشتۈرۈلۈشى كېرەك. ھۆكۈمەت بالىلارنىڭ قايسى جەھەتلەردە نورمال ئۆسۈشى كېرەكلىكىنى ئۆز خەلقىگە تولۇق بىلدۈرۈشى كېرەك. بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەرنى، شۇنداقلا چۈشىنىش، ئەستە قالدۇرۇش، ھۆكۈم قىلىش، خۇلاسە چىقىرىش، ۋە ئاساسلاش ئىقتىدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(2) ھۆكۈمەت مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، دوختۇرخانىلاردىكى خادىملار ۋە مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارنى تەربىيىلەش، ئۇلارغا لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى زۆرۈر بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. دوختۇرخانىدىكى خادىملار ۋە مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلار ئانىلارنى بالا تەرەققىياتى جەھەتتىكى زۆرۈر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىشىنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالايدۇ.
يۇقىرىدىكىسى 1-مەنبەدىكى مەزمۇنلار.
4. ئاخىرقى سۆز
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان، تاجىكىستاندا بايقالغان ئەھۋاللار ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت، دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بۆشۈكى بىلەن ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق بۆشۈكلىرىنىڭ پەرقلىرىنى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىنى ئىشلىتىپ باققان ئانىلار ئاسانلا ھېس قىلالايدۇ. يەنى، ئەنئەنىۋى بۆشۈك بىر قاتتىق يۈزنىڭ ئۈستىدە تەۋرىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ بالىلارنىڭ بېشىنى خېلى قاتتىق چايقايدۇ. يېڭى ئېلېكترونلۇق بۆشۈكلەر بولسا گۈلەڭگۈچكە ئوخشاش سىلىق تەۋرەيدىغان، ھەمدە بالىلار ئۇنىڭدا يانتۇ ياتىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ زىيانلىق تەرەپلىرى ئەنئەنىۋى بۆشۈكتىن كۆپ ئاز، دەپ قارىساق خاتالاشمايمىز. مەزكۇر ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان مەزمۇنلاردىن بىز يەنە بالىنىڭ بۆشۈكتە ياتىدىغان ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر قىسقارتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ بىلىۋالالايمىز.
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
[1] Harmful traditional practices in Tajikistan
<http://www.ohchr.org/Documents/H ... theChildren.pdf>
[2] Save the Children -- History
<http://www.savethechildren.org/s ... 571/History.htm>
ئېلېكترونلۇق بۆشۈكلەرنىڭ رەسىملىرى http://www.walmart.com دىن ئېلىندى.
|