- تىزىملاتقان
- 2014-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2161
- نادىر
- 0
- يازما
- 77
ئۆسۈش
5.37%
|
tikan يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 16:53
سىياۋۇش ئەپەندى ئىسىل تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرغايمىز.
...
خوتەن دىئالېكتىدىمۇ نەچچە شېۋە بار بولۇپ، ئىككى ناھىيەسىدە «ر» تاۋۇشىنى مەركىزى دىئالېتنىڭكىگە يېقىنراق تەلەپپۇز قىلغاندىن سىرت، يەنە سۆز ئىشلىتىش جەھەتتە سەل پەرققە ئىگە. بىراق ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ پەرقى يوق. خوتەن دىئالېكتىدىكى ئىسىم-سۈپەتلەردە سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلىشىشى ئومۇملاششمىغان. مەسىلەن خوتەن دىئالېكتىدا مەلۇم ئىش-ھەرىكەت، شەيئىلەرنىڭ ھاراملىقىنى «ھارامىى» دەپ سۈپەتلىسە. مەركەزىي دىئالكىتتا بولسا «ھارىمى» ياكى«ھاراملىق» دەپ سۈپەتلەيدۇ. ئاخىر ئۈزۈك تاۋۇشلار بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە قوشۇمچە ۋە ئۇلانما قوشۇلسا تۈپ سۆز ئاخىرىدىكى ئۈزۈك تاۋۇش ئاجىزلاشتۇرۇلماي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ھەم يېزىلىدۇ. مەسىلەن «ئەنگىلىيەلىك، تۈركىيەلىك»، مەركەزىي دىئالېكىتتىكىسى «ئەنگىلىيىلىك، تۈركىيىلىك». ئۈزۈك تاۋۇشلاردىمۇ ئاساسەن ئاجىزلىشىش ھادىسىسى كۆرۈلمەيدۇ. مەسىلەن «خوتەنلىگ، قەشقەلىغ، ئاقسۇلۇغ، لۈكچۈنلۈگ، تاتلىغ-ئاچچىغ»، مەركەزىي دىئالېكىتتىكىسى«خوتەنلىك، قەشقەلىق، ئاقسۇلۇق، لۈكچۈنلۈك، تاتلىق-ئاچىىق».
يەكەن، پوسكام قاغىلىقنىڭ تىلى چوڭ جەھەتتىن خوتەن دىئالېكتىغا مەنسۇپ. پوسكام، يەكەن، قاغىلىق تەرەپلەردىمۇ «ر» نىڭ ئورنىغا «ي» نى جىق ئىشلىتىدۇ. يەكەن ۋە پوسكامدىكىلەر «ر» تەلەپپۇز قىلسا خوتەندىكىلەرنىڭكىدىن نازۇكراق، قەشقەردىكىلەرنىڭكىدىن ئۇرغۇلۇقراق تەلەپپۇز قىلىدۇ. تەلەپپۇز ئادىتىدىن سىرت، سۆز ئىشلىتش جەھەتتىمۇ ئورتاقلىقى روشەن. مەسىلەن بۇ ئۈچ ناھىيەلەردىمۇ جۈملە ئاخىرىدا «ئەينا» سۆزىنى جىق ئىشلىتىدۇ. ھەتتا يەكەننىڭ بەزى يېزىدىكى كىشىلەرنىڭ شېۋىسى خوتەن دىئالېكتى بىلەن ئوپمۇئوخشاش دېگۈدەك بولۇپ، پەرق ئېتىش ناھايىتى تەس.
«ئۇششاق»، «بىشكىم» دېگەنلەر خوتەن دىئالېكتىغا خاس سۆز ئەمەس. مەن بۇ ئىككى سۆزنى قەشقەرنىڭ باشقا يېزىدىكىلىرىنىڭمۇ دېگىنىنى جىق ئاڭلىغان.
خوتەن دىئالېكتىدا «چوڭ دادا» نى دەرۋەقە «بوببام» دەيدۇ. بەلكىم سىز دېگەندەك «بابام» دىن ئۆزگەرگەندۇ. بۇرۇن «دادا-ئانا» نى «دادو-ئانو» دەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. ھازىر ئومۇمەن مەركەزىي دىئالېكىتتىكىدەك «دادا-ئانا» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ.
تۆۋەندىكىسى خوتەن دىئالېكتىدىكى جىق ئىشلىتىدىغان سۆز بولۇپ، بۇلاردىن بىر قىسمى بەزى يۇرتلارنىڭ شېۋىسىدىدە قوللىنىدىغان سۆزلەر ۋە يەنە بىر قىسمى خوتەن دىئالېكتىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان سۆز بولۇپ، ئەدەبىي تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش داۋامىدا پەقەت بىر قىسىم رايونلاردىلا ساقلىنىپ قالغان غەيرى شېۋە سۆزلىرىدۇر:
ئەدەبىي تىلدىكىسى خوتەن دىئالېكىتىدىكى
نېھايەت، ئىنتايىن ھەدەسسىز
زادىلا ھۆددەس
باي زەردار
ياغاچ ھۈنەرۋەنى خارەت
ھەقسىز مۇت
گۈزەل، كۆركەم ئۇز
مۈشۈك مىش
باياتىن ساي
ئىت سەگ
توپا-چاڭ بوغۇناق
دائىم ئومىلاخمان
ياستۇق پەرقۇ
شوخلا تامتو
يەر-جاي ناملىرى
راسگۇي - راست سۆزلەر دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھازىرقى تەلەپپۇزى لاسكۇي
مېلىك ئاۋات
ئىسلام ئاۋات
يېڭى ئاۋات
داماكۇ
گۇلاھما
نۇرى
دول
جيا
ھانگيا |
|