قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1725|ئىنكاس: 39

خوتەن سەكايى تىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-26 21:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 14:12  

سەكايى تىلى
تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش

                 سەكايى                              
                      خوتەنىي، تومشوقىي
                                    
سۆزلەشكۈچىلەر: خوتەن پادىشاھلىقى ۋە تومشۇق (بۈگۈنكى شىنجاڭدا)
        رايون      : مەركەزىي ئاسىيا                                                   
ئۆلگەن ۋاقتى   : مىلادىيە ئونىنچى ئەسىر                                         
تىل ئائىلىلىرى : ھىندۇ-ياۋرۇپايى                                                
                             ھىندۇ-ئىرانىي تىلى                                          
                                      ئىرانىي                                                      
                                               ئارا ئىرانىي                                             
                                                     شەرقىي ئىرانىي                                   
                                                              سەكايى                                          
                                                                     سەكايى - خوتەنىي                    
                                                                                   سەكايى                              
   دىئالېكىتلار  : خوتەنىي                                                        
                        تومشوقىي                                                         
      پوچۇركا    : بەراھمىي                                                         
                                

     ئارا سەكايى (ساك) تىلى ياكى خوتەن تىلى، قەدىمقى سەكايى تىللىرىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، ئارا ئىرانىي تىللاردىندۇر. ئارا سەكالار تىلىدىن، ئەسەرلەر ۋاسىتىسى بىلەن قالدۇرۇلغان ئىككى دىئالېكىتى مەشھۇر بولۇپ، ئۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنغان رايونلىرى بويىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى خوتەن ۋە تومشوق (ھازىرقى قەشقەردىكى تۇمشۇق رايونى) بولۇپ، بۇ ئىككى دىئالېكىتقا خوتەنىي ۋە تومشوقىي دەپ نام قويۇلغان. خوتەن دىئالېكىتىدىكى ئەسەرلەر بەراھمىي ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلغان ۋە بۇددا ئەدەبىياتى تەسىرى ئاستىدا ھېسابلىنىدۇ. تومشوقىي دىئالېكىتىدىن ھەم ئەسەرلەر قولغا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈلۈشى، مىلادىيە بەشىنچى ئەسىردىن تاكى ئونىنچى ئەسىرلەرگىچە بارىدۇ. بۇ ئىككى تىل، شۇ زاماندا ئۇيغۇر تۈركىي تىلىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئەمما يەنىلا، شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى پامىر كۇھىستانلىرىدا ئىرانىي دىئالېكىتلار قوللىنىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئىككى تىل بىلەن يىراق باغلىنىشقا ئىگە بولۇشى مۇمكىن. پوشتۇ ۋە ۋەخىي تىل (ۋاخان تىلى) لىرى سەكايى تىلى بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىۋاتىدۇ.

     سەكايى قەبىلەلىرى، تارىم دەرياسى ھەۋزىسىدىكى زېمىنلاردىن تاكى بەلخ چېگرايىغىچە يەتكەن ۋە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىرنىڭ ئاۋۋالىدا باختەر (ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمقى دەۋلىتى-باكتېرىيە) ۋە زەرەنگ (زەرەنج دەپمۇ ئاتىلىدۇ. زەرەنگ ھازىرقى ئافغانىستاندىكى نىمرۇز ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەركىزى بولۇپ، ئىران بىلەن چېگرالىنىدۇ) ۋە روخەج تەرەپكە، ۋە كېيىن غەربى شىمالىي ھىندىستانغا كۆچۈشكەن.

     مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە كاشغەر (ھازىرقى قەشقەر) دائىرىسىدە ‹كنچگ› تىل (بۇ تىل ھەققىدە ئادەتتىكى لۇغەت ھەم توردىن مەلۇمات تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشىنى بىلگىلى بولمىدى) ى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن قالدۇق قالغان سۆزلەر، ئۇ تىلنىڭ سەكايى دىئالېكىتلىرى بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

     تىلشۇناسلاردىن بەزىلىرىنىڭ كۆرسۈتۈپ بەرگىنىدەك، بەلكىم بۈگۈنكى پامىرىي تىللار، سەكايى تىلىنىڭ خىلمۇخىل دىئالېكىتلىرىنىڭ تارىخىي داۋامى بولۇشى مۇمكىن. خوتەن سەكايى تىلى ۋە پامىرىي تىللار گۇرۇھىدىنكى بۈگۈنكى ۋەخىي تىلىنىڭ سېلىشتۇرما تەكشۈرۈلۈشى، بۇ ئىككى تىلنىڭ تارىخىي ئوخشاشلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە كۆرسۈتىۋاتىدۇ كى ئۆزئارا يېقىن بىر مەنبە تېپىلغان.


بىر قىسىم سۆزلۈكلەر
قارا دېڭىز ياقىسى ۋە جەنۇبىي روسىيەدىكى مەغرىب سەكالار تىلىدىن بىر قىسىم سۆزلۈكلەر:
arvant:تند و سريع
aspa:اسب             (ئات)
atar:اذر                (ئىران خۇرشىدىي كالېندارىدىكى 9-ئاي)
carma:چرم           (كۆن، تېرە، خۇرۇم)
gausa:گوش           (قولاق)
hapta:ھفت            (يەتتە)


مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%B2%D8%A8%D8%A7%D9%86_%D8%B3%DA%A9%D8%A7%DB%8C%DB%8C_%D8%AE%D8%AA%D9%86

0

تېما

0

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 22:14:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinsilin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 22:28  

شاھ مەشرەپ دىگەن كىتاپتا دىيىلىشىچە ، خوتەنلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولمىش ساكلارنىڭ تىلىدا ئەسلى ر ھەرپى يوق ئىدى، شۇڭا خوتەن خەلقى جاھىللىق بىلەن ر نىڭ ئورنىغا ي ھەرپىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە ... دىگەندەك بىر ئابزاسنى كۆرگەندەك قىلغان.
ئۇندىن باشقا قەشقەرنىڭ كۆپلىگەن يۇرت ناملىرىنىڭ تۈركى تىلدا مەنىسى چىقمايدۇ. بۇمۇ قەشقەردە دەۋر سۈرگەن دەسلەپكى مەدەنىيەتكە دىققەت قىلىش كىرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
يەنە مەسىلەن، قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى توققۇزاق، ئوغۇساق، ئىكىساق، بەيساق... قاتارلىق ساك دىگەن سۆزگە مۇناسىۋەتلىك ناملار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.
تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇئەللىپى مەخمۇت كاشىغەرىمۇ ئاتۇشلۇقلار تۈركچە ۋە ئۆز تىلىدا سۆزلەيدۇ، خوتەنلىكلەر تۈركچە سۆزلىيەلمەيدۇ... دىگەندەك سۆزلەرنى قالدۇرغان ئىكەن.
ئاڭلىسام تېخى قەشقەرنىڭ خانئېرىق دەپ  بىر يېزىسىدا بىر كەنتنىڭ  ئاھالىلىرى كىملىكىدە ئۇيغۇر يېزىلغان بىلەن ئۆز ئارا قەتئى ئۇيغۇرچە ئىشلەتمەيدىكەن، ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گىپىنىمۇ چۈشەنگىلى بولمايدىكەن. ئۇ  يەرنى شەخل دەپ ئاتايدىكەن. ئۇلارنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىپ باققانلار كونا ساك تىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۈمكىن دەپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، لىكىن ئۇلار باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن پاراڭلاشسا چانماي ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىكەن. چىرايىمۇ كۆپ پەرق قىلمايدۇ دەيدۇ.  بۇ توغرىلىق ئەختەم ئۆمەر بىر ئەسەر يېزىپتىكەن، ئۇنىڭدا شۇ كىشلەرنىڭ قىزىغا ئاشىق بولغان بىرىنىڭ شۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە تىلەمچىلىك قىلىشى توغرىلىق مەزمۇنلار بار.
بۇلارنى يېزىۋېتىپ مەھمۇت كاشىغەرىنىڭ « تاتسىز تۈرك بولماس، تۈركسىز تات بولماس » دىگەن سۆزى ئىسىمگە كەلدى. تات دىگەن كىملەرنى كۆرسىتەر بولغىيدى...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

0

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 23:16:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pinsilin يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 22:14
شاھ مەشرەپ دىگەن كىتاپتا دىيىلىشىچە ، خوتەنلىكلەرنىڭ  ...


مەن ئۇششاق چاغلىرىمدا خوتەن شەھەر ئىچىدىمۇ مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر «ر» تاۋۇشىنى ئاساسەن ئىشلەتمەيتتى. ئاز ساندىكىلىرى خوتەننىڭ ئۆزگىچە «ر» تاۋۇشىنى تەلەپپۇز قىلاتتى. ھەتتا «ر» ئارلاشقان كىشى ئىسىملىرىدىكى «ر» تاۋۇشىنىمۇ «ي» غا يەڭگۈشلەپ تەلەپپۇز قىلاتتى. خوتەن دېھقانلىرى ھازىرمۇ ئومۇمەن «ر»نىڭ ئورنىغا «ي» نى ئىشلىتىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ خوتەن ناھىيەسىنىڭ دېھقانلىرى.
شۇنداقلا، ھېلىھەم خوتەنلىكلەرنىڭ تىلىدا مەركەزىي دىئالېكىتتى «ر» تاۋۇشى يوق بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە كۆپ سانلىق خوتەنلىكلەر ئۇ تاۋۇشنىڭ ئورنىغا خوتەنچە «ر» تاۋۇشىنى ئىستېمال قىلىۋاتىدۇ.
ئەمدى سىز دەۋاتقان ئاقئېرىق ئۇيغۇرلىرى ئېھتىمال ئابدال قەبىلىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ قەبىلە بۈگۈنكى كۈندە خوتەن ۋىلايىتىدە ئەڭ جىق بولۇپ، بۇ قەبىلە نامىنى خوتەندە ھابدال دەپ ئاتايدۇ.  ئۇ قەبىلە تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئاساسەن سەدىقىغە تايىنىپ جان باقاتتى. مەن ئۇششاق چېغىمدىمۇ ئۆيىمىزگە سەدىقە تېلىگىلى جىق كېلىشەتتى. بۇلار ھازىر ئاساسەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، قاۋاقاش ناھىيەسىدە جىقراق، قالغان ناھىيەسىدىمۇ مۇئەييەن مىقداردا تارقالغان. قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدىمۇ مەلۇم مىقداردا بار دەپ ئاڭلاپتىم. سىز دەۋاتقان ئاقئېرىق يېڭىساردا بولىمىسۇن يەنە؟
ئاشۇ ئابدال ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ساكلاردىن ھاسىل بولغان كېيىنكى قەبىلە بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بەلكىم يېڭىسارلىق قېرىنداشلارنىڭلا خوتەن دىئالېكتىنى چانمىغۇدەك ئۆگۈنەلىشىمۇ مۇشۇنىڭدىن بولۇشى مۇمكىن.
ئەمدى بۇ قەبىلىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كەلسەك، بۇ قېرىنداشلارنى تامامەن ئۇيغۇرلىشىش مۇساپىسىنى پۈتتۈرۈپ بولدى دېيەلەيمىز. ھابدال قېرىنداشلار يېقىنقى يىللاردا ئىچىگە قارىتا پارس لېكسىكىسىنى قوللانغان دېيىلسىمۇ، ئەمما ئەمدىلىكتە بالا-ۋاقىلىرىدىن ھابدال تىلىنى بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك. گەرچە يېشى چوڭراقلىرى بىلسىمۇ، ماكاننىڭ تەرەققىي قىلىشى تۈركىسىدە ئىشلىتىش پۇرسىتى ئاز بولغانلىقتىن ئەۋلادىغا ئۆگەتمىگەن ھەتتا ئۆزلىرىمۇ ئۇنتۇشقا قاراپ مېڭىۋاتقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ھابدال قەبىلىسىنىڭ ئۆرپ-ئادەت، ئېتىقاد، تۇرمۇش ئۇسۇلى، مىجەز خاراكتېرلىرى چوڭ جەھەتتىن ئۇيغۇر ئاساسىي ئاھالىسىنىڭكى بىلەن ئوپمۇئوخشاش. شۇنداقلا سىز دېگىنىڭىزدەك، ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقىدا ئۇيغۇر قەۋمى بىلەن چوڭ پەرقى يوق. ھەم ھابدال قېرىنداشلار پەقەت سالاھىيەت كېنىشكىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاغىزىدىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دەپ بىلىدۇ. شۇڭا بۇ قەبىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قەبىلىسىگە مەنسۇب ئىكەنلىكى ئورۇنلۇق.
مېنىڭچە «تات» لار «ئۇزۇنتات» خەلقىنى ھەم دىيارىمىزنىڭ بۆلەك جايلىرىدا ياشىغان توخۇر ۋە سوغدىلارنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.

0

تېما

0

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-27 23:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinsilin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-27 23:50  

قەدىمى نامەلۇم تىلدا سۆزلىشىدىغانلار يېڭىساردا ئەمەس، يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسى شەخىل كەنتىدە ئىكەن، ئۇلار ئابدال دىيىلىدىكەن. ئۇلار ئاساسەن باشقىلارغا قىز بەرمەيمىش. سىرىتتا ئۇيغۇرچە ، ئۆيىدە ۋە كەنت ئىچىدە ئۆز تىلىدا سۆزلىشەرمىش. ئۆز ئارا ئۇچىرىشىپ قالسىمۇ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىدىكەن دەيدۇ. ئۇلار ئىلگىرى تىلەمچىلىك، خەتنە قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ھازىرمۇ سىرىتلارغا مۇشۇ ئىش بىلەن چىقىدىغانلار بار دەيدۇ. لىكىن ئۇنداق ھۈنەر قىلىدىغانلار ئاز قاپتىمىش. بالىلىرى مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ئوقۇغانلىقتىن ئۆز تىلى بەلكىم بارا بارا يۇقۇلۇپ كىتىشى ئېنىق.
مىنىڭچە بۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىنى تۈزسەك ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ يۇقۇلۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى. تەتقىق قىلىشقىمۇ قولاي بولاتتى. نىمىشقا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن مۇشۇنداق قىلىش نىيىتىگە ئىگە بىرەر زىيالى چىقمايدىغاندۇ........
تىلشۇناسلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ تىلىنى تەتقىق قىلىشقا تەكلىپ قىلىمەن.

2

تېما

0

دوست

1391

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25851
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 163
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 02:11:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 02:21  
pinsilin يوللىغان ۋاقتى  2014-6-27 23:43
قەدىمى نامەلۇم تىلدا سۆزلىشىدىغانلار يېڭىساردا ئەمەس ...


قەدىمقى ھابدال قەبىلىسىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دېگىنىڭىزنىڭ ئاساسى بار. لېكىن سىز كۆرسەتكەن بۇ ئۇچۇرلار سەل كونىراپ قالغان ئوخشايدۇ. مەلۇم بىر خوتەن تارىخشۇناسىنىڭ شۇ قەبىلە ھەققىدە ئېلان قىلغان كېيىنكى ماقالىسىدىكى بايانىدىمۇ، ئەھۋال سىز دېگەندىكىن خېلى پەرقلىق. ئۇ ماقالىدا دېيىلىشىچە ھابدال تىلىنى بىلىدىغان ھابداللار خېلى بەك ئاز قېلىۋاتقان ئىكەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۆي-مەھەللىسىدە ئۆز تىلىنى ئىشلىتەلەش مۇمكىنلىكى ھازىرقى ئۆز تىلسىز ئەھۋالىغا ماس كەلمەيدۇ. خەتنە قىلىشنى دېسەك، ھازىر شەھەرلىكلەر ئاساسەن دوختۇرخانىلاردا، يېزىلىقلارنىڭ بىر قىسمى موللىلاردا قىلغۇزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تىرىكچىلىك يولىنىڭ ئېتىلىپ قېلىۋاتقانلىغىمۇ ئېنىق.
ئۇلار باشقىلارغا قىز بەرمەيدۇ دېگەن گەپمۇ ئەمدىلىكتە ئۆتمۈشكە تەۋە گەپ بولۇپ قالدى. ئىلگىرى دادامنىڭ يېزىسىدىمۇ ھابداللار دەپ بىر توپ كىشى بىر مەھەللىدە ياشىغان ئىكەن. ئۇلار گەرچە ئۆز تىلىنى بىلگەن بولسىمۇ بىراق كەمدىن كەم ئىشلىتىدىكەن. ئۆزئارا گەپلىشىۋاتقاندىمۇ قوشنا مەھەللىلىكلەرنى كۆرۈپ قالدىيۇ، دەرھال ئۆزگەرتىۋالىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاڭلاپ باققان كىشىلەر شۇ زاماندىمۇ ناھايىتى ئازكەن. ھەتتا دادام بىر يېزىدا ياشاپ تۇرۇپمۇ ئاساسەن دېگۈدەك ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاڭلاپ باقماغلىق ئىكەن. بىشكىم تىلىنى سوارپ بارسىمۇ ئاغزىدىن گەپ ئېلىش تۆمۈر خورازنىڭ پېيىنى يۇلغاندىنمۇ مۇشكۈلكەن. دادامغا چوڭ دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇلار پەقەت ھاياجاندىن ئۆزىنى كونترول قىلالمىغاندا ئاندىن باشقا مەھەللىلىكلەر ئالدىدا ئۆز تىلىدا گەپ قىلىپ سالىدىكەن. ئاساسەن جېدەللىشىپ قېلىپ تەلۋىلەشسىلا ھابدالچە دەپ سالىدىكەن. ئادەم چۈشەنگىلى بولغايدىغان جۈملىلەر بىلەن تىللايدىكەن. ئۇ قەبىلىدىكەرنىڭ تولىسى بەستلىك، كۇچلۇق ئادەملەر بولۇپ، جېدەلدە تۆت-بەش ئادەم پومىداقلىۋالغاندىمۇ، بىر پەستىن كېيىن ئۇلارنىڭ تېگىدىن پارتلاپ چىقىپ، ئۇياق-بۇياققا ئېتىۋېتىدىكەن...
مەن تۇغۇلۇپ ئۇ يېزىدا بىرەر ھابدالنى كۆرۈش تۈگۈل، بىرەرسىدىن ئۇلارنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم. دادامنىڭ يۇرت چوڭلىرىدىن ئاڭلىشىچە، ئۇ مەھەللىلىكلەر يۆتكىلىپ كەتمىگەن، قوشنىلار بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن ئىكەن. دادامنىڭ يېزىسى ناھىيە بازىرىغا بەك يېقىن يېزىمۇ ئەمەس. شۇنداق جايلاردىكىلەرمۇ ئۆز-ئارا بىرىكىپ بولغان يەردە شەھەر ۋە شەھەرگە يېقىنلىرى ئەلۋەتتە قالمايدۇ-دە. شۇنىڭغا يانداش قىلىپ يەنە بىر ئىشنىمۇ ئېيتاي، شۇ زامانلاردا ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن نەچچە ئۆيلۈك كىشى شۇ يېزىدا ئولتۇراقلىشىپ، شۇ جايغا بىر مەسجىد سالغان ئىكەن. شۇ كىشىلەر ئەينى دەۋرنىڭ شارائىتى بويىچە بىر مەھەللە ھېسابلىنىپتىكەن. ئۇ كىشىلەرنىڭ بويى يەرلىكلەرنىڭكىدىن روشەن ئېگىز بولۇپ، يۈزىمۇ ئاتنىڭكىدەك يوغان ئىكەن. ئۇلارنىڭمۇ ئۆزگىچە شېۋىسى بار ئىكەن. ئۇلار سالدۇرغان مەسجىد كونا يوسۇن بويىچە لايدىن ياسالغان بولۇپ، تېخى ئىككى-ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا بار ئىدى. يېقىندا چېقىپ يېڭىلاپتۇ. شۇ كىشىلەرمۇ ھازىر يەرلىكلىشىپ كېتىگلىككەن. كەنتداشلىرىدىن ئۇلارنىڭ بالا-ۋاقىلىرىنى ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىغانلارمۇ ئازكەن. گەرچە كىچىك چاغلىرىدا ھابداللارنى شەھەر ئىچىدە دائىم ئۇچراتقان بولساممۇ، لېكىن مەن تا ھازىرغا قەدەر بىرەر ئۆسمۈر ياكى ياشنىڭ «مەن ھابدال» دېگىنىنى ياكى قەبىلە سۈرۈشتۈرۈپ ئەرگە تەگكىنىنى ئاڭلاپ باقمىدىم. سىز دېگەن «باشقا قەبىلىلەرگە قىز بەرمەيدىغان ھابداللار» ھازىر پەقەت، ناۋادا بىر قىسمى تىلەمچىلىك تىرىكچىلىكىنى ئۆزگەرتىپ، تاغ-جاڭگاللاردا چارۋىچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان بولغان بولسا، بەلكىم شۇلارنىڭ ئارىسىدا بارمىكى. خوتەندىكى ھابدال قەبىلىسىنىڭ ئەھۋالى مېنىڭ بىلىشىمچە مۇشۇنداق. قەشقەردىكىسىنىڭ بەلكىم ھازىرمۇ سىز دېگەندەكتۇ.
ئاندىن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ ئىزاھلىق تىلىنى تۈزۈش، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلتۆكۈس ئۇيغۇرلىشىشقا يۈزلىنىشىنى ئۇلارنىڭ ئىچىكى-تاشقى شارائىتى بەلگىلىگەن. يەنى ئەنئەنىۋىي تىرىكچىلىك يولىنى ئۇزاق مۇددەت ئىسلاھ قىلمىغان. شۇڭا زىيالىي چىقىشى تەسراق. ئاندىن ئۇلارنى ئارىغا ئالغان ئىجتىمائىي مۇھىت. ھابدال قەبىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قالغان قەبىلىلىرى بىلەنكى مەدەنىيەت ۋە ئېتىقادنىڭ يۈكسەك ئورتاقلىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. زىيالىي چىققان تەقدىردىمۇ شۇنداق كىشىنىڭ سالاھىيىتى يەنە ھابدال پېتى قالغان بولۇشى ناتايىن.
ۋىلايىتىمىزنىڭ تىلشۇناسلىرى ۋە تارىخچىلىرى ئەلبەتتە قۇربى يېتىشىچە تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. يۇقۇردا تىلغا ئالغان، ماقالىسى ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتچىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئىسمى دەماللىققا يادىمغا كەلمەيۋاتىدۇ. ئاڭلاشلارغا باققاندا تەتقىقات جەريانىنى ياپونىيە تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمى بىلەن ئورۇندىغانمىش.  ئۇ ئىشقا قۇربى يېتىدىغان يەنە باشقىلىرى بولۇشىمۇ ئېنىق. ھەم كونا تىللار بىلەن چامى يېتىشىچە ھەپىلىشىپ تۇرىدۇ. بىراق شۇ ئىقتىساد بىلەن ۋاقت چەكلەپ تۇرۇغلۇق.

7

تېما

8

دوست

2962

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   32.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20919
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 880
توردىكى ۋاقتى: 203
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 06:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىدىمقى ھونلار ئىشلەتكەن تىلنى ھازىر دۇنيادا پەقەت بىرى ئۇيغۇرلار بىرى ۋىنگىريەدىكى قۇمان قەبىلىسىلا ئىشلىتىدۇ.فىنلاندىيەدىكى كونا ئۇغۇر قەبىلىسىدىمۇ بەزى سۆزلەر ئۇچىرايدۇ.
مەسىلەن ماڭ (مىڭىش تۇرۇش) ھور (ھورناندىكى ھور) يۈكۈن(يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇش) دىگەندەك سۆزلەر قىدىمقى ھون تىلىدىن قالغان.باشتا تۇركىي تىللىقلاردا تىپىلمايدۇ.
ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى ھون تاۋۇشى بىلەن تۈرۈكچە تاۋۇشنىڭ بىرىكمىسىدە شەكىللەنگەن.
تۈرۈكچە تاۋۇشلارنى ئۇيغۇرلار كىيىنرەك قوبۇل قىلغان. مۇشۇ نوقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ھون ئىمپىريەسى بولۇپ شەكىللنىشىدىن بۇرۇنقى ساك ، كىيىنكى رورەن تىللىردىكى ئۇسلۇپ ۋە شىۋىلەرنى ھازىر خوتەن ئۇيغۇرلىرىدا ئۇچىرتىش مۇمكىن.
ئېرانلىقلارنىڭ ئۆزنىڭ پايدىسىغا يازغان تارىخقا ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ. ‹ھابدال›دىگەن ئىران پارىسى تەرەپتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن  ئايرىم بىر قەبىلە.ئۇلارنى ئۆزبەكچە ‹لۆلە›دەپمۇ ئاتايدۇ. نەگىلا بارسا تىلەمچىلىك،مەددالىق،پالچىلىق،رەمباللىق داخانلىق كىچىك بالنىڭ سۈننىتىنى كىسىپ قويدىغان... قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىرىدىن شىيەلەر كۆپ چىقىدۇ. چىراي شەكلى قارامتۇل،(ھىندىستانلىقتەك قارا)ئورا كۆز، چاچ ۋە قاشلىرى قويۇق كىلىدۇ.كوچا بازارلاردا كەسپىي تىلەمچىلىك قىلۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ ھابدال قەبىلىسى. ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس.

0

تېما

0

دوست

1465

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29878
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 474
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 08:16:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pinsilin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 08:18  

سىز دىگەندەك ئۇلار ئۆز تىلىدا سۆزلەشتىن نۇمۇس قىلامدۇ ياكى بىزنى يەكلىمىسۇن دەپ قورقامدۇ ئامال بار ئۇيغۇرچە سۆزلەيدىكەن، مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلىرىمۇ ھەرگىز ئۆزىنى ئابدال دەپ ئاشكارىلاپ تاشلىمايدىكەن، چۈنكى ئۇلار ئاتا كەسپى بولغان تىلەمچىلىكتىن خىجىل بولۇپ ئۆزىنى ئاشكارا قىلىشىتىن ھەتتا ئۆز تىلى، مەدەنىيىتىنى ساقلاشتىن ۋاز كەچكەن بولىشى مۈمكىن.
قىزىققۇچىلار قەشقەر يېڭىشەھەر خانئېرىققا كەلسە ئۇلارنى باشقىلار ئاسانلا تېپىپ بىرىدۇ، لىكىن ئۇلار بەك جايىل بولغانلىقتىن ماسلىشىپ بىرىشى بىرگەپ...بىراق ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى ئۇيغۇرچە مۇھىتتا ھازىرغىچە ساقلىيالىشى كىشىنى بەكمۇ تەىسرلەندۈرىدۇ. ئۇلاردىن ئۈگۈنۈش كېرەك! ياشىسۇن ئابداللار.

2

تېما

0

دوست

1740

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25440
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 526
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-28 08:32:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشىسۇن ئابداللار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )