بۇ يازمىنى ئاخىرىدا syawush تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-2 18:09
خوتەن تەرجىمە قىلغۇچى: سياۋۇش
خوتەن ياكى خوتتەن (قەدىمقى خوتەن تىلى بويىچە ھوتەن) جۇڭگودىكى بىر سەھرا بوستانلىقى شەھىرىنىڭ نامىدۇر.
بۇ شەھەر نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى خوتەن ۋىلايەتىنىڭ مەركەزى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى مىڭ ئالتىنچى يىلىدىكى نوپۇس رۇيخېتىگە ئاساسلانغاندا، بۇ شەھەرنىڭ جەمئىيەتى بىر يۈز ئون تۆت مىڭ تەن ئىكەن. خوتەن ياركەند (قەشقەرنىڭ يەكەن ناھىيەسى) نىڭ شەرىقى جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئاھالىسىنىڭ تولىسى ئۇيغۇرلاردۇر.
خوتەن ئۆتمۈشتە، يىپەك يولىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇنىڭ يېقىدا ئىككى دەريا ئاقىدىغان بولۇپ، بىرىنى يەشمى سىياھ (قاراقاش) ۋە بىرىنى يەشمى زەرد (يۇرۇڭقاش) ئاتىشىدۇ. خوتەننى فارسى ئەدەبىياتىدا تولاراق، خوتەن گۈزەللىكى ۋە خوتەن مۇشكى بىلەن ياد ئېتىشكەن بولۇپ، ھافىز (پارس شائىرى ۋە پەيلاسوپى ھاپىز شىرازىي) نىڭ تۆۋەندىكى بېيتى نەمۇنە ئۈچۈن بېرىلدى:
يا رب ان اھوي مشكين بە ختن بازرسان وان سھى سرو خرامان بە چمن باز رسان
ئۇنىڭ دەسلەپكى ئاھالسى، ‹خوتەن تىلى› نامىدىكى تىل بىلەن سۆزلىشىدىغان ئىرانىي نەسىللىكلەر بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندىكى ۋەخىي (ۋاخانىي) لار شۇلارنىڭ ئۇرۇغىدىندۇر. نۆۋەتتە ئاللابۇرۇن نابۇد بولغان بۇ تىل، شەرىقى ئارا ئىرانىي تىللاردىندۇر. قەدىمدە خوتەن خەلقىنىڭ كۆپىنچە كىشىلىرىنىڭ دىنى بۇددا ئىدى. مۇسۇلمانلار مىلادىيە بىر مىڭ ئالتىنچى يىلى بۇ شەھەرنىڭ كونتىروللۇغىنى قولىغا ئالالىغان بولۇپ، كېيىن بۇ زېمىن قاراخانىيلار ۋە قارا خىتايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتكەن. ئۇزۇن مۇددەتتىن كېيىن، بۇ زېمىننىڭ كونتىروللۇغىنى چىنلىقلار قولىغا ئالغان.
تارىخچە
ئىنسانشۇناسلىق ئىزدىنىشلەر، بۇ زېمىننىڭ تۇنجى ئاھالىسىنىڭ ئىرقىنىڭ، ئاتاقلىق ‹كافكاز ئىرىقى› ناملىق تىپتىن ئىكەنلىكىدىن نىشانغا ئىگە ئىكەن. بۇنىڭغا يانداش يەنە بىر گۇۋاھى، بۇ دىياردىكى سەكا (ساك) يى گۆرلىرىدۇر. تەتقىقاتلار كۆرسۈتىۋاتىدۇ كى، ئۆتمۈشتە بۇ دىياردىكى خەلقلەرنىڭ تىپى مەركەزىي ئاسىيا، ھىندى سۇب چوڭ قۇرۇغلۇقى ۋە شەرىقى ئاسىيا كىشىلىرىدىن بىرىكمە، بولغان. ئۆتمۈشتە بۇ زېمىندا خوتەن پادىشاھلىقى نامىدىكى بىر دەۋلەت ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان بولۇپ، بۇددا ئېتىقادىغا ئىگە ئىدى ۋە بۇددا ئەقىدىسىنىڭ ھىندىستاندىن چىنغا سىلجىشى ئۈچۈن كۆۋرۈك بولغان ئىدى.
‹خوتەن› دىن نام ئالغان ئەڭ قەدىمقى ئىرانىي مەنبەلەر ‹ھودۇدۇلئالەم› بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ شەھەرنى ئىككى دەريانىڭ، ھەمدە تېبەت ۋە چىننىڭ ئارلىقىدا ھەم ئىسلام، مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە خوتەنگە يەتكەن دەپ بىلگەن.
بۇددىزىم خوتەندە يۈكسەك ئورۇندىكى دىن ئىدى ۋە خوتەن، بۇددايىلارنىڭ مۇتالىئات بۇلاقلىرىدىن بىرىگە ئايلىنىغلىق ئىدى. تېبەت قوشۇنلىرى مىلادىيە ئالتە يۈز ئاتمىش بەشىنچى يىلى خوتەن شەھىرىنى تەسەررۇپ قىلىۋالغان. ئەمما مەدەنىيەت نەزەرىدىن، بۇ خوتەنلىكلەر تۇبۇتلارنى شۇ تەسەررۇپتىن كېيىنلا، ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئېلىۋالغان ئىدى. بۇ تەسىر ھەممىدىن ئاۋۋال، ئۆزىنىڭ بۇدداچە تېرمىنلار ۋە بۇدداچە تېكستلەر تەرجىمە پەنلىرى جەھەتتە ئىكەنلىكىدىن نىشان بېرىدۇ. مىلادىيە ئونىنچى ئەسىردە، تېبەتلىكلەر خوتەنچە ئېلىپبەنى ھەم، ئۆز تىلى ئۈچۈن تاللىۋېلىشغان ئىدى.
مىلادىيە توققۇز يۈز سەكسەن ئىككىنچى يىلى، كاشغەر (قەشقەر) قاراخانىي خانلىرى خوتەن پادىشاھلىقىغا ھەملە قىلدى ۋە خوتەن مىلادىيە بىر مىڭ ئالتىنچى يىلى، بىر زامان مۇسۇلمان قاراخانىيلىرىنىڭ تەسەررۇپىغا ئايلاندى. بۇددا راھىبلىرىدىن تولىسى، ئۆزىنىڭ مۇقەددەس تېكىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرىنى ھەمراھ قىلىپ، تېبەتكە قاچتى. قاراخانىيلارنىڭ بىر مەزگىللىك ئۈستۈلۈگىدىن كېيىن، بۇددىزىم ھەم خوتەندىن يۈك-تاقىسىنى تاڭدى ۋە ئىسلامغا جايىنى بوشاتتى. ئىسلام بۇ سەھرا بوستانلىغىدا كەڭەيمە ھالەتتە داۋاملاشتى ۋە ئېيتىلدى كى، ئون ئۈچۈنچى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، خوتەن ئۈچ مىڭ پىشناماز مەسجىدىگە ئىگە بولغان ئىدى.
مەنبە:
http://fa.wikipedia.org/wiki/%D8%AE%D8%AA%D9%86
|