- تىزىملاتقان
- 2011-10-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7134
- نادىر
- 0
- يازما
- 449
ئۆسۈش
42.68%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elkelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-9 16:32
ياركەند نىڭ قەدىمكى نامى ئىلىمىزنىڭ خەن دەۋرىدىك تارىخى ماتىرياللىرىدىن «خەننامە، غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە تىلغا ئېلىغان بولۇپ، ئۇ ساكارائۇل (شا چې) دەپ خاتىرلەنگەن. ئۇنىڭدىن كىيىنكى تارىخىي ماتىرياللاردا بۇ نام ياكى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە يەنى مىلادى (1279-1368 يىللار ) خەنزۇچىدا ساكارائول دېگەن نامدا ئۇچرايدۇ. يۈەن دەۋرىدىن كىيىن ياركەند دېگەن شەكىلدە كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تۈركى تىللار دىۋانىدىكى خەرىتىدە ياركەند دېگەن نامدا ئېلىنغان.يەكەننىڭ خەنزۇچە نامى بولغان شاچى بىلەن ياركەند دېگەن نام ۋە ئۇنىڭ بارلىققا كەلگەن يىل دەۋرى توغۇرسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بىرىلىپ، قەدىمكى يەكەندە ياشىغان ساكارائوللارنىڭ خەنزۇچە تەلەپپۇزى بويىچە شاچى دەپ ئاتالغانلىقى مىلادى 11- 12- ئەسىرلەردە بۇ نام ئورنىغا يەنى ساكارائول دېگەن نامنىڭ ئورنىغا ياركەند نامىنىڭ ئالماشقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىندى.
خەننامىدە ساكارائول ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بىرىلگەن:
پىشامشاندىن چىقىپ، قۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى بىلەن تارىم، ياركەند دەريالىرىنى ياقىلاپ، غەربكە مېڭىپ ياركەند (ساكارائول)گە بارىدىغان يول جەنۇبىي يول دەپ ئاتىلىدۇ. جەنۇبىي يول بىلەن غەربكە مېڭىپ، پامىر تاغلىرىدىن ئۆتۈپ، ئۇلۇغ تۇخرىلار ۋە ئارساكقا بارغىلى بولىدۇ.
تاشقورغان بەگلىكى: بەگلىكنىڭ مەركىزى تاشقورغان، ساكارائولنىڭ يەرلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىقچىلىق قىلىدۇ.
كەمىنىلىرى سۇلى، ساكارائوللارنىڭ زېمىنى مۇنبەت ۋە كەڭ، ئۆت چۆپى تولۇق ئىكەنلىكىنى، دۈنخۇاڭ بىلەن پىشامشان ئارىلىقىدەك قاقاس ئەمەسلىكىنى كۆردۈم، لەشكەر چىقارساق خانلىقىمىز ھىچقانچە چىقىم تارتمايدۇ، لەشكەر شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئوزۇق-تۈلۈك، يەم-خەشەكلەرنى تەمىنلىنىپ كېتەلەيدۇ. ....
مىلادىيەدىن ئىلگىركى 209- يىلى باتۇر(مودۇن) نىڭ ھونلارنىڭ تەڭرىقۇتى بولغانلىقى، ھونلار ئۈچۈن ئاجايىپ بىر گۈللىنىش مەزگىلىنى ئېلىپ كەلدى. ھونلار ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ، ئۆزىنىڭ قوشنا ئەللىرىگە زەربە بەردى. توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ بىر قىتىملىق يۆتكىلىش دولقۇنىنى پەيدا قىلدى. بۇ دولقۇندا تۇخرى، ئۇيسۇن، ساك قاتارلىق قەۋملەر غەربكە كۆچۈپ، تارىم ۋادىسىدا، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدا ناھايتى زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. ھونلارنىڭ تەسىرى غەربىي يۇرتقا سىڭىپ كىرىپ، غەربىي يۇرتتىكى كۆپ قىسىم رايۇننى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئادى. ھەمدە مالاي تۇتۇق مەھكىمىسى دېگەن ھۆكۈمرانلىق ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلدى. غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن خانلىق-بەگلىكلەر ھونلارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۆز ئوغۇللىرىنى تۇرقاقلىققا ئەۋەتتى. قەدىمكى ياركەند(ساكارائول) بەگلىكىمۇ ھونلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلاندى. ھەم تۇرقاق ئوغۇل ئەۋەتتى.
يۇقارقى قەدىمكى قەشقەرنىڭ تارىخى جۇغراپىيسى دېگەن كىتاپتىن ئېلىنغان بايانلار بولۇپ، بىز سىياۋۇشنى ئەيىبلەش ئورنىغا ئەرقال بۇرادەردەك ئىلمىي مۇھاكىمە يۈرگۈزسەك بىر بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالىمىز. ۋىكىپىدىيەدىكى فارىسچە مەنبەنىڭ خاتالىقىنى بىلىۋالغانلىقمۇ بىر بىلىم، نىمە ئۈچۈن بىز ئەسلى مەنبە ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەي ھەممىنى ئەينەن تەرجىمە قىلىپ يوللىغان سىياۋۇشنى ئەيىپلەيمىز.
سىياۋۇش بۇرادەر سىزمۇ ئەمدى تەرجىمە قىلىپ يوللايدىغان يازمىلىرىڭىزنى يەنە بىر ئوقۇپ، خاتالىق بايقىسڭىز ئەسكەرتىش بىرىپ يوللاپ قويۇڭ. دېمىسىمۇ ئەرقال ئوتتۇرغا قويغان تارىخ ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ ئەسلى مەنبەدە تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يوللىنىپتۇ.سىزنىڭمۇ بەلكىم تارىخ ھەققىدە كۆپ بىلىمڭىز يوق بولۇشى مۇمكىن. خاتا يېزىلغان تارىخنى ئەرقالدەك تارىخ بىلىدىغانلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ يېزىشىمۇ بىزنى يەنە بىر بىلىم بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
|
|