بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-10 17:37
«ئامېرىكا يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت ، ھازىرمۇ ھەرقانداق بىرەر دۆلەتكە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق »
بوزقىر تەرجىمىسى
[« يەر شارى تورى» نىڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى] تەيۋەن «مەركىزىي ئاگېنىتلىقى»نىڭ 7-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئاقساراينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى تام دوننرۇن تارىختا ئامېرىكىنىڭ ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم چۆككەن بولسىمۇ ئەمما ، ھازىرغا قەدەر ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى ، ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق ئەۋزەللىكىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، تام دوننرۇن «دېپلوماتىيە سېياسىتى » ژۇرنىلىدا بىر پارچە ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ ، گېرمانىيە مۇخبىرى جوفېس جوففېنىڭ « ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشىدىكى سىر» ناملىق كىتابىدىن نەقىل ئالغان. شۇ كىتابتا ئامېرىكىنىڭ ھەر 10 يىلدا بىر چېكىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ تارىختىن مۇنداق مىسال ئېلىنغان : ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سۈنئىي ھەمرا قويۇپ بەرگەندە ۋېتنام بىلەن ئۇرۇشتى، 70-يىللاردا نېفىت كىرزىسىگە پېتىپ ئىشسىزلىق يۇقۇرى پەللىگە چىقتى، 80-يىللاردا ياپونىيە ئىقتىسادى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. مانا بۇلار ئامېرىكىنىڭ چېكىنىش نەزەرىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
ئەمما ، دوننىرون مۇنداق دەيدۇ : «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسىلا ، ئامېرىكا دېڭىزنىڭ تەكتىگە غەرىق بولۇپ كەتمىسىلا يەر شارىدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. كىشىنى خۇرسەن قىلىدىغىنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ گېنىلا ئۆزگەرمەيدىكەن ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ، ئامېرىكا يېڭى كۈچلەرنىڭ مەنبەسىدۇر».
ئۇ مۇنداق دېگەن : «بۇنداق چېكىنىش نەزەرىيىسى مۇشتۇمىنىڭ قايتا تۈگىلىش ئامېرىكا سېياسىيسى پاتقاققا پاتتى، قەرزى ھەسسىلەپ كۆپەيدى ، قۇرۇلۇشى كېيىن قالدى، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ، دېگەن قاراشتىن كەلگەن. بۇنىڭغا ئامېرىكا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىشى كېرەك. خاتا پەرەز قىلىنغان تارىخنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىنلا ئامېرىكا ھازىرقى ئورنىدىن مەھرۇم قالسا بولمايدۇ ».
دوننىروننىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە ، پولات-تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقتارى ۋە ھەربىي قىسىم تۈزۈلۈشى ، ئىقتىساتتىكى ھاياتىي كۈچ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ، مۇقىم بولغان سېياسىي تۈزۈلمە ۋە جانلىق بولغان جەمئىيەت قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى دۆلەت كۈچىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى بولۇپ ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن موھىم ئىكەن. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى تولىمۇ مۇستەھكەم ، ئارمىيە جەھەتتە ئىتتىپاقداشلىرى بار، جۇغراپىيىلىك ئورنى موھىم ۋە مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە؛ نوپۇس قۇرۇلمىسى ، كۆچمەنلەر ۋە يېتەكلەش تەرەپلەردىن ئىبارەت بەش جەھەتتە يادرولۇق ئەۋزەلىككە ئىگە ئىكەن.
ئۇ مۇنۇلارنى مىسال ئالغان : ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش ( ج د پ ) نىسبىتى جۇڭگونىڭكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپ ، پاي بازىرىدىكى جۇغلانما مەبلىغى بەش ھەسسە ئارتۇق ؛ ئالما ، گوگۇل ، فېيىسېبوك ، تىۋېتتېر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىدۇر . ئۇندىن باشقا ئامېرىكا يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت. ئېنىرگىيەدە باشقا دۆلەتلەرگە تايانمايدۇ.
ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن : كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ ج د پ سى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەمما، بۈيۈك بېرتانىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت كۈچى ئەڭ قۇدرەت تاپقان مەزگىللەردىمۇ جۇڭگونىڭ ئىچكىي ئىشلەپچىقىرىش ( ج د پ ) نىسبىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقۇرى ئىدى. ئەمما، جۇڭگولۇقلار تارىخنىڭ ئەشۇ يۈز يىللىق باسقۇچىدىن ئار-نومۇس ھېس قىلىشىدۇ؛ مانا بۇ « چوڭ » لۇقنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ قۇدرەت تېپىشىنىڭ بىردىن بىر ئۆلچىمى بولالمايدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىدۇر.
ئارمىيە جەھەتتە ، ئامېرىكىنىڭ خامچوتى جۇڭگونىڭكىدىن بەش ھەسسە كۆپ . 13 يىلغا سوزۇلغان ئافغانىستان ۋە ئىراق ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ئەمما ، ھازىرمۇ ھەرقانداق بىرەر دۆلەتكە زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويغىنى يوق. يەر شارىدىكى 20 ئاۋىئاماتكىنىڭ 11 ئى ئامېرىكىدا . يەنە كېلىپ ئامېرىكا ھەربىي ئىتتىپاق تۈزگەن دۆلەت 50 دىن ئاشىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئامېرىكا يەر شارىدىكى ئەمەلىي كۈچىنى بىردىن بىر نامايەن قىلالايدىغان دۆلەتتۇر.
ئەمما ، دوننىرون يەنە مۇنۇلارنىمۇ يازغان : ئامېرىكا يەنە دۆلەت قەرزىگە ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشى ، يېڭىلىق يارىتىش ۋەزىيىتىنىڭ سۇسلاپ قېلىشى ، كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تاشلىنىپ قېلىشى ۋە دۆلەت مائارىپ دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك مەسىلىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
http://world.huanqiu.com/exclusive/2014-07/5053023.html |