- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4934
- نادىر
- 0
- يازما
- 475
ئۆسۈش
97.8%
|
tursunjan1 يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 21:18
يەرشارىغا ئىنسان پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئۆلۈم جازاسى ...
بۇ نەقلا فاشىست زىھىننى ئىسپاتلايدىغان ئىنكاس بوپتۇ.
قانۇنشۇناسلار قانۇن چىقىرىشتىن بۇرۇن ئىنسان تەبىئىتى، ئىنسان قىممىتى ئارقىلىق ئىنسان ھەق ھوقوقىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ.قانۇنىي ئىجرامۇ شۇنىڭغا قاراپ بىكىتىلدۇ.
سىز دىگەن قەبىھ جىنايەتلەر ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلدىغان دۆلەتلەردىمۇ تىخىمۇ قەبىھ داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇيەردىكى مەسلە قانۇنشۇناسلارنىڭ بايقىشىچە: رەھىمسىزلىك تۈسى ئالغان تۈزۈمدە جىنايەت نىسبىتى تىخىمۇ كۆپ،كەچۈرۈم تۈسى ئالغان تۈزۈمدە(ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان) جىنايەت نىسبىتى تىىخمۇ ئازلىقىنى بايقىغان.
ئەلۋەتتە بىرسىنى ئۆلتىرۋەتكەن قاتىل ئۆزىمۇ ئۆلۈمگە لايىق، لىكىن ئويلىنىشقا تىگىشلىك بىر مەسىلە بار:ئەگەر ئۆلگىچى بىر دەرياغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكەن بولسا دەريانى ئۆلۈمگە بۇيرىغىلى بولمايدۇ. بىرەر ئىت قورقۇتۇپ ئۆلتۈرگەن بولسىمۇ ئىتنى جازاغا ھۆكۈم قىلمايدۇ. دىمەك تەغدىر دىگەن بار نەرسە.ئەگەر بىرەر كىشى قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بەك ئاددىي جازا بولۇپ قالمامدۇ؟بۇنىڭلىق بىلەن ئىككى جانلىق يوقۇلۇدۇ دىگەن گەپ.(ئۆلىدىغان كىشى تەغدىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۆلۈپ بولدى)ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلسا،ئۆلۈپلا يوقاپ كەتكەندىن تىرىك جاندا ئۈمىت بار،بەلكىم پۇشايمان قىلىپ ئادەم بولۇدۇ،ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى باشقىلارغا ئۈگىتىدۇ،ئۇزۇن يىل قەپەز ئىچىدە جازاسىنى تارتىدۇ،...مەسىلىنى بولۇملۇق تەرەپ بىلەن ئويلىغاندا بولۇملۇق نەتىجە چىقىدۇ دە. ئامرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق شىركەتلىرنىڭ خوجايىنلىرنىڭ بەزىلىرى ئۇزۇن يىل تۇرمىدا يىتىپ، تۇرمىدا كەلگەن ئەقىل بىلەن تۈزگەن پلانلىرى ھۆكىمەتكە ياراپ كىيىن بوشتىلغاندا دۆلەتكە پايدا كەلتۇردىغان كاپىتالىستلاردىن بولۇپ قالغان. روسيەنىڭ تۇنجى ئالەم كىمىسىنى لاھىيلىگەن بالا تۇرمىدا تۇرۇپ لاھىيلىگەن.
دىمەك ئۆلۈككە قارىغاندا تىرىك قالدۇرۇش موھىم.
ئەمما ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىنسان قىممىتىنى بىلىش كىرەك.ئىنساننىڭ پۈتۈن مەخلۇقاتتىنمۇ ئۈستۈن ئالاھىدىلكىنى بىلىش ، قىممەتلەندۈرۈش پىسخىكىسىنى كۈچلەندۈردۇ. قىممەتلەندۈرۈش كۈچلەنگەنسىرى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئادەملەر بىر بىرىنى شۇنچە ھۆرمەتلەپ چوڭ بىلىدىغان بولۇدۇ.ئەكسىچە قىممەتلەندۈرۈش بولمىسا ئادەمنىڭمۇ قىممىتى بولمايدۇ.يەرشارىغا ئىنسان پەيدا بولغاندا ئەمەس فىئودال ھۆكمىرانلىق مەزگىلدە ئۆلۈم جازاسى ئەۋجالغان. دىمكوراتچىلار بىكار جاپا چەكمەۋاتىدۇ شۇ فىئودال ئاڭنىڭ تىگىدىكى فاشىست ئاڭنى يوقۇتۇش ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتىدۇ،بۇ دۇنيانى تەرەققىي قىلدۇرۇش دىگەن گەپ. |
|