ئۆلۈم جازاسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىش كېرەكمۇ؟
بۇ يىلى 10-ئاينىڭ10-كۈنى ئون بىرىنچى نۆۋەتلىك «دۇنيا ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرۇش كۈنى». ب د ت مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر مىكرو بىلوگ تارقاتتى: «نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە 150دۆلەت ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغانلىقى ياكى ئىجرا قىلىشىنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى.» 2012-يىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت 19دۆلەتلا ئۆلۈم جازاسىنى يولغا قويغان. ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ قارارىدا: «ئۆلۈم جازاسىنىڭ قورقۇتۇش رولىنى ھەقىقىي ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق بىر ئېنىق ئىسپات يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى ھەر قانداق بىر ئەدلىيىلىك خاتا ھۆكۈم ياكى مەغلۇبىيەتنى ئەكسىگە قايتۇرۇش ۋە ئورنىنى تولدۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق» دەپ كۆرسىتىلدى. قاراردا يەنە:«ئۆلۈم جازاسىنى قوللىنىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنىڭ ئىنسان قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە كىشلىك ھوقۇقنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ» دېيىلدى.
ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش كېرەكمۇ ياكى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ؟
ئۆلۈم جازاسىنى قوللىغۇچىلارنىڭ قارىشى مۇنداق: قەبىھ جىنايەتچىلەرگە قارىتا قاتتىق جازا قوللىنىپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش زۆرۈر؛ شۇنداقلا يەنە خاتا ھۆكۈم قىلىپ قېلىشىدىن مۇتلەق ساقلىنىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق دەۋا تەرتىپلىرىنى مۈكەممەللەشتۈرۈش، ئىسپات ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئاماللار ئارقىلىق خاتا ھۆكۈمدىن ئىمكانقەدەر ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئۆلۈم جازاسى ھەقىقەتەن رەھىمسىزلىك، بىراق جىنايەتچىنىڭ بىگۇناھ جانغا زامىن بولۇشى تېخىمۇ ۋەھشىيلىكتۇر؛ ئۆلۈم جازاسىنىڭ رولى پەقەتلا قورقىتىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ۋاستە بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. دەيدۇ.
ئۆلۈم جازاسىغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئاساسى ناھايىتى تولۇق بولۇپ، ئۇلار مۇنداق قارايدۇ: خاتا ھۆكۈم چىقىرىلىپ قالسا، ئۇنى توغرىلاش ئىمكانىيىتى يوق، نىمىلا دىگەن بىلەن، ئۆلتۈرۈلگەن ئادەمنى تىرىلدۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ؛ ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئۆزى بىر شەپقەتسىزلىك، باشقىلارنى ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىش تولىمۇ ۋەھشىيلىك بولۇپ، جىنايەتچىنىڭ جىنايىتىنى تونۇپ، ئۆزگىرىپ، جەمئىيەتكە قايتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ؛ ئۆلۈم جازاسىنىڭ قورقۇتۇش كۈچى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنىڭكىدىن زور ئەمەس، ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ئېشىپ كەتمەيدۇ.
زادى ئۆلۈم جازاسىنى ئۈزۈل-كېسىل بىكار قىلىش كېرەكمۇ ياكى ساقلاپ قېلىش كېرەكمۇ؟ ھازىر ب د ت نىڭ باشچىلىقىدا دۇنيادا بۇ تېمىدىكى تالاش-تارتىش ۋە بىلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلماقتا . سىز قانداق قارايسىز؟ بۇ تېمىدىكى قاراشلىرىڭىزنى بايان قىلىپ باققايسىز. ھەمدە قاراشلىرىڭىز ئاساسىدا بىلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ، ئىنسانلىق ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزگەيسىز. پائالىيەت 10-ئاينىڭ10-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئۇندىدار ئارقىلىق بىلەت تاشلىماقچى بولسىڭىز بۇ سالوننى قوشۇۋالغايسىز: hukumdar001
|