قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2930|ئىنكاس: 39

سىتالىن گىتلىر بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

1598

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12986
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 521
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 08:15:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarim315 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-1 12:49  

‏‏.                                                                           

                                                      سىتالىن گىتلىر  بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان   

نۇرمۇھەممەت

2014-يىل 31-ئاۋغۇسىت ( ئامېرىكا)



        يېقىندىن بۇيان ئاشكارلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەخپىي ھۆجەتلەر ۋە  شۇ ھۆجەتلەر  توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا سىتالىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى يىلىدا ناتسىت گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان . پايتەختى موسكىۋاغا جايلاشقان خەلىقىرا كومنىزىم ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر قىسىم مۇتلەق مەخپىي ھۆجەتلەردە كۆرسۈتىلىشچە سىتالىن گېتلىرنى سىياسى جەھەتتىن قوللىغان ۋە سوۋىت ئىتىپاقىنڭ ئوق مەركىزى دۆلەت ئىتىپاقى ۋە بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە گېتلىرىنى قايىل قىلماقچى بولغان . بۇيەردىكى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم مەسىلە سىتالىن  سوۋىت ئىتىپاقىدىكىلا ئەمەس يەنە چەتئەللەردىكى ھەتتاكى ئەنگىلىيەدىكى كومىنزىم تەشكىلاتلىرىنى ناتسىت گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشىقا مەخپىي ھەيدەكچىلىك قىلغان .
        سىتالىن گىرمانىيە ، ئاۋىستىرىيە ۋە چېخدىكى كومىنىستىك پارتىيىلەرنى ناتسىتلار گېرمانىيىسى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ئىستىراتىگيىە توغرىسىدا ئورتاق مەنپەتلەرنى تېپىپ چىقىشقا ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئىچىكى –تاشقى سىياسى مۇھىتىنى تەتىق قىلشقا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ دىگەنلىك  سىتالىن شۇ چاغدىكى سوۋىت ئىمپىريىسى ئىچىدە ۋە  ياۋروپادا مەجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي سوتسىياللار ، سوتسىيال دىمۇكىراتلار ، كاتولىكلار ۋە كومىزىم ئىشچىلىرىنى تىنىچلىق ۋە كومىزىم شوئارى ئاستىدا ئىمپىريالىزىمغا قارشى بىرلىك سەپ تەشكىللىدى دىگەنلىك .   سىتالىن يەنە  شۇ چاغدىكى بولغارىيە پادىشاھلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كومىنزىم تەشكىلاتلىرىنى بۇرۇنقى كونا مۇقامىنى ئۆزگەرتىپ پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇچ چۈشۈردى . سىتالىننىڭ بۇ يەردىكى مەخسىتى بۇ ئارقىلىق بۇلغارىيە خان جەمەتى ۋە پادىشاھنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇلغاريىنى ناتسىت گىرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىىقا دەۋەت قىلىش ئىدى .
        سىتالىن ئادەتتىن تاشقىرى گۇمانخۇر ئادەم بولۇپ ئۇنىڭ بۇخىل سەلبىي خارەكتىرى سوۋىت ئىمپىريىسىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تاشقى سىياسىتىدە  ناھايىتى روشەن ئىپادىسىنى تا پقان . مەسىلەن  سىتالىن ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ  بىرتەرەپلىمىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ گېرمانىيە بىلەن سوۋىتنى ئۇرۇشقا سېلىپ بىر چەتتە قول قۇغۇشتۇرۇپ تۇرۇپ كىيىن سوۋىت ھالىدىن كەتكەندە سوۋىتىنى شەرقى ياۋرۇپادىن سىقىپ چىقىرىۋىتىشتىن ئەنسىرىدى . يەنە بىر تەرەپتىن سىتالىن گىرمانىيىنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك سانائەت ۋە ھەربىي دۆلىتى دەپ قارىغاچقا گىرمانىيە بىلەن  ئۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ  بىرلىكتە دۇنيانى بۆلىشىۋالماقچى بولدى . شۇ سەۋەپتىن گىرمانىيە بىلەن ئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلغان ئىدى .   كىيىن شۇ مەخسەتتە  « ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ ئىككى ئىمپىريە مەنپىئەتلىرىنى تېىخمۇ كونكىرىتلاشتۇردى . يەنى شەرىقى ياۋروپانى ئوتترىدىن تەڭ بۆلىشىۋالماقچى بولۇشتى . دىگەندەكلا شەرتنامە تۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيەپولشاغا غەرىپ تەرەپتىن ، ئارقىدىنلا سوۋىت شەرىق تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى .
        بىراق 1940 يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيىنىڭ غەربىي سەپدىكى ئۇرۇشقا كېرەكلىك ھەربىي سانائىتىنى  مادىيى-ئەيشا تەمىنلەش ئىشلىرىدە قاتتىق قىيىنچىلىق كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالقان يېرىم ئارىلىدا سوۋىت ئىمپىريىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ زىمىن تالىشىش تۇقۇنۇشلىرى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى . گېتلىرى شۇ يىلى ئىيۇن ئايلىرىدا  سوۋىت ئىتىپاقىغا ئۇمۇيۈزلۈك تاجۇۋۇز قىلىشنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشەندى . چۈنكى گېتلىرىنىڭ نەزىرىدە  سوۋىتىنى ئىشغال قىلغاندا بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سوۋىت ئىمپىريىسى بىلەن زىمىن ماجرالىرىنى بىر يوللۇق بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي يەنە ، ئۈچۈنچى ئىمپىريە ئۈچۈن يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق ئامىللار مەۋجۇت ئىدى .(1) سوۋىت ئىشغال قىلىنسا مىليونلىغان رۇس ئەسىرلىرى ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان ئەمگەك كۈچى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولاتتى . (2) سوۋىت كونتۇرۇللىقىدىكى ئوكرائىنا گېرمانىيە ئۈچۈن ئىشەنچىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش  بازىسى بولاتتتى .  (3) سوۋىتىنىڭ مول تەبىيئىي بايلىقى ۋە گېرمانىيە كونتۇرۇللىقى ئاستىدىكى سوۋىتىنىڭ ھەقسىز ئەمگەك كۈچلىرى گېرمانىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى گىئوپولتىكىلىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېىخىمۇ مۇستەھكەملەيتتى . (4) سوۋىتىنى مەغلۇپ قىلىش ئىتپاقداش دۆلەتلەرنى تېخىمۇ يىتىم قالدۇراتتى . بولۇپمۇ بۇنىڭ  گېرماننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان ئەنگىلىيە ئۈچۈن تەسىرى تېىخم زور بولاتتى . (5 ) ئەڭ مۇھىمى گېرمان ئۇرۇش تانكىلىرى، بىرونىۋىكلىرى شۇنداقلا باشقا ھەربىي قورال-ئەسلىھەلەرنى نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئۆكسۈپ قېلىۋاتقان بولۇپ سوۋىتقا ھۇجۇم قىلىش يولى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى . يەنى سوۋىتى كونتۇرۇلقىدىكى باكۇ نىفىتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈش گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئىدى . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يەردە  نىفىت گېرمانىيىنىڭ سوۋىت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ .
        شۇنداق قىلىپ گېتلىر 1940 يىلى دېكابىردا سوۋىتقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارباروسا پىلاننى تاپشۇرىۋالدى ھەم دەرھال تەستىقلىدى . ئۇرۇش كىيىنكى يىلى 6- ئايدا باشلىنىدىغان بولدى .  بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق راۋاجلانغانلىقى ۋە قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقانلىقى يەنە بىر ئايرىم تارىخى مەسىلە ئەلۋەتتە . بۇ يەردىكى ئاساسلىق جەريان سىتالىنىڭ گېرمانيە بىلەن ئىتىپاقلاشماقچى بولۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشقانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە  ئازراق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ، كىيىن گېتلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ سىتالىنىڭ پىلاننىڭ بەربات بولغانلىقىدا . ئاخىردا  خۇلاسسە ئورنىدا  شۇنداىق دىيىشكە بولىدۇكى سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ 1939 يىلدىن بۇرۇنقى ناتستىلارغا قارشى پائالىيەتلىرى ۋە قاتتىق قول مەيدانىدىن يىل ئۆرۈلۈپ بىراقلا ناتسىتىلارنىڭ قوينىغا پۈتۈن سەپ بويۇچە ئۆزىنى ئاتماقچى بولغانلىقى ، يەنى بىر چوڭ دۇنياۋى ئېمپىريىنىڭ تاشقى  سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  180 گىرادۇسلۇق ھالەتتە بۇنداق تېز ئۆزگۈرۈش  يېقىنقى زامان دۇنيانىڭ سىياسى  تارىخىدا  ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال دەپ قارايمەن . بۇ تارىخ بەلكىم روس مىللىتىگە مەڭگۈ ئىشەنگىلى بولمايدىغان، ئۇلارنى ھەرقانداق بىرخەلىق ياكى دۆلەتنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن دوس تۇتۇشنىڭ كەم-كۈتىسىز بىر ئەخمەقلىك ئىكەنلىكىدەك  ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىشى مۇمكىن .

3

تېما

0

دوست

1872

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   87.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 564
توردىكى ۋاقتى: 128
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 12:07:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىلىسى بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى، قان ئىچىمەن دەپلا تۇرىدۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

153

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   56.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6542
تۆھپە : 5677
توردىكى ۋاقتى: 1417
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 12:22:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روس چوشقىلىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى گۇمران قىلىشتىمۇ ياردەم قىلغانكەن، نۇرغۇن ئىنقىلابلىرىمىز، ئىنقىلابچىلىرىمىز كۆتيۈز ئورۇسلار تەرپىدىن ۋەيران قىلىنغان...

0

تېما

5

دوست

9301

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   86.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10825
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 2983
توردىكى ۋاقتى: 405
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 18:11:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 12:22
روس چوشقىلىرى يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى گۇمران قىلىشتى ...

بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار بولسا ھەمبەھىرلەنمەيلىمۇ؟

153

تېما

7

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   56.36%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6542
تۆھپە : 5677
توردىكى ۋاقتى: 1417
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 18:18:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 18:11
بۇ ھەقتىكى ماتىرىياللار بولسا ھەمبەھىرلەنمەيلىمۇ؟

مۇناپىقلار ئۇستازى، جاھلەت پىرى ئاپپاق خوجا دېگەن مەلئون تىبەتلەرنىڭ يالىقىنى يالاپ دالايدىن سەئىدىيە خانلىقىغا ئەسكەر چىقىرىشنى تىزلىنىپ تۇرۇپ ئۆتۈنىدۇ. دالاي غالدانغا يارلىق ئەۋەتىدۇ...شۇ چاغلاردا مۇڭغۇلىيە تەرەپتىن چاروسسىيە چوشقىلىرى ئىلغار قورال-ياراق ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئەۋەتىپ بۇ قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ غەلبە قىلىشىغا ياردەم قىلغانكەن...كېيىنكى بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توىلاڭلىرىمۇ شۇنداق تاماملىنىپتىكەن. يېقىنقى زامانىمىزدىكى قومۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىمۇ روس چوشقىلىرىنىڭ ئويۇنى بولۇپ خۇلاسىلاندىغۇ ئاخىر.

0

تېما

3

دوست

1476

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   47.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22990
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 20:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arkim يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 18:18
مۇناپىقلار ئۇستازى، جاھلەت پىرى ئاپپاق خوجا دېگەن مە ...

بۇ ئىنقىلاب قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى روسلارنىڭ ئويۇنى دېيىلسە، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرنى كەمسىتىش ھېدى گۈپۈلدەيدىكەن.

4

تېما

3

دوست

1890

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   89%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9364
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 197
تۆھپە : 461
توردىكى ۋاقتى: 75
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 22:20:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇلارنىڭ باشقا جەھەتتىكى ۋەدىسىنى ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ ، لىكىن سىياسى جەھەتتىكى ۋەدىسى بۇلارغا تېگىدىغان مەنپەئەتكە قاراپ بەلگىلىندۇ .

0

تېما

0

دوست

251

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   83.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30545
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 22:31:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Sayaq يوللىغان ۋاقتى  2014-9-1 20:42
بۇ ئىنقىلاب قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى روسلارنىڭ ئويۇنى  ...

ئەينى زامانداندىكى روس چوشقىلىرىنىڭ ھىلە-نەيرەڭلىرى بىلەن ھازىرقى كۆرىۋاتقان كۈنلىرىمىز راسقۇ، بۇنى كەمسىتىش دەۋالساقمۇ بولماس، كېيىكى ياشاش يولىمىزدىكى ئاچچىق ساۋاق دەپ چۇشەنسەك قانداق بۇلار؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )