قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ablat

تاماكا توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوق

0

تېما

5

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31149
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 02:40:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن تىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ باشقا تورلاردا ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ (باغداش مۇنبىرىدىن ئېلىندىدەپ.)

0

تېما

0

دوست

237

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   79%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30943
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 05:12:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
atan يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 01:55
ئۇنداقتا كۆپرەك شۇراپ بىرىڭ

بىزدەك ئوغال باللىنى بۇنچىلىك موخۇركا ھىچنىمە قىلالمايدۇ جۇما
سىز شورماڭ جۇما، سىز تىخى كىچىك
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

26

تېما

13

دوست

5745

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 05:56:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماتروس يوللىغان ۋاقتى  2014-9-10 02:40
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەن تىمىڭىزنى كۆچۈرۈپ باشقا تورلار ...

+بۇلۇدۇ .تۇلۇقلىۋىتەي،ماكا چېكىش قان تومۇرىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى . سالامەتلىكىڭىز ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ، كۈندە ئىككى قاپ تاماكا چەكسىڭىز قان تومۇرىڭىز زەھەرلىنىپ ، بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ 50 نەچچە يىللىق تەتقىقاتىغا قارىغاندا ، كۈندە 20 تالدىن كۆپرەك تاماكا چەككەندە ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ، ئۈچ ھەسسە ئاشىدىكەن ؛ يەنە باشقا تەتقىقاتلارغا قارىغاندا ، تۈنىگەندە تاماكا چەكسە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى نورمال ۋاقىتتىكىدىن سەككىز ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدىكەن .
ھەرىكەت ئاز بولسا قان تومۇرىدىكى ئەخلەت كۆپىيىدۇ . ئادەمنىڭ تۆۋەنكى مۈچىسىمۇ ناھايتى ناھايتى مۇھىم ، ئەمما كۆپچىلىك ئۇنىڭغا ھەمىشە سەل قارايدۇ . مېڭە قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى كىشلەرنىڭكىدىن ئىككى –ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ ؛ تۆۋەنكى مۈچ قان تومۇرىدا مەسلە كۆرۈلسە ، بۇ ئېھتىماللىق تۆت ھەسسىگە يېتىدۇ . نورمال ئادەمنىڭ ھەر كىۋادىرات مىللىمېتىر تېرىسىدە 600 تال قىلدام تومۇر بولۇپ ، ئادەتتە ئاران 100–200 ىلا ئېچىلىدۇ ، كۆپ ھەرىكەت قىلىپ بەرگەندە ، تېخىمۇ كۆپ قىلدام قان تومۇر ئېچىلىپ ، مىكرو قان ئايلىنىش تېزلىشىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا ، قان تومۇرىدىكى ئەخلەت تەدرىجى كۆپىيىپ ، بوتقىسىمان داغ پارچىلىرى بولۇپ شەكىللىنىدۇ ، يەنە قىلدام قان تومۇرنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ .
شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى

26

تېما

13

دوست

5745

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5753
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1572
توردىكى ۋاقتى: 718
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 05:58:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەت ئەللىك مەشھۇر زاتلارنىڭ تاماكا تاشلىشى
1.   ماركىس 19- ئەسىرنىڭ 70- يىللىردا ئۇلۇغ ئىنقىلابى ئۇستاز كارل ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىردا تاماكا چېكەتتى. ئۇ بېرلىن ئونىۋېر سىتېتىدا پەلسەپە دوكتۇرلىقى ئىنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقاندا، ۋاقىتىنى تاماكا ئىسى ئارسىدا دىگۈدەك ئۆتكۈزگەن، ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە ئۇنىڭ تاماكا خۇمارى بارغانسىرى كۈچۈيۈپ، بىر قولىداتاماكا، بىر قولىدا قەلەم تۇتۇپ يىزىقچىلىق قىلدىغان بولغان. «كاپتال»نىڭ 1- تومىنى يىزىپ تاماملىغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە كۈيئوغلىغا: « بۇ كىتابنىڭ قەلەم ھەققى تاماكا پۇلۇمغا يەتمەيدۇ» دېگەن.
« كاپتال» نەشىردىن چىققىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇپ توختىماي يۈتۈلدىغان، ھاسىرايدىغان، دىمى سىقىلدىغان، ھاسىرايدىغان بۇلۇپ قالغان. دوختۇر ئۇنىڭ كېسىلگە كانايچە سۇزۇلما ياللۇغى، ئۆپكە ھاۋاللىق ئىشىقى دەپ دىئاگىنوز قويغان. 50 ياشقا كىرگەندە دوختۇر ئۇنىڭغا تاماكا تاشلاش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. ماركىس دوختۇرغا: « مىنىڭ خۇدانىڭ دەرگاھىغا كېتىدىغان ۋاقتىم بۇلۇپ قالدى، تاماكا تاشلاش مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس» دېگەندە، دوختۇر: « تاماكىنى يەنە چېكىۋەرسىڭىز، يۈتەل سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دېگەن. « سىزنى خىزمەت قىلدۇرمايدۇ» دىگەن سۆز ماركىسنى ئەندىشىگە سالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسىراپ، « كاپتال»نى داۋاملىق يېزىش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ نەسىھىتىگە ئاساسەن تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. ئۇ يىزىقچىلىق قىلۋاتقاندا تاماكا خۇمارى تۇتۇپ كەتسە، سىگارتىنى ئېلىپ ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا مىجىپ تاشلاپ ئاغزىغا سېلىپ تاكى كۆڭلى ئېلشقۇچە چاينىغان. كىيىن ئۇ تاماكىنى كۆرسىلا كۆڭلى ئېلشىدىغان ھالەتكە كەلگەن. شۇنداق قىلىپ تاماكىنى تاشلىۋەتكەن، كېسىلىمۇ بارا- بارا ياخشىلانغان. ماركىس « كاپتال» نىڭ 2-، 3- تومىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالنى يىزىپ تاماملاپ، پۈتۈن دۇنيا پىرولتارلىيات ئىنقىلابىغا نەزىريىۋى ئاساس سالدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈردۇكى تاماكا تاشلىغلى بولمايدىغان نەرسە ئەمەس، مەسلە شۇ كشىنىڭ ئىرادىسى ۋە جاسارىتىگە باغلىق.
2.  ئېنگىلىس ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشنى ئۆگىنىپ قالغان. ئۇ دوسلىرغا مۇنداق دېگەن: « قۇياش پارلاپ چىققان باھار كۈنلىرنىڭ ئەتىگەنلىرى، باغچىدا قۇياشقا كەينىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ تاماكا چەككەچ كىتاب كۆرۈش ھەقىقەتەن راھەت» ھايتنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە، ئېنگىلىس تاماكا چەككەنلىكنىڭ ئېغىر زىينىنى چۇڭقۇر ھىس قىلغان. سالامەتلىكنى ئاسىراش ئۈچۈن ئۇ بىر مەزگىل تاماكىنى پۈتۈنلەي تاشلىغان، كېيىن ئۇ دوسلىرىغا مۇنداق دېگەن: « تاماكا نېرۋىغا زىيان قىلدىكەن، شۇڭا مەن تاماكا تاشلىمسام بولمايدۇ، تاماكا تاشلاشقا ئانچە كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، ھازىر مەن ئىككى، ئۈچ كۈندىمۇ بىر تال تاماكىنى چېكىپ بۇلالمايمەن.»
3.  لېنىن 17 ياش ۋاقتىدا تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغان. لېنىنىڭ ئانىسى مارىيا ئالىكساندىروۋنا دوختۇرنىڭ قىزى بولغاچقا، تاماكىنىڭ زىينىنى ياخشى بېلەتتى. ئۇ لېنىنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، نۇرغۇن قېتىم لېنىنغا تاماكا تاشلاشنى ئېيىتقان. چۈنكى، لېنىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. ئۇ لېنىنغا: « ئۆزۈڭ ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن ئىلگىرى، زۆرۈر بولمىغان بارلىق چىقىمنى ئازايتىشىڭ كېرەك. داداڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن كىرىمىمىز ناھايىتى چەكلىك بۇلۇپ قالدى، تاماكا سېتىۋالساڭ ئائىلىمىزىنىڭ بىر تۈرلۈك چىقىمى كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېگەن. شۇ چاغدا لېنىن ئىنقىلابىي پائاليەتلەرگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن ھەيدەلگەن ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ھىچقانداق ئائىلە كىرىمى يوق ئىدى. ئائىلىسمۇ ناھايىتى نامرات ھەم ئىككى يىل ئىلگىرى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بۇلۇپ، نەپىقە پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇشنى قامدايتتى. ئانىسنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدىغان لېنىن ئانىسنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، ئېشىپ قالغان تاماكىنى يانچۇقىدىن ئېلىپ ئانىسنىڭ كۆيدۈرۋېتىشىگە بەرگەن ھەم: « كەچۈرۈڭ ئانا مەن بۇلارنى ئويلاپ باقماپتىمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ تاماكىنى تاشلايمەن» دېگەن. لېنىن ئىنتايىن جاسارەتلىك ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ زادىلا تاماكا چىكىپ باقمىغان. كىيىن لېنىن ئۆزىنىڭ ئىشخانىسغا « تاماكا چېكىش مەنئى قىلىندۇ» دېگەن خەتنى چاپلاپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ چەكلىگەن. بىر كۈنى لېنىنىڭ ئىشخانىسدا يىغىن ئېچىلغاندا، لېنىن ئۆينىڭ ئىسقا تۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئاچچىقلىنىپ، تامدىكى « تاماكا چېكىش مەنئي قىلىندۇ» دېگەن خەتنى يىرتىپ تاشلاپ: « قائىدە- تۈزۈمنى مۇشۇنداقمۇ ئاياغ ئاستى قىلغان بارمۇ!» دېگەن. بۇ باشقىلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن لېنىننىڭ ئشخانىسىدا ھېچكىم تاماكا چەكمەيدىغان بولغان.
4.  دې گول فرانسىينىڭ سابىق زۇڭتۇڭى دې گول ياش ۋاقىتلىردىلا تاماكىغا خۇمار بۇلۇپ قالغان. ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « قولىدىن تاماكا، ئاغىزىدىن ئىس ئايرىلامايدۇ» دەپ مازاق قىلغان. لېكىن، ئۇ 50 ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن تاماكىنى بىراقلا تاشلىۋەتكەن، ھەم شۇنىڭدىن كىيىن تاماكىنى ئاغىزىغا ئېلىپ باقمىغان. دې گولنىڭ دوستلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران بۇلۇپ، ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش سىرىنى سورىغان، دې گول قىسقىلا قىلىپ: « مۇرەسسە قىلماسلىق» دەپ جاۋاپ بەرگەن. ئۇنىڭ تەجىربىسى بۇيچە تاماكا تاشلىماقچى بولغان كىشى ئىرادە ۋە ئىشەنىچ تىكلەشتىن باشقا، ئۆز ھەركىتىگە ئىزچىل كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇ تاماكا تاشلىغان كۈندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ تاماكا بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئازايىتقان. ئۇ ئۆز تەسىراتىنى سۆزلەپ: « تاماكا تاشلاشتا مەغلۇپ بولغان كىشلەر تاماكا چىكىلۋاتقان مۇھىتنىڭ ئېزىقتۇرشىغا تاقابىل تۇرالمىغان كىشلەردۇر» دېگەن. شۇڭا، دې گول بارلىق سورۇنلاردا بىرەرى تاماكا سۇنۇپ قالسا: « مەن تاماكىنى قايتا چەكمەسلىككە ئۆزۈمگە ۋەدە بەرگەن، مەن گېپىمدە تۇرىمەن» دەپ رەت قىلغان. تاماكا مۇھىتى بىلەن مۇرەسسە قىلماسلىق- دې گولنىڭ بىر قېتىمدىلا تاماكىنى تۇلۇق تاشلىيالىشنىىڭ سىرى.
5.  رېگان ئامېركىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى رېگاننىڭ تاماكا خۇمارى خېلىلا كۈچلۈك بۇلۇپ، قولىدىن تاماكا چۈشمەيتى. 1985- يىلدىن باشلاپ ئۇ تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىننى تۇنۇپ يېتىپ، تاماكا تاشلاشقا ئىرادە باغلىغان. 1987- يىلى رېگان تاماكا قېپىغا « تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇش سۆزىنى يىزىش ھەققىدىكى قانۇن لاھىيسىگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2000- يىلىدىن بۇرۇن ئامېركىنى ھىچكىم تاماكا چەكمەيدىغان جەمىيەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرشىشنى ئوتتۇرغا قويغان.
6.  كاستىرو كۇبا جەميىتىنىڭ رەئىسى كاستىرونىڭ سىگارىت خۇمارى دۇنياغا داڭلىق، ئۇ بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ ئاندىن تاماكىنى رەسمى تاشلىغان. ئۇ ھاۋانادا چىقىدىغان «سىگارىت ھەۋەسكارلىرى» ژۇرلىنىڭ مۇخبىرىغا: «ئەمما مەن چۈشۈمدە تاماكا خۇمارىدىن چىقىمەن» دىگەن. ئۇ يەنە: « مەن بىر مەيدان تاماكا تاشلاش پائاليىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم، شۇڭا ئۈزۈم ئۈلگە كۆرسىتىپ تاماكا تاشلىمسام بولمايتتى» دىگەن. ئۇنىڭ تاماكا تاشلاش ھەركىتىدىكى تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ ب د ت نىڭ دۇنيا ساھىيە تەشكىلاتى ئۇنىڭغا بىر دانە ئالاھىدە ئوردىن تەقدىم

1

تېما

0

دوست

2261

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30232
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 680
توردىكى ۋاقتى: 149
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 08:45:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك دادام ؛
بالام ھاراق دىگەن ئېشەكنىڭ سۇيدىكى
تاماكا دىگەن ئېشەكنىڭ پۇقى دىگەن ئىدى
تىما ئىگىسىگە رەھمەت، چۇشەنچىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۋالدۇق

ANA TILNI KOGDAX HAMMA UYGURN

2

تېما

0

دوست

2415

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9859
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 377
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 151
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 13:06:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ تاماكا چېكىۋاتقىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى،مۇشۇ نەچچە كۇندىن زۇكامداپ قېلىپ،يۆتەلمۇ قوشۇلۇپ كەلدى.ئىلگىرى دورا يېمىسەممۇ نەچچە كۈندە ساقىيىپ قالاتتىم.بۇ قېتىم ئۇنداق بولماي قالدى.پەقەت بولماي دوختۇرغا كۆرۈنۈپ ئاران دىگەندە ئوڭشالغان بولدۇم.ياخشى يېرى زۇكام بولغاندىن بۇيان بىر تالمۇ تاماكا چېكىپ باقماپتىمەن.ئەمدى ساقىيىپ سەل چەككۈم كېلىپ تۇرىدۇ.لېكىن شۇنداقتىمۇ چىداپ چەكمەيۋاتىمەن.مۇشۇ پېتىلا تاشلىۋالسام بەك ياخشى بولاتتى.تېمىڭىزغا رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

376

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   38%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30008
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 14:53:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنجىرى
يەتكۈچە دەردى بارلارنىڭمۇ ئەڭ يېقىن دوستىسەن تاماكا،
لاغايلاپ يۈرگەن بىكار تەلەپ لالمىلارنىڭمۇ دوستىسەن تاماكا.
كىچە-كۈندۈز تىنماي ئىچىپ يۈرگەن ھاراقكەش، زابوي نوچىلارنىڭمۇ،
ئەبدىلئەبەد ئايرىلماس جان-جىگەر قېرىنداش، سادىق ھەمراھىدۇرسەن تاماكا.

سىنى پۇلى بارلار ۋە ئازراق پۇلى بارلارمۇ چىكىپ تۇرىدۇ،
موچەن پۇلى يوق چىكەرمەنلەر ئالالمىسا دۇكانلارغا قاراپ قويىدۇ.
خۇمارى تۇتقان بەڭگىلەر ئانچە-مۇنچە باشقىلاردىن سوراپ تۇرىدۇ،
ئەنە شۇنداق ئادەملەر ۋە چىكەرمەنلەرنىڭ غەمگۈزارىدۇرسەن تاماكا.

سەن بەڭگىلەرگە بولىسەن بەزى ۋاقىتلاردا ئاتا-ئانىدىنمۇ قەدىرلىك،
سىنى چەككەن ئادەملەر ۋە بەڭگىلەر سېزىدۇ ئۆزىنى شىر كەبى بەھەيۋەتلىك.
گاھىدا تارتىدۇ ئادەملەر،بەڭگىلەر غەم-قايغۇ سەۋەبلىك سىنى ھەسرەتلىك،
دەردمەنلەرنىڭ ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئۈنۈملۈكرەك <<تەسەللىيىسىدۇرسەن>>، تاماكا.

سىنى تېرىش شۇنداقلا ياساش ئىنسان تەرەپتىن بولغان ئىدى ئەڭ دەسلەپتە پەيدا،
بولغان ئىدىغۇ يەنە پۇللىرى قالمىغۇچە سىنى چىكىشمۇ مودا.
شۇ تۈپەيلىدىن بولۇۋاتىدۇ بازارلاردا ئىنتايىن كاتتا سودا،
تېرىلىش ۋە شۇنداقلا ياسىلىشنىڭ زامانىۋى<<مودىسىسەن>>تاماكا.

ئۈزۈلمەستىن سېتىلىپ تۇرىسەن بىر يىكىنڭكى ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۈنى،
ئاشۇلارمۇ گوياكى يەتمىگەندەك سېتىلىپ تۇرىسەن ھەر تۈنى.
دۇكاندارنى كىچىدە ئويغىتىپ بولالماي پۈتۈپ قالدۇ بەڭگىنىڭ ئۈنى.
بەڭگىلەرگە، چەككۈچىلەرگە ئاتەش كەبى مىھرى ئىسسىق تاماكا.

تاماكىنى چەككەنلەر ئۇزۇن مۇددەت شۇنىڭدەك تالاي ۋاقىت تاشلىيالمايدۇ،
يانچۇق بوش قالغاچقا تاماكا سەۋەبتىن. باشقىلارنى ئۆيىگە باشلىيالمايدۇ.
يەتكۈچە قەرىزلەرگە بوغۇلۇپ ياكى ئۆيلىرىدە خاتىرجەم ياتالمايدۇ،
كىشىلەرنى ئارامىدا قويماي ھارماي پاراكەندە قىلغۇچى تاماكا.

تاماكىلارنىڭ ئىنتايىن كاتتىسى ۋە ئالىي سەركەردىسىدۇر خىروئىن،
شۇ تاماكىنىڭ قاتارىدىن ئەسلا قېلىپ قالمايدۇ شۇنداقلا كوكائىن.
باھاسى ئەرزانراق بولسىمۇ تاماكىنىڭ بىر تۈرىدۇر <<خادامىن>>.
تۈرلىرىڭ ئىتنىڭ تۈكلىرىدىن ۋە قۇرۇتلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ تاماكا.

بىر –بىرىدىن ئىسىل خىلمۇ-خىل تاماكىلار پۇكەيلەردە تىزىلىپ،تۇرىدىكىەن
ئېلىشارئىكەن خېرىدارلار بەس-بەستە بىر- بىردىن قېلىشماي قىزىشىپ.
سېتىلمىسا تاماكىلار، تۇرىشىدىكەن يىتىم بالىلاردەك گۆشىيىشىپ،
خېرىدارلار پۇللىرىنى دۇكانلارغا كىرگۈزگۈچى تاماكا.

<<تاماكا باشقۇرۇش>>نىڭ ئۆز ئالدىغا يىغىنى بار بولۇپ، تۇرار ئىكەن ئېچىلىپ،
تاماكا نورمال سېتىلمىسا شۇ ئورۇننىڭ مەسئۇلى سۆزلەيدىكەن چېچىلىپ.
تاماكىلار ياخشىراق سېتىلسا باشلىقنىڭ چىرايى تۇرار ئىكەن ئېچىلىپ،
تاماكا سېتىشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا يىغىن ھەم قائىدىسى بار ئىكەنغۇ تاماكا.

سىنى ئىنسانلار تىللاپ قارغايدۇ:<<دوزاخنىڭ بېلىتى>>، دەپ،
پۇل تاپالماي قالسا ئېلىشقا سىنى، يۈرىدۇ بوران كىكىرىپ ھاۋا يەپ.
دىيىشىدۇ يەنە ساقاللىرىنى تۇتۇشۇپ: ئەمدى سىنى تاشلىمىسام خەپ!
ئەنە شۇنداق قارغىشلارغا، لەنەتلەرگە توختىماستىن سەۋەبچىسەن تاماكا.

تاماكىلار دىگەن ئادەمنى ھەرخىل كىسەللەرگە گىرىپتار قىلىدىكەن،
شۇ كىسەللەر ئىچىدە قورقۇنۇچلۇق<<راك، ئەيدىز>> قاتارلىقلار بار ئىكەن.
تاماكا چەككەن ئادەملەرگە ئۆيلىرىمۇ گوياكى قاپقاراڭغۇ گۆر ئىكەن،
ھەر خىل قورقۇنۇچلۇق كىسەللەرنىڭكى<<مەنبەسى>> سەن ، تاماكا.

0

تېما

1

دوست

1979

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   97.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30143
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 588
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-10 18:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ ساقلىسۇن شۇ نىجىستىن...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )