- تىزىملاتقان
- 2012-8-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2562
- نادىر
- 0
- يازما
- 76
ئۆسۈش
18.73%
|
1. مۇنبەرداشلارغا سوئال:
salih99 نى ئۆزەڭلارنىڭ، ئاكا- ئېنىڭلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە، ئەگەر salih99 ئۆيلەنمەكچى بولغان قىز ھەمشىرەڭلار بولغان بولسا، ئۇنىڭغا قانداق مەسلىھەت بېرەتتىڭلار؟ بۇ تەرەپتىنمۇ ئويلۇنۇپ باققايسىلەر.
2. salih99 غا:
ئاتا- ئانىڭىز ۋە قېرىنداشلىرىڭىزنى قايىل قىلىپ بولالمايسىز، چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئېڭى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى، ھېسسىياتى، ئېتىقاد دەرىجىسى ... سىز بىلەن ئوخشاش ئەمەس، ئۇلارنى قانچىكى قايىل قىلىشقا تېرىشسىڭىز، ئۇلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرى سىز بۇ تۇرمۇشنى مەيلى قۇرۇڭ ياكى قۇرماڭ، بىر ئۆمۈر ئازابلايدۇ، بەختلىك بولىشىڭىزغا پۇتلا- كاشاڭ بولىدۇ. شۇڭا، پەقەت ۋە پەقەت ئەرلەرگە خاس جاسارەت بىلەن ئۆزىڭىز بىر قارارغا كېلىڭ- دە، ئۆزىڭىز توغرا كۆرگەن يولغا مېڭىڭ.
ھەر كىمنىڭ ھەر نېمە دەيدىغانلىقىغا مۇنداق بىر مەسەلنى دەپ بېرەي.
بىر ئادەم خورىزىنىڭ بوينىغا بىر كولدوما ئېسىپ قوياپتىكەن، تۈنجى كۈنى مەھەللىلەردىكىلەر:
__ ۋاي قاراڭلار، خورازنىڭ بوينىغىمۇ كولدوما ئېسىپ قويغان نەدە بار؟
__ ۋاي توۋا، يا بۇ بىر مۈشۈك بولمىسا!
__ شۇنى دېمەمدىغان، مىكىيان بولسىمۇ كاشكى!
__ ھا- ھا- ھا، ھى- ھى- ھى ...
ئىككىنچى كۈنى ھەيران قالىدىغانلار ئازلاپتۇ، ئۈچىنچى كۈنى تېخىمۇ ئازلاپتۇ، ... ھەپتە- ئون كۈندىن كېيىن ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولاپتۇ.
بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى شۇنداق، ئاخىرىدا ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن بولىدۇ.
كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزنىڭ ياخشى بولۇش- بولماسلىقىنىمۇ جىق ئويلۇنۇپ كەتمەڭ، قالغىنى ئىرادە- تەقدىر. قىز ئالغانلارمۇ ئىرادە تەقدىر دەپ ئالىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاشلا ھەر خىل ئىھتىماللىقلار بولىشى تەبىئىي ئەھۋال.
شۇ نۇقتا مۇھىمكى، جۆرە تاللاشتىن ئىبارەت %80 ھوقۇق ئۆز ئىلكىڭىزدىكى ئىشتا، ئۆز ھوقۇقىڭىزنى يۈرگىزەلمىسىڭىز، بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىسىز! قايسى بىر ئىشتا %80 ھوقۇقىڭىز بار؟ ئويلۇنۇپ كۆرۈڭ.
ئەلۋەتتە، قەتئىي بىر قارارغا كېلىشتىن ئىلگىرى، قارشى تەرەپنىڭ پىكرىنى ئېلىڭ. خىيالىڭىزدا، مەنلا تەلەپ قويسام، ئۇ «جان غوجىكام» دەپ قوشىلىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالىشىپ قالىسىز، كىم بىلىدۇ، ئادەتتىكى قىزلارنى «كەلتۈرۈش» تىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۈچ سەرپ قىلامسىز تېخى، چۈنكى، قارشى تەرەپ ئەردىن سەسكىنىپ كەتكەن بولىشى مۈمكىن، مۇزلىغان يۈرەكنى ئېرەتمەك ئۈنچە ئاسان ئەمەس.
(ھەجەپ جىق سۆزلەپ كەتتىم- يا، كەچۈرۈڭلار)
__ |
|