قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: koktash

يۇغۇر يۇرتىغا ساخاۋەتتىن ساياھەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

44

تېما

2

دوست

7716

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6560
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 719
تۆھپە : 1987
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 07:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېمىنى ئوقۇپ ۋە سۈرەتلەرنى كۆرۈپ بىرقىسمىلا بولۇپ قالدىم.

0

تېما

21

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 18:39:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 19:03
مېنىڭ ئىنكاسىمنى يەنە بىر ئوقۇپ بېقىڭ !مەن قالايمىقان  ...

لېكىن جەنۇب تەرەپلەردە بۇ خىلدىكى تارىخنى قوبۇل قىلمايدىغان بىر قىسىم نادان جاھىللار بولىدىكەن ، بەلكىم شۇ ئىش بەك تەسىر قىپ كەتكەچكە بەكرەك ئۆزەمنى تۇتالماي قايناپ قالغان ئوخشايمەن . بىز بۇ تارىخقا نىسبەتەن قېنىمىز خەقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ شالغۇتلاشتى دەپ ئاغرىنماي بەلكى ئەكسىچە بىز باشقىلارنى ئۇيغۇر ئىتنىك تەركىبى ئىچىگە سىڭىشتۈرۈپ دۇنيادىكى كۈچلۈك ئىپېراتورلۇقلارنى قۇرغان ئەجدادىدىن تاندۇرۇپ ، ئۆز تىلىمىزدا سۆزلىتىپ ، ئىسلام يولىغا كىرگۈزگەنلىكىمىزدىن ئالەمچە پەخىرلەنسەك بولىدۇ . تۈرۈكىي مىللەتلەر ئىچىدە كىملا بولسا ئۆز ئەجداتلىرىنىڭ شانۇ-شەۋكىتىدىن بەك خۇرسەن ، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئاللا يولىدا بېسىلغان ھەر بىر قەدىمى ئۈچۈن ئاللا ئىگىمىزمۇ رازى بولغۇسى ..... ! ئۇنىڭ ئۈستىگە سالجۇق تۈرۈكلىرىنىڭمۇ ئاناتولىيە ۋادىسىدا يەرلىكلىشىپ شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈشىمۇ مۇڭغۇللارنىڭ بىزگە سىڭىشكىنىگە ئوخشاشلا زورلۇق كۈچ ۋاسىتە بولماي يەنىلا مەدەنىيەتنى ئاساس قىلغانىكەن . ھەي ، لېكىن بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بولسا ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ ، بۇرۇنقىلاردەك بولالمىساققۇ مەيلى ئەڭ ئاددىيسى ئۆزۈمىزنى ئۆزىمىز ئوڭشىيالماي يۈرۈيمىز ، نەگىلا قارىسا بۇزۇقچىلىق .......  پەقەت شۇ قۇرۇقتىن قۇرۇق ئەجدادىمىزدىن پەخىرلىنىپ ، يە بىر باشقا ئەپچىققىدەك بىر ئىش قىلالماي ، بىكارچىلىقتىن بىرىمىزنىڭ كەينىدىن بىرىمىز سۆكۈشۈپ كۆرەلمەي دېگەندەك .......  بۇنداق بولىۋەرسە ئۆزۈمىزنىمۇ ، نام شەرەپ ھەتتا ھەر بىر ئادەم ئۆز ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قالامدۇ تېخى ..... ئەجداتلارغا قانداق يۈز كېلىش ، ئەۋلاتلارغا نېمە دېيىش بىر مەۋھۇم ئۇقۇمغا ئايلانغىلى تۇردى ھازىر .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-28 22:57:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 23:00  
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 13:01
سىز ئۇيغۇرمۇ ؟
،6000يىللىق كرورەن گۈزىلىنىغۇ سۆزلىمەي ت ...

مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان «ئۇيغۇر» دېمىگەن، بەلكى "تۈرك" ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىگەن. ئۇ زامانلاردا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى سەۋەبلىك، «ئۇيغۇر» ئىبارىسى «بۇددىست، دىسىز، كاپىر» دېگەن مەنالار بىلەن تەڭداش بولۇپ قالغان ئىدى. خۇددى ھازىرقى ھىندىستان ۋە پاكىستاندەك، پاكىستانلىقلارمۇ ئەمەلىيەتتە ھىندىلارنىڭ ئەۋلادى، پەقەت ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۆزلىرىنى پاكىستانى دەپ ئاتايدۇ.
ھەزىرىتى ئەلىشىر نەۋائىينى كىم كۆپرەك تەتقىق قىلسا، شۇ مىللەتكە تەۋە بولۇپ قالمايدۇ. ئېنىقكى، ئەلىشىر ناۋائىي ئۇيغۇر، يەنى ھەقىقىي قەدىمكى ئۇيغۇرنىڭ پۇشتى. لېكىن ھازىرقى ئۇيغۇرلار بىلەن قەدىمىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۈزۈكچىلىك بار.
بىز ئەلىشىر ناۋايى زامانىسىدا مۇغۇل دەپ ئاتىلاتتۇق، 20-ئەسىر كىرگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر نامىنى قوللاندۇق. لېكىن ئۇددۇل كەلگەن يېرى شۇكى، تۇرپان ۋە قەشقەردىن ئىككى بۈيۈك پايتەختتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى تارىخىي ۋەسقەلەردىن مەلۇم.
ئۆزبەككە كەلسەك، ئۆزبەكلەر مۇغۇل بىلەن شايبانخان باشلاپ كەلگەن ئۆزبەكلەرنىڭ جەملەنمىسى. لېكىن «شەجەرىئىي تۈرك» ناملىق كىتاپتىن مەلۇم بولىدىكى، ئاشۇ شيابانخاننىڭ ئۆزبەكلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر، نايمان ۋە تۈركمەندىن تەشكىل تاپقانلىقىنى بىلمەك قىيىن ئەمەس. ئۆزبەك قەۋىمىنى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىنىڭ قوغداپ قالغانلىقىنى بىلىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس. پەرىزىمچە، ئاشۇ ئۆزبەكلەرنىڭ تەركىۋىدە، ئۇيغۇرلار %60، نايمانلار %30، تۈركمەنلەر %10 ئىگىلىشى مۇمكىن. ئۆزبەك تەركىۋىدىكى تۈركمەنلەر ئاساسەن تۇتۇپ كېلىنىپ قۇل قىلىنغانلاردۇر.
گەپنى قىسقارتساق، ھازىرقى ئۇيغۇرلار ئىككى پايتەخت ئۇيغۇرلىرىدىن، ئۆزبەكلەر بولسا ئاساسلىقى ئىككى قەدىمكى ئۇيغۇر قەۋىمىدىن (ئۇيغۇر ۋە موغۇل، يەنە نايمان بىلەن تۈركمەنمۇ بار) تەركىب تاپقان دېيىشكە بولىدۇ.
بىز تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى، ئۆزبېكلەر بولسا ئەمىر تۆمۈر بىلەن شايبانخاننىڭ قوشۇلمىسى.
لېكىن يېقىنقى يىللارغىچە، ئۇيغۇر بىلەن ئۆزبەكنىڭ بىر مىللەتتەك ياشاپ كەلگىنىگە ھېچكىم كۆز يۇممايدۇ.

0

تېما

21

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 113
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 03:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 22:57
مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچ ...

نېمىگە ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەن دەيسىز ، سىز زادى قانداق تارىخ ئوقۇدىڭىز قېرىندىشىم ، پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلۇقىغا شاھىد بولالايدىغان ھەتتا بولىدىغان تۇرسا ، كاللىڭىزنى چايقىۋېتىڭ بۇ سىزگە قىلىنغان چىرايلىق رەددىيە . بىلمەمسىز نېمە ئوغۇزنامە كىمنىڭ قولىدا يېزىلىپ پۈتتى ، ئۇيغۇرنىڭ قولىدا ، ئوغۇز قاغان ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى ئىكەنلىكىنى ، باشقا قەبىلە ناملىرىنى شۇ قەبىلىلەرگە ئىئانە قىلغانلىقى سۆزلىنىدۇ ، ھەرگىز ئۇيغۇر نامىنى بەرگەنلىكى سۆزلەنمەيدۇ ، بەلكى ئۇيۇغانلار بىرلەشكەنلەرنىڭ قاغانىمەن دەپ ئۇيغۇر قاغانى سۈپىتىدە چىقىدۇ ، دېمەك ئۇيغۇر تۈرۈكلەرنىڭ ھەم دۆلەت نامى ھەم مىللەت يىلتىز نامى . تۈرۈكلەر چوڭ ئىككى تارماق بولۇپ شەكىللەنگەن ، بىرسى ئوغۇز ، بىرسى قىپچاق ، قىپچاق كېيىن توپتىن بۆلىنىپ چىقىپ شەكىللەنگەن ئۇقۇم . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بەرگەن بەزى مەلۇماتلىرىدىن تارىم ۋادىسىدا خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىكلەشكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ ، سىز بۇنى بىلمەمسىز نېمە ، يەنى مىلادىدىن 4 ئەسىر ئىلگىرى ئالېكساندېر زۇلقەرنەيىننىڭ قەدەم ئايىغى بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگەندە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئېغىر ئۇچراپ ئامالسىز قېلىپ ‹ بۇلار ئۆز ئوزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلاردىنكەن ، بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمىغۇدەك › ، پەرلىرى قاناتلىرى لاچىندەك  چەپدەس دەپ تەرىپلەپ تەسۋىرلەشلىرى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەنچە مەنبەلەردىكى لاچىندەك پەرۋاز قىلماق دېگەن مەنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇرۇنقى ئاتىلىشى بولغان خۇيخې ، خۇيخۇ دېگەن ئاتالغۇ بىلەن  ئوخشاش بىر مەزمۇننىلا ئىپادىلىمەمدۇ . مېنىڭ بىلىشىمچە ھازىرقى ئۆزبەكلەر تەركىبىدە ساپ ئۆزبەك بىلەن ئۆزبەكلەرگە سىڭىشكەن ئۇيغۇرلار بولۇپ ساپ ئۆزبەك ئۇ قىپچاق ، يەنى شەيبانىخان قەۋمى ، ئۆزبەكلەرگە سىڭەشكەن ئۇيغۇرلار بولسا شۇ رايوندا بۇرۇندىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار . يەنىلا ساپ ئۆزبەككە قارىغاندا ئۇيغۇر جىق . بۇلار ئەسلى قىپچاق بولغانلىقى ئۈچۈن نايمان ، كەرەيلەرنىڭ بولۇشى بەرھەق ، قازاق قىرغىزدىمۇ بارغۇ دېمىسىمۇ ئۇلار . تۆمۈرلەڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ قەۋمى ئۇيغۇر ، گەرچە ئۇنىڭ يىلتىزى مۇڭغۇل بولسىمۇ .

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 15:48:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-29 16:53  
yulghunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 20:22
ئىنكاسىڭىزنىڭ مۇشۇ يېرىدىن باشقىسى قۇرۇق گەپ.

ھە.........

0

تېما

1

دوست

3658

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   55.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31660
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1072
توردىكى ۋاقتى: 272
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 16:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-10-28 22:57
مەھمۇد كاشغەرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچ ...

كەچۈرۈڭ،تارىخ بىلىمىڭىزنىڭ چولتىلىقىنى دېمەيلا قوياي،ئەڭ موھىمى سىزنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزمۇ بەكلا تۆۋەن دەرىجىدىكەن.

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 20:25:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yagurqak يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 03:07
نېمىگە ئاساسەن مەھمۇد كاشغەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ئۆ ...

مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «مەن ئۇيغۇر» دېگەن يېرىنى نەقىل قىلىپ ئېلىڭ. ئاندىن بۇگەپلىرىڭىز كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاستىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى كېيىنكى تارىخچىلار تەتقىق قىلىپ چىققان، بۇ خۇددى پاكىستانلىقلارنىڭ ئاستى ھىندى ئىكەنلىكىدەك بىر ئىش، بىر پاكىستانلىقتىن «سەن ھىندى ئەۋلادى» دېسىڭىز ئاچچىقى كېلىدۇ. 10- ئەسىرلەردە ئۆزىنى ئۇيغۇر ئاتاش ئۆزىنى كاپىر ئاتىغانغا ئوخشاش بىر ئىش.
ھازىرقى ئۇيغۇرلار قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەل ئۆزى ئەمەس. بۇ يەردە ئۈزۈكچىلىك بار. تارىخنى ھېسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئوقۇغان بولسىڭىز، بۇ نۇقتىنى مەندىن بۇرۇن چۈشۈنۈپ بولاتتىڭىز.
شەجەرىئي تۈرك دېگەن كىتاپنى ئوقۇپ كۆرۈڭ، ئۆزبېكنىڭ ئاستىنى بىلىسىز. ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر بىلەن نايماندىن تەركىپ تاپقان، ئاساسلىقى يەنىلا ئۇيغۇر، يەنە كېلىپ قەدىمكى ئۇيغۇر.  ئۆزبىكلەرنىڭ ئەجدادى بۇرۇن ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغان، بۇ خانلىق بەربات بولغاندىن كېيىن، ئۆزبىكلەر پىتراپ كەتكەن، بىر قىسملىرى قىپچاق دالاسىدا قالغان، ھازىر ئۇلار تاتارلارنىڭ تەركىبىگە ئايلىنىپ كەتتى. بەزى تاتارلار «ئۇيغۇر تاتارلىرى» دېگەن گەپنىمۇ ئىشلىتىپ قويىدىكەن. بەلكىم شۇ زاماندىكى تارىخنى بىلگۈچىلەر ياكى شۇنى قازغۇچىلار بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تالاش- تارتىش مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
سىزنىڭ تارىخ جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىنسان ئۆزى قىزىققان  نەرسىنىڭ تېگىگە چوقۇم يېتىدۇ. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

9

تېما

4

دوست

3385

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 512
تۆھپە : 710
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-29 20:26:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
YOQSUL يوللىغان ۋاقتى  2014-10-29 16:13
كەچۈرۈڭ،تارىخ بىلىمىڭىزنىڭ چولتىلىقىنى دېمەيلا قويا ...

كونىلارنىڭ «ناداننى گەپتە يەڭگىلى بولمايدۇ» دېگەن ھېكمىتى بويىچە، سىز بىلەن بولغان سۆھبەت مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )