- تىزىملاتقان
- 2014-10-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3658
- نادىر
- 0
- يازما
- 442
ئۆسۈش
55.27%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا YOQSUL تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-27 14:26
yulghunjan يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 20:30
سىز ئۆزبىكمۇ؟
ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ تەۋە بولىدىغان ئ ...
سىز ئۇيغۇرمۇ ؟
،6000يىللىق كرورەن گۈزىلىنىغۇ سۆزلىمەي تۇراي (ئۇنىمۇ ئادەتتە ''ئۇيغۇرئەجدادى'' دەيمىزغۇ؟).مەھمۇد كاشغەرىنىڭ ئۆزىنى ''ئۇيغۇر''دېگەن بايانىنى ''دېۋانۇ لۇغەتىتتۈرك''تىن تاپالامسىز؟!ئۇ ھەتتا ،ئۇيغۇرلارنى ئايرىم بىر قەبىلە نامىدا تىلغا ئالغان.ۋە شۇنداقلا ئۆزىنى پەرقلەندۈرگەن.يۈسۈف خاس ھاجىپقىمۇ شۇنداق مىساللاربىلەن تەبىر بىرىشكە بولىدۇ.بىراق ھازىرقى ئۇيغۇرلار مەھمۇد كاشغەرىي،يۈسۈف خاس ھاجىپ دەۋرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشىمايدۇ.ئۇلارنىڭ جۇغراپىيە ۋە ئىتنولۇگىيىلىك دائىرىسى بۇرۇنقىدىن كۆپ كىڭىيىپ كەتتى.شۇڭا ئۇ ئۇلۇغلارنى ھەممە ئۇيغۇر،دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.چۈنكى ئۇ ھازىرقى كاشغەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجداتلىرىدىن چىققان.ئەلىشىر نەۋائىي تىلغا ئېلىنسا'' ئۇچاغدا ئۆزبېك بارمىتتىكەن ''دەيسىلەر،ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقىي ئەۋلاتلىرىنىڭ رىئاللىقىنى كۆزئالدىڭلارغا كەلتۈرمەيسىلەر............سۆزلەپ كەلسەك گەپ تولا.
ئەلىشىر نەۋائىي توغۇلۇق تەتقىقات ئۇيغۇرلاردا قانچىلىك ؟ئۆزبېكلەردە قانچىلىك !؟سىزبۇنى بىلمەيدىغان ئوخشىمامسىز؟بىزنىڭ ،دەپ قۇرۇق كاكىراشنىلا بىلمەي،بوۋېمىز ،دەپ يۈرىۋاتقاندىكىن ئۇ زاتنى ئوبدان ،ئەتراپلىق تەتقىق قىلىپ ،ئەۋلاتلارغا تونۇتۇش كېرەك.ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرى تىخى ھىچقانچىلىك نەتىجە ياراتقىنى يوق،ئەكسىچە ئۇلارغا ئۇۋال قىلىش بىلەن تۈگەللىنىۋاتىدۇ! .تەتقىق قىلغان ئاتالمىش ئالىملارنىڭ بىرلىرى ئاللىكىملەرگىدۇ خوشامەت قىلىپ ماتېرىيالىزمچى،دېسە،يەنە بىرلىرى ياۋرۇپانىڭ ئاللىقانداقتۇر ئىدىيەلىرىگە يۆگەش بىلەن ئاۋارە.ئۇنى ئەسلى ئىدىيىلىرى بىلەن ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەنلەر قانچىلىك؟!ئەلىشىر نەۋائىينىڭ ئەسەرلىرى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلۈپ باقتىمۇ؟ئۆزبېكلەرچۇ؟باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۆزبېك بالىلىرىدىن سوراپ بېقىڭچۇ(ئەلۋەتتە ئۆزبېكىستاندا)ئۇنىڭ خىلى خىلى مەسنەۋىيلىرىنى ياتلىيالايدۇ.ئەلىشىر نەۋائىينى ھەقىقىي تۈردە ،يۈكسەك مەسئولىيەتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ ،دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ھەقدارلار ئۆزبېكلەر!بۇنىڭغائىلىمدىن خەۋىرى بار ۋە شۇنداقلا ئىمانى ئەركەك ھەرقانداق كىشى قايىل بولماي تۇرالمايدۇ!
''ماتېرىياللاردىن پايدىلانسا بولىدۇ.لېكىن، ئانداق ،مانداق....''دەپ شەرت قويۇپ كېتىپسىز تېخى، ئۇنىڭ پۈتۈن ماتېرىيالى خۇددىي سىزنىڭ ئىلكىڭىزدىدەك!ئەلىشىر نەۋائىينى تەتقىق قىلىمەن دېسىڭىز،ماتېرىيال ئىزدىسىڭىز ئۆزبېكىستانغا بېرىڭ! سىز بۇيەردىن تاپالمىغاننىڭ ھەممىسىنى شۇلاردىن تاپالايسىز!
ـــــــــــــــــ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى ئېتىراپ قىلىۋېتىپ ،قانچىلىك پايدىلانسىڭىز بولىدۇ!
مانابۇ سۆزىڭىزگە سىز ھەقىقەتەن ۋەكىللىك قىلىسىز!
|
|