ئاپتور يوللىغان مەزكور ئەسەرنىڭ داۋامى پىكىر چېچلىپ كەتمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇشۇ تېمىغا بېكەت تەرىپىدىن ئىنكاس شەكلىدە يوللاندى
يۇغۇر يۇرتىغا ساخاۋەتتىن ساياھەت (2)
ئاپتور: ئىسكەندەر جېلىل
فوتو سۈرەتچى: يالقۇن ئوسمان، ئىسكەندەر جېلىل
بەيگە مەيدانىدا پاراتتىن ئۆتۈشكە تەييار تۇرغانلار
رەئىس مۇنبىرىنىڭ يېنىغا بېرىپ قايتىشىمدا، يېڭىلا پاراتتىن ئۆتۈپ بولغان بىر قانچەيلەننى كىشىلەر بىردەم- بىردەم چاقىرىپ رەسىمگە چۈشكىلى تۇردى. قارىسام، ئۇلار بومبا ساقال، شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىغان يۇغۇرلار ئىكەن. مەنمۇ رەسىمگە چۈشۈش مەقسىتىدە، ئاستا ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم، ھەمدە ئۇلارنى چاقىرىپ «ياخشىمۇ سىلەر، سىلەر يۇغۇرمۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇلار پەخىرلەنگەن ھالدا «ھەئە، بىز ھەممىمىز يۇغۇر» دەپ جاۋاب بەردى. ئاندىن مەن «مەن ئۇيغۇر، شىنجاڭدىن كەلدىم» دېدىم. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى دەرھال ئۆزگەردى، ھەمدە يۈزىدە خۇشاللىق ۋە بىر خىل ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى نامايەن بولدى- دە «بەك ياخشى، كېلە، بىز سەن بىلەن بىر رەسىمگە چۈشىۋالايلى» دەپ، مېنى ئارىغا ئېلىۋالدى. ئەسلىدە باشقىلار تەڭ رەسىمگە چۈشىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان نۇقتىلىق شەخسىلەر شۇلار ئىدى، لېكىن بىردەمنىڭ ئىچىدە، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە مەن بىلەن رەسىمگە چۈشىۋالمىسا بولمايدىغان «نۇقتىلىق شەخىس»كە ئايلىنىپ قالدىم. كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى، سۇنەندىكى ھەر بىر يۇغۇر ئۆزىنىڭ يىلىتىزىنى ئۇنۇتمىغان بولۇپ، ئۆزىنىڭ يىلتىزىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر بىر ئادەمنى كۆرسە، كۆپرەك مۇڭدشىۋېلىش ياكى خاتىرە قالدۇرۇۋېلىشقا ئىنتىلىدىكەن.
بومبا ساقال يۇغۇرلار بىلەن باشقىلار رەسىمگە چۈشمەكتە
بومبا ساقاللار مەن بىلەن رەسىمگە چۈشمەكتە
بەيگە مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ تۈگىدى. ھاۋا تۇتۇلۇپ، ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىدى. سۇنەن خۇددى ئۈرۈمچىگە ئوخشاش تاغنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ناھىيە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى ئۈرۈمچىنىڭكىدىن ئىگىز. لېكىن دائىرىسى ئۈرۈمچىدىن كۆپ كىچىك. شۇڭا سۇنەندە يامغۇرنىڭ ياغمىقىمۇ ئاسان ئىكەن. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 2000 مېتىردىن ئىگىز بولغاچقا، سۇنەندە يەنە ئولتۇرا بىنەپشە نۇر بىر قەدەر كۈچلۈك ئىكەن، كىشىلەرنىڭ تېرىسىمۇ بىر قەدەر قارامتۇل كېلىدىكەن. شۇڭا بۇ يەردە كۈنلۈك ھەر ۋاقىت لازىم بولىدىكەن. چۈنكى كۈنلۈكنى يامغۇر ياغقاندا يامغۇرلۇق قىلىپ ئىشلەتسە، يامغۇر ياغمىغان ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردە ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا سايىۋەن قىلسا بولىدىكەن.
يامغۇر دەسلەپتە ئاستا تامچىلىغان ئىدى. بىز ياتاققا يېتىپ بارغاندا بولسا قاتتىق قۇيىۋەتتى. لېكىن چۈشتىن كېيىن سەل پەسلەپ، سىم- سىم يامغۇرغا ئۆزگەردى.
بۈگۈن كەچتە، خەلق مەيدانىدا چوڭ تىپلىق سەنئەت كېچىلىكى بار ئىدى. بۇ كېچىلىكنى ناھىيەنىڭ 60 يىللىق تەبرىك كۈنىگە ئاتاپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان ئىكەن. ئىچىمدە «سەنئەت كېچىلىكىنى يامغۇردا ئولتۇرۇپ كۆرەرمىزمۇ» دەپ ئەنسىرىدىم، ھېلىمۇ ياخشى، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولغان بىلەن، كەچقۇرۇندا ئانچە- مۇنچە تامچىلىغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا، يامغۇر خېلىلا توختاپ قالغان ئىدى. بۇ كېچىلىككە يۇغۇر مىللىتىدىن ئاغىر قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىمۇ تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن.
كېچىلىكتە ناخشىچى ئاغىر ناخشا ئېيتماقتا
كېچىلىكتە جەمئىي 15 نومۇر ئوينالدى. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىككىسىلا تولۇق خەنزۇچە بولغاندىن باشقا، بارلىق نومۇرلار يۇغۇرچە، موڭغۇلچە ۋە تۈبۈتچە بولدى. ئەلۋەتتە، شۇ ئاز سانلىق مىللەت نومۇرلىرىنىڭ بەزەنلىرى خەنزۇچە ئورۇنلانغان بىلەن، ئۇنىڭ مەزمۇنى، پۇرقى ۋە خاسلىقى يەنىلا يۇغۇرچە، موڭغۇلچە ۋە تۈبۈتچە ئىدى. شۇنچە سىم- سىم يامغۇردىمۇ ئادەم لىق كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن سۇنەندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مىللىي مەدەنىيەت ۋە سەنئەتكە بولغان تەشنالىقى ۋە ئىنتىلىشىنى كۆرىۋالغىلى بولاتتى.
سەنئەت كېچىلىكى غەلبىلىك ئاياقلاشتى سەنئەت كېچىلىكىدىن كېيىن، داخې يېزىسىنىڭ باشلىقى بىز بولمىش شىنجاڭدىن كەلگەن يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى ۋە ئويۇن قويغان بىر قىسىم سەنئەتچىلەرنى ئايرىم تاماققا چاقىرىۋالدى. ناخشىچى ئاغىر بىلەن يالقۇن ئاكام بۇرۇندىن تونۇشىدىكەن. سورۇنمۇ خېلى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە بولدى. سورۇننىڭ ئاخىرىدا، بىزمۇ يۇرتىمىزدىن ئېلىپ كەلگەن ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملارنى سورۇن ئەھلىگە سوۋغا قىلدۇق. ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بويىچە، بىزگە خادا تەغدىم قىلدى. كەيپىياتمۇ شۇنىڭ بىلەن يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، مۇشۇ كەيپىيات ئىچىدە، رەسىمگە چۈشۈشلەر قىزىپ كەتتى.
يالقۇن ئاكام داخې يېزىسىنىڭ باشلىقى (يۇغۇر) ۋە ناخشىچى ئاغىرلار بىلەن بىللە
سورۇندىكى يەنە بىر يۇغۇر
8-ئاينىڭ 2-كۈنى، يەنى سۇنەندىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمىز. ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەر، كۆرىشىدىغان كىشىلەر ۋە بېرىلىدىغان سوۋغاتلار ئاساسەن تۈگىدى. مەنمۇ مۇمكىنقەدەر يۇغۇر سۆزلۈكلىرىنى توقۇلاشقا تۇتۇش قىلدىم. ئۇ كۈنى ئەننانىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ بىر ياشانغان تۇققىنىدىن سۆزلۈك سورىدىم. موماينىڭ ئىسمى سو شيۇيىڭ بولۇپ، يۇغۇرچە ئىسمى سوقالىغ نورجى ئىكەن. سورىغان گەپلىرىمگە موماي تەمكىنلىك بىلەن جاۋاب بەردى. سۇئالنىڭ كۆپلىكىدىن موماينى چارچىتىپ قويدۇم بولغاي، موماينىڭ كۆزلىرى چۈشلۈك ئۇيقۇنى سېغىنغاندەك بىلىنەر- بىلىنمەس يۇمۇلغىلى تۇردى. «ئۆزىنى سورىغان ئەل سوراپتۇ» دەپ، سۇئاللىرىمنى ۋاقتىنچە توختاتتىم. موماي «تۈزۈت قىلماي، سوراۋېرىڭ» دېدى. لېكىن موماينى زىيادە چارچىتىشنى خالىماي، سورايدىغىنىم تۈگىگەنلىكىنى ئېيتتىم. نورجى ئانا مىڭخۇا يېزىسىدىن بولغاچقا، مىڭخۇا شىۋىسىدىكى سۆزلەرنى يېزىۋالغان بولدۇم. كەچتە ئاغارنىڭ ئاپىسى ۋە كىچىك ئاپلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىمىز مۇمكىن. ئاڭلىسام، ئاغارنىڭ كىچىك ئاپىسى يۇغۇر تىلىغا ھەممىدىن پۇختا ئىكەن.
سوقالىغ نورجى ئانا
بۈگۈن يامغۇر ئاساسەن توختىمىغان ئىدى. مانا كەچتىمۇ يامغۇر يېغىۋاتاتتى. دېيىشكىنىمىز بويىچە يەنە بىر ئارامگاھقا باردۇق. بۇ سورۇنغا ئاغارنىڭ ئاپىسى چۈمتار ۋە كىچىك ئاپىسى يىڭجىستانمۇ كەلدى. يالقۇن ئاكام مېنى رىغبەتلەندۈرۈپ، «بۈگۈن كەچتە خالىغانچە سوراپ تۈگىتىۋال» دېدى. مەنمۇ بۇنىڭدىن ئىتايىن خۇرسەن بولدۇم.
يىڭجىستان ئانا (ئوڭدا) بىلەن چۈمتار ئانا (سولدا)
سورۇندا، ئىككى مومايدىن بەھوزۇر ئولتۇرۇپ سورىدىم. ھەقىقەتەن يىڭجىستان ئانىنىڭ يۇغۇر سۆزلۈكى كۆپ ۋە ئەتراپلىق ئىكەن. ئالدىنقى كۈنلىرى ھەممىسىدىن سوراپ تاپالمىغان سۆزلۈكلەرنى يىڭجىستان ئانا ئانچە كۈچىمەيلا دەپ بەردى. ئەلۋەتتە، سۆزلۈكلەرنى سوراش جەريانىدا، باشقا پاراڭلارمۇ بولۇپ تۇردى. يالقۇن ئاكام نەچچە كۈندىن بېرى، پەرھات خالىقنىڭ ناخشىسىغا «ئاشىق» بولۇپ قالغان ئىدى. پەرھات خالىق يېقىندا «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ھېسىياتلىق بوم ئاۋازلىرى بىلەن تاماشىبىن تۈگۈل، باھالىغۇچىلارنىمۇ ھەيرەتتە قالدۇرغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، پەرھات خالىقنىڭ ناخشىلىرى ئۇيغۇر ئۈندىدار چەمبرەكلىرىدە شىددەت بىلەن تارقىلىپ يۈرۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ شامىلى يالقۇن ئاكام بىلەن ئىككىمىزگىمۇ ئانچە- مۇنچە تەگكەن ئىدى. يالقۇن ئاكام يانفونىدىن پەرھات خالىق ئېيتقان «تارىم» ناملىق كونا ناخشىنى ئىككى موماينىڭ ئاڭلاپ بېقىشىغا سۇندى. مومايلار تېلېفوننى قولىغا ئېلىپ، مۇڭلۇق باشلانغان «تارىم» ناخشىسىنى ئاڭلاشقا باشلىدى. ئاغار يالقۇن ئاكامنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئاستا پىچىرلاپ «ئاپام يىغلاپ قالمىسا بولاتتى» دېدى، دېگەندەك ناخشىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، يىڭجىستان ئانىنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى، چۈمتار ئانا ئۆزىنى ئاران بېسىۋېلىپ ئولتۇرغان ئىدى. جۇدالىق تارىخنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈنمۇ، ئىشقىلىپ مېنىڭمۇ كانىيىمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولۇپ قالدى، لېكىن يەنىلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. ئۇلار يىغىسى بىلەن ناخشىنى تولۇق ئاڭلاپ تۈگەتتى.
بىر ئۇيغۇر ئۆز يۇرتىدىن بەش- ئون يىل ئايرىلىپ كەتسە، يۇرتىغا ۋە قەۋمۇ- قېرىنداشلىرىغا تەلپۈنىدۇ، يۇرتىنىڭ ھەر قانداق نەرسىسىنى قەدىرلەيدۇ، يۇرتىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەرسى ياكى بىرەر نەرسە بىلەن ئۇچرىشىپ قالغۇدەك بولسا، دەرھال يىغا تۇتىدۇ. بۇنىسىنى ھەر قانداق ئۇيغۇر تەسەۋۇر قىلالايدۇ. لېكىن ئايرىلغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان بىر قەۋىم ئۆز قېرىندىشىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈيلىرىنى ئاڭلىغاندا، كىشى نېمە بولۇپ كېتەر!؟
پىشقەدەم مومايلارنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۈچۈن، گەپنى باشقا ياققا بۇرىدۇق، ھەمدە ئۇلارنى شىنجاڭغا كېلىپ كۆرۈپ كېتىشكە تەكلىپ قىلدۇق، ئۇلارمۇ تەكلىۋىمىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى.
مەنمۇ سورايدىغانلىرىمنى سوراپ، ئۇلارغا يۇغۇر تىلىدا بىر يۇمۇر ئېيتىپ بەرمەكچى بولدۇم. ئەسلىدە مەن بىر يۇمۇرنى ئالدىنئالا يۇغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرىۋالغان ئىدىم. پىتىك ئورگەتبە: راكېتا ناتې ئانۇ ۋېي؟ پىتىك ئورگەنمە: چۈنكى ئانىڭ قوڭغرىندا ئوت تامېتتې، شۇڭا جۇاشىق قايلۇدى. (ئەسكەرتىش: راكېتا، چۈنكى، شۇڭا سۆزلەر يۇغۇر تىلىدا كەمچىل بولغاچقا، ۋاقتىنچە ئۇيغۇرچىسىنى ئېلىپ تۇردۇم، لېكىن چۈشىنىشلىك بولسۇن ئۈچۈن، ئۇ سۆزلەرنى سورۇندا خەنزۇچە ئېلىپ ئېيتتىم) يىغىدىن كېيىنكى كۈلكە ئەتىۋارلىق بولامدۇ- قانداق، ئىشقىلىپ يۇمۇرنى ئېيتىپ بولۇشۇمغا سورۇندىكى ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ، خېلى ۋاقىتقىچە ئۆزىنى ئالالماي قالدى. يۇمۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە: ئوقۇتقۇچى: راكېتا نېمە ئۈچۈن شۇنچىلىك تېز ئۇچىدۇ؟ ئوقۇغۇچى: چۈنكى قوڭىغا ئوت كەتكەنلىكتىن جېنىنىڭ بېرىچە يۈگۈرەيدۇ. بىرىنچى يۇمۇرنىڭ كۈلكىسى تولۇق بېسىلماي تۇرۇپ، يەنە بىر يۇمۇر كەتتى. بۇنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېيتىپ بەردىم. ئات: قوي ئاداش، جەمئىي بەش قۇربان ھېيت ئۆتۈپ كەتتى، ئىگىمىز ھەجەپ سېنى قۇربانلىق قىلاي دىمەيدىغۇ؟ قوي: ئاداش، سەن بىلمەيسەن، نوپۇسقا ئالغان ۋاقتىدا، مەن ئەقلىمنى ئىشلىتىپ نوپۇسقا «ئېشەك» دەپ ئالدۇرىۋالغان. بۇ يۇمۇرغىمۇ خېلى كۈلدى، بولۇپمۇ ياش بالىلار خېلى ۋاقىتقىچە ئۆزىنى ئالالماي، بىر قانچە يۇمۇر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئېسىگە كېلىپ قالسا كۈلۈپ كەتتى. بۇ يۇمۇرلارنى ئاڭلاپ، يالقۇن ئاكامنىڭ يۇمۇرلۇق تۇيغۇلىرى قوزغالدى بولغاي، ئۇمۇ بىر قانچە يۇمۇر ئېيتىپ سورۇندىكىلەرنى قاقاقلىتىپ كۈلدۈردى. مەن تەييارلىغان مەرھۇم ھېسام قۇربان ئاكىمىزنىڭ يەنە بىر قانچە يۇمۇرلىرى بار ئىدى. بۇ يۇمۇرلارمۇ ئۇلارنىڭ ئۈچىيىنى ئۈزىۋەتكىلى تاس قالدى. سورۇن شو يوسۇندا داۋاملىشىپ، ئىنتايىن خۇشال كەيپىيات ئىچىدە ئاياقلاشتى. ھەممىمىز بىر- بىرىمىزدىن قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. بۈگۈن كېچىمۇ يامغۇر قاتتىق يېغىۋاتقان بولغاچقا، جاستار پىشقەدەم مومايلارنى ماشىنىغا سېلىپ ئاپىرىپ قويدى. پىشقەدەملەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇلارنى ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتۇق. 8-ئاينىڭ 3-كۈنى، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىدە يامغۇر يېغىۋاتقىلى ئۇدا 3 كۈن بولدى. بۇ يامغۇرلار يۇغۇر خەلقىنىڭ سېغىنىشلىق كۆز-ياشلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئاخشامقى پىشقەدەم مومايلارنىڭ كۆز يېشىنىڭ داۋامىمۇ ياكى بىزنىڭ ئايرىلىشىمىزغا قىيمايۋاتقان كۆز ياشلارمۇ، بۇنى بىلىپ بولغىلى بولمايتتى. بۇرۇن سۇنەنگە كەلگەن ئەركىم ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، يۇغۇرلار يامغۇر ياغسا مېھماننىڭ ئايىغى ياراشتى دەپ قارايدىكەن. بەلكىم بىزنىڭ ئايىغىمىز ياراشقاندۇ، ياكى بۇ يەر بىزگە ياراشقاندۇ، ئىشقىلىپ، قانداش قېرىنداشلارنىڭ مېھرى باشقىچە بولىدىكەن، ھەقىقەتەن بىر- بىرىگە يارىشىدىكەن! ئەتىگەندە ئاغار بىر تاكسى ئۇقۇشۇپ كېلىپتۇ. چۈنكى بۈگۈن جاڭيېگە بارىدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بېلىتى ئەتىگە سائەت 5:00 بىلەنلا پاك- پاكىز سېتىلىپ بولۇپتۇ. بۇنىڭدىن، مۇشۇ كۈنلەردە سۇنەنگە قانچىلىك ئادەمنىڭ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن. بىز ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن، تاكسى بىلەن پويىز بېكىتى تەرەپكە، يەنى جاڭيې شەھىرىگە قاراپ ماڭدۇق. ئاغار بىزنى تەڭ ئۇزۇتۇپ چىقتى. يامغۇر تېخىچە يېغىۋاتاتتى. يالقۇن ئاكام چارچاپ قالدى بولغاي، تاكسىنىڭ ئىچىدىلا ئۇيقۇغا كەتتى، لېكىن مېنىڭ كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك ئەمەس، ئۆزۈم ماشىنىدا بولغان بىلەن، خىيال كەپتىرىم نۇرغۇن يەرلەرنى كېزىپ كەلدى. ئاخىرى جاڭيېگىمۇ يېتىپ كەلدۇق. تاكسىدىن چۈشۈپ، ئاغار بىلەن خوشلاشتۇق، ئاغار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق يۇغۇرلار بىلەن ۋاقتىنچە خوشلاشتۇق. خەير خوش سۇنەن، ئامان بول يۇغۇر!
يەنە بىر كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭلار!
يالقۇن ئاكام بىلەن يۇرتقا قايتىش ئالدىدا
|