- تىزىملاتقان
- 2012-6-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1400
- نادىر
- 0
- يازما
- 66
ئۆسۈش
40%
|
سالام تېما ئىگىسى، ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، لېكىن بەزى جايلىرىغا ئازراق تۈزىتىش بېرىشنى لايىق كۆردۈم. مەسلەن بۇ يەردە سىز ئامرىكىنى مىسالغا ئاپسىز ، ھەقىقەتەن توغرا چەتئەلدىكى كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش نىسبىتى بىزنىڭكىدىن يۇقىرى ئۇندىن باشقا كىتاب باھاسىمۇ ئالاھىدە قىممەت، لېكىن بۇ يەردە يەنە شۇنداق ئامىللارنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ، ئامىركىدا يازغۇچىلارنىڭ نېمىنى يېزىشىغا ۋە قانداق يېزىشىغا چەك قويۇلمايدۇ، كىتاپلار نەشىر قىلغاندىن كېيىن توختىماي ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر يۇقىرى پۇل خەجلەپ كىتاپ سېتىۋىلىپ ئوقۇيدۇ چۈنكى ئۇنىڭدا شۇ پۇلغا ئەرزىگۈدەك بىلىم ۋە يېڭىلىق بار. ئۇندىن باشقا ئامىركىلىقلار دۆلەت قۇرغاندىن تارتىپ يېزىق ئۆزگەرتىپ باققىنى يوق ھالبۇكى بىزدە بولسا چوڭ دادامنىڭ خېتىنى دادام ئوقۇيالمايدىغان دادامنىڭ خېتىنى مەن ئوقۇيالمايدىغان ئىشلار مەۋجۇت.( بەزى كىشىلەر ھەر ئىككى يېزىقىنى بىلسىمۇ مەن بۇ يەردە ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتىۋاتىمەن). ئۇيغۇر رايونىنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىمۇ كىشىلەرنىڭ كىتاب سېتۋىلىشىغا مۇئەييەن دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. ئامىركىدا كىتاب ۋە شۇ كىتابنىڭ شەكلىنى سېتىۋىلىشقا ئاساسەن دېگۈدەك پۇل تۆلەيدىغان گەپ لېكىن رايونىمىزدا شەكلىنى تامامەن توردىن ھەقسىز چۈشۈرۈپ كۆرگىلى بولىدۇ نۇرغۇن كىشىلەر ھازىر شۇ خىل شەكلىنى ياكى ئاۋازلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلايدۇ شۇڭا بۇ يەردە سېلىشتۇرۇشتا بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىش زۆرۈر دەپ قارايمەن. يەنە بىر ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئىقدىسادىي كىرىم سەۋيىسى گەرچە بۇ يەردە يەردە كىرىم سەۋيىسىدىكى پەرق كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولسىمۇ لېكىن ئامىركىدا دوللارنىڭ كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك لېكىن جوڭگودا بولسا پۇل پاخاللىقى ئېغىر، مەسلەن ئامىركىدا بىر دوللارغا ئالغان نەرسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلىسىڭىز جۇڭگودا 6 يۈەنگە شۇ نەرسىنى ئالالىشىڭىز ناتايىن ( قوي ، ماشىنا، ئۆي قاتارلىقلارنى ھېسابلىسىڭىزمۇ يۇقىردىكىگە ئوخشاش)، ئۇيغۇر رايونىدىكى مال باھاسىنىڭ قىممەتلىكى كىشىلەرنىڭ زۆرۈر تۇرمۇش بويۇملىرىغا بارلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ سەرىپ بولۇشى ئىشىنچا پۇلىنىڭ ئاز بولۇشىمۇ بۇ نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. |
|