- تىزىملاتقان
- 2013-4-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14210
- نادىر
- 0
- يازما
- 129
ئۆسۈش
10.53%
|
ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى . كىتاب ئىنسانىيەت ئۈچۈن مۇھىم بىر بايلىق . ھەممىمىز كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھەم بىلىمىز . بىراق ، مەيلى ھۇرۇنلۇق ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بولسۇن ، كىتاب ئوقۇپ كىتەلمەيۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت . شۇڭا كۇلۇبىمىز بۇندىن كېيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى يولغا قويماقچى ، بۇ پائالىيەت بەلكىم بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا بىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇپ قالار . بىزمۇ ھەم بۇ پائالىيەت سەۋەبىدىن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . پىلانىمىز تۆۋەندىكىچە :
بىز تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ 《ئىز》ناملىق رومانىنى تاللىدۇق . بەلكىم بەزىلەر ئوقۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن ، بىراق بۇ كىتابنى بىرلا ئوقۇپ قويۇش بىلەن كۇپايىلىنىش تازا يېتەرلىك ئەمەس ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇرۇن ئوقۇپ بولغان دېمەي قايتا بىر ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . بۇ كېتاب جەمئىي 28 باب (خاتىمىسى بىلەن قوشۇلۇپ 29 باب)بولۇپ دەسلەپكى قەدەمدە ھەركۈنى بىر بابتىن يوللاپ بۇ كىتابنى بىر ئايدا تاماملىماقچىمىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى ئازىراقتىن ۋاقىت چىقارساق ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايمەن .
ئاندىن ، ئوقۇرمەنلەر كىتابتىكى ئۆزىگە تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى ياكى ئۆزى مۇشۇ ئوقىغان مەزمۇن ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ، يەنى شۇ بىر ھەپتىلىك مەزمۇن ئۈستىدىكى مۇلاھېزىسىنى شۇ ھەپتە ئاخىرىدا سالونىمىزغا يوللىسا بىز تەھرىرلەپ ئايرىم مەزمۇن قىلىپ سالونغا يوللايمىز ، مۇشۇنداق بولسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولامدىكىن دېگەن ئۈمىدتەمىز .
ئەسكەرتىش : سالونىمىز ئەزالىرىنىڭ بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ، پىكىرلەرنى سالونغا بىۋاستە قايتۇرساڭلار بولىدۇ . مەسىلەن ، ھەركۈنى سائەت قانچىلەر ئەتراپىدا يوللىساق ۋاقتىڭلار چىقىدۇ ، ھەر كۈنى يوللامدۇق ياكى كۈن ئاتلىتىپمۇ ،،،،، دېگەندەك . پىكىرلەرنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن پىلان مۇقۇملىشىدۇ .
تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىمىز پات ئارىدا باشلىنىدۇ ، شۇڭا بۇ پائالىيەتنى توغرا دەپ قاراپ قاتنىشىشنى خالايدىغانلار بۇ ئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان سالونىمىزغا بۇ ھەقتىكى تەكلىپ - پىكىرىنى ياكى ئۆزى ياقتۇرغان چىراي ئىپادىسىنى يوللىسا بولىدۇ . ئەگەر خالايدىغانلار بىز مۆلچەرلىگەن سانغا يەتسە تۇنجى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ ، يەتمىسە ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ . بۇ ئۇچۇرنى چوقۇم تارقىتىپ قويۇڭ ! سالونىمىزغا تېخى ئەزا بولمىغان دوستلار پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەزا بولىۋالسۇن !
ئۇيغۇر ياشلار كۇلۇبى ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نامى : ugyaxliri |
|