بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hakan18 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 00:32
مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار
(I have a dream)
مارتىن لۇتېركىڭ
(Martin Luther King,Jr)
《مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار 》بولسا مارتىن لۇتېركىڭ 1963-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى ۋاشېنگىتۇندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيىدا سۆزلىگەن داڭلىق نۇتۇق ، 1863-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى خەلق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 250مىڭ قارا تەنلىك ۋاشېنگىتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى ئالدىغا يىغىلىپ چوڭ كۆلەملىك يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، مارتىن لۇتېركىڭ بۇ داڭلىق نۇتىقىنى مۇشۇ يىغىندا سۆزلىگەن. مەزمۇنى ئاساسلىقى قارا تەنلىكلەرنىڭ مىللىي باراۋەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك . تەسىرى ئامېرىكىغا ھەتتا پۈتۈن دۇنياغا ناھايىتى چوڭ بولغان بولۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن .
مەن بۈگۈن كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ناھايىتى خۇشال ھالدا دۆلىتىمىز تارىخىدىكى ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ ئۇلۇغ نامايىشقا قاتنىشىپ تۇرۇپتىمەن .
بۇندىن يۈزيىل ئىلگىرى ، ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئامېرىكىلىق ، يەنى بۈگۈن بىز ۋەكىل خاراكتىرلىك ھەيكىلى ئاستىدا تۇرغان ئۇ زات 《قارا قۇللارنى ئازات قىلىش خىتابنامىسى》گە ئىمزا قويۇپ تەستىقلىغان ئىدى . بۇ مۇھىم پەرماننىڭ جاكارلىنىشى ، ناھەقچىلىكنىڭ ئوتىدا پۇچلىنىۋاتقان مىليونلىغان قارا قۇللارغا نىسبەتەن خۇددى ئۈمۈد نۇرى ئېلىپ كىلىدىغان ماياك ، خۇددى ئۇزۇن كېچىلەردە قامىلىپ يۈرىشى ئاخىرلىشىپ خۇشال خۇراملىققا چىققان سۈبھىدۇر.
ئەمما 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، بىز چوقۇم قارا تەنلىكلەرنىڭ ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك بۇ پاجىئەلىك ئەمەلىيەتنى تونۇپ يىتىشىمىز كېرەك . 100 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، ئىرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ كىشەن كويزىلىرى ۋە ئىرقى كەمسىتىشنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدا ، قارا تەنلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا ئىزىشكە ئۇچرىماقتا . 100 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىلا ماددىلار يىتەرلىك بولغان دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى نامرات بىر يالغۇز ئارالدا ياشىماقتا . 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، قارا تەنلىكلەر يەنىلا ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا تۈگۈلۈپ يۈرمەكتە ، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ئۆز يۇرت ماكانىدا قاچقۇن سەرگاردان بولۇپ قالغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتە . مانا بۈگۈن بىز بۇ يەرگە يىغىلىپ ، ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ ئەھۋاللارنى پۈتۈن دۇنياغا ئاشكارىلىماقچىمىز.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۈگۈن بىز ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ دۆلىتىمىزنىڭ پايتەختىگە يىغىلدۇق . جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ئاساسىي قانۇن ۋە مۇستەقىللىق خىتابنامىسىنى تۈزگەن ۋاقىتتىكى تاغنى تالقان - چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەتلىك سۆزلىرىدە ، پۈتۈن ئامېرىكىلىقلارغا ۋەدە بەرگەن ئىدى ، ئۇلار مەيلى ئاق تەنلىك ياكى قارا تەنلىك بولىشىدىن قەتئىينەزەر تارتىۋالغىلى بولمايدىغان ياشاش ھوقۇقى ، ئەركىنلىك ھوقۇقى ۋە بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولىدۇ دەپ ۋەدە قىلغان .
رەڭلىك ئاممىغا نىسبەتەن ، ئامېرىكا ئېنىقلا ئۆز ۋەدىسىدە تۇرالمىدى . ئامېرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى ، پەقەت قارا تەنلىكلەرگە قۇرۇق پۇل چېكىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، پۇل - چەك ئۈستىگە 《پۇلىڭىز يىتىشمىدى》دېگەن مۆھۈرنى بېسىپلا قايتۇرىۋەتتى خالاس . بىراق بىز ھەققانىي ئىش قىلىدىغان بانكىلارنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ئىشەنمەيمىز . بۇ دۆلەتنىڭ غايەت زور پۇرسەت ئامبىرىدا يېتەرلىك زاپاس پۇرسەتلەرنىڭ يوقلىقىغا ئىشەنمەيمىز . شۇڭا بۈگۈن بىز 《پۇل - چەك 》لەرنى نەقلەشتۈرۈشنى ، بۇ 《پۇل - چەك》نىڭ بىزگە قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىي كاپالەت ئېلىپ كىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز .
بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس جايغا كىلىشىمىزمۇ ئامېرىكىغا ھازىر ناھايىتى جېددىي پەيت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويۇش ئۈچۈندۇر . ھازىر ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئارقىلىق بېسىقتۇرىدىغان ياكى تەدرىجىيچىلىكنىڭ تىنىچلاندۇرۇش دورىسىنى ئىشقا سالىدىغان ۋاقىت ئەمەس . ھازىر دېگەن دېموكراتىيەنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پەيتى . ھازىر دېگەن ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنىڭ خىلۋەت قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلىرىدىن ئىرقىي باراۋەرلىكنبڭ پارلاق يوللىرىغا يامىشىدىغان پەيىت . (بىر جۈملە قالدۇرۇلدى)ھازىر دېگەن دۆلىتىمىزنى ئىرقىي تەڭسىزلىكنىڭ كۆچمە قۇملىرى ئارىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ، دوستلۇق قورام تېشىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىدىغان پەيىت .
ئەگەر ئامېرىكا ۋاقىتنىڭ جېددىيلىكى ۋە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئىرادىسىگە سەل قارايدىغانلا بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ئامېرىكىغا نىسبەتەن جانغا زامىن يارا بولۇپ قالىدۇ . ئەگەر ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سالقىن كۈزى يىتىپ كەلمىسە ، قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاچچىقى ئارقىلىق قارشىلىق كۆرسىتىدىغان تومۇز ئىسسىقى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ . 1963-يىلى كۆرەشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ ، بەلكى بۇ باشلىنىشىدۇر . بەزىلەر شۇنداق ئارزۇلارنى قىلىدۇ : 《قارا تەنلىكلەر ئاچچىقى يانسىلا قانائەتلىنىدۇ ؛ ئەگەر دۆلىتىمىز ساق - سالامەت بولۇپ ، ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىسە ئۇلار چوقۇم بەك ئۈمىدسىزلىنىدۇ 》. ئەگەر قارا تەنلىكلەر پۇقرالاردا بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمەيدىكەن ، ئامېرىكىدا خاتىرجەملىك ۋە تىنىچلىق بولىشى مۇمكىن ئەمەس . ھەققانىيەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن كەلمەيدىكەن ، توپىلاڭنىڭ قۇيۇنلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى داۋاملىق تەۋرىتىدۇ .
بىراق ھەققانىي ئورگانلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يۈرىكى كۆيگەندەك جېددىيلىكتە ساقلاۋاتقانلارغا چوقۇم دەپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بەزى گەپلەر بار . قانۇنلۇق ئورۇنغا ئېرىشىش جەريانىدا ، بىز خاتا ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقىمىز كىرەك. ئەركىنلىككە بولغان تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت رۇمكىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك . ئىنقىلاب قىلغان ۋاقتىمىزدا چوقۇم ھامىنى يۈرۈش تۇرىشىمىز جايىدا ، ئىنتىزام قاتتىق بولىشى كېرەك . بىزنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى مەزمۇندىكى قارشىلىقىمىزنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ كىتىشىگە ھەرىگىزمۇ يول قويمايمىز . بىز ئۈزلۈكسىز ھالدا روھىي كۈچ ئارقىلىق ماددىي كۈچكە تاقابىل تۇرىدىغان يۈكسەك مەنزىلگە يىتىشىمىز كېرەك .
ھازىر قارا تەنلىكلەر جەمئىيىتىنى قالتىس بولغان يېڭى جەڭگىۋار روھ قاپلىدى ، بىراق بۇنىڭلىق بىلەنلا بارلىق ئاق تەنلىكلەرگە ئىشەنمەسلىككە بولمايدۇ . چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن بىزنىڭ تەقدىرىمىزنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقانلىقى بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ . ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى يېقىن . بىز يالغۇز ھەرىكەت قىلالمايمىز .
بىز ھەرىكەت قىلغان ۋاقتىمىزدا ، چوقۇم ،ئالدىغا مېڭىشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئارقىغا چېكىنىشكە بولمايدۇ . ھازىر بەزىلەر ئوت يۈرەك ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرىدىن 《سىلەر قاچان قانائەت قىلىسىلەر ؟》 سورىماقتا .
ئەگەر قارا تەنلىكلەر يەنىلا ساقچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ۋەھشىي زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن بىز ھەرگىزمۇ قانەئەت قىلمايمىز .
ئەگەر بىزنىڭ سىرىتلاردا يۈرۈپ ھېرىپ كەتكەن بەدەنلىرىمىز يول ياقىسىدىكى ماشىنا مېھمانخانىلىرى ۋە شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردىن تۇرىدىغان ئورۇن تاپالمايدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
ئەگەر قارا تەنلىكلەرنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت دائىرىسى پەقەتلا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان كىچىك نامرات رايوندىن چوڭ نامرات رايونغا يۆتكىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
ئەگەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز 《ئاق تەنلىكلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ 》دېگەن بەلگە ئارقىلىق ئۆز قىممىتى ۋە ھۆرمىتىدىن مەھرۇم قالىدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلمايمىز .
ئەگەر مىسىسسىپى شتاتىدا يەنىلا بىرەر قارا تەنلىك سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن ، نيۇيوركتىكى بىرەر قارا تەنلىك ئۆزى تاشلىغان بىلەتنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى دەپ قارايدىكەن ، بىز ھەرگىز قانائەت قىلالمايمىز .
ياق ! بىز ھازىر ھەرگىزمۇ قانائەت قىلالمايمىز ، بىز كەلگۈسىدىمۇ قانائەت قىلالمايمىز ، پەقەت ھەققانىيەت ۋە ئادالەت خۇددى دەريا دولقۇنلىرىدەك مەۋىج ئۇرۇپ كەلگەنگە قەدەر .
شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى ، بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى جاپا ۋە ئىزىشكە چىداپ بولالمىغان ، بەزىلىرى تېخى ھېلىلا تار تۈرمە كامىرلىرىدىن چىققان ، بەزىلىرى ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقتىن تۇرىدىغان جايلىرىدا ئېچىنىشلىق ھالدا غالجىرلارچە قىلىنغان زىيانكەشلىكنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ، ھەمدە ساقچىلارنىڭ زوراۋانلارچە ھەرىكەتلىرىنىڭ قۇيۇنلىرى ئىچىدە تەۋرىنىپ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنى يوقاتقان . سىلەر ئىنسانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئازاپ - ئوقۇبەتلەرنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىسى . بەرداشلىق بىرىڭلار ، قەتئىي ئىشىنىشىڭلار كېرەككى ، تېگىشلىك بولمىغان ئازاپ ئوقۇبەتلەرگە چىداش گۇناھلىرى ساقىت بولغانلىقتۇر .
بىز مىسىسسىپىغا قايتايلى ، ئالاباماغا قايتايلى ، جەنۇبى كالورىناغا قايتايلى ، جورجىيەگە قايتايلى ، لۇئىسئاناغا قايتايلى ، شىمال تەرەپتىكى شەھەرلەرنىڭ نامرات رايونلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا قايتايلى ، كۆڭلىمىزدە سان بولىشى كېرەككى ، بۇنداق ھالەتنى چوقۇم ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ . بىز ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قېلىپ ئۆزىمىزنى تارتالماي يۈرمەسلىكىمىز كېرەك .
دوستلار ، مەن بۈگۈن سىلەرگە شۇنى دېمەكچىمەنكى ، ھازىرقى پەيىتتە بىز گەرچە ھەرخىل قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققان بولساقمۇ ، مېنىڭ يەنىلا بىر ئارزۇيۇم بار ، بۇ ئارزۇ ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى ئىچىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىغلىق .
ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى بۇ دۆلەت چوقۇم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، ئۆز ئەقىدىسى بولغان 《ھەقىقەت ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان ، ئادەملەر تۇغۇلىشىدىنلا باراۋەر 》ئىكەنلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدۇ .
ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى جورجىيەنىڭ قىزىل تاغلىرى ئۈستىدە بۇرۇنقى قۇللارنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن قۇلدارلارنىڭ ئوغۇللىرى بىرگە ئولتۇرۇپ قېرىنداشلىق مېھىرلىرىنى بايان قىلىشىدۇ .
ئارزۇيۇم شۇكى ، بىر كۈنلىرى ھەتتا ھەققانىيەت ئىزلىرىنى يوقاتقان ، ئىزىشنىڭ شاماللىرى يامىراپ كەتكەن ، قۇملۇققىلا ئوخشايدىغان مىسىسسىپى دېگەن بۇ جاي ، چوقۇم ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەتنىڭ بوستانلىقىغا ئايلىنىدۇ .
ئارزۇيۇم شۇكى ،بىر كۈنلىرى مېنىڭ تۆت بالام ئۇلارنىڭ تېرىسىنىڭ رەڭگى بىلەن ئەمەس ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشى يامانلىقى بىلەن باھا بىرىدىغان تۇرمۇشتا ياشايدۇ .
بۈگۈن ، مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار . بىر كۈنلىرى ئالاباما شتاتىدا ئۆزگىرىش بولىشىنى ، گەرچە بۇ شتاتنىڭ شتات باشلىقى ئىختىلاپ تېرىۋاتقان ، فېدېراتسىيە پەرمانىغا قارشى چىقىۋاتقان بولسىمۇ ، بىراق بىر كۈنلەرگە بارغاندا ، ئۇ يەردىكى قارا تەنلىك ئوغۇل - قىزلار ئاق تەنلىك ئوغۇل - قىزلار بىلەن بىر تۇغقان قېرىنداشتەك يېقىن بولۇپ قول تۇتۇشۇپ ئالغا بېسىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
بۈگۈن ، مېنىڭ بىر ئارزۇيۇم بار . بىر كۈنلىرى جىلغىلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ، تاغلارنىڭ پەسلىشىنى ؛ ئەگرى - بۈگرى يوللارنىڭ تۈز يوللارغا ئايلىنىپ ، مۇقەددەس نۇرلىرى ئارقىلىق بۇ ئالەمنى يورۇتىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
مانا بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز . مەن مۇشۇنداق ئەقىدىنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ھالدا جەنۇبقا قايتىمەن . بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، ئۈمىدسىزلىك داۋانلىرىدىن بىر پارچە ئۈمىد تېشىنى ئۇرۇپ چىقىرالايمىز . بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، بۇ دۆلەتتىكى قۇلاقنى يارىدىغان جېدەل ئاۋازلىرىنى ھېسسىيات بىلەن تولۇپ تاشقان گۈزەل سىمفونىيەگە ئايلاندۇرالايمىز .
بۇ ئەقىدە بولىدىكەن ، بىز كەلگۈسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلالايمىز ، بىرلىكتە دۇئا قىلالايمىز ، بىرلىكتە كۈرەش قىلالايمىز ، بىللە تۈرمىدە ياتىمىز ، بىرلىكتە ئەركىنلىكنى قوغدايمىز ؛ چۈنكى بىز ھامان بىر كۈنى ئەركىن بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز .
ئەركىنلىك يىتىپ كەلگەن كۈنىدە ھەممەيلەن (ئۆزگەرتىلدى)يېڭى بىر مەنا بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا بۇ ناخشىنى ئېيتىمىز :《مېنىڭ ۋەتىنىم ، گۈزەل ئەركىن يۇرتۇم ، مەن سېنى كۈيلەيمەن . سەن ئاتا بوۋىلىرىمىز ۋاپات بولغان جاي ، سەن ئەڭ بۇرۇنقى كۆچمەنلەرنىڭ ئىپتىخارى ، ئەركىنلىك سادالىرىنى ھەربىر تاغلارغا يەتكۈزگىن 》 .
ئەگەر ئامېرىكا ئۇلۇغ بىر دۆلەتكە ئايلانماقچى بولسا ، بۇ ئارزۇلار چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك !
ئەركىنلىك سادالىرىمىز NewHampshire شتاتىنىڭ ھەيۋەتلىك ئېگىز ۋە تىك چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
ئەركىنلىك سادالىرىمىز ، نيۇيوركنىڭ ئېگىز ۋە تىك چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
ئەركىنلىك سادالىرىمىز پېنىسلىۋانىيە شتاتىنىڭ ئاللېگېنى تېغىدا ياڭرىسۇن !
ئەركىنلىك سادالىرىمىز كولورادو شتاتىنىڭ قار بىلەن قاپلانغان روككى تېغىدا ياڭرىسۇن ! ئەركىنلىك سادالىرىمىز كالىفورنىيەنىڭ يىلاندەك سوزۇلغان توپ - توپ چوققىلىرىدا ياڭرىسۇن !
بۇلا ئەمەس ، يەنە ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى جورجىيە شتاتىنىڭ تاغلىرىدىن ياڭرىتايلى !
ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى تېننىسسى شتاتىنىڭ كۆزىتىش تاغلىرى (Lokout Mountain)دىن ياڭرىتايلى !
ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى مىسىسسىپىنىڭ ھەر بىر تۆپىلىكلىرىدىن ياڭرىتايلى !
بىز ئەركىنلىك ئاۋازلىرىمىزنى ياڭرىتىپ ، ئەركىنلىك سادالىرىمىز ھەربىر چوڭ - كىچىك يېزا - كەنىت ، ھەر بىر شتات ۋە ھەر بىر شەھەردە ياڭرىغان ۋاقتىدا بىز بۇ كۈنلەرنىڭ يىتىپ كىلىشىنى تىزلىتەلەيمىز ، شۇ ۋاقىتتا ھەممە ئادەم (ئۆزگەرتىلدى)، مەيلى قارا تەنلىك ۋە ئاق تەنلىكلەر ، يەھۇدى دىنىدىكىلەر ۋە يەھۇدى دىنىدا ئەمەسلەر ، پروتېستىئان دىنى مۇخلىسلىرى ۋە كاتولىك دىنى مۇخلىسلىرى بولسۇن ھەممەيلەن قول تۇتۇشۇپ قارا تەنلىكلەرنىڭ قەدىمىي بىر ناخشىسىنى بىرلىكتە ئېيتىدۇ : 《ئەركىنلىككە چىقتۇق ! ئەركىنلىككە چىقتۇق ! ھەممىگە قادىر تەڭرىگە رەھمەت ، بىز ئاخىرى ئەركىن بولدۇق !》.
خەنچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى :
باتۇر ئابلەت
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى
شەندوڭ (قوشۇمچە: بۇ نۇتۇق دۇنيادىكى 100 داڭلىق نۇتۇقنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۆتكەن يىلى ماڭا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى لازىم بولۇپ قېلىپ تورلاردىن ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم ، شۇڭا ئۆزۈم تەرجىمە قىلىپ باقتىم. يارىسا ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا پايدىلانساڭلار بولىدۇ. )
ئەسكەرتىش : بۇ نۇتۇقنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكتە بارلىقىنى تېخى ھېلىلا بىلدىم . مېنىڭ بۇ تەرجىمەمدە ھەرگىزمۇ كۆچۈرمىكەشلىك يوق . پەقەتلا يۇقاردا ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئەھۋاللار بولغاچقا ئۆز قىزىقىشىمغا ئاساسەن تۆت سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ تەرجىمە قىلىپ تېلىفۇندا خەتلىرىنى بېسىپ چىققان ، تور ئەھلىنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى سورايمەن . |