- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
شۇنداق شانىيازنىڭ ئاپىسى ئىككىنچى سىنىپتىن باشلاپ توختاپ قالدى ، شۇنىڭدىن باشلاپ چوڭ ئۆينىڭ يۇكىنى كۆتۇرۇپ ئوقۇشقا تىگىشلىك چاغدا ئوقۇمىدى ،كىيىن ئۆي تۇتتى ، ئاشۇ يەتتە قېرىندىشىنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ سۇيىدە ئېقىپ بۇگۇنگىچە كەلدى . ئىھتىمال ئادەم دىگەن كۆڭلى ئاق بولسىلا كۇپايە قىلۋەرمىسە كېرەك ، نۇرغۇن نەزىريىۋى ۋە ئەمىلىي جاھاندارچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ زامان ماكان بىلەن تەڭ مېڭىش ئۇنچۇلا ئاسان ئەمەس .
شۇنداق گەرچە شانىيازنىڭ ئاپسىى ھازىر ئاتمىشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ قەلىپ جۇغلانمىسى يەنىلا شۇ ئىككىنچى سىنىپ باسقۇچىدىكى ھالەتتىن بەك بېرى بولۇپ كىتەلمىدى ، قالغان ئۇچ قىز ئوقۇدى ،ئۇلار نىمىلا بولمىسۇن بۇ جاھاننىڭ قانداق چۆرگىلەيدىغانلىقىنى ،ئۇرۇق تۇققان ، دوس بۇرادەر ، ئائىلە ، جامائەت دىگەن ئۇقۇملارنى ئۆز قەلبىگە يەرلەشتۇرەلىدى . لېكىن شانىيازنىڭ ئاپىسى ئۇنداق قىلالمىدى ، ئۇنىڭ قەلبىدە پەقەت ئاشۇ ئىككىنچى سىنىپتىكى ئوقۇشتىن ۋاز كەچكەن چاغدىكى مەن ياردەم قىلمىسام قېرىنداشلىرىم تۇگۇشىدۇ دىگەن ئىزتىراپ ھۆكۇمران ئىدى . بۇ ئىزتىراپ ئانا ئاتمىشقا كىرگەندىمۇ يۇقالمىدى . بۇ سەبىلىكتە سىڭگەن ئىزتىراپ قېرىغانچە تېىخمۇ كۇچۇيۇپ كەتتى . شانىيازنىڭ ئانىسىنىڭ قەلبىدە بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىش يەتتە قېرىنداشى ئىدى .ھەتتاكى بۇ قېرىنداشلىق ئۇنىڭ ئائىلسىدىنمۇ ،جۇپتى ھالالى بولغان ئېرىدىنمۇ ، شانىياز بىلەن مەتنىيازدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى .
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بىز ھازىر قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسدە تۇرۋاتىمىزمۇ ياكى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم كىشلەرنىڭ تەرتىۋىنى ئالماشتۇرىۋالغان بەخىتسىز بىر ئانىنىڭ ئالدىدا تۇرۋاتىمىزمۇ ، بۇ پەزىلەتمۇ ياكى گۇمراھلىقمۇ .
بىر ئايال بىر ئانا بۇ دۇنيادا قېرىنداشلىرىنى ئۆز ئېرىدىن ئۆز باللىرىدىنمۇ ئارتۇق كۆرسە ئاتمىشقا كىرىپ قالغاندىمۇ بالا دىگەننى تۇغۇۋالسا بولدۇ ،قېرىنداشنى تاپقىلى بولمايدۇ دەپ توختىماي سۆزلىسە ، شانىياز شۇنىڭغا ھەيران ئانىجان ئاتمىشتىن ئېىشپ قالدىڭىز ، ئاغزىڭىزدىن تۇغامسىز بۇ بالىنى ؟ دەپ ئويلايتتى ئىچىدە
ئىككىلا بالىڭىز ئوتتۇزدىن ئاشتى .جېنىم ئانا ئۆز ئوغۇللىرىڭىزغا قەلبىڭىزدىن ئورۇن بىرىڭ . بىز ئۇچ ياش بەش ياشلىق باللار ئەمەس ئانا بىز چوڭ بولدۇق مەن توي قىلدىم باللىق بولدۇم ، مەتنىيازمۇ توي قىلدى . سىزنىڭ باللىرىىڭىزنىڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزدە بۇ ئائىلىدە ئورنى بولۇشى كېرەك ، ئېرىڭىز بولغان ئاتاممۇ باللىىرىڭىز بولغان بىزمۇ قېرىنداشلىرىڭىزدەك مۇھىم بولمىساق ، سىزنىڭ كىلىنىڭىزمۇ قېرىندىشىڭىزنىڭ خاتۇنلىرىدەك مۇھىم ئەمەس ، ھەتتا سىزنىڭ نەۋرىڭىزمۇ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ باللىرىدەك مۇھىم بولمىسا .
جېنىم ئاپا بۇ ئىشلار سىزنى ئازاپلىمامدۇ . قاراڭ شەھرى قومۇلدا ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ئىسىسىق ئۆيىدە ئۆزىنىڭ بالا ۋاقىلىرى بىلەن بىر ۋاقلىق ئوپچە تاماق يىيىشتىن خوشاللىق تاپىدۇ ، پەقەت سىزلا بالىكوننىڭ دەرىزىسىگە قاراپ ئولتۇرۇپ ئاشۇ ئىككىنچى سىنىپتىكى سىز بارلىقىڭىزنى تەغدىم قىلغان ئاشۇ چوڭ ئۆينى ئەسلەپ ئولتۇرىسىز ، بىلسىڭىز ئۇ ئۆيلەر ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى ، ھەممە ھەممە قېرىنداشلىرىڭىز ئايرىم ئائىلە قۇرۇپ ئۆز ئائىلسى تىرىكچىلىكىدە ھەلەك . ئەسلىمىلەر قوينىدىن قايتىپ كىلىڭ ئانا ، سىز ھازىر ئاللبۇرۇن موما بولۇپ بولغان تاتلىق نەۋرىڭىز بار ئادەم . پات پات ئوپچە تاماق يەپ باللىرىڭىز ،نەۋرىڭىز ، ئېرىڭىز بىلەن بىللە ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى سۇرۇڭ .قاراڭ سىزدىن كىچىك سىڭلىڭىز شۇنداق قىلۋاتمامدۇ ، سىڭلىڭىزمۇ نەۋرىلىك بولدى ، ئۆز باللىرى بىلەن نەۋرىسىنى ئوينۇتۇپ خوشاللىق تاپىدۇ . سىزگە ئوخشاش تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزلەپ .بالامدىن قېرىندىشىم ياخشى بالا دىگەن باسىدىغان نەرسە قېرىنداش دىگەن باشقا ئېلىپ كۆتۇرۇدىغان نەرسە دەپ ئۆز باللىرىنىڭ يۇرىكىنى تىلغىمايدۇ .
شانياز ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئېغىر ئۇھ سۇندى ، جېنىم ئانا سىزنى بۇ جاھاندىن ئەلا بىلىمەن ،سىزنى سۆيىمەن ، ھۆرمەتلەيمەن ، ئەمما تۇيۇقسىز شۇنى ئويلاپ قالدىم .بىز باللىرىڭىزنىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ ، باللىرىڭىزغىمۇ قەلبىڭىزدىن ئورۇن بىرىڭ . قاچانلا بارسام ئسىڭدە مەن باركەنمەن ھە دەپ كۆندۇرۇشلىرىڭىزدىن جاق تويدۇم . مەن سىزنىڭ دۇشمىنىڭىز ئەمەس ئوغلىڭىز.
نىمە ئۇچۇن ھەر قېتىم قېرىنداشلار ئىمپىراتورلىقىنىڭ يىغىلىشلىرىدا ھەممە قېرىنداشلىرىڭىز ئۆز ئۆيىدىكى خوشاللىقنى سۆزلىسە سىز دائىم ئىككى بالىڭىزنى ۋە ئېرىڭىزنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ بىرىسز .
شانىياز ئويلاپ شۇ يەرگە كەلگەندە بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدى . ئاپامنىڭ ئۇچ جادى سىڭلىسى ئۇنىڭغا ئۆز ئائىلىسنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ ئۆز باللىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرامدۇ نىمە . شۇنداق بۇنداق يىغلىشلاردا بۇ جادىلار شانىيازنىڭ ئاپىسىنىڭ قايسى سۆزىگە بەكرەك زەن سالسىلا شانىيازنىڭ ئاپسىى ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى بويىچە ئۆز باللرىنىڭ ئېرىنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۇرۇشكە تىرشاتتى .
ئۆز باللىرىنى ئوقۇشى ۋە خىزمىتىنى ئاچىسىنىڭ باللرى بىلەن سېلىشتۇرغان ئىچى ھەسەت بىلەن توشۇپ كەتكەن بۇ ئۇچ جادى ئاچىسىنىڭ ئۆزقېرىنداشلىرىنى ئۆز باللىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاللبۇرۇن ھىس قىلىپ بولغاچقا تەپ تارتماستىن ئاچىسىدىن ئۆز يولدىشىنىڭ ئۆز باللىرىنىڭ يامان گىپىنى قىلىپ بىرىشىنى ئىما ئىشارەت ، ۋە باشقا چىراي ئىپادىلىرى ئارقىلىق تەلەپ قىلشاتتى . |
|