- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 21:21
شانىياز بىلەن مەتنىياز بۇ ئائىلىدە ماختاشقا قارىغاندا ئەيىپلىنىشكە باشقا باللارغا سېلىشتۇرۇشقا جىقراق ئۇچراپ چوڭ بولدى . ئائىلىدە بىرلا ئادەم ئىشلەيدىغان بۇ ئائىلىدە پۇل ھەمىشە جىددىلىك ھالىتىدە تەكىتلىنەتتى . چۇنكى بالىدىن قېرىنداش ئۇستۇن دىگەن شۇئار بۇ ئائىلىدە بايراق سۇپۇتىدە تۆرگە چىققان ئىدى .
شانىياز توخوتۇر ياراتقان بىر پىرسۇناج بولۇش سۇپۇتى بىلەن ئەلى مۇئەللىمنى بەك ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى .ئەمما شانىياز ئەلى مۇئەللىمنىڭ ناۋادا ئاتا ئانا ئۆز بالسىنى ئەيىپلەپ سىرتتىكى باللارنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىۋىرىدىكەن ، ئۇ بىر ساراڭنى تەربىيلەپ چىقىدۇ دىگەن سۆزىگە بەكمۇ قايىل بولدى .
شانىيازنىڭ ئانىسى ئۇچۇن بالسىنىڭ كەمچىلىكىنى ئۇرۇق تۇققان قولۇم قوشىنىلارغا يېيىش بىر پەزىلەت ئىدى.
بىر قېتىم شانىياز يەنە مامىسىنىڭ تۆت ئوغلىغا سلېىشتۇرۇلغاندا ئانىسىغا قاراپ :ئانا مومامنىڭ تۆت ئوغلىنىڭ بىرەسىمۇ مومامغا ئالتۇن ئۈزۇك سېلىپ قويالمىدى ، مەن قانداقلا بولمىسۇن ساڭا ئۇچ ئالتۇن ئۇزۇك ئېلىپ سوغا قىلدىم. دەپ تاشلىدى . ئانا بۇ راست گەپكە گەپ تېپىپ بىرەلمەي گىلەمنىڭ ئاستىدىن شانىياز سوغا قىلغان ئالتۇن ئۇزۇكلەرنى شانىيازنىڭ يۇزىگە ئاتقىلى تۇردى .شانىياز قاقاقلاپ كۇلۋېىتپ ئۆيدىن قېچىپ چىقتى .
شۇنداق بۇ جەمەت ئىمپىراتۇرلىقىدا كۆز بىلەن سۆز دىگىلى بولمايدىغان بىر سېلشىتۇرۇش مەۋجۇت ئىدى ، بولۇپمۇ شانىيازنىڭ ئاپسىنىڭ ئاپىسى بولغان بۇ ماما كىشى ئەنە شۇنداق سېلىشتۇرۇپ تۇراتتى . توۋۋا بىز ئانىلارنى ئۇلۇق دەيتتۇققۇ ،بىز قېرىنداشلارنى بىر بىرىگە دەھشەت كۆيۇملۇك دەپ ئۆتكەنغۇ ، بىراق شانىيازنىڭ مومىسى ئۆزىنىڭ باللىرىنى ئۆزىنىڭ چوڭ قىزىنىڭ باللىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭلى يېرىم بولاتتى . ئۆز باللىرنىڭ ئۇستۇن ئورۇندا تۇرۇشىنى ئۇمۇت قىلاتتى .
بىراق شانىيازنىڭ ئانىسى مومىسىنىڭ بۇ خىل ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ ئۆز باللىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيدىغان ئىشنى قىلمىدى . شانىيازنىڭ ئانىسى ئۆز ئاپسىنىڭ (شانىيازنىڭ مومىسىنىڭ ) ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۇچۇن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز باللىرىنى چۆكۇرۇپ ئاپىسىنىڭ باللىرىنى يەنى قېرىنداشلىرىنى كۆتۇرۇشكە تىرىشاتتى .
شانىيازنى ئەيىپلەيدىغان ھەر بىر پۇرسەت كەلگەندە ئانسىى مۇنداق دەيتتى : ماماڭنىڭمۇ تۆت ئوغلى بار شۇنداق كۆيۇمچان شۇنداق ئوبدان ، . شانىياز دەسلەپتە ئۇن چىقمىدى ، نۇرغۇن قېتىملىق سېلىشتۇرۇشلاردىن كىيىن ، -ئۇ قىمارۋاز قەرىزگە بوغۇلغان ئۇكۇلىرىڭغا مامام ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆلۇم تىلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دىدى . يەنە بىر قېتىم ئانىسى : ماماڭنىڭمۇ تۆت كىلىنى بار ، نىمە دىگەن ئوبدان نىمە دىگەن كۆيۇملۇك ، -ھەئە بەك كۆيۇملۇك ، مومامنىڭ ئۇ يۇزى yoq كىلىنلىرى مەن توي قىلسام بىر موچەن خىنىسى يوق توينىڭ تۆرىدە ئېكرانغا قاتار چىقىشىپتۇ ، بەك كۆيۇملۇك بولغاچقا مومام سەكسەندىن ئاشسىمۇ بىرەرسىنىڭ ئۆيىدە بىر ئاي تۇرماق بىر ھەپىتىمۇ تۇرالمايدۇ . ....
شۇنىڭدىن كىيىن شانىيازنىڭ ئانىسى ماماڭنىڭمۇ تۆت ئوغلى بار ،ماماڭنىڭمۇ تۆت كىلىنى بار شۇنداق ئابدان بۇنداق ئابدان دىگەن گەپلەرنى دىمەس بولدى .
|
|