قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kitabhumar

رايونىمىزدىكى ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

366

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32412
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 116
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 18:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-6 18:32  
buqqa يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 00:21
تالىبانلارئۇيغۇرنى سېستىۋاتقاچقا،ئەمدى بۇندىن كېيىن  ...

بىر كاللەك پوقنى  دەرزىدىن بېشىغا تاشلىسا ئاسماندىكى قۇچقاچتىن كۆرۈپ يۈرۈيدىغان ئەخمەق.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-6 22:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇل پاخاللىقى ئۇقۇمى، ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى ۋە پۇل پاخاللىشىش سەۋەبى. b; s. X" u5 U( [% F* D


1. پۇل پاخاللىقى
پۇل پاخاللىقى (Inflation) دېگىنىمىز، ئىقتىسادىي ئايلىنىش جەريانىدا كېلىپ چىقىدىغان مال باھاسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك، ئىزچىل ئۆرلەش ھادىسىسى. قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى ئوبۇرۇتتا ئەمەلىي ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارىدىن ئېشىپ كېتىشى پۇل پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى.7 U3 B9 {+ F0 P6 H1 }4 D$ H+ z
تاۋار ئوبۇرۇتى جەريانىدا قەغەز پۇلنى قانچىلىك تارقىتىش خالىغانچە قارار قىلىدىغان ئىش ئەمەس، ئوبۇرۇت ساھەسى قانچىلىك پۇلغا ئېھتىياجلىق بولسا شۇنچىلىك تارقىتىش كېرەك، بۇ پۇل تارقىتىشتا چوقۇم ئەمەل قىلىش كېرەك بولغان ئۆلچەم. پۇل تارقىتىشتا تۆۋەندىكى تەڭلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك:# f& n% w9 i( d5 h& c7 t
پۇل ئېھتىياج مىقدارى=    پۇل ئوبۇرۇت سۈرئىتى / تاۋار قىممىتى ئومۇمىي مىقدارى$ d: F  j3 Q+ P
ئوبۇرۇتتىكى پۇل ئېھتىياجى مىقدارى بولسا تاۋار ئومۇمىي مىقدارى ۋە تاۋار باھاسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، يەنى جەمئىيەتتىكى تاۋار ئومۇمىي مىقدارى قانچە چوڭ بولسا، تاۋار باھاسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارى شۇنچە كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇل ئېھتىياج مىقدارى يەنە پۇل ئوبۇرۇت سۈرئىتى بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدۇ. پۇلنىڭ ئوبۇرۇت سۈرئىتى قانچە كۆپ بولسا، سۈرئەت قانچە تېز بولسا، ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارى شۇنچە ئاز بولىدۇ. ھۆكۈمەت تارقاتقان پۇل مىقدارى ئەمەلىي ئوبۇرۇت ئېھتىياجلىق بولغان پۇل مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئاتالمىش پۇل پاخاللىقى يۈز بېرىدۇ..: h, M6 Z! r- o
مەسىلەن، بازاردا قىممىتى 2 مىليارت يۈەنلىك تاۋار بار، پۇلنىڭ ئوبۇرۇت سۈرئىتى 2 قېتىم. ئۇنداقتا 1 مىليارت يۈەن قەغەز پۇل تارقاتسىلا، 1 يۈەنلىك قەغەز پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى 1 يۈەن بولىدىغان پىرىنسىپقا ئېرىشىمىز. ئەگەر 2 مىليارت يۈەن قەغەز پۇل تارقاتسا، بۇ 2 مىليارت يۈەن قەغەز پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى پەقەتلا ئەسلىدىكى 1 مىليارت يۈەن قەغەز پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ چاغدا 1 يۈەن قەغەز پۇلنىڭ سېتىۋىلىش كۈچى 0.5 يۈەنگە چۈشۈپ قالىدۇ. يەنى 0.5 يۈەنلىك تاۋار سېتىۋالالايمىز. شۇ سەۋەبتىن ئەسلىدە 1 يۈەن قىممەتكە ئىگە تاۋارنى سېتىۋېلىشقا 2 يۈەن پۇل كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قەغەز پۇل پاخاللىشىپ، ئەسلىدىكى بىر يۈەنلىك تاۋار 2 يۈەنگە چىقىپ، مال باھاسى ئۆرلەيدۇ..( i4 r8 N" d- f
پۇل پاخاللىقى پەقەت قەغەز پۇل ئوبۇرۇتى شارائىتىدىلا يۈز بېرىدىغان ھادىسە بولۇپ، ئالتۇن، كۈمۈش پۇل ئورنىدا ئوبۇرۇت بولغان شارائىت ئاستىدا پۇل پاخاللىقى ھادىسىسى يۈز بەرمەيدۇ. چۈنكى ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ ئەسىلىدىنلا ئۆزىنىڭ قىممىتى بولغاچ، قىممەت ساقلاش فۇنكىتسىيەسىگە ئىگە بولۇپ، ئوبورۇتتىكى پۇل ئېھتىياجىنى ئۆزلىگىدىن تەڭشەپ تۇرالايدۇ، تاۋار ئوبۇرۇتى ئېھتىياج بولغان پۇل مىقدارى بىلەن ئەمەلىي پۇل ئوبۇرۇت مىقدارى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلىنىدۇ.
قەغەز پۇل ئوبۇرۇتى شارائىتىدا، قەغەز پۇل دۆلەت مەجبۇرىي تارقىتىپ ئوبۇرۇت قىلىدىغان پەقەتلا پۇل بەلگىسى بولغاچقا، ئۆزىنىڭ قىممىتى يوق بولۇپ، پەقەت ئالتۇن، كۈمۈش پۇلىنىڭ ۋەكىللىك بەلگىسى، خالاس. قىممەت ساقلاش ۋاستىسى قىلىشقا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئەگەر قەغەز پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى تاۋار ئوبۇرۇتى ئېھتىياج بولغان مىقداردىن ئېشىپ كەتسىلا ئۇنىڭ كۇرسى چۈشۈپ پاخاللىشىدۇ.
پۇل پاخاللىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ، ھەم تەڭپۇڭ ھالەتتىمۇ تۇرمايدۇ. پۇل پاخاللىقىنىڭ يۈز بېرىشى بىر قاتار زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. پۇل پاخاللىقى يۈز بەرسە بىزنىڭ ئەمەلىي كىرىمىمىز ئازىيىدۇ، ئىشسىزلىق ئېغىرلىشىدۇ. قەغەز پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈش بىلەن ھەقدارنىڭ (قەرز بەرگۈچىنىڭ) مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن:
2013-يىلى تاھىرجان ئاغىنىسى ئابلەتكە 1000 يۈەن قەرز بېرىپ تۇردى، ئابلەت بىر يىلدىن كېيىن قايتۇرىدىغان بولۇپ كېلىشتى. ئەمما بىر يىلدىن كېيىن 2014-يىلى ئېغىر دەرىجىدە پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىپ، 1000 يۈەن پۇلنىڭ قىممىتى بىر يىل ئىلگىرىكى 200 يۈەنگە تەڭ بولۇپ قالدى. بۇ خىل ئەھۋالدا ئەگەر ئابلەت تاھىرجانغا يەنىلا 1000 يۈەن قايتۇرسا، تاھىرجان بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 800 يۈەن قىممەتنى زىيان تارتىدۇ.
ئەگەر بەختكە قارشى ئىقتىسادىي كىرزىس يۈز بەرسە، دۇكان ئاچقۇچىلار توختىماي دوككىنىدىكى مال باھاسىنى ئۆزگەرتىدۇ، پۇل مۇئامىلە ساھەسى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئۆسۈم، پېرېۋوت نىسبىتى دېگەنلەر توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. تېخىمۇ چاتاق بولىدىغىنى بۇ چاغدا بۇ سان–سىفىرلارنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتى، ئۆلچىمى بولماي قالىدۇ، چۈنكى كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت سەۋەبىدىن بۇ سان–سىفىرلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى يوقىتىدۇ.8 |. y" r. d* |& I
يۇقىرىقىلار پەقەتلا پۇل پاخاللىقى ئىنتايىن ئېغىر بولغان شارائىت ئاستىدىكى ئەھۋال بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مۇۋاپىق بولغان پۇل پاخاللىقى ئىقتىسادقا زىيان سالمايلا قالماي، تېخى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى جانلاندۇرىدۇ. بۇنىڭغا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ياپونىيە ۋە كورىيەنىڭ پۇلى پاخاللاشسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىشى جانلىق مىسال بولالايدۇ.
ئۇنداق بولسا بىز ئادەتتە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۈز بەرگەن–بەرمىگەنلىكىنى، چوڭ–كىچىكلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچىگە دىققەت قىلسىڭىزلا بولىدۇ.
2. ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى
ئىستېمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى دېگىنىمىز، (ئىنگىلىزچىدا CPI دەپ قىسقارتىپ يېزىلىدۇ) ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تاۋار ۋە ئەمگەك ھەققى باھاسى ئىسىتاتىستىكا قىلىنىپ چىقىرىلغان مال باھا ئۆزگىرىش كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئادەتتە پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسىنى كۈزىتىدىغان مۇھىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچ.* K/ K( F7 V& S0 v$ S
ئادەتتە، CPI نىڭ ئېشىشى %3 دىن چوڭ بولسا پۇل پاخاللىقى بولدى، دېيىلىدۇ؛ CPI نىڭ ئېشىشى %5 دىن ئاشسا ئېغىر دەرىجىدە پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن بولىدۇ. 2007-يىلى جۇڭگونىڭ CPI 4.8% ئۆسكەن، 2008-يىلى CPI 5.9% ئۆسكەن.$ p8 l; g' X% e2 [5 ?9 \9 G
دۆلەت ئىسىتاتىستىكا ئىدارىسى تورىدىكى سان–سېفىرغا ئاساسەن، 1978-يىلىنىڭ CPIنى 100 دەپ ھېسابلىغاندا، 2013-يىلىغا كەلگەندە يىغىندىسى 594.8 بولغان. يۇقىرىقى سان=سېفىرنى توغرا دەپ قارىغان چاغدا، بۇ 1978-يىلىدىن بۇيان 2013- يىلىغىچە دۆلىتىمىزدىكى پۇل پاخاللىقى %600 بولدى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ..
3. پۇل پاخاللىقىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى0 b+ B! |! u$ N$ `# T* o
چوڭقۇر قاتلامدىكى سەۋەبلەردىن يەنە تۆۋەندىكىلەر بار:
1) ئېھتىياج يېتەكلەپ كەلگەن پۇل پاخاللىقى. بۇ مالىيە قىزىل رەقىمى، كىردىتنىڭ كېڭىيىشى، مەبلەغ سېلىشقا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ۋە ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.6 v9 V: |9 Y# J1 n
2) تەننەرخ سەۋەبلىك پۇل پاخاللىقى (بۇ مائاش ۋە پايدىنىڭ سىلجىتىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى مال باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۇك ئۆرلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەننەرخنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۇپ چىقارغان ئامىل بولسا، بىرى مالنىڭ خورىشىنىڭ ئېشىپ كېتىشى، يەنە بىرى، يەنە بىرى مائاش ئۆستۇرۇلۇشىنىڭ ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ئارتىپ كېتىشى.; S9 g/ X  J' T+ B& T- g7 v
3) قۇرۇلما خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى. ئىجتىمائىي ئىگىلىك تارماقلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىش سەۋەبى بىلەن كېلىپ چىققان مال باھاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆرلىشى. بۇ تۈردىكى پۇل پاخاللىقى ئادەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە كۆپ يۈز بېرىدۇ.+ i/ R7 W- h6 l7 @9 }5 a
4) ئىمپورت خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى. ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشى دۆلەت ئىچى مال باھا        سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەھۋال ئادەتتە دۇنيا خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى بولغاندا ھەمدە خەلقئارالىق سودا، دۆلەت ھالقىغان شىركەت، ئېچىۋىتىلگەن ئىقتىسادىي تارماقلار قاتارلىق يوللار ئارقىلىق خەلقئارادا تارقىلىدۇ.
5) تىزگىنلەش خاراكتېرلىك پۇل پاخاللىقى. بازاردا ئومۇمىي تەمىنلەش ئومۇمىي ئېھتىياجدىن كىچىك بولغاندا، ياكى تەمىنلەش قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭپۇڭلىقنى يوقاتقاندا، دۆلەت مال باھاسىنى تىزگىنلەش ۋە تاۋارنى نورمىلىق تەقسىملەش ئۇسۇلى بىلەن باھا ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ مۇقىملىقىنى مەجبۇرىي ھالدا تىزگىنلەيدۇ. بۇ بىر خىل ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان، ئەمما يۈز بېرىپ باقمىغان پۇل پاخاللىقى ھادىسىسى.; ~# H8 O& {! a5 ?5 g' o. K
مەنبە -باغداش  تورى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 11:11:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻣﺪﯗ?
ﻣﻪﻧﺒﻪ:   ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 01-07
ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯔ!

ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ 
ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺘﻰ. ﻣﯘﻗﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﯞﻩ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﺭﯗﺑﻠﯩﻨﯩﯔ 2014- ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯧﺮﯦﯟﻭﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ %60 ﻛﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﻩﺗﺘﻰ. ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻝ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﯞﺍﺳﺘﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ. ﺑﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯗﺳﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﮔﯜﻟﭽﯩﻤﻪﻥ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. 
ﭘﯘﺗﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ 2016- ﻳﯩﻠﻰ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﻰ 63 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻛﯘﺑﻤﯧﺘﯩﺮ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﺒﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ « ﺟﻪﻧﯘﺏ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ » ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﯞﻩﺗﺘﻰ. ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺘﯩﻦ, ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﭘﯘﺗﯩﻦ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﭖ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯩﻨﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. 
ﻛﯩﻢ ﻳﻪﯕﺪﻯ?
ﺑﯘﻧﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﮪﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ, ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. 
ﻧﯧﻔﯩﺖ ﺑﺎﮪﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﻰ, ﻏﻪﺭﯨﺒﻨﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﭘﯘﻝ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﺪﻩ, 2016- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﭼﻮﯓ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﻰ ﺟﻪﻧﯘﻥ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ. 
ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ, ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻏﺎ ﺳﯩﯖﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﻳﯩﻞ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﮪﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻘﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺋﺎﻏﺪﺭﯗﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗﺭﺩﻯ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺯﯗﯕﻠﯩﺴﻰ ﺩﺍﯞﯗﺕ ﺋﻮﻏﻠﯘ ﯞﻩ ﺯﯗﯕﺘﯘﯓ ﺋﻪﺭﺩﻭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﯨﻘﺘﯩﻦ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻏﺎ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺗﯚﮔﯜﻧﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﺩﯗﺭﯗﺩﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. 
ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻤﯘ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﺯﯗﯕﺘﯘﯕﻰ ﺑﺎﺷﺎﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﺪﺍ, ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. 
ﻗﯩﺴﯩﻠﭽﺎﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ
ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﺍ, ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﮕﻪ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﮪﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﮪﺪﻯ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺶ ﻏﻪﺭﯨﺰﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ, ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻨﯩﯔ %60 ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﯩﺪﯨﺪﻯ. ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻛﯩﻴﻪ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﭺ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﯩﺴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﮪﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘﻣﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﺳﺎﮪﺎﺳﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ – ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﺗﻼﻧﺘﯩﻚ ﺋﻪﮪﺪﯨﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. 
ﺭﯗﺳﻴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺗﻮﺭﻭﺑﺎ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﺗﻮﺭﻭﺑﺎ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻟﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﺋﺎﺩﺭﯨﻴﯧﺪﯨﻦ ﮪﺎﻟﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﺭﻭﺑﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪﺯﻩﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﺎﮪﺪﯦﻨﯩﺰ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﯞﺭﯗﭘﺎﻧﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ 20 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻛﻮﺑﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ, ﺑﯘ ﭘﻪﻗﻪﺕ 7 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﮪﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﻴﺎﻻﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ 63 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﻛﯘﺑﻤﯧﺘﯩﺮ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﮔﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺗﻮﺭﻭﺑﺎ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﺪﻯ.

1

تېما

4

دوست

2016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22028
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 14:44:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 13:55
نىمە بولىۋاتىدىكىن تاڭ.تىجارەتچىنىڭ سودىسى بەك ئاقماي ...

بازا يوق ئىجارە قىممەت  ھەي

1

تېما

4

دوست

2016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22028
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 14:49:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ixtningkuqigi يوللىغان ۋاقتى  2014-12-8 19:12
ئېىتىساد  گىرمانىيەدىن باشقا   دۇنيا  يۈزلۈك  چېكىندى ،  ...

1

تېما

4

دوست

2016

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22028
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 62
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 15:00:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mart يوللىغان ۋاقتى  2014-12-9 01:06
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ كەسپىم دەل ئىقدىسادشۇناسلى ...

ئەتراپلىق تەھلىل بوپتۇ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3788
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 15:26:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ: ﺟﯘﯕﮕﻮ 30 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ
ﻣﻪﻧﺒﻪ:   ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 01-07
ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯔ!
 
ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ 
1- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 6- ﻛﯜﻧﻰ, « ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ » ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ, ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ Deutsche ﺑﺎﻧﻜﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ 1981- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺩﯗﭺ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﺪﻯ. Deutsche ﺑﺎﻧﻜﺴﻰ, ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﺯﯨﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ. 

Deutsche ﺑﺎﻧﻜﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﭽﻪ 2015- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ, ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ %35 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ, ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ %23 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯧﺪﻯ. 
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﯩﭽﻪ, ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ %16.6 ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﯩﺪﯨﻦ %40 ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ, ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﭗ, 2014- ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ. ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﻛﺎﺳﺎﺗﻼﺷﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﺎﺯﯨﻴﭗ, ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. 
ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺷﯘﻛﻰ, 2014- ﻳﯩﻠﻰ 3- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﭗ, ﺗﺎﻛﻰ 2014- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻳﻪﺭ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﯧﯩﺸﯩﺶ ﯞﻩﺯﯨﻴﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺗﺎﻛﻰ 2014- ﻳﯩﻠﻰ 4- ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺪﻩ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ 2015- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ, ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﺪﻩ ﺋﯘﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪﯗ. 
Deutsche ﺑﺎﻧﻜﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﯨﭽﻪ 2015- ﻳﯩﻠﻰ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻘﯩﺪﯨﻦ %20 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 

ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ 2015- ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ %10 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺴﻪ, ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﮪﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %2.2 ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. 1994- ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ, %2.2 ﻟﯩﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 1983- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﻪﯓ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺋﯧﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. 2015- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ %2.2 ﻟﯩﻚ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻯ 2014- ﻳﯩﻠﺪﯨﻜﻰ %4 ﺗﯩﻦ ﻛﯚﭖ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ, 2009- ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩ 2013- ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ %19 ﻟﯩﻚ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﭼﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻛﻼ ﺗﯚﯞﻩﻥ.  
2009- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ 2013- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﻪﺭ-ﺯﯨﻤﯩﻦ ﯞﻩ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ, ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ %49 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ, GDP ﻧﯩﯔ %24 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﭘﻮﻻﺕ-ﺗﯚﻣﯜﺭ, ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ, ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎﻕ, ﻳﻪﺭ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ GDP ﻧﯩﯔ %35 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﻳﻪﺭ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﻮﺗﻮﺭ. 
ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ 5 ﻳﯩﻠﺪﺍ 30 ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﻪﮪﻪﺭ ﺋﯘﺩﺍ 4 ﭘﻪﺳﯩﻠﻠﯩﻚ ﻳﻪﺭ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﻴﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﺩﻯ. ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺗﻪﮪﻠﯩﻠﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﯩﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ GDP ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ %0.4 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ %1.2 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ %1.4 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ. 
ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﯩﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍﻙ, ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭ GDP ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ %0.8 ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘﻛﻰ, 2013- ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﮭﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ %47 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭖ, ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭ %62 ﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ, ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻜﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.

0

تېما

0

دوست

222

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   74%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19702
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 16:32:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !ماۋۇ ئەسەرنىڭ ماڭا خېلى قىممىتى باردەك بىلىندى !ئاساسلىق مەزمۇنى ئىقساد يامان ۋاقىتىدا ئاشلىقنىڭ ناھايتى مۇھىم ئىكەنلكى سۆزلەنگەن ئىكەن !قايسى مۇنبەرداشنىڭ تەرجىمە قىلىشىقا ۋاقتى يىتەركىن !http://www.baidu.com/link?url=Y8 ... vGdOJNhY5faxTqGOC5_
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )