ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم كىتابخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
مەن بىر ئىقتىسادشۇناس ياكى ئىقتىساد كەسپىدە ئوقوغۇچى ئەمەس.ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىر تىجارەتچىمۇ ئەمەس،ئەمما تىجارەتچىلەرنىڭ خىرىدارى،بىر ئىستىمالچى،تۇرمۇشۇم،ھاياتىم ئىقتىساتتىن ئايرىلالمايدىغان بولغاچقا بۇ جەھەتتىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىپ كەلگۈچى.شۇ سەۋەبتىن بۇ جەھەتتە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتورغا قويماقچى ئەڭ موھىمى دوسلار ،ئەتراپىمدىكىلەر بۇ توغورلوق نىمىلەرنى ئويلايدۇ مۇشۇنى بىلىپ باققۇم بار...
بۇ تىمىدا ئوتتورغا قويولماقچى بولغان مەزمۇنلار:دىيارىمىزدىكى نۆۋەتتىكى ئىقتىساتنىڭ چىكىنىشى ۋە ئالامەتلىرى شۇنداقلا بۇنىڭ ئۆزۈم ھىس قىلغان سەۋەبلىرى ۋە ئاقىۋەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلار ...
نۆۋەتتە ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى، تىجارەتچى،ئىشچى-خىزمەتچى،دىھقانلاردىن تارتىپ قاقشىماقتا.نىمىشقا ؟ چۈنكى دىھقان بىر يىل جاپا تارتىپ مىڭ بىر جاپادا ئىشلەپ ئەمگىكىنىڭ ھوزورىنى سۈرەلمەيلا قالماي ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانى يوق يۈرمەكتە.تىجارەتچىلەر تىجارىتىنىڭ يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىدىن،ئاقمايۋاتقىنىدىن قاقشىماقتا.ئاددىيسى بىر باقمىچى بىر يىل ئالدىدا 20 تۇياق قوي ئىلىپ بىر يىل يەم خەشەك بىلەن بوداپ ،ھىرىپ چارچاب باقسا بۇ يىلغا كەلگەندە كەتكەن يەم خەشەك چىقىملىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمگىكىنى زىيان تارتقاننى ئازدەپ بىر يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە شۇ قويلارنى ئىزىغىمۇ ساتالماي قاقشىماقتا ...
بۇ بىر رىياللىق ،نۆۋەتتە ،ھازىر مەن تۇرىۋاتقان رايوندا ،ھەتتا مىنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرىم ئارىسىدىمۇ يۈز بىرىۋاتقان رىئاللىق...
ئىشچى -خىزمەتچى ئۆزىنىڭ بىر ئايلىق مائاشىدىن ئۆي قەرزلىرىنى قايتۇرۇپ،ئۆي ئىلىپ بولغان بولسا ئوقوۋاتقان باللىرىغا ئوقوش پۇلى ئەۋەتىپ،ئاشقان پۇلى بىلەن بىر ئائىلىنى بۇ ئايدىن ئۇ ئايغا ئۇلاشتۇرالماي ئاۋارە...
بىر دىھقاننىڭ ياكى باشقا بىرەيلەننىڭ بازاردىن ئالماقچى بولغان نەرسىسى بولسىمۇ ئىككىنى ئالىدىغاننىڭ ئورنىغا بىرنى ،ئالاھىدە زۈرۈرىيتى بولمىسا ئۆزىنى بسىىۋىلىپ ئۆتمەكتە.
ئۆتكەن ھەپتە مەملىكەت خەۋەرلىرىدە ئىلىمىزدىكى چوڭ قۇرلۇش ماتىرياللىرى كارخانىسىدىن ئۈچىنىڭ ۋەيران بولغانلىقى سۆزلەندى.خەۋەرلەردىن نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىنتايىن قاتتىق زىيان تارتقانلىقىنى كۆردۇق،ئاڭلىدوق.
پاكىت ئۈچۈن تۆۋەندىكى خەۋەرنى چاپلاپ قوياي
شىيالىي ئاپتۇمۇبىلى بازاردىن چىكىنمەكچى
جۇڭگۇدا كارخانىلارنىڭ رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كەتتى.
ھۆكىمەت ئۆي مۈلۈكچىلىكنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنى ئۈمىد قىلمايدۇ .
يۇقارقى بايان ۋە خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ئىقتىساتنىڭ چىكىنىشى ھەر بىر ئاددى شەخىستىن-شىركەت،كارخانىلارغا قەدەر دىيارىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتمەكتە.
بۇنىڭ سەۋەبلىرى نىمىدۇ ؟
مەن ئويلاپ يىتەلىگەن ،مومكىنچىكى بار دەپ قارىغان سەۋەبلەر :
1-نەچچە يىللاردىن بىرى ھەر خىل ئامال ۋە چارە تەدبىرلەر بىلەن خەلىقنىڭ قولىدىكى نەق پۇل ئاساسەن قالمىدى.دىھقاننىڭ پۇلى يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ۋە باشقا ئىشلار بىلەن قۇرلۇش ماتىرياللىرى،ئۆي بىزەكلىرى، ھۆنەرۋەنلەرگە كەتتى .بىرىلگەن تولوقلىما ئۆيگە كەتكەن چىقىملارنى بويلىيالمىغىنى ئىنىق .ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پۇللىرى ياشلىرىنىڭ ئۆي ئىلىش ۋە توي ئىشلىرىغا ،چوڭلارنىڭ بالا ئوقوتوش ۋە تۇرمۇشقا ،قىرىلارنىڭ دوختورخانا ۋە باشقا ئىشلارغا كەتمەكتە...
دىمەكچى كادىرمۇ بانكىغا قەرز ياكى قولىدا ئارتۇق پۇل يوق.دىھقانمۇ ئاساسەن قاق سەنەم،ھەتتا ئۆزىدە بار يەرنىمۇ بانكىدىن قەرز ئىلىپ تىرىقچىلىق قىلىدىغان ھالدا ...
2-ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش بورىنى بىلەن موللەك-موللەك پۇل خەجلەپ بىرىدىغان،بازارنى قىسمەن قوزغىتىش رولىنى ئوينايدىغان ھەر قايسى ئىدارە ئورگانلارنىڭ ياۋا پۇللىرى قىسقارتىلدى.بۇ بەلكىم شۇ ئىدارىلەرنىڭ ئىسراپچىلىقنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى بولىشى مومكىن.
3-نەچچە يىللاردىن بىرى بانكىلاردىن ئىشچى -خىزمەتچىلەر ۋە ئاۋامغا تارقىتىلغان قەرزلەر بىلەن قوزغىتىلغان ۋە قوزغانلغان بازار نۆۋەتتە قەرز ئالغان پۇللارنى خەجلەشتىن ئەمدى قەرز تۆلەپ،ئارتۇق خەجلەشكە يوق ھالەتكە ئۆتكەن بولىشى مومكىن ...
4-بازاردا ئىقىۋاتقان پۇل قىسىۋىتىلگەن بولىشى مومكىن.بۇنىڭدا مىنىڭچە تۆۋەندىكىدەك ئىھتىماللىقلار بولىشى مومكىن 1)بانكىلار پۇل قىسىش سىياسىتى ئىلىپ بارغان بولىشى مومكىن 2)ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش بورىنى ئۇچىرىۋەتكەن موللەك-موللەك ياۋا پۇللارنىڭ ئىلگىرى بازاردىكى مىقدارى يۇقىرى بولوپ ،بۇنىڭ يوقىلىشى بازار ئىقتىسادىنىڭ چىكىنىشىكە كاتالىزاتۇرلوق رول ئوينىغان بولىشى مومكىن .3)چەتئەل شىركەتلىرى ئىلگىرى سالغان مەبلەغلىرىنى ئىنتايىن زور مىقداردا يۆتكەپ كەتكەن مومكىن 4) چەتئەل دۈشمەن كۈچلەر بەلكىم ئىلىمىزنىڭ بازار ۋە ئىقتىسادىدا قەستەنلىك بىلەن ئويون ئوينىغان بولىشى ياكى يۇقارقىنىڭ بىر نەچچىسى بولىشى مومكىن .
مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بازاردا ئوبورت بولىۋاتقان پۇل قىسقىراپ كەتكەن دەپ قارايمەن.بۇ نىمە دىگەن گەپ دىگەندە،مىنىڭ چۈشەنچەمچە 10 ئادەمدە 100 سومدىن پۇل بار .بۇلار ساتراچ،ناۋاي،تىجارەتچى ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت دىسەك.ساتراچ قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن ناۋايغا،ناۋاي كىرەكلىك نەرسىلەر ئۈچۈن تىجارەتچىگە،تىجارەتچى ساقال ئالدۇرۇش ئۈچۈن ساتراچقا خەجلىدى.ئەمدى مەيلى نىمىلا سەۋەب بىلەن بولمىسۇن بۇلارنىڭ قولىدىكى پۇللار ئازلسا ھەممىسنىڭ خىراجىتى ئازلايدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇشتا تەڭپۇزسىزلىق كۆرۈلۈپ بۇلارنىڭ ئىشلرى كاساتلىشىدۇ دىگەن گەپ.
ئاۋامنىڭ قولىدىكى پۇلنىڭ ئازلىشى،بىنا ئۆيلەرنىڭ باھاسىنىڭ چىكىنىشى ياكى بىسىلىپ قىلىشى ۋە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەرنىڭ سىلىنىپ خەلىقنىڭ ئۆيگە بولغان ئىھتىياجىنىڭ نىسبەتەن توينىشى قۇرلۇش ماتىرياللىرى كارخانىلىرىنىڭ ۋەيران بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.بۇ يەردە شۇ كارخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار،ئۆي ماتىرياللىرى،بىزەكچىلەر،ھۆنەرۋەنلەر ھەممىسنڭ زىيان تارتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دىگەندەك زەنجىرسىمان بىر ھالەت ...
دىمەك ئىقتىسادتا چىكىنىش يۈز بەردى ۋە بۇ ھەممەيلەنگە تەسىر كۆرسەتتى .ئەلۋەتتە بۇ ئىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنە كىلىپ بۇ نۆۋەتتىكىدەك دىڭىزدىكى ئارال مەسىللىرى،مۇقۇملىق مەسىللىر،چىرىكلىك مەسىللىرى تەڭ يۈز بىرىۋاتقان نۆۋەتتىكىدەك ۋەزىىيەتتە تىخىمۇ شۇنداق دەپ قارايمەن .بۇ ھۆكىمىتىمىزنىڭ ئىستىراتىگىيلىك پىلانلىرى سەۋەبدىن مۇشۇنداق كىتىپ بارغان ئىشمۇ بۇنى بىلمەيمەن.نىمىشقا دىگەندە ئىلىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ،چىكىدىن ئىشىپ كىتىۋاتقان ئىسراپچىلىق،چىرىكلىك ۋە مۇقىمسىزلىققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت كۆرەشلەردە ئاۋامنىڭ ئىزىپ كەتمەي ،قۇلىقىنىڭ يۇقشاقراق بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ بازاردىكى ئوبورت بولىۋاتقان پۇللار ئازلىدىمۇ ياكى ئىلىمىز بىلەن ئۆچەكىشىۋاتقان دۈشمەن كۈچلەر بازارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ ئويون ئوينىماقچىمۇ بۇنى ھازىرچە بىلگىلى بولمايدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بىرىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى ئىقتىساد كاساتلاشقانچە بەك يۈز بىرىۋاتامدۇ ياكى مۇشۇنداق مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەچكە ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشىگە سەۋەب بولىۋاتامدۇ بۇمۇ بىر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا .
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن پارتىيە -ھۆكىمىتىمىز ۋە بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز ئەمەس ۋە بۇنىڭغا چوقوم كىرەكلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن .مەن بىر بۈيۈك جوڭخوا ئىلىنىڭ پەرزەنتى بولوش سۈپىتىم بىلەن ۋەتىنىمنىڭ تىخىمۇ قۇدرەت تىپىشى ئۈمىد قىلىمەن ۋە قولومدىن كىلىشچە تىرىشىمەن ئەلۋەتتە .
بۇ توغرىسىدا باشقا دوسلارنىڭ قانداق ئويلىغانلىرى بار؟بىز بۇ جەريانىدا نىمىلەرگە بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كىرەك ؟
بۇ توغرىسىدا دوسلارنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلىغۇم بار...
|