- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3121
- نادىر
- 0
- يازما
- 141
ئۆسۈش
37.37%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ كەسپىم دەل ئىقدىسادشۇناسلىق ، ھازىر بولسا رايون ئىقتىسادىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن . تىما ئىگىسىنىڭ دىگەنلىرىنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار . رايونىمىزدا ساقلىنىۋاتقان ۋە ھەل بولمايۋاتقان ئىقتىسادى مەسلە بولسا كەسىپ قۇرۇلمىسى‹1-كەسىپ ،2-كەسىپ ۋە 3-كەسىپ دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ › قارىماققا تەرەققىيات يۆلنىشىگە ئۇيغۇندەك كۆرۈلسىمۇ ئىچكى جەھەتتىن تەڭشەلمىگەن ، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدا يىلدا دۆلەت دەرجىلىك ئىلمى ماقالىدىن ئاز دىگەندە بىرسى ، ئاپتۇنۇم رايون ەرجىلىك ئىلمى ماقالىدىن 2-3 گىچە يىزىلىدۇ ، لىكىن بۇنى كۆرىدىغانلار يەنىلا شۇ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ، پويىزنىڭ رولىنى تۇتقانلار كۆرمەمدىكى دەپ ئويلايمەن .
ئىقدىسادنىڭ ئىشىش سۈرئىتى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ ، يەنى دولقۇنسىمان شەكىلدە بولىدۇ ، دۆلىتىمىز 78-يىلى ئىسلاھات ئىلىپ بارغاندىن باشلاپ چەتئەل مەبلىغىغە تايىنىپ تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلدى ، بۇ ئەھۋال 30 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى ، بىزنىڭ دىيارىمىز بولسا 90-يىلدىن كىيىن ‹‹غەرپنى زور كۈچ بىلەن ئىچىش ئىستىراگىيىسى ›› ئارقىسىدا نۇرغۇن تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ ، ئاپتۇنۇم رايون رەھپەرلىرىدىن بىرەرسىمۇ دادىل ھالدا چوڭ ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشقا جۈرئەت قىلالمىدى ، ئوچۇق قىلىپ ئىيتقاندا ئىقتىدارى يەتمىدى . يەنىلا مەركەزنىڭ بىكىتىپ بىرىشى ۋە يول كۆرسىتىشىگە قاراپلا ئولتۇردى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ .
ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى رايونىمىزبىلەنلا چەكلەنگەن مەسلە ئەمەس ، بەلكى رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد ئاساسىي ئاجىز ، شۇڭا زەربىگە ئاسانلا ئۇچرىشى تەبىي .
تىما ئىگىسى كۆرسەتكەن سەۋەپلەرگە بىر-بىردىن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنى بويىچە جاۋاپ بىرىپ باقاي .
1- سەۋەپنى ئاساسىي جەھەتتىن توغرا ىيىشكە بولىدۇ ، دىيارىمىزنىڭ ‹ئەسلى بايلىق› بەرپا قىلىدىغان ئاساسلىق 2 جەۋەتتىن ، بىرى تەبىئىي بايلىقتىن كىلىدىغان مەنبە ، بۇنىڭدىن ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ ماليە مەنبەسى قىلىدۇ . يەنە بىرى بولسا دىھقانچىلىق ،چارۋىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسپلەر يەنى دىھقانلار ۋە ئۇششاق ھۈنەرۋەنلەردىن كىلىدۇ . ئالدىنقىسىدىن رايونىمىز پۇخرالىرى بىۋاستە پايدىلىنالمايدۇ ،، يەنى ئۇل-ئاساسىي قۇرلۇش قاتارلىق تەرەپلەردىن پايدىلىنىدۇ . كىيىنكىسى بولسا بىۋاستە پايدىلىنىدۇ .ئۇلارنىڭ قولىدىكى پۇل تىما ئىگىسى دىگەندەك تۈگىدى .
2-دۆلىتىمىزدە بازارنى قوزغىتىدىغان ئاساسلىق كۈچ ھۆكۈمەت ھىساپلىنىدۇ ، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش بورىنى ۋە پارىخورلىققا قارشى بوران پۇلنى بۇرۇنقىدەك خالىغانچە ئىشلىتىشكە يول قويمىدى ، ئىشلىتىلگىنىمۇ رايونىمىز سىرتىغا ئىقىش نىسپىتى يۇقىرى .
3-رايونىمىزدىلا ئەمەس دۆلەت بويىچە مونوپول كەسىپلەر ، بانكا ، نىفىت تەبىي گاز قاتارلىق ‹‹شىركەتلەر›› پايدىنىلا كۆزلەپ مەنپەئەتكە بىرىلىپ كەتتى . رايونىمىزمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت .
4- بازاردا ئىقىۋاتقان پۇل قىسىلمىدى ، بەلكى تىخىمۇ كۆپ پۇل بىسىلدى ، 2008-يىلىدىكى ئىقتىساد كىرزىسىدىن كىيىن دۆلىتىمىزدە بىسىلغان پۇل ئومومى مىقتارى %300 ئەتراپىدا ئاشتى . لىكىن مال باھاسى ، پۇلنىڭ نۇرمال ئايلانماسلىقى ، ئوي-مۈلۈك كەسپىگە زىيادە تايىنىۋىلىش ، پۇلنىڭ سىرتقا ئىقىشى قاتارلىق ئامىللارسەۋەبىدىن پۇلنىڭ مىقتارى كۆپ بولىسىمۇ ، پۇلنىڭ كۈچى ئاجىزلاشتى ، كىشىلەر پۇل قالمىغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى .
چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن چىكىنىپ چىقىشى 2011-يىلدىن باشلاپلا تىزلىشىشكە باشلىغان ، سەۋەبى بولسا خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىنىڭ ئىشىشى ‹ئەلۋەتتە مال باھاسى يۇقىرىلىسا ، خىزمەتچىلەر مۇئاشىنىڭ يۇقىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ › مەھسۇلاتنىڭ تەنەرخىنى ئاشۇرىۋەتتى ، شۇنىڭ بىلەن چەتئەل شىركەتلىرى تەنەرخى بىرقەدەر ئەرزان بولغان ھىندىستان ، مالايسىيا ، ۋىتنام ، سىنگاپور قاتارلىق شەرقى جەنۇبى ئاسىيا بازارلىرىنى تاللىدى .چەتئەل كارخانچىلارنىڭ جۇڭگو بازىرىدىن ئىشەنچى ئاجىزلاشقانلىق سەۋەبىمۇ بار . ھازىرغا قەدەر 2002-يىلىدىكى چەتئەل مەبلەغ شىركەتلىرىنىڭ %40 كە يىقىنى باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا چىكىنىپ چىكەتتى . سىز دىگەن 4-كىچىك تارماق بولسا بەزى كىشىلەرنىڭ خىيالى خالاس ، دۆلىتىمىز سوۋىت ئىتتىپاقى ياكى ھازىرقى روسىيەگە ئوخشاش ئىقتىسادىي ئىمبارگوغا ئۇچرىمىدى ، ھەم خىلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئۇچرىماسلىقى مومكىن ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىساد تەرەققىياتىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويىدۇ ، شۇڭا ئەتراپىدىكى ياكى سودا ئالاقىسى قويۇق بولغان دۆلەتنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى تەبىي ئەھۋال ، بۇنى ھەرگىزمۇ نوقۇل دۈشمەنلىك دەپ قاراشقا بولمايدۇ . چۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىي زىچ باغلانغان ھازىرقى دەۋىردە بىر دۆلەتكە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش بولۇپمۇ جۇڭگودەك ئىقتىسادىي چوڭ دۆلەتكە نىسپەتەن ئىيتقاندا ، دۈشمەنگە 1000زىيان ، ئۈزىگە 800 زىيان دىگەندەك بولىدۇ .
‹‹يەنە بىر تەرەپتىن ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بىرىۋاتقان مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى ئىقتىساد كاساتلاشقانچە بەك يۈز بىرىۋاتامدۇ ياكى مۇشۇنداق مۇقىمسىزلىق ئەھۋاللىرى ئارقىمۇ ئارقا يۈز بەرگەچكە ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشىگە سەۋەب بولىۋاتامدۇ بۇمۇ بىر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان نوقتا .››
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە ،ئاپتۇنۇم رايوننىڭ باش شۇجى جاڭ ئەپەندىنىڭ كەسپىمۇ ئىقتىسادشۇناسلىق ، دەسلەپتە بۇ كىشىمۇ يىڭى كەلگەندە ۋاڭ ئەپەندى يۈرگىزىۋاتقان مۇقۇملۇق بىرىنجى ، ئىقتىساد ئىككىنجى دىگەن سىياسەتنى ، ئىقتىساد بىرىنجى دەپ ئۆزگەرتكەن ، شۇنداقلا بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەر ، مەسلەن ئاسىيا - ياۋروپا سودا يەرمەنكىسى ، قەشقەر ئالاھىدە رايونى قاتارلىق نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن . كىيىن نىمىشقىدۇر تىخىمۇ بىرقەدەم ئىسلاھاتقا ئۆزى يالغۇز كۈچىيەلمىدىمۇ ياكى بەزى بۇرۇننىڭ ئۇچىنى كۆرىدىغان ئەمەلدارلار تازا قوللاپ كەتمىدىمۇ ، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ‹ ئەمەل سورىنى بىر جەڭ دىگەن گەپ بارغۇ › داۋاملىق ئىسلاھات ئىلىپ بىرىش توختاپ قالغاندەك قىلىدۇ . ئەسلى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانسا ، ئاڭ ئۆسسە ، تەرەققى قىلىپ ھەممە كىشىلەرنىڭ قىلىدىغان ئىشى ، يەيدىغان ئېشى بولسا ، قالايمىقانچىلىقمۇ ئازلار بولغىيتى بەلكىم .
ئەمدى قىرىنداشلارغا بىر قانچە تەكلىپ :
1- دىھقانلار مومكىن بولسا پاختىغىلا تايىنىۋالماي ، ئاشلىققا كۈچىسەڭلار ، چۈنكى دۆلىتىمىز نوپوسى كۆپ ، ئاشلىق .ەڭ موھىم ، بىلىشىمچە رايۇنىمىز ھازىر ئاشلىق جەھەتتىن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ . ‹ سىز ئىشلەپچىقىرىش بىڭتۈەننىچۇ دەپ سورايسىز بەلكىم ، ئۇلار ئاپتۇنۇم رايونغا قارىمايدۇ ، ئۆز ئالدىغا سىياسى ئىقتىسادىي بولغان ، ئاپتۇنۇم رايون دەرجىلىك مەمۇرى ئورگان قاتارىدا › ئاشلىق بولسىلا ئاچ قالمىساقلا باشقا ئىشلارغا كۈچىگىلى بولىدۇ .
2- سودىگەرلەر مومكىن بولسا زاۋۇت كارخانىلار ، يىڭى پەن تىخنىكا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سىلىشنى كۈچەيتسەڭلار ، رايونىمىز ياراتقان بايلىقنىڭ سىرتقا ئىقىشىنى ئاستىلاتساق ياكى سىرىتتىن مەبلەغ توپلىيالىساق رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىشىشىغا پايدىلىق .
3- ئىمپورت مەھسلاتلارغا بەكلا ئىسىلىۋالماي ، مىللى كارخانىلار ۋە يەرلىك كارخانىلارغا بولغان قوللاشنى كۈچەيتسەك . يىڭىلىق يارتىشقا ئەھمىيەت بەرسەك .
ئەمدى رول تۇتقۇچى باشلىقلارغا بىرقانچە تەكلىپ :
1-ھەريىلى يىزىلىۋاتقان ئەھمىيىتى زور بولغان ئىلمى ماقالىلارنى ئوقۇپ قويساڭلار ، مومكىن بولسا يىغىندا شۇ ماقالىنى .وقۇشقا ئۇيۇشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ .
2-ئالدى بىلەن ئاپتونۇم رايون رەھپەرلىرى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشقا جۈرئەت قىلسا ، مومكىن بولسا رايونىمىز ئۆزىدىن چىققان ئىقتىسادشۇناسلاردىن ھەرقايسى شەھەر-رايون باشلىقلىرى بويىچە بىردىن مەسلەھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلارنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلاپ باقساڭلار .
3- رايونىمى ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇولىقى بەك ئاجىز ، موھىت بولغىنىشنى قاتتىق كونتىرول قىلىنسا ! !!
ئەمدى قاپ يۈرەكلىك بىلەن مومكىن بولىشى ئىنتايىن كىچىك بىرقانچە تەكلىپ بىرىمەن .
1. تەرەققىيات يۆلنىشىنى يەنلا ئىقتىسادنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلىمەن ، مائارىپقا بولغان سىلىنما يەنە ھازىرقىدىن 3-4 ھەسسە كۆپەيتىلىپ ، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرسە .
2. مەركەزنىڭ ياردىمىغىلا ياكى تەبىي بايلىققىلا قاراپ تۇرماي يۇقىرى تىخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا كۈچىسە
3. بىڭتۈەننىڭ تەرەققىياتىنى ئاپتونۇ، رايون تەرەققىياتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، مومكىن بولسا بىڭتۈئەننى بىۋاستە ئاپتونۇم رايون قوشىۋالسا ۋە بىرلەشتۈرۈۋىتىلسە ! ‹بۇ بەك قىيىن›
ئەمدى باشقۇرغۇچىلار شۇنچە كۆپ يازغىنىمنىڭ يۈزىنى قىلىپ تەستىقتىن ئۆتكۈزسەڭلار ، ئۆتمىگۈدەك بولسا ئاخىرىدىكى بىرقانچە تەكلىپنى يۇيىۋىتىپ بولسىمۇ تەستىقلاپ قويساڭلار ! |
|