- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3890
- نادىر
- 0
- يازما
- 237
ئۆسۈش
63%
|
ئىختىزادنىڭ چىكىنىش سەۋەبى تىمىدا ۋە ئىنكاسلاردا ئاساسەن چىقىپ بوپتۇ . شۇڭا بۇ بوراندىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى تەھلىل قىلىپ باقاي
. ئىختىزادىمىزنىڭ چىكىنىشىدىكى بەزى سەۋەپلەرنى بىز ئۆزگەرتىشكە قادىر ئەمەسمىز ئەمما بەزى تەرەپلەرنى ئۆزگەرتىشتىپ بىقىشقا ئۇرۇنۇپ بىقىشقا بولىدۇ . ئەگەر مۇھىتنىمۇ ئۆزگەرتىشكە قادىر بولالمىساق ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ .
بىر رايوننىڭ ئىختىزادىنىڭ ئىشىش ياكى چىكىنىش ھالىتى شۇ دۆلەتنىڭ ماكرولۇق ياكى مىكرولۇق تەڭشىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ . بۇ جەھەتتە بىز پەقەت سۇنىڭ ئىقىشىغا قاراپ ئىش تۇتالايمىز
ئەمما بىز يەككە پائالىيەتلەر بىلەن بەزەن ئىشلارنى قىلالايمىز .
ئالدى بىلەن بىز قولىمىزدىكى پۇلىمىزنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىش ئەھۋالىنى ئازلىتىشىمىز كىرەك يەنى تاۋار سىتىۋالغاندا ئامال بار ئۇيغۇرلارنىڭ دۇككانلىرىدىن سودا سارايلىرىدىن مال سىتىۋىلىش قاتارلىق ھەركەتلەر بىلەن قولىمىزدىكى پۇلنىڭ سىرىتقا ئىقىپ كىتىش مىقتارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ (بۇ چوقۇم ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنى ئىلىش دىگەنلىك ئەمەس ) بۇنداق بولغاندا خەلىق پۇلىنىڭ دىيارىمىز ئىچىدە ئوبرۇت بولىشى ئىشىپ سودا ۋە تىجارەتكە مەلۇم دەرجىدە ئىجابى تەسىرى بار .
ھەددىدىن زىيادە يۇقۇرى ئىستىمالنى قوغلاشماسلىق كىرەك ياكى ئۆزىنىڭ ئىختىزادى ئەھۋالىدىن يۇقۇرى ئىستىمالنى قوغلاشماسلىق كىرەك .بۇنداق بولمىغاندا ئىستىمالچى بارغانسىرى نامراتلىشىپ كىتىش پاتقىقىغا ياكى قەرىز بولۇپ قىلىشتەك ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا يوتقانغا بىقىپ ئىش تۇتۇپ قولىمىزدىكى شۇ ئازغىنە پۇلنى بۇزۇپ چاچماسلىقىمىز كىرەك .زۆرۇر بولمىغان خىراجەتلەرنى ئەھۋالغا قاراپ قىسقارىتسا بولىدۇ .
ھۇنەرۋەنلەر ياكى يەككە تىجارەتچىلەر ئامال بار ئۆز ھۇنىرىنى تىرىشىىپ ئۆستۇرىشى ۋە مۇلازىمىتىنى ئۆستۇرىشى يەككە تىجارەتچىلەر بولسا شۇ ئۆز تەۋەسىدىكى سودا ئەھۋالىغا قاراپ سودا مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشى ۋە ماللارنىڭ تۇرلىرىنڭ ۋە سۇپىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۇرىلىشىگە ئەھمىيەت بىرىشى (دىققەت شۇ رايوننىڭ سىتىۋىلىش كۇچىدىن يۇقۇرى تاۋارلار بولسا سىتىشى تەس بولىدۇ )
ئىشچى- خىزمەتچىلەر بولسا شارائىتى يار بەرسە باشقا قوشۇمچە كىرىم قىلىش بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدۇ ئەگەر شارائىتى بولمىسا شۇ شارائىتنى ھازىرلاپ بىقىشقا تىرىشىپ باقسا بولىدۇ ئەگەر ئۇنداق ئىشلارنى خالىمىسا خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ نورمال تۇرمۇش كەچۇرۇپ بەرسىلا كۇپايە
توپ سودىگەرلىرىنىڭ ۋە كارخانچىلارنىڭ بازارنى كۆزۇتۇش ئىقتىدارى ۋە بورانغا بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۇچلۇك شۇنداقتىمۇ كارخانىلار نوقۇل ھاۋالە قىلىپ ياسىتىشقىلا تايىنىۋالماي مەلۇم باسقۇچنى ياكى مەلۇم تۇرىنى ئۆزى ياسايدىغان ھالەتكە كىلىشى كىرەك . ناۋادا نوقۇل ۋاكالىتەن مەسۇلاتلارنى ياساپ بىرىدىغان كارخانىلارغا تايىنىۋالسا كارخانىنىڭ مۇقىم تەرەققى قىلىشى تەسكە توختايدۇ .شۇڭا ئىختىزادى مەلۇم يەرگە بارغاندا يۇقۇرى تىخنىكىلىك زاۋۇت ئۇسكۇنسىنى سىتىۋىلىپ ئۆزى ئىشلەپ چىقىرىشنى باشلىسا بولىدۇ . ئىشنى قىلىپ باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ مەھسۇلات ياساتقۇزۇش بەك ئاقىلانىلىك ئەمەس . كارخانىلار ھاقىقى تالانت ئىگىلىرىنى جەلىپ قىلىشقا كۇچىشى كىرەك . توپ سودىگەرلىرى ۋە شىركەت خوجايىنلىرى بولسا مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشى ھەم ئامال قىلىپ مالنىڭ سىتىۋىلىش تەنەرخى ۋە توشۇش تەنەرخى قاتارلىق بەزى تەنەرخىلەرنى ئامال قىلىپ تۆۋەنلىتىش كىرەك سىركەت ۋە كارخانىچىلار ھۆكۇمەتنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك .
دىھقانلىرىمىز بولسا ئامال قىلىپ تىخنىكا ئىگەللەپ پەن -تىخنىكىغا تايىنىپ تىرىقچىلىق قىلىش باغۋەنچىلىك قىلىش بىلىملىرىنى ئىگەللىشى كىرەك . تىخنىكىلىق بىقىپ چەكلىق دائىرە ئىچىدە مەھسۇلاتنىڭ بىرلىك مىقتارىنى ئاشۇرۇشقا كۇچىشى لازىم . ئەگەر مۇمكىن بولسا بىكا ۋاقتىدخالىغان ھۇنەرنى ئۇگۇنىۋالسا بولىدۇ . يۇقارقىلار بولسا مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم شۇڭا خاتالىقلار بولسا تۇزۇتۇپ قويۇشۇلۇڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن |
|