قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: kitabhumar

رايونىمىزدىكى ئىقتىسادنىڭ چىكىنىشى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 00:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو دوللار ئاسارىتىدىن قۇتۇلالامدۇ؟
فاڭ سۇنجىەن
دولان تەرجىمىسى
  بۇلتۇر < بۆرە كەلدى >دەپ توۋلىغان، بۇيىل راستىنلا < بۆرە كەلدى >، دوللارنىڭ كۈچۈيىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە بىرمەيدان كۈچلۈك يەرتەۋرەش پەيدا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرھايات-ماماتلىق سىناققا دۇچ كەلدى. خۇيفېڭ ( 汇丰 ) نىڭ خەلقئارا باش ئىقتىسادشۇناسى ستېپخېن كىڭ 2015-يىللىق 10 چوڭ تاشقى خەۋپ-خەتەرنى كۆرسىتىپ، “ دوللار قىممىتىنىڭ جىددىي ئۆرلىشى ” چوڭ تەھدىت دەپ تەكىتلىدى.
  نېفىت باھاسىنىڭ 117 دوللاردىن 57 دوللارغا چۈشۈشى، ئەمەلىيەتتە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بولماستىن بەلكى دوللار قىممىتىنىڭ بىرھەسسە ئاشقانلىقى؛ ئالايلۇق: ئىلگېرى 100دوللار = 1000 رۇبلى= 1 باك نېفىت دېسەك، ھازىر 50 دوللار=1000 رۇبلى= 1 باك نېفىت دېگەنلىك، دوللارنىڭ قىممىتى بىرھەسسە ئېشىپ، رۇبلىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشتى دېگەنلىك؛ چۈنكى سىز ئىلگېرى 100 دوللارغا 1باك نېفىت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ھازىر100 دوللارغا 2 باك نېفىت سېتىۋالىسىز، ناۋادا پېرېۋۇت قىممىتى مۇقۇم بولساقولىڭىزدىكى 1000 رۇبلىغا ئىلگېرى 1باك نېفىت سېتىۋالغان بولسىڭىز، ھازىرمۇ يەنىلا1باك نېفىت سېتىۋالايسىز، 2باك نېفىت ئۈچۈن 2000 رۈبلى خەجلەيسىز، رۈبلىنىڭ قىممىتى بىرھەسسە چۈشتى دېگەنلىك.
  تاراتقۇئوبزۇرچىسى لوڭ كەيفېڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ دوللار قىممىتىنىڭ ئېشىپ، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى، رۇبلى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سىر ئىكەن؛ شۇڭا دوللار قىممىتى ئاشسا، دۇنيادىكى خەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق تۇۋارنىڭ، مەيلى بايلىق تىپىدىكى تۇۋار ياكى ئىشلەپچىقارغان تۇۋار بولسۇن، ھەممىسىنىڭ باھاسى چۈشۈدېكەن؛دوللارنىڭ قىممىتى بىرھەسسە ئاشسا، تۇۋارنىڭ باھاسى بىرھەسسە چۈشۈدېكەن، مانىبۇ دوللارنىڭ قورقۇنچلىق تەرىپى.
  بەزىلەر،نېمىگە ئاساسەن دوللارنىڭ قىممىتى ئاشىدۇ ۋە چۈشۈدۇ؟ دەپ سورىشى مۈمكىن، 2-دۇنيائورۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا دۇنيا سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ، بۇ سىستېما دۇنياسودا تەشكىلاتى ( WTO)، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ( IMF ) ۋە دۇنيا بانكىسى ( TWB ) نى ئۆزئىچىگە ئېلىپ قالماي يەنە ب د ت ( UN )ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
  خەلقئاراسودىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، چۇقۇم WTO قاتنىشىشى ۋە دوللارنىڭ خەلىقئارا سودىدىكى راسچوت قىلىدىغان بىردىنبىر پۇل ئىكەنلىكىدەك بەلگۈلىمە ۋە تەلەپنى قوبۇل قىلىشى، شۇنداقلا IMF ۋە TWB نىڭ شۇ دۆلەت پۇلىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋە زاپاس مىقدارىنى نازارەت قىلىشىنى قوبۇلقىلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن WTO نىڭ سىرتىدا يېتم قالىدۇ، مانابۇ ئامېرىكا لاھىيىلىگەن ئويۇن قائىدىسى.
  2014-يىلى3-ئايدىن باشلاپ، رۇبلىنىڭ دوللار ۋە ياۋرۇغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى تۆۋەنلەپ، دوللاردىن تۇنجى زەربە يېگەن پۇلغا ئايلىنىپ قالدى. ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچەرۇبلىنىڭ دوللارغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى %39.31،ياۋرۇغا بولغان پېرېۋۇت نىسبىتى %32 تۆۋەنلىگەن، رۇبلىنىڭ 16 يىل بورۇن كەڭكۆلەملىك قىممىتى تۆۋەنلىگەن ئىدى.
  خەلقئارا راسچوت بانكىسى پۇل ۋە ئىقتىساد بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى كلادو بورو ( Claudio borio ) پەسىللىك دوكلاتىدائاگاھلاندۇرۇپ « دوللار قىممىتىنىڭ كۈچۈيىشى يەرشارى ئىقتىسادىغا چوڭقۇر تەسىركۆرسىتىشى مۈمكىن، ناۋادا دوللارنىڭ داۋاملىق قىممىتى ئاشسا، قەرز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇل بىلەن ئەمەلىي كاپىتال ماس كەلمەي، ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈم سىياسىتى نۇرماللاشقاندىن كېيىن، مالىيە جىددىيىلىكى داۋاملىق ئېغىرلىشىشى مۈمكىن ».
  يېقىندا ئېلان قىلغان ئامېرىكىنىڭ ئىشقائورۇنلىشىش دوكلاتىدا، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتېتى 2015-يىلنىڭ ئوتتۇرىدىن بورۇن ئۆسۈمنى ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىگەن، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى دوللارنىڭ قىممىتى زور ھەجىمدەئاشتى، دۇشەنبە ( 12-ئاينىڭ 8-كۈنى ) دوللارنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئېشىپ2006-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە ياراتتى.
  ئامېرىكا لاھىيىلىگەن ئويۇن قائىدىسىدەخەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق توۋارلارنىڭ باھاسى دوللار بىلەن راسچوت قېلىنىدۇ، ئامېرىكا 1 باك نېفىتنى 100 دوللار دېسە 100 دوللار بولىدۇ، 50 دوللاردېسە 50 دوللار بولىدۇ؛ قانداقتۇر ئېھتىياج، تەمىنلەش، نەزىرىيە ئانالىزى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەخماق قىلىشتۇر.
  دۇنيادىكى خەلقئارا سودىغا قاتناشقان بارلىق توۋارلارنىڭ باھاسىنى ئامېرىكىنىڭ دېگىنى ھىساپ، بۇنى G7قوللايدۇ؛ G7 دۇنيادا سانائەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر، بۇلارخەلقئارا سودىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگەللەيدۇ، بۇلار دوللارنى قوللىغاچقا، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك ئورنى تېخىمۇ كۆچەيگەن.
  G7باي دۆلەتلەر كولۇبى بولۇپ، بۇ ئامېرىكا،كانادا، ياپونىيە، گېرمانىيە،فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئىتالىيەنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ، روسىيە 1991-يىلدىن باشلاپ G7 نىڭ قىسمەن يېغىنىغا قاتنىشىدۇ، 1

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 15:05:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى

ئاپتۇرى
لى شىنمىن

تىرىشچان تەرجىمىسى




            جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى پەنلەر ئالدىنقى سېپىدە ئىزدىنىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى يوقىلىپ،ئۇنىڭ ئورنىداياۋرۇپانىڭ،ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە چوقۇنۇشلا قالدى.چۈنكى،ھازىرقى جۇڭگۇ ئىلىم-پېنىدەئىلمىي ئىدىيە ۋە روھ غايىپ بولۇپ ،غەرب ئىلىم-پېنىنىڭ قۇشۇمچە گەۋدىسى بولۇپ قالدى
       جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسى فېئودال پادىشاھلىقنىڭ ئاۋامنى كولدۇرلىتىدىغان كونا ئۇسۇلىنى ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىردى: «مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئىلىم-پەن،ئەل-ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ساختا ئىلىم-پەن.ئەمەلداربىلەن پۇقرا مەڭگۈبىر- بىرىگە قارشى.شۇڭا،ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن ساختائىلىم-پەنمۇ بىر-بىرىگە قارشى.ئاتالمىش مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتماقچى بولغىنى شۇكى،ئىلىم-پەننى ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇتۇپ تۇرغاچقا،ھەقىقەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قولىدا؛ئاۋام-پۇقرادا ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى يوق،ئاۋام پۇقرانىڭ قولىدا ھەقىقەت يوق؛ ئاۋام-پۇقرا ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ».مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قاراقچى لوگىكىسى جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپىتىدۇر.بۇ جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ«ئالاھىدىلىكى»،جۇڭگو ئىلىم-پېنىدىكى چىرىكلىكنىڭ يامراش خاھىشى ۋە ئىدىيسى.
        جۇڭگودا،ھەركۈنى مۈلكى ئىلىمگەرلەر ۋە ئەل ئىچى ئىلىمگەرلەرنىڭ غەۋغاسىنى قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرئىلىم-پەننىڭ نېمىلىكىنى،ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلىشىدە نېمىگە تاينىدىغانلىقىنى،قانداق روھقا تاينىپ چۆرگىلەيدىغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيدۇ.
   بۇلاريەنە شۇنىمۇ بىلمىسە كېرەك: ئىلىم-پەن ــــ جۇڭگو يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇيان ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ،ئەمما ئىزچىل خاتا چۈشىنىپ كەلگەن مەسىلە.بەزىلەر ئىلىم-پەننى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قىممىتىنى بىلسىمۇ،ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ.ئۇلاردا ماتېماتىكا،فىزىكا،خىمىيەقاتارلىقلارغا قارىتا چۈشەنچە بار،ئەمما ئىلىم-پەن ھەققىدە چۈشەنچە يوق.ئەمەلىيەتتە،ئىلىم-پەن بىر روھ(«خەلق گېزىتى»دىن).
      جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرى ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتقا ھەقىقىي بېرىلىپ قىلىدىغاندىن قانچىسى بار؟ ئۇلارنىڭ ۋاقتى مۇناسىۋەت باغلاش،يول مېڭىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەرپ بولىدۇ.يول مېڭىپ يۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات راسخۇتىنىڭ يەنە 20پىرسەنتىن50پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئويلايدىغىنى بۇ پۇلنى قانداق خەجلەش ئىشىدۇر.ئىلمىي تەتقىقات تۈرىمۇكاپاتلانسا،تۈرقاتناشقۇچىلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ چىسىنىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ.ئالدىنقى 20سى بىرقانچە قاتلام تۈرنى تەستىقلىغۇچىلارتەرىپىدىن بۆلۈشۈپ بولۇنغان بولىدۇ.تۈر قانچە چوڭ بولسا،مۇكاپات تۈرىنى بۆلۈشىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.ئەلۋەتتە،بۇلار رەھبەرلەرنى،يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار،تارماقلار،ھەمكارلاشقۇچى ئورگانلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،تۈرگە قاتناشقان تەتقىقاتچى خادىملارئاخىرىغا قاراپ قىستىلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇشۇ ھالدىكى ئىلىم-پەن پائالىيتى ۋە ئىلىم-پەن رامكىسى ئىچىدە كىممۇ يۈرەكلىك تۇرۇپ ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشەلىسۇن،تىرىشسىمۇ بىكار تىرىشىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كۆرە بىرقانچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئۆسۈشنىڭ ئامالىنى قىلغان تۈزۈك مېنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتقىنىم،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسى ئەمەس.ئىلمىي تەتقىقاتتامەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسىدا ئادەتتە مەغلۇبىيەتكە يول قۇيۇلمايدۇ،ئۇنىڭدا ئېرىشىلىدىغىنى مەلۇم تېخنىكا مەھسۇلاتىدۇر .
      جۇڭگوئىلىم-پەن تەتقىقاتى چىرىكلىك مەسلىسىلا ئەمەس،بەلكى قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلماسلىق مەسلىسى.جۇڭگۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى،بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى چەتئەلنىڭ سۈنئىي ھەمرا،چوڭ تىپتىكى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرىدىن ئېرىشىلگەن.سانىنى ئاخبارات قىلغان بىلەن ئەسلى ئۇتۇق بەرىبىر چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودائىلىم-پەنگە يەنە سىنپىي تامغا بېسىلغان.تەتقىقات قىلغۇچىلارنى ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار،مۈلكى تەتقىقاتچىلاردەپ ئايرىشىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن سەھنىسىدە،مۈلكى ئىلىمگەرلەرئوت قويسا بولىدۇكى،ئەل ئىچىدىكى ئىلىمگەرلەر چىراق ياقسا يول قۇيۇلمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمايدۇ،باشقىلارنىڭ قىلىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى يەنە ئىلىم-پەندىكى سۆزلەش ھوقۇقىنى مەھكەم قاماللىۋېلىپ،ئاۋامدىن كەلگەن ئىلىم-پەن ھەرىكەتلىرىگە «ئەل ئىچى ئىلىمگەرى»،«ساختا ئىلىم-پەن»توقماقلىرىنى كۆتىرىپ چىقىپ زەربە بېرىشىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ
     ئىلىم-پەن –تەبىئەت سىرىنى بايقاش ھەققىدىكى مەلۇماتتۇر.بۇ ئىلىم-پەنگە قارىتا ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىپتىدائى ھەم شۇنداقلا، ئەڭ توغرا چۈشىنىش ۋە تۇنۇش. ھالبۇكى،كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان چۈشىنىشى ۋە تۇنۇشى، ھەقىقەتەن كۆپ خىللاشتى،ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئىلىم-پەن، مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق.بۇ ساھەدىكىلەر ئىلىم-پەن بىلەن ساختا ئىلىم-پەننىڭ پەرقىنى بىلمىدى.بۇلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقى بىلەن شۇنى ئايرىيالمىدىكى،بۈگۈنگە كەلگەندە ئىلىم-پەن ھادىسە (تەجرىبە ۋە كۆزىتىش) ۋە ماتېماتىكىلىق لوگىكىدىن يەكۈنلەپ چىققان نەزەرىيەلەر بولۇپ خۇلاسىلىنىپ، ھەرقايسى نەزەرىيە ھەم ھەرقايسى پەنلەرئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا زىتلىق پەيدا بولدى. ئىلىم-پەن ھازىرغىچە بارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغان ماھىيەتلىك قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىقالمىدى. شۇڭا، بارلىق نەزەرىيلەردىن تەشىكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە يېقىنلاشمىغانلا بولسا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ بۇرمىلىنىشى بولدى. تەجرىبىچىلىك (كەڭ مەنىدىكى-ت) ۋە تەجرىبە پېنى(تارمەنىدىكى-ت) بولمىسىلا، ماتېماتىكىلىق لوگىكا پېنى ياكى سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ھەممىسىلا ساختا ئىلىم-پەن(بىرقىسمى نىسبى ھەقىقەت،بىرقىسمى ساختا ھەقىقەت)دۇر.بۇلار مۇتلەق ھەقىقەتكە، پىرىنسىپ نەزەرىيسىنىڭ ئىلمىي يۈكسەكلىكىگە تېخى يەتمىگەن. شۇڭا، ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيە يېڭى نەزەرىينى دەلىللەشنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ ھەم بولسىمۇ بولمايدۇ.پىرئۇستازلارنىڭ ئىدىيسى ۋە خاھىشىنى ئۆلچەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى-مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتىش. يەنى، ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرىنى مۇتلەق ھەقىقەت ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش.بۇ ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى ھەم ئىلىم-پەننىڭ ئاخىرلىشىشى
       ئىلىم-پەن بايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلار،ئاتالمىش ساختا ئىلىم-پەن،... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن تەنقىدىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.ئامېرىكىلىق داڭلىق ئاسترونوم كارل.ئېدۋارت.ساگان ئېيتىدۇكى:«ئىلىم-پەننىڭ مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىلمىي تەنقىد بولۇپ،بۇ ئارقىلىق ئىدىيىمىز سىرتىقى دۇنيادىكى ئىدىيلەر بىلەن ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۆزىمىزنى قويىۋېتىپ، ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىشتىن ۋازكەچكەندە،ئۈمىد بىلەن پاكىتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ سۆزلىگەندە، بۇلار بىزنى ساختا ئىلىم-پەن ۋە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدۇ».«ساپ ماتېماتىكىدىن باشقا، ھەرقانداق نەرسە مۇقىملاشمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن نەرسىلەردىن گۇمانلانماسلىقنىڭ ئۆزى خاتا. ئىلىم-پەن قانداقمۇ ئىدىئاللاشقان ئابىستىراكىت نەرسە بولسۇن؟ ئىلىم-پەندىكى بەزى نەزەرىيلەر ھەتتا مۇۋاپىق ئابىستىراكىتلاشنىمۇ تاشلىۋېتىپ،بىۋاستە تەخمىن قىلغان ئۇقۇملارنى ئىشلەتكەن تۇرسا!».
         ئىلمىي-تەتقىقاتقا ئاجراتقان مەبلەغ ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭغا تاينىپلا پەن-تەتقىقاتتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،بۇ ئاجرىتىلغان خىراجەت ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلمەي،مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا ئىشلارغا خەجلەنسە بولىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتى تەتقىقات خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا ئايلىنىپ قالدى.دۆلەتنىڭ ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا ئۆتكەل تۈرلىرى،كارخانىلارنىڭ تېخنىكا، تەتقىقات-ئىختىرالىرى،پاتېنىت تېخنىكا تۈرلىرى،مەلۇم كارخانىلارنىڭ ئاساسى تەتقىقات-ئىختىرالىرى، شەخىسلەر ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايرىپ قاراش لازىم. كىشلەرھەمىشە بۇلارنى ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ .پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئاساسى پەنلەر تەتقىقات ئىقتىدارى بولۇپ، تېخنىكا ئىختىرالىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلارئەمەس. كېيىنكىلىرى بولسا ئاساسى پەنلەرنەزەرىيسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىدۇر.
         مەيلى بىزنىڭ ئاساسى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىمىز2  مىليۇن بولسۇن ياكى 1مىليۇن يۈزمىڭ بولسۇن،ۋە مەيلى بىزدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھەم ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە خادىملىرىمىزنىڭ سانى دۇنيادا1 -ئۇرۇنداتۇرسۇن،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشكەن بىرەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمىسا جۇڭگونى قانداقمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار دېگىلى بولسۇن؟ ئىلمىي ماقالە سانى بىلەن پاتېنىت سانى ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى، جۇڭگوئاساسى پەنلەر تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھازىرقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىلا شەكىلۋازلىققا ئايلانغان، ماتېماتىكا شەكلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردۇر. بۇ ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى سۇبيېكتىپ شەكىلۋازلىق، ھېسسىيلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى.ئىلمىي ماقالىلەر ئەمدىلىكتە ئوبيېكتىپ دۇنيانى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىش بولماي، ماتېماتىكىلىق بايقاش، ماتېماتىكىلىق دېدوكسىيە بولدى. ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ھېس قىلىدىغان ۋە دۇنيانى يارىتىدىغان بىلىم بولۇپ قالدى. پاتېنىت-تېخنىكىلار جۇڭگونىڭ ئاساسى پەنلەردىكى بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرى ۋە سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىپادىلىمەيدۇ. ھەركۈنى بارلىققا كېلىۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردىن بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ بايقىشىمۇ؟ بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىدىن چىققان نەزەرىيە ياكى نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ؟بىرەر ئىلمىي ساھەدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە سېستىمىسى ياكى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ شەكىللەنگىنىنى ئۇچراتتۇقمۇ؟ ئالدىنقى بىر ئەۋلات پېشقەدەم ماتېماتىكلار تۇرغۇزغان جۇڭگو سانلارنەزەرىيسى ئىلمىي ئېقىمى، بۇگۈن پەقەتلا شەكىل بولۇپ قالدى، دەسمايىنى يەپ يېتىپتۇق.
      جۇڭگودا 32مىليۇن پەن-تەتقىقات خادىمى بار، بىۋاستە تەتقىقات ۋەزىپىسى ۋە تەتقىقات راسخۇتىنى ئالىدىغانلار2 مىليۇندىن كۆپرەك. قالغانلىرى كارخانا پەن-تەتقىقات قۇشۇنلىرى،خىزمەتتە بولمىغان ئىشتىن سىرتقى پەن-تەتقىقات خادىملىرى بۇلارنىڭ سىرتىدا.مۇشۇنچىۋالا چوڭ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىدىن تۆۋەن قاتلىمىدا،بارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. يەنى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. كانادانىڭ نوپۇسى 32 مىليۇنغا يەتمەيدۇ،ئەمما تەتقىقات ئىقتىدارى دۇنيادىكى ئالدىنقى 6-، 7-ئورۇنداتۇرىدۇ. كانادا دا قانچىلىك خىزمەتتىكى تەتقىقاتچى بارلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس، بىرمىليۇندىن ئاشمايدىغۇ دەيمەن جۇڭگو پەن-تەتقىقات خادىملىرى ھەقىقىي تەتقىقات قوشۇنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي پائالىيەت قوشۇنى
      بىرىنچىدىن، ھەربىرئادەمنىڭ تەتقىقاتقا ئاجراتقان ۋاقتى ۋە زېھنى قۇۋۋەت بەك ئاز.
ئىككىنچىدىن،تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۇزاق مەزگىللىك توپلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلمەيدۇ
     ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى چوڭ ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئادەم يوق.بىردۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ تەتقىقات قوشۇنى بىزنىڭ بارلىق تەتقىقات قوشۇنىمىز بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. كىچىككىنە كورىيە چېغىدا جۇڭگونى قالاق بىلىپ، جۇڭگودا ئىشلىگەن نەرسىلەرنى «ئەخلەت»دەپ قارايدۇ. ھازىرقى جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خادىملىرى ۋە پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكىدىنمۇ كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى. 32مىليۇن تەتقىقات خادىمىدىن ئىلمىي تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەندىن ساناپ كەلسە بىر نەچچىسىمۇ چىقمايدۇ. جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى ئاق ھالەتتە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ھېچكىممۇ ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىسا، ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى يوق بولغاندىن كېيىن ئاق ھالەتتە دەيمىزدە سامسۇڭ شىركىتىدەك بىر شىركەت چېغىدا«مېنىڭدەك بىرشىركەتنىڭ مۇستەقىل تېخنىكىسىغا سېنىڭدەك بىر دۆلەت تەڭلىشەلمەيدۇ» دەپ كۆرەڭلەيدۇ.تىيەنجىندىكى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارغا بېرىدىغان مائاشى بەك تۆۋەن،ئەمگەك سىجىللىقى ۋە ئەمگەك ۋاقتى بولسا ئەڭ ئۇزۇن، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلىپمۇ قويماي يۈرۈيدۇ. خەقنىڭ تېخنىكىسى،ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار، بىزخەققە بېقىندا بولغاندىن كېيىن نېمەئامال
      ھازىركىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېققىتىنى دۆلەت مەمۇرلىقىغا قارىتىپ، ئەمەلدارلىق ئورنىنى تالىشىدۇ ھەم زېھنى كۈچىنى، ۋاقتىنى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىقسادىي پائالىيەتلەرگە سەرپ ئېتىدۇ تەتقىقات خىراجىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەجلىنىدۇ ياكى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىلىدۇ. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىراجەتنى ئىشلىتىپ كېتىشى ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال ، تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىپ كەتمىسە، بۇنىڭغا ھەيران قالساق بولىدۇ. بىر پەن-تەتقىقات تۈرىگە پۇل بولمىسا قانداق بولغىنى؟ يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ياساشقا، يالغان ماتېرىياللارنى تۇقۇپ، يالغان ئىش ۋاقتى ۋە يالغان ئۈسكۈنە، يالغان زاۋۇت ۋە ئورۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشقىمۇ پۇل كېتىدىغان تۇرسا. ھەتتا،تۈرگە تەستىق ئېلىشتىلا نۇرغۇن ساختا مەلۇماتلاردىن سىرت تەستىقلىغۇچى تارماق ۋە خادىملارغا پۇل تىقىدىغان ئىش. نىسبەت بويىچە كېلىشلىدۇ، بۇ نىسبەت كۆپ بولغاندا  50پىرسەنتكە يېتىدۇ. بۇ دەل ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيتى ۋە خىزمىتى.مۇشۇنداق تەتقىقات قۇشۇنىدىن بىرەر نەتىجە چىقسا غەلىتە ئىش بولمامدۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىسا ئاندىن نورماللىق بولىدۇ
         ئاتالمىش ئۇستىلار،مۇتەخەسسىسلەر، ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ ھەيئەتلىرى،تۈر باشلامچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك80-يىللاردا دىپلوم ئالغانلار بولۇپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن دېسەڭ ئۇلارنىڭ دېپلومى يوغان، قالپاق چوڭ.ئۇلارنى سەۋىيلىكمىكىن دېسەڭ، ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ ھەم ھېچنىمىنى قىلالمايدۇ. پارتىيىمىزنىڭ ئىستىلىدا مەسىلە بار، مەركىزى پارتىيە مەكتەپ تۆت ئاي ئىچىدىلا بۇلارغا (بىرەركۈنمۇ دەرس ئوقۇپ باقمىغان بولسىمۇ) مەخسۇس كۇرس، بىر يىلدا تۇلۇق كۇرسنىڭ دىپلوملىرىنى بېرىۋېتىدۇ.بەزى مەكتەپلەر ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇقنىڭ دىپلوم ،ئۈنۋانىنى بىر-ئىككى تۈمەنگىلا ساتىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مائارىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، داڭلىق مەكتەپلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىنمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ.
ھازىرقى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپلەر كەسىپ مەشىق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھىچ ئىشنى قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھىچ ئىشنى قىلالمايدۇ. پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن، ئىلمىي تەتقىقاتتىنغۇ سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ.
    90-يىللاردىن كېيىن بىزنىڭ ئىدارىگە تەقسىم قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە قاتناشقىلى5 -6 يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرەر ئۇستىنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلىپ ئۆزى مۇستەقىل خىزمەت قىلالمايدۇ. تىيەنجىن داشۆنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىغا ئىشلەۋاتقلى 5يىلدىن ئاشتى، تا ھازىرغىچە قۇرۇلۇش سېخمىسىدىن خاتالىق كۆرۈلىدۇ، مەسىلە سادىر بولىدۇ، ئىلاجىسىز قۇرلۇش ئەترىتىمۇ ئۇ سىزىپ چىققان چىرتىيۇژ بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارالمايدۇ. كەسپىي بىلىملەردىن چوڭراق ساھەنىڭ مەسلىسى بولسىغۇ بىرگەپ ،ئۇلار ھەتتا ساۋات خارەكتېرلىك ئاددىي بىلىملەرگىمۇ چولتا ئالىي مەكتەپلىرىمىزگە نېمە بولدى؟ جەمئىيتىمىزگە نېمە بولدى؟ قارىغاندا بىزگە نىسبەتەن پەن ئالىملىرىدىنمۇ بەكرەك مۇتەپەككۇر زۆرۈر بولسا كېرەك. ئۇلار پەيدا بولۇپ، داشۆلىرىمىزنى،ئىلمىي-تەتقىقات قۇشۇنىمىزنى قۇتقۇزىۋالسا!
   ياپۇنىيەنىڭ نۇپۇسىغا تەڭلەشكۈدەك ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە توپ ئىچىدىن، كانادا نۇپۇسىنى بېسىپ چۈشكىدەك جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدىن، شۇنچە زور قۇشۇن ئىچىدىن بىرەر ھەقىقىي ئالىمنى،ئىلمىي نەزەرىينى ياكى ئىلمىي ئېقىمنى ئۇچراتمايمىز ئىلغار ئۈسكۈنە دېسە بىزدە بار، تەتقىقاتنى باش چۆكۈرۈپ قىلىدىغان ئادەملا كەم.ئىلىم-پەندىكى يېڭى بايقاش، ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىش، تەجرىبە قىلىش، سىناق قىلىش، كۆزىتىشتىن كېلىدۇ. بىرقانچە فىزىكىلىق فورمۇلانى ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ۋە ماتېماتىكا نەزەرىيلىرى بىلەن كېڭەيتكەنگە يېڭى بايقاش بولۇپ قالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار تۆھپە ۋە نام-ئاتاققا ئالدىراپ كېتىپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىلا «يېڭى ئىلمىي بايقاش»لارغا ئېرىشىۋاتىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ناھايىتى تېز مۇتەخەسسىسلىك نۇپۇزىغا ئېرىشىپ ئاتاق ھەم ياخشى تەمىناتلاردىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ ئۇلار مەخسۇس نەزەرىيە «ئوينايدىغان» مۇتەخەسسىسلەر، ئۇلار نەزەرىيدىن ئېلىپ يەنە نەزەرىيگە قويىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى سۇبيېكتىپ ئېڭىدىن ۋە ماتېماتىكىدىن ئىزدەيدۇ. ماقالەيېزىش، كىتاپ چىقىرىش بولسا ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنىڭ بەلگىسى شۇنداقلا، ئۇلارنى ھوقۇق، مەرتىۋىگە ئۆتكۈزىدىغان كۆۋرۈك
       ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەربىر تۈر30 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي خىزمەتنىڭ نەتىجىسى، بەزىلىرى ئىككى ياكى ئۈچ ئەۋلات ۋارىسلىق ئاساسىدا بىر-بىرىگە ئۇلاپ يۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلەردۇر. جۇڭگو بىلەن كورىيە «ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ ئەتىسىگە قۇيرۇقىنى سىلايدىغان» دۆلەتلەر، 30يىلدىن ئاشقان بىرەرتەتقىقات تۈرى يوق، ئىلمىي نەزەرىيسى ۋە مۇستەقىل ئىلمىي ئۇتۇقلىرى يوق ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخنىكا پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات-ئىختىرا سەۋىيسى يامان ئەمەس بولغان بىلەن، بۇلار پەقەت كارخانا ۋە شەخىسلەرگىلا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان تۈرلەردۇر
      ھالبۇكى، ئىلىم-پەن ئاساسى تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى ئۇزاقتا كۆرۈلىدۇ. بەلكىم، بىرئادەم ئۆمۈر بۇيى ئىزدىنىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە ئەۋلات بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. خەلقى«دېگىزغا چۈشۈپ»، سودىگەرگە ئايلىنىۋاتقان، پۈتكۈل جەمئىيەت پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھېچكىممۇ پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسىنى يېڭەلمىدى. ئۇزاق مەزگىللىك تەنھالىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدا كۆرمەسلىك سىنىقى ئالدىدا، ھەممەيلەن كۆزئالدىدىكى مەنئەپەتكە قاراپ ئېتىلدى جۇڭگودا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ھازىرقى ئىلىم-پەن سېستىمىسىغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەنقىدكە قارشىلىق قىلدى. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇخىل قارشىلىقىنى جامائەت پىكرى توپلاش، ئېنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. ھېچ ئىشقىلمايدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى جايىدا قىلمايۋاتقان بۇ مۇتەخەسسىسلەر «كۋانت مىخانىكىسى، كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسى، ماتېماتىكىلىق ئاساسىي پەرق كۆز قارىشىنى سەنلەر ئۇقۇپمۇ تېگىگە يېتەلمەيسەن» دېگەنلەرنى كوزۇر قىلىپ تەنقىدى پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتى دۆلەت (ئۇمۇمىي خەلق) پەن-مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ جاۋاب كۈتىۋاتقىلى 30نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، مائارىپتا ھېچقانچە يۈكسىلىش بولمىدى. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز پەقەت كىتاب ئوقۇش مۇھىتىنىلا يېڭىلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سەۋىيسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى دېھقان-ئەسكەر سىتۇدېنتلاردىنمۇ تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالدى .
         ھازىر جۇڭگودا يىلىغا نەچچە مىليۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. بۇ سان بىردۆلەتنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن بۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پەرقى ئۇلار بىرقانچە كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىدىيە،روھ، دۇنياقاراش، قىممەت قارىشى،تەن-ساپاسى، ئەمگەك، تېخنىكا، نەزەرىيە، ئىجادچانلىق، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مىللىي كىملىك، سەنئەت قاتارلىق تەرەپلەردىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ھەتتا پىسخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ شەخسىيەتچى، مۇتىھەم، ھورۇن، مىشچانلارغا ئايلانغان .مائارىپنىڭ ئەسلى نىشانى ئاقسۆڭەكلەرنى ئەمەس،ئەمگەكچىلەرنى، ۋەتەن خائىنى، ساتقىنلارنى ئەمەس ۋەتەنپەرۋەرلەرنى تەربىيلەش ئىدى. مەلۇم ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ بارلىق(كۆپمۇ ئەمەسقۇ) ئىجادىي تېخنىكا نەتىجىلىرى 70-يىللارنىڭ ئالدىدىكى «كونا دەسمايە» دىن كەلگەنىكەن، بۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىي قاتارلىقلارنىڭ ھەسسىسى بار،ئەلۋەتتە.
        مائارىپ تۈگەشتى، ئەمما مائارىپ خىزمەتچىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە قاتلىمىغا كىرىپ بولدى. 30يىلدىن ئاشتى، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىز نۆلگە ھېساب، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىش بولدى21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، جۇڭگو ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى «قىلىدىغاننى قىلالماسلىق» خىزمەت ئەندىزىسىدە تۇرماقتا. ھۆكۈمەت خىراجەتنى يىلدا كۆپەيتىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرتوختىماي يېڭىلىنىۋاتىدۇ، تەجرىبىخانىلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ئاكادېمىك،دوكتۇر،پروففىسورلارنىڭ سانىمۇ يىلسېرى كۆپىيۋاتىدۇ. خەلقئارالىق داڭلىق نەشرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سانىمۇ ھەدەپ ئېشىۋاتىدۇ.خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرلىرى يىلسېرى كۆپىيىپ،چەتئەل كۆرگەن دوكتۇرلىرىمىز بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ. ئەمما، تەتقىقاتقا چۆكۈپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتىدۇ، ھازىر بۇ سان ئازلاپ تۈگەپ قالاي دېدى. ئىلىم-پەن دەپسەندە قىلىندى، ئەمما ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى بورژۇئازلارغا ئايلىنىپ بولدى. باشقۇرغۇچىلارغۇ بايىلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايلاردىن بولۇپ قالدى. 30يىللىق مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات، 30يىللىق كۆزياش، خەلقنىڭ 30يىللىق قەلب يارىسى، 30يىللىق مىللىي ھەسرەت!
       جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىدىيسى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئۇمۇرتىقىسىنى سۇغۇرىۋالدى. مەدھىيە نەزمىلىرى ئالقىشلىنىپ، مۇڭلۇق ناخشىلار چەتتە قالدى.«ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى»، «تاغلىق كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش»،...بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتى، بۇلارنى قانداقسىگە ئاۋام-خەلق زىممىسىگە ئالغۇدەك؟مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھەربىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىي مائارىپنى ئىزچىللاشتۇرۇشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيتى، بۇنى قانۇن بەلگىلىگەن. نېمىشقا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان تەرەپلىرىنى تەنقىدلەيدىغانغا ئاخبارات ۋاستىلىرى چىقمايدۇ؟ ھۆكۈمەت پۇقرالارنى يېتەكلىگۈچى سەركە. يېقىنقى 30يىل مابەينىدە ھەركەسىپ، ھەرساھە بىرتۇتاش ئىسلاھاتقا ئەگىشىپ ماڭدى. مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات ساھەسى، رادىئو-تېلۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئاتلارمۇ بۇيېتەكلەشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلدى. جۇڭگو پۇلنىڭ بايرىقى ئاستىدا، «يېيىش» مارشى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىدى. بۈيۈك جۇڭخۇانى، بۈيۈك بىر ئىمپىرىينى «يېيىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش»، كۆكنى، سۇنى بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنى «يېيىش»، بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى«يەپ» مەغلۇپ قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆتكۈر قورالى ۋە ماھارىتى بولغان ئەھۋالدا، يەنە ئىلىم-پەننى قوغلىشىپ نېمە كەپتۇ؟ ئاۋىئاماتكىنىڭ نېمە كېرىكى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاغزى دۈشمىنىنى يەۋىتەلەيدىغان بولغاندىكىن. يېيېىشنى تەرك ئەتسە جۇڭگولۇق بولماي قالىدۇ،دە!


جۇڭخۇا مۇنبىرى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

438

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33782
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 122
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 17:59:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ ،مەنمۇ ئۈتكەن  يىلى  بانكىدىن  40مىڭ  يۇەن قەرز ئالغان،  بۇيىل  تۈلىيەلمەي  قالدىم.  نىمە  بۇلىۋاتىدىكىن مۇشۇ  بىزنىڭ   مەھەللىدىمۇ  95پىرسەن ئادەمنىڭ  بانكىدا  قەرزى  بار.ئىقتىساد مەنفىي ھالەتتە ئشۋاتىدۇ.بەكمۇ  تويدۇم   مۇشۇ    دېھقانچىلىقتىن.

0

تېما

0

دوست

1077

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   7.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17349
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 344
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-25 19:45:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rambo8 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-25 17:59
بۇ بەك ياخشى تېما بوپتۇ ،مەنمۇ ئۈتكەن  يىلى  بانكىدىن  40 ...

بۇ ناھايىتى ياخشى تىما ئىكەن بىزنىڭ بۇ يۇرۇتتا گۇلچاينى  بەكمۇجىق  تىريتتۇق نۇرغۇن ئادەم  ۋەيران بۇلۇپ قەرىزگە بۇغۇلۇپ كەتتى.  بانكىدىكىلەرمۇئۇيمۇ ئۇي يۇرۇپ پۇلي يىغىۋاتىدۇ

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-27 15:37:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﭼﯜﺷﺘﻰ
ﻣﻪﻧﺒﻪ:   ﺗﻪﮪﺮﯨﺮ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﯞﺍﻗﯩﺖ: 01-27
ﺋﻪﯓ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﯔ!

ﺧﯧﺸﯜﻥ ﺗﻮﺭﻯ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ: ﺑﺎﻏﺪﺍﺵ ﺗﻮﺭﯨﺪﯨﻦ: ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ
ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﻱ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭘﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﻰ. ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ 3300 ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻧﯧﻔﯩﺖ, ﺳﯘﻏﯘﺭﺗﺎ, ﺑﺎﻧﻜﺎ, ﺋﺎﻛﺴﯩﻴﻪ, ﺋﯚﻱ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﭼﯜﺷﯜﭖ, ﺳﺎﺋﻪﺕ 11 ﺩﯨﻦ 12 ﻣﯩﻨﯘﺕ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﭘﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ %2.69 ﭼﯜﺷﯜﭖ, 3292.36 ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﺷﯩﻨﺠﯩﻦ ﭘﺎﻱ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ %2.4 ﭼﯜﺷﯜﭖ, 11405.91 ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺗﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﻼﺭ %1.32 ﭼﯜﺷﯜﭖ 1716.52 ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻛﻪﺳﯩﭗ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ, ﻧﯧﻔﯩﺖ, ﻣﯧﺘﺎﻟﭽﯩﻠﯩﻖ, ﺑﺎﻧﻜﺎ, ﺋﺎﻛﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﭽﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﻳﯜﻙ ﺗﺮﺍﻧﺴﯩﭙﻮﺭﺕ, ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ, ﺋﺎﻛﺴﯩﻴﻪ, ﻛﯚﻣﯜﺭ, ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﭽﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻛﯚﭖ ﭼﯜﺷﺘﻰ. ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﻮﺑﯩﻞ, ﻛﯧﻤﯩﺴﺎﺯﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﭽﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﺎﮪﺎﺳﻰ ﺋﯚﺳﺘﻰ.

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-28 20:51:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلامدۇ
ليۇ گاڭ

   مېدىيەلەر ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئامېرىكامېرلىن لىنك (AmericaMerrill Lynch)يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل قىلىشىچە، پۇل پاخاللىقى تارىيىش بېسىمى ئېھتىمال بىر نۆۋەتلىك قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنىنى قوزغىشى مۇمكىن بولۇپ، جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاش خەتىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. ئەمما بەزى مېدىيەلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىي نېمىلا بولمىسۇن مەزمۇت بولۇپ، كىرىزىستىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن.
  ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» 1-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىشىچە، ئامېرىكا مەبلەغ سېلىش بانكىسى Merrill Lynch نىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگودا بۇ يىل بىر مەيدان كرېدىت كىرىزىسى پارتلاش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن، چۈنكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۈزلۈكسىز ئاستىلىشى ناچار ھېساباتلارنىڭ زور مىقداردا كۆپيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. مەزكۇر بانكىنىڭئۈچ نەپەر تەھلىلچىسى بىر تەتقىقات دوكلاتىدا دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ قەرزىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى بىلەن GDPنىڭ نىسبەت قىممىتى ئۆتكەن نەچچە يىلدا تېز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، تارىختا،يەر شارىدا ھېچقايسى دۆلەت جۇڭگودەك ئەھۋالغا يولۇققاندا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاشتەك كاج تەلەيدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان، كىرىزىسنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدىن پۇل كۇرسىنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈشى، بانكا كەسپى كاپىتالىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى، كرېدىت كىرىزىسى ياكى ھوقۇقلۇق قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق قاتارلىقلار بار ھەمدە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندا بۇ يامان ئىشلار ھەمىشە بىرلا ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ.
    ئەمما تەھلىلچىلەرمۇ ئېتىراپ قىلىدۇكى، جۇڭگونىڭ قەرزى ئاساسلىقى ئۆز پۇلىدىكى قەرزبولغانلىقتىن ھەمدە جۇڭگونىڭ مەركىزىي بانكىسى پۇل باسالايدىغانلىقتىن، شۇڭا جۇڭگوھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بانكىلار ۋە باشقا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا ياردەمقولىنى سۇنۇش ئىقتىدارى بار. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگونىڭ كرېدىت كىرىزىسىنىڭ پارتلاش شەكلىدىكى مۇمكىنچىلىك بولسا: مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتەرگە ھېرىسمەنلىك دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، كۆلەڭگە بانكا سىستېمىسىدا كرېدىت كىرىزىسى پارتلايدۇ، ئاندىن ھۆكۈمەتنىڭ باشلامچىلىقىدا جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىدا كاپىتال قايتىدىن تەشكىللىنىدۇ. ئامېرىكا Merrill Lynch بانكىسىنىڭ بۇ تەتقىقات دوكلاتى كىشىلەرنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئۈچ چوڭ مەسىلە: پۇل پاخاللىقى تارىيىش، خەلق پۇلى كۇرسىنىڭ چۈشۈشى ۋە قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىقلارغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىدۇ.
   ئەنگلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 1-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا Merrill Lynchبانكىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، جۇڭگودا بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلاش خەۋپ-خەتىرى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە، چۈنكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يوقاتتى ھەمدە پۇل پاخاللىقى تارىيىش بېسىمى قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماسلىق دولقۇنى قوزغىشى مۇمكىن، دېدى. مەزكۇر بانكا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا خېرىدارلارغا ئەسكەرتىپ، بىر قاتار پايدىسىز ئامىللارنىڭ توپلىنىشى جۇڭگونىڭ A پاي بازىرىدىكى نۆۋەتتىكى پۇرسەتپەرەسلىك قىزغىنلىقىنى سوۋۇتۇپ، ئەڭ ئاخىرى جۇڭگونىڭ 2 تىرىلىئون 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت زور قەرزىنىڭ ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، دېدى. ئامېرىكا Merrill Lynchبانكىسى بۇ دوكلاتىدا دېيىشىچە، جۇڭگودا بۇ يىل كرېدىت كىرىزىسى پارتلىشى مۇمكىن بولۇپ، شى جىنپىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنى زىيادە قەرز مەسىلىسىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقى ئېھتىمال قەرز نىسبىتى يۇقىرى جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۆرۈۋېتىشى مۇمكىن. مەزكۇر بانكا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى ۋە قەرز نىسبىتىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشتەك بۇ ئىككى ئامىل بىرلەشسە جۇڭگونىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىغا ئەجەللىك زىيان سېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
   خەۋەردە ئەنگلىيەتەتقىقات ئورگىنى Lombard Street Research نىڭ تەھلىلچىسى دىيانا كويلېۋا (DianaChoyleva) نىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى %10 دىن%20 كىچە يۇقىرى مۆلچەرلىتىۋېتىلگەن. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مائاش سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىدىن ئۆتۈپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، رىقابەت ئۈستۈنلىكىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ گەرچە جۇڭگونىڭ كۆلەڭگە بانكا سىستېمىسىغا يوشۇرۇنغان خەۋپ-خەتەرنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئامىلى قوزغىغان ھەرىكەتچانلىق كىرىزىسىنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا پەيدا قىلغان تەھدىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق خەۋەردە يەنە دېيىلىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادى نېمىلا بولمىسۇن مەزمۇت بولۇپ، جۇڭگونىڭ يەنىلا خەتەرسىز ھالدا كىرىزىستىن ئۆتۈپ كېتىش ئىقتىدارى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەبلەغ سالغۇچىلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس بولسا ئۇلار شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى زىيادە قەرز ئېلىش ۋە زىيادە مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىنى تۈزەش جەھەتتە قانچىلىك يىراققا بېرىشقا تەييارلانغانلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىشقا موھتاج، مۇنداقچە ئېيتقاندا قايسى چاغدا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى تۈزەش خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوزغىتىشنى قايتىدىن باشلىساق بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشقا ئېھتىياجلىق.
    «ۋول كوچىسى گېزىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئاپتورى ليۇ گاڭ «ۋول كوچىسى گېزىتى» خەنزۇچەتورىنىڭ مەخسۇس سەھىپە يازغۇچىسى ۋە مۇھەررىرى. ماقالىدىكى بايانلار پەقەت ئۇنىڭ شەخسىي كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

تەرجىمىدە: ئوكيان تورى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 3786
توردىكى ۋاقتى: 735
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 17:27:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

标题

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitabhumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 17:28  

جۇڭگونىڭ بۇ قېتىم ئۆسۈم چۈشۈرۈشىدە بىلمىسەك

بولمايدىغان بەش ئىش



ۋول كوچىسى گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى: جۇڭگونىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشى ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سىگنالىنى قويۇپ بېرىشىدۇر.
بۇ جۇڭگونىڭ تۆت ئايدا ئۈچ قېتىم پۇل سىياسىتىنى زور دەرىجىدە تەڭشەش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى جانلاندۇرىشىدۇر. 2014-يىلى 11-ئايدا، جۇڭگو ئىككى يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلەتتى. 2015-يىلى 2-ئاينىڭ بېشىدا ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتچانلىقنى قويۇپ بېرىپ بانكىلارنىڭ قەرز بېرىشكە ئىشلىتىشىگە بەردى، بۇمۇ 2012-يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئامانەت زاپاس پۇل نىسبىتىنى تۇنجى قېتىم تۆۋەنلىتىشىدۇر.: L$ x8 ]1 k( s1 t& b9 I3 n
بۇ ماقالە جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ھەرىكىتىنى رەتلەپ چىقتى ھەمدە مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ قېتىم نېمىشقا بۇنچە زور سالماقتىكى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى يېشىپ بەردى.
' Q# I9 a+ N- r0 S1 |3 h( I
/ O" K8 `0 G/ W
سوئال: جۇڭگو 2-ئاينىڭ 28-كۈنى نېمە ئىش قىلدى؟$ k! e2 ~8 ]: b* J" v! ~
* _2 b" v- }5 z, h
جاۋاب: جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى قەرز ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنى %25 پوئىنت تۆۋەنلەتتى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلغان. جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى يەنە ئامانەت ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنى 25 پوئىنت تۆۋەنلەتتى، بۇ بانكىلارنىڭ قەرز ئۆسۈم پىرسەنتى تۆۋەنلىگەن پەيتتە پايدا نىسبىتىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردىمى بولىدۇ. مەركىزىي بانكا يەنە ئامانەت ئۆسۈم پىرسەنتى ھەرىكەتچان دائىرىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى ئامانەت ئاساسىي ئۆسۈم پىرسەنتىنىڭ 1.2 ھەسسىسىدىن 1.3 ھەسسىسىگە تەڭشەپ، بىر قىسىم كىشىلەر ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن ئۆسۈم پىرسەنتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىغا يەنە بىر قەدەم باستى. بۇ بانكىنىڭ ئۆسۈم پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئامانەت قويغۇچىلارنى جەلپ قىلىشىغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق تەمىنلىدى.


سوئال: بۇ قېتىمقى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش كۈتكەن يەردىن چىقتىمۇ؟! y6 T) F9 `8 O* q

جاۋاب: جاۋاب: شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ  ھەم ئۇنداق دېيىشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادشۇناسلار ئومۇميۈزلۈك ھالدا جۇڭگو مەركىزىي بانكىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى، ئەمما مەركىزىي بانكىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەرىزىدىن بالدۇر بولدى. ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ ئالدىغا سۈرۈلىشى كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ياكى نەچچە ئايدا ئۆسۈم پىرسەنتى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقتىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.9 A# I$ m4 I5 m
بۇ قېتىمقى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشنىڭ پەيتىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ، چۈنكى دەل ئىككى يىغىن ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا بولدا. بۇ ھەپتە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىندا جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بۇ يىلقى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر بۇ يىلقى نىشان بۇلتۇرقى %7.5 ئەتراپىدىكى سەۋىيەدىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنىڭ زورىيىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.& Z0 X# p! D2 Q. R* `, m

! a/ `- x# ]. P7 C! M3 h. C/ X
سوئال: جۇڭگو نېمىشقا ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدۇ؟
( R' [1 A8 g( F6 |- X! C3 {5 H
جاۋاب: ئاساسلىق سەۋەبى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا بولغان ئەندىشىسى ئېغىرلاشتى. 2014-يىلى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشى %7.4 بولۇپ، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، 25 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ ئاستا ئىقتىسادىي ئېشىش بولدى. باشقا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئوخشاش، جۇڭگومۇ پۇل پاخاللىقى تارىيىش تەھدىتىگە دۇچ كەلمەكتە. باھانىڭ تۆۋەنلىشى ئىستېمالچىلار چىقىمى ۋە كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەپ قويىدۇ. ھازىرغا قەدەر، جۇڭگو ئىستېمالچىلار باھاسى يەنىلا ئۆسمەكتە، ئەمما ئۆسۈش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەلىي قەرز تەننەرخى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. باھا سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، جۇڭگو مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىش مۇۋاپىق تەدبىر دەپ قارايدۇ.) j6 @7 d. f$ K; `) t2 s! j! R

9 |+ O+ D$ ]4 s2 ~3 a- ?: S
سوئال: كېيىنكى قەدەمدىكى ھەرىكەت نېمە؟5 k7 q  Q& v) l5 f4 \% o0 N
* q/ q) h! m. i& F* ]
جاۋاب: بارلىق كۆز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا تىكىلىدۇ. ئەگەر جۇڭگو بۇلتۇرقىغا ئوخشاش %7.5 ئەتراپىدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانىدا قەتئىي چىڭ تۇرسا، ئۇنداقتا بېيجىڭنىڭ تېخىمۇ كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىش ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوزغىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. نىشاننى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش ھەتتا نىشان بېكىتمەسلىك جۇڭگونىڭ تېخىمۇ تۆۋەن ئىقتىسادىي ئېشىش

0

تېما

0

دوست

111

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31769
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 36
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 10:00:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن جايىدا يېزىلغان تېما بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )